نورۇز كەلگەن ئوخشايدۇ

دېرىزەمدە سايرىدى ئەلچى قالىغاچ ۋىچىرلاپ ، 
ناۋاسىدىن ئاياندۇر كۆكلەم كەلگەن ئوخشايدۇ . 
مەيىن شامال ئەپ كەلدى چېمەنزارنىڭ ھېدىنى ، 
سۆيۈپ شەبنەم ياپراقلار باھار كەلگەن ئوخشايدۇ .

ياڭراپ ئەمگەك ناخشىسى ئېتىزلاردا دالىدا ، 
جانلىنىپتۇ جېمى جان نەۋرۇز كەلگەن ئوخشايدۇ . 
تۇلۇنئايمۇ باھارغا بولغاچ ئاڭا قەلبداش ، 
دېرىزەمدە مارلايدۇ يارىم كەلگەن ئوخشايدۇ .

يالپۇز پۇراپ قىرلاردىن خەۋەر بەردى باھاردىن ، 
زىمىستانغا خوش ئېيتىپ يۈرەك كۈلگەن ئوخشايدۇ . 
قۇياش سۆيۈپ ئۇيغاتتى سۈكۈتتىكى خىيالنى ، 
مىسكىن دىلنى شات ئەيلەپ ھايات كۈلگەن ئوخشايدۇ .
مېھرىيە 
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mehriya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 11:13 AM