باش باھارنىڭ كەلدى پۇرىقى
تۆتتاش
ئويغانماقتا ئىزغىرىن شامال
قۇمۇشلارنى لەرزان سىلكىتىپ.
ئۇۋا ياساش ئۈچۈن تورغايلار
بەك ئالدىراش چاۋا تېرىشىپ.
باغلار ئارا ياۋا توشقانلار
شورىلاردىن چىقار قېچىشىپ.
پىچىرلىشار جىگدىلەر ئۇزاق
بىر-بىرىگە تاتلىق بېقىشىپ،
مايسا پۇراپ تۇرغان ئېتىزنىڭ
لەۋلىرىگە سۆيدى ئاق قۇچقاچ.
باغاق يازدى ئەگىزگە گۈللەر
غۇنچىلارنى قوشۇپ بىر قۇچاق.
يىراقلاردىن كەلدى تورنىلار
تەبىئەتكە نازلىق جار سېلىپ .
ئەمدى پەرداز قىلىدۇ يۇرتۇم،
گۈل چېچەكتىن چەمبىرەك ئېسىپ.
ئەجەپ خۇشخۇي ئۇرۇلدى تاتلىق،
دىماقلارغا باھار پۇرىقى.
ۋىسال ئىزدەپ جىگدە شېخىنىڭ،
كۈلۈپ كەتتى ئاشىق يۈرىكى.
توقسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۆتتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-10 12:32 AM