بارسام قايان يايرىمنىڭ كويى
سېغنارمەن ئۇنى كۈن بويى
ئىچتىم مانا پۇشايمان چېيى
ئېغىر كەلدى ئايرىلىش كۈيى
ئەتە بولار يايرىمنىڭ تويى
ئېلىپ كەپتۇ يايرىمنىڭ دوستى
خوش -خەۋەر دەپ ماڭا شۇم خەۋەر
تۈن نىسبىدىن ئاشسىمۇ شۇ دەم
كۆزلىرىم مۇڭ ئۇيقىدىن بىدار
ئەتە بولار يايرىمنىڭ تويى
كۈتەرمىدى بۇ مىسكىن يۈرەك
سەندىن ماڭا بۇنداق قىلىشنى
قۇربان قىلىپ جاۋاپسىز قويدۇڭ
زارقىپ كۈتكەن ئۆتكەن بەش يىلنى
ئەتە بولار يايرىمنىڭ تۇيى
سوقار ئىدى‹ تەنھا گۈل›نى دەپ
ھالسىرسىمۇ توختىماي يۈرەك
گۈلۈم ئۇچتى تۈگدى ھەممىسى
جىسمىم بېرەر ھاياتتىن دېرەك
ئەتە بولار يايرىمنىڭ تويى
بولدى خەيىر سەبىرلەر تىلەي
تىزدىن بەزلەي ئۇششۇق يۈرەكنى
كەچۈرۋەتكىن ساتقىن يۈرەكنى
ئايماى تىلە بەخىت تىلەكنى
ئەتە بولار يايرىمنىڭ تويى
توي ھارپىسى بارچە چىرايلىق
كىيەر دالا قاردىن توي كۆينەك
ھەممە كۈلەر شاتلىنار ئەمما
يىغلار ئەتە مەن ھەم كېلىنچەك
ئەتە بولار يايرىمنىڭ تويى
ھۈسەيىن ئەزەم (بايقارا)
-يىلى 3- فىۋرال2015
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلار ،بۇ مېنىڭ شىئېرغا باسقان تۇنجى قەدىمىم ،شۇنداق بولغانكەن بەزىبىر كەمچىلىك ۋە نۇقسانلاردىن خالىي بولمىقىم تەس ،دوستلارنىڭ كەڭ قورساق ھەم ئەپۇچان بولۇپ كەچۇرۋېتىشىڭلارنى ،ھەمدە ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-10 05:16 PM