ئابدۇشۈكۈر قاسىم
سالام دەڭلار
سالام دەڭلار مەندىن ئەھۋال سورغانلارغا،
سالام دەڭلار ماڭا رەقىپ بولغانلارغا.
سەن-پەنلىشىپ ئۆتكەن بولساق ھاياتلىقتا،
سالام دەڭلار مەن رەنجىتىپ قويغانلارغا.
مىھمانكەنمىز ھاياتلىقتا دۇنيا ئۆتەڭ،
ياشاش نېسىپ بولمايدىكەن كۈن بىلەن تەڭ،
نە لەززەتكەن خەق يىغلىسا بىر سەن كۈلسەڭ،
سالام دەڭلار مەن يىغلىتىپ قويغانلارغا.
بولسىمۇ گەر ھەر چاغ سېنىڭ توققۇزۇڭ تەل،
يىغاركەنسەن مالۇ-دۇنيا تۆلەپ بەدەل،
ئەسقاتماسكەن بىراق چاڭگال سالسا ئەجەل،
سالام دەڭلار تويماي دۇنيا يىغقانلارغا.
ئۆلمەس ئىكەن ئىجاد،تۆھپە ياراتقانلار،
ئۆلمەس ئىكەن ئىلىم نۇرى تاراتقانلار،
ئۆلمەس ئىكەن ئەل مۇڭىغا مۇڭ قاتقانلار،
سالام دەڭلار ئەل سۈيىدە ئاققانلارغا.
سالام دەڭلار شاھ ۋە گاداي پېقىرغىمۇ،
سالام دەڭلار ئاجىز يىتىم-يىسىرغىمۇ،
سالام دەڭلار كۆزدىن يىراق-يېقىنغىمۇ،
سالام دەڭلار سالامىمنى ئۇققانلارغا.
ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.قاسىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-9 09:15 PM