ئىزدىنىش كىتابخانىسىدىن مۇكاپات ئۇچۇرى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، خەيرلىك مىنۇتلاردا يەنە سىلەر بىلەن دىدار مۇلاقەتتە بولىۋاتقىنىمىزدىن تولىمۇ خۇشالمىز. كىتابخانىمىز 2015-يىل كىتاب يىلىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ۋە ئەمەلىي ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن بىر يىلدا كىتاب ئوقۇش تەسىراتى يازغان ئوقۇرمەنلەرگە 15000 (ئون بەش مىڭ)يۈەنلىك كىتابنى سوۋغا قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن ئىدۇق. پائالىيەت باشلىنىپ نۇرغۇن قېرىنداشلار بىزگە تۈرلۈك ئۇسۇللاردا مەمنۇنلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە تەسىراتلىرىنى يېزىپ بەس-بەستە بىزگە ئەۋەتىشتى.بىز پائالىيتىمىزنىڭ 2-ئېيىدا 21 پارچە كىتاب ئوقۇش تەسىراتى تاپشۇرىۋالدۇق. قايتا-قايتا كۆرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى 16پارچىنى مۇكاپاتلاشقا لايىق دەپ قارىدۇق.
تۆۋەندە 2015-يىل 2-ئايلىق پائالىيتىمىزدە نەتىجىگە ئېرىشكەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىسىمىنى بايانات قىلىمىز :
نادىر تەسىرات ماقاللىرى
تۆۋەندە ئىسمى چىققان ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابخانىمىزغا كىرىپ ئۆزى خالىغان كىتابنى تاللىۋېلىشىنى ئۆمۈت قىلىمىز.
ئادرېسىمىز:http://izdinix.taobao.com
1.كىتابنىڭ نامى: سەئىدخان
ئاپتورى:ھاجى مىرزاھىت كېرىمى ساۋۇت داۋۇت
نەشر ۋاقتى: 1997-يىلى10-ئاي
ئوقۇرمەن: ئىلھامجان ئابلىمىت
ئادرېسى: شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيسى
ئالاقە نومۇر:1015****189
2.كىتابنىڭ نامى: گارسىياغا يېزىلغان خەت
ئاپتورى:ئېلبېرت .خۇببارد ( ئامېرىكا)
نەشر ۋاقتى: 2010-يىل5-ئاي 1-نەشرى
ئوقۇرمەن: مەنزىرىگۈل راخمان
ئادرېسى: چەرچەن ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نومۇر: تەمىنلەنمىگەن
3.كىتابنىڭ نامى: ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت
ئاپتورى:يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق
نەشر ۋاقتى: 2013-يىلى1-ئايدا
ئوقۇرمەن: مۇھەممەد سىيىت ئەھمەد
ئادرېسى: قەشقەر قىزىل دۆۋە يولى
ئالاقە نومۇر: 0758****181
4.كىتابنىڭ نامى: قۇم باسقان شەھەر
ئاپتورى:مەمتىمىن ھوشۇر
نەشر ۋاقتى: 2003-يىلى3- ئاي 2- نەشرى
ئوقۇرمەن: ئىمىر نىياز
ئادرېسى: باي ناھىيە ياتۇر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى
ئالاقە نومۇر: 1409****159
5.كىتابنىڭ نامى: قۇم باسقان شەھەر
ئاپتورى:مەمتىمىن ھوشۇر
نەشر ۋاقتى: 2003-يىلى3- ئاي 2- نەشرى
ئوقۇرمەن: ئايزۆھرە ياسىن
ئادرېسى: چەرچەن ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نومۇر:
6.كىتابنىڭ نامى: پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ
ئاپتورى:رومان. ۋ.پېيىر
نەشر ۋاقتى: 2004.1
ئوقۇرمەن: مەرھابا قۇربان
ئادرېسى: چەرچەن ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نومۇر: تەمىنلەنمىگەن
7.كىتابنىڭ نامى:مەسئۇلىيەتچان بالا تەربىيەلەشنىڭ سىرى
ئاپتورى:ئاتىكەم ئابدۇكېرىم ( تەرجىمە قىلغان )
نەشر ۋاقتى: 2014-يىلى2-ئاي
ئوقۇرمەن: ئەخمەتجان مەمتىمىن
ئادرېسى: بۈگۈر ناھىيەلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نومۇر: 7370****137
8.كىتابنىڭ نامى: پۇل ئۇرۇشى
ئاپتورى: سىيىت تىلىۋالدى،گۈلسۈم قادىر تەرجىمە قىلغان
نەشر ۋاقتى: 2013-يىلى7-ئاي
ئوقۇرمەن: گۈلچى
ئادرېسى: پەيزىۋات ناھىيە ئۆردەكلىك يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نومۇر: 2239****138
9.كىتابنىڭ نامى: قەدىر كوچىسى
ئاپتورى: ئەنۋەر ھوشۇر
نەشر ۋاقتى: 2011-يىلى5-ئاي، 1-نەشرى
ئوقۇرمەن: پاتىگۈل مەمەت
ئادرېسى: پوسكام ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ
ئالاقە نومۇر: 5135****138
10.كىتابنىڭ نامى: نەمەت خەلپەت
ئاپتورى: ياقۇپ ئىسمائىل
نەشر ۋاقتى: 2007-يىلى7-ئاي1-نەشرى،1-بېسىلىشى
ئوقۇرمەن: مەمتىمىن ھىبەك
ئادرېسى: قاغىلىق ناھىيە چوپان يېزا تار ئاغزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى
ئالاقە نومۇر: 0263****135
11.كىتابنىڭ نامى:لاي قەلئەنىڭ سىرى
ئاپتورى: يالقۇن روزى
نەشر ۋاقتى: 2012-يىلى4-ئاي1-نەشرى
ئوقۇرمەن: ئابلىكىم ئابدۈۋەلى
ئادرېسى: نىيە ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ
ئالاقە نومۇر: تەمىنلەنمىگەن
12.كىتابنىڭ نامى: يېگانە ئارال
ئاپتورى: ئەختەم ئۆمەر
نەشر ۋاقتى: 2009-يىل8-ئاي
ئوقۇرمەن: ئۆمەرجان ئىسمايىل
ئادرېسى: قۇمۇل شەھىرى
ئالاقە نومۇر:5255****133
13.كىتابنىڭ نامى: ھايۋاناتلار قورىقى
ئاپتورى:جورج ئوۋىل(ئەنگليە)
نەشر ۋاقتى: 2013-يىلى4-ئاي
ئوقۇرمەن: مۇيەسسەر مەخەم
ئادرېسى: قەشقەر6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نومۇر: 1972****132
14.كىتابنىڭ نامى:ئويغانغان زېمىن
ئاپتورى:ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
نەشر ۋاقتى: 1988-يىلى10-ئاي
ئوقۇرمەن: كەۋسەر كىرەم
ئادرېسى: قاراشەھەرناھىيسى
ئالاقە نومۇر: تەمىنلەنمگەن
15.كىتابنىڭ نامى:ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە
ئاپتورى:زۇلپىقار بارات ئۆزباش
نەشر ۋاقتى: 2011-يىلى4-ئاي
ئوقۇرمەن: ئاينۇر ئابدۇخېلىل
ئادرېسى: خوتەن مىللى تېبابەت ئالى تېخنىكومى ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نومۇر: 3159****181
16. كىتابنىڭ نامى:جاللات خېنىم
ئاپتورى:ياسىنجان سادىق چوغلان
ئوقۇرمەن: تۇرسۇنگۈل ئابدۇكېرىم
ئادرېسى: يوپۇرغا تېرىم ئوتتۇرا مەكتەپ
ئالاقە نومۇر: تەمىنلەنمگەن
17.كىتابنىڭ نامى:باي ئاكامنىڭ خۇرجىنىدىكى 68 گۆھەر
ئاپتورى:روكفىللىر
نەشر ۋاقتى: 2013-يىلى8-ئاي
ئوقۇرمەن: ئائىشە قۇتلۇق
ئادرېسى: شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتى خىمىيە پەن تېخنىكىسى سانائىتى ئىنستىتۇتى قوللىنىشچان خىمىيە 2013-يىللىق2-سىنىپ
ئالاقە نومۇر: 7948****130
بىز تاپشۇرۇۋالغان ئەسەر جەمئىي 21 ئوقۇرمەننىڭ 23پارچە تەسىرات ماقالىسى بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە 2 نەپەر ئوقۇرمەننىڭ 4پارچە ئەسىرى خېلى تەپسىلىي،ياخشى يېزىلغان،بىراق ئوقۇرمەن توغرىسىدا ھىچقاندا ئۇچۇر بىرىلمگەچكە، بۇ ئايدا ئېلان قىلىشقا مۇمكىن بولمىدى. شۇڭلاشقا دوستلارنىڭ ئەسەر يوللىغاندا،تەلەپ بويىچە ئۆزىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تولۇق يېزىپ يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !
ئەسەر يوللاش تەلىپىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن ئوقۇڭ.
http://uykitap.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=1
نادىر يېزىلغان تەسىراتتىن ئۈنچىلەر
(مەزكۇر تەسىرات ماقالىسىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى)
‹كونا مەن›نى‹يېڭى مەن›گە ئۆزگەرتكەن كىتاب
(يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا 2013-يىلى 1-ئايدا نەشىرلەنگەن ‹ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت› ناملىق كىتابنى 2014-يىلى 12-ئايدا ئوقۇدۇم....)
ئىلاۋە
‹كونا مەن› دېگەن سۆزنى تىز تەلەپپۇز قىلسا ‹كۆنىمەن› بولۇپ چىقىدىكەن، بۇ مېنى ھەرقىتىملىق مەغلۇبىيەتكەن كۆندۈرۈپ قويغان بولۇپ خۇددى مەن مەغلۇبىيەت ئۈچۈنلا يارالغاندەك بۇ مىنىڭ تەقدىرىمدەك ھېس قىلىپ يۈرۈپتىكەنمەن، ئەمما مەرھۇمنىڭ بۇ كىتابىنى ئوقۇغاندىن كىيىن مەن يېڭىدىن ئادەم بولۇپ قالغاندەك بولدۇم، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ كىتاب مېنى ‹يېڭى مەن›گە ئايلاندۇردى، قىيىنچىلىق ۋە مەغلۇبىيەتلەرگە ‹يىڭىمەن› ‹يىڭەلەيمەن› دېيىشنى ئۆگەتتى. تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولسۇن يىگىرمە ياشقا كىرگۈچە ئۆزۈم قانائەتلەنگىدەك بىرەر نەتىجىگە ئىرىشەلمىگىنىمنى ئويلىساملا ئىچىم سىقىلاتتى،بەلكىم ئىچىمدە بىرەر نەرسە بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەنىۋىيىتىم قاغجىراپ قالغاندۇ؟نېمىلا بولمىسۇن، مۇشۇ كۈنلەردە كىتاب مەن ئۈچۈن تەرياك كەبى مۇھىمتى، دەۋر مېنىلا ئەمەس، نۇرغۇن ياشلارنى مۇۋاپىقىيەتپەرۋەر قىلىپ يىتىشتۈرۈردى، مۇۋەپپەقىيەتكە ئىنتىلىش باشقا گەپ، ئىزدەپ تېپىش باشقا گەپ بولغاچقا كىتابقا ئېھتىياجىم چۈشتى،قولۇمغا چىققىنى مەرھۇم يارمۇھەممەد ئەپەندىمنىڭ كىتابى بولدى، گەرچە چەتئەلنىڭ مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىققا دائىر كىتابلىرى تۈركۈملەپ نەشر قىلىنسىمۇ، بۇ كىتاب ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان بارلىققا كەلگەن ھايات قانۇنىيەتلىرى ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن بىلىش نەتىجىلىرى شەرىھلەنگەن بىردىنبىر ئەسەر، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىققا دائىر بىلىش ھاسىلاتلىرىنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى ئىزلىرىنى ئۇتۇقلۇق يورۇتۇپ بەرگەن، بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى باشقا غەرب كىتابلىرىغا قارىغاندا خىلى زور دەرىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخولوگىيەسى ۋە دۇنيا قاراشلىرىغا يېقىنلاشقان ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بىر كىتاب ھېسابلىنىدۇ.
بۇ كىتابنى قولۇمغا ئالغان چېغىمدا مەندە ئۈمىدسىزلىك ئاجىزلىقنى پەردازلاپ يوشۇرۇش، دۇنيادىن قورقۇش ۋە ئۆزىنى پەس كۆرۈش قاتارلىق روھىي ھالەتلەر بار ئىدى، بەلكىم بۇمۇ ماڭىلا ئەمەس دەۋرداشلىرىمغىمۇ چاپلاشقان يۇقۇملۇق كېسەل بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇچقاندەك تەرەققىياتقا مەنىۋىيىتىمىزدىكى ئىمونىت كۈچىمىز بەرداشلىق بىرەلمىدى، ھەركۈنى ئۈندىدار ۋە بىلوگلارغا مۆكۈنۈپ باشقىلارنىڭ كۆرۈشى ۋە يۇقىرى باھالارنى بېرىشىنى تەمە قىلىپ يۈرىشىمىزمۇ بۇ كېسەللىكنىڭ روشەن ئالامىتى ئىدى، ئاپئاق خوجا ۋە ئۇنىڭ سوپىلىق، تەركىي دۇنيا بولۇش ئىددىيەسىنى كۈچەپ تىللاۋاتساقمۇ يەنىلا مۇشۇ ئوربىتىدىن چىقالماي ئايلىنىۋاتقانلىقىمىز مەلۇم،ئاپئاق خوجا كىشىلەرگە بۇ دۇنيانى شۇنچە قورقۇنۇچلۇق قىلىپ تەسۋىرلەپ بەردى،ئاتىدىن بالىغا مىراس قالغان بۇ ئەقىدە گىنى بىزگىمۇ يېتىپ كەلدى، يالغۇزلۇقنى خالاپ توپتىن ئايرىلغان بۇ چىرايى سولغۇن «بىز»لەر كەلگۈسىمىزنى قانداق يارىتىشىمىز كېرەك؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بولالايدىغان بۇ كىتابنى ئوقۇغىنىمدا باشقىچىلا بىر ئادەم بولۇپ قالدىم، شۇنداقلا باشتىن ئاخىر ئىدىيە كۆز قارىشىم يىڭىلاندى، يۈرەك تومۇرلاردىكى قانلارمۇ جۇشقۇنلۇققا تولدى.
ئاپتورنىڭ ئىدىيەسى ئاساسەن دېگۈدەك «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»نىڭ كۆز قاراشلىرى ئاساسىدا ئىپادىلەنگەن بولۇپ بۇ كىتابتىن ئالغان ھوسۇلۇم خىلى مول ھېسابلىنىدۇ.
ئادەم ــ بارلىق قىممەتنىڭ ئۆلچىمى (شۇ ناملىق كىتابنىڭ 41- بىتى) ،،،، قىممەت قاراش تەكلىتلىنىدىغان بۇ دەۋردە كىشىلەر ئۆلچەمنى پۇل ياكى كۈچ قۇدرەت بىلەن بېكىتىدۇ، بۇ ئادەملەرنىڭ قىممىتىنى زور دەرىجىدە چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى پەس كۆرىدىغان، يارىماس ھېسابلايدىغان قىلىپ قويىدۇ
ئادەمنىڭ قىممىتى ئەمەس كۈمۈش زەر
ئادەمنىڭ قىممىتى بىلىم ھەم ھۈنەر
ھۈنەر سەۋەبىدىن، باققىن دۇنياغا
خوجىسىدىن قەدىرلىكتۇر كۆپ قۇللار.
ھۈنەرسىز بولغاچقا قانچىلاپ خوجا
ئامالسىز قالماقتا قۇللار ئالدىدا. ــــ ئابدۇراھمان جامىي
ئاپتور ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مىللەتنىڭ ئىلغار قىممەت ئېڭى بىلەن ئىسلامىيەتنىڭ قىممەت ئۆلچىمىدىكى بەزى ئۇتۇقلارنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن ھاسىل بولغان ئاڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى ئۆلچەم ۋە چۈشەنچىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويغان : « 1- ئادەمنى بىر- بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغانبىردىنبىر قىممەت ئۆلچىمى ئەقىل-ئىدراك ۋە ئىلىم – مەرىپەتتۇر، ئەكسىچە يۇقىرى ئىمتىياز ۋە نەسەب ياكى پۇل-بايلىق ئەمەستۇر. 2- ئىنسان ھاياتىنىڭ قىممىتى جاپالىق مېھنەت ئارقىلىقلا رىئاللىشىدۇ،ئەمگەك ھايات قىممىتىنىڭ يورۇتقۇچىسى دەپ قارىغاچقا، مىھنەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ماھىيىتىنى ھايات قىممىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قۇيۇش كېرەك
مەن بۇ كىتابتىن ئالغان يېڭى ئىدىيەلەر بىرنەچچە نۇقتىدا مەركەزلىشىدۇ.
1.تەقدىر توغرىسىدا
نۇرغۇن كىشىلەردە غەلىبىنى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن، مەغلۇبىيەتنى تەغدىرىدىن كۆرۈشتەك بىر خىل پوزىتسىيە بىلەن ياشاپ كەلگەن، بولۇپمۇ بىز ياشلار ئازراقلا مۈدرەپ قالساق، ئۆزىمىزنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىنى ئىزدىمەي،بەلكىم پېشانەم شۇنداقتۇ، دەپلا ئۆزىمىزنى ئالداپ باققۇمىز كىلىدۇ،ئەمما ئاپتور 17-بەتتە يۈسۈپ خاس خاجىپنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى مۇنداق يازغانىكەن: «ئادەم بالىسىنىڭ ھىچقايسىسى تەبىئەت ئالىمىگە نىسبەتەن ياكى‹تەقدىر›ئالدىدا ئۆگەي ئەمەس،بەلكى ھەممە ئادەم ئەسلىدىن بۈيۈك بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ‹يارىتىلىش›نى ئۇلۇغلۇق-پەسلىك پەرقى مەۋجۇت دېگەن قاراش تۈپتىن خاتا،يۈسۈپ خاس ھاجىپ دادىل ئوتتۇرىغا قويغان بۇ خىل قاراش ئەينى دەۋردىكى قارىغۇ تەقدىر بويۇنتۇرۇغى بىلەن ئۆزىنى ئۆزى چۈشەپ قويغۇچىلارغا بەرگەن ئەركىنلىك سىگنالى،قۇرئاندا :‹ئىنسان پەقەت قىلغان ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ›دەپ تەغدىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە قىل سىغمايدىغان جاۋابنى بەرگەن»، پۈتۈن ئىشنى ئۆزى قىلىپ شەيتانغا ئارتىپ قۇيۇش، تەلەي سىناش ۋە ياكى تەقدىرگە پۈركۈنۈپ ئۆزىنى ئالداش زامانىمىزدىكى بىرخىل ئەخمەقلىق بولسا كېرەك، مەيلى تارىخ بولسۇن ياكى زامانىمىزدا بولسۇن، ئەجىرسىز مىھنەتكە ئېرىشكەنلەر كەم ئۇچرايدۇ، بىز پەقەت باشقىلارنىڭ نەتىجىسىنىلا كۆرۈپ جەريانىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن بولغاچقا باشقىلارنىڭ قانچىلىك جاپا تارتقانلىقىنى بىلەلمەي ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى تەقدىرى ياكى تەلىيى دەپلا خۇلاسىلەشكە ئادەتلىنىپ قالدۇق.مېنىڭچە مەن بۇ كىتابتىن ئەڭ چوڭ ئالغان نىسىۋەممۇ ‹ئۈزلۈكسىز تىرىشىش› دېگەن بىر سۆزنىڭ يۈرەك قېتىمغا سىڭدۈرۈلۈشى بولسا كېرەك.
2.يېڭى دۇنيادىن قورقۇش كېسىلى
يېڭى ئەسىرگە «ئوزۇق-تۈلۈكسىز»كىرگەن بىزلەر ئۈچۈن بۈگۈنكى دۇنيا ئاجايىپ قۇرقۇنچلىق،چۈنكى رىقابەت كەسكىن، كۈچلۈكلەر يىغىلىپلا قالغان، ھەر كەسىپنىڭ ئەھلى شۇ كەسىپنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىپ بولغان،دۇنيانى رەڭگارەڭ قىلىپ بىزىۋەتكەن زامان ۋە ماكاندا تۇغۇلدۇق، بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى تېخى ھېچكىم بۇ تەرەققىياتلاردىن خەۋەرسىز ئىدى،شۇڭا بىز ياشلاردا ئىككىلىنىش، دۇنيادىن قۇرقۇش، ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە ياكى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا بەنىت بولۇۋىلىپ 21-ئەسىردىكى ‹زامانىۋى تەركىي دۇنيالىق› يولىنى تاللىۋېلىش ئېغىر بولماقتا،بىزنىڭ ئۈندىدار ياكى مىكرو بىلوگلىرىمىزدىكى كەمچىللىكمىزنى يوشۇرۇپ پەردازلاپ كۆرسىتىش ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆز تۇرمۇشىغا ھەۋەسلەندۈرۈش ۋە ئۆزىنى باشقىلارنىڭ باھالاپ مۈئەييەنلەشتۈرۈشىنى تەمە قىلىشتەك ساغلام بولمىغان روھى ھالەت، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا يۇقۇملۇق كېسەللىك پەيدا بولىشىدىندۇر، بۇ ھەقتە قۇتادغۇبىلىگشۇناس ئاپتور يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەينى دەۋردىكى سوپىلىق ئىددىيەسىنى كۆرەش قىلغانلىقى ۋە توغرىنى كۆرسەتكەنلىكىنى مىسال ئالغان (27-بەتتە) :«10-،11-ئەسىرلەردە قارىخانىلار جەمىيىتىگە يەنە بىر چۈشكۈن ئىدېئولوگىيە ــــــــ سوپىزم پەلسەپىسى كۈچلۈك ھالدا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى،...... ئەينى دەۋردە بۇنداق قۇرۇتقۇچى چۈشكۈن ئىجتىمائىي رېئاللىق ‹قۇتادغۇ بىلىگ›تە يارىتىلغان ئودغۇرمىش ئوبرازى ئارقىلىق روشەن ئىپادىلىنىپ بېرىلگەن» يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى دەۋردىكى كىشىلەرنى قورقماسلىققا،ئالغا ئىنتىلىشكە، روھلۇق تېتىك ياشاشقا ئۈندىگەنىكەن، ھەم ئودغۇرمىش ئوبرازىدا ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى ئاشكارلىغانىكەن، مەن بۈگۈنكى زاماندىكى بارلىق خۈدۇكسىرەش،ئەنسرەش ۋە ياكى قورقۇشلارنىڭ ھاجەتسىزلىكىنى پەقەت كۆزنى نىشانىغا تىكىپ توختاۋسىز ئىلگىرىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
3. شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۆلچەملىك ۋە چەكلىك بولىدۇ
بىز ياشلار دەۋرنىڭ ھەرخىل سىناقلىغا ئۇچراپتۇرىمىز بىزنىڭ پىسخىك ئىمونىت كۈچىمىزنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلى بۇ سىناقلارنى بىرمەغلۇبىيەت ۋە يوقۇتۇلۇش ياكى تېگى يوق ھاڭ بىلىپ خەتەر ھېس قىلىۋالىمىز، ئەمما ئاپتور بۇ كىتابتا يۈسۈپ خاس ھاجىپ قالدۇرغان ھايات قانۇنىيەتلىرى قىستۇرۇپ يېشىپ چۈشەندۈ رۈشىگە كىشى قايىل بولماي تۇرالمايدۇ:
« 1049 ئۆرلىگەن چۈشەر ھەم چۈشكەنلەر چىقار
يورۇغان ئۆچەر ھەم يۈرگەنلەر تىنار
1050 نە ئىشكىم قىلىنسا تولۇقلۇق كۈتەر
تولۇقلۇققا يەتسە چۈشۈشكە يانار
يۈسۈپ خاس خاجىپ كۆزدە تۇتۇۋاتقان ‹يۇقىرى كۆتۈرلۈش› شەيئىلەرنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىشى ئارقىلىق ئاخىرقى چەككە يىتىشىنى، ‹چۈشۈش›ئەكسىگە قايتىشىىنى كۆرسىتىدۇ، بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئىيىتقاندىمۇ ھاياتنىڭ ھەممە باسقۇچلىرىنىڭ بىر خىلدا ئۆتۈشى ناتايىن.» مىنىڭ كۆزقارىشىمدا مەڭگۈلۈك مەۋجۇدات يوق، غەلبىمۇ مەغلۇبىيەتمۇ ھەم شۇنداق، ئەجەبا بىر قىتىملىق مەغلۇبىيەت شۇنداق ئۇلۇغ يارىتىلغان، پۈتكۈل كائىناتتىكى جان-جانىۋارلاردىن ئەزىز بولغان ئەقىل ئىگىسى بولغان ‹ئىنسان›نى ۋەيران قىلالارمۇ؟ئەمەلىيەتتە بىزنى ۋەيران قىلىۋاتقىنى مەغلۇبىيەت ئەمەس بىزنىڭ ‹مەغلۇبىيەتنى چەكسىز› دەپ قارىۋىلىپ ئۇنىڭ سايىسىدىن چىقالمايۋاتقانلىقىمىز بولۇۋاتىدۇ.
ھەر يىلدا ياشلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرى كۆپ ئاڭلىنىدۇ، ياشلارنىڭ جەمئىيەتتىكى بېسىمىنىڭ ئارتىپ كېتىشى يىڭىمەسىلىلەرنىڭ توختىماي پەيدا بولۇشى، شۇنداقلا ھەل قىلىش سۈرئىتىنىڭ مەسىلە پەيدا بولۇش سۈئىتىگە يىتىشەلمەيۋاتقانلىقى ئاخىرىدا بولسا ئۈمىدسىزلىىپ ناھايىتى تىزلاخاتا قارارىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ،دۇنيادىن ۋىدالىشىپ كېتىپ بارىدۇ، بەزى ياشلار بولسا ئاشۇ پاتقاققا پاتقانچە، ئۆتمۈشىنى ئۇنتالماي كەلگۈسىگە سۆرەپ ئەكىرۋىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئاپتورنىڭ چۈشەنچىسى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلارلىق: «ھەرقانداق شەيئىنىڭ تەرەققىياتىدا بىر قانۇنىيەتلىك ئۆلچەم بولىدۇ،مۇۋەپپەقىيەت دەل ئاشۇ كامالەت ئۆلچىمىنى چىقىش قىلىدۇ،بۇنىڭسىز ھەرقانداق ئىشتا تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە كامالەت دەرىجىسىدىن ھالقىۋىتىلسىمۇ مەغلۇبىيەتكە يۈزىنىدۇ، مانا بۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئىلگىلەش زۆرۈر بولغان پەلسەپەۋى قانۇنىيەتتۇر، دۇنيادا ئۆلچەمسىز، قانۇنىيەتسىز شەيئى يوق، ئۆلچەم قانۇنىيەتنى تىپىپ چىقىش مۇھىم»
4.سۆرەلمىلىك مەغلۇبىيەتنىڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى
مەن ئىلگىرىكى مەغلۇبىيەتلىرىمنى خۇلاسىلىسەم،خىلى كۆپ قىسمىدا ‹سۆرەلمىلىك› ‹بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قۇيۇش› خاھىشى ئېغىر بولۇپ چىقتى، ئەمما نۇرغۇن قېتىم ۋاقتىم يەتىمىدى دېگەن باھانىلەرنى ئاغزىمدىن چۈشۈرمەيتىم، ئىلگىرى بىر ‹ۋاقىت نەگە كەتتى؟› دەپ بىر ناخشا مودا بولۇپ يۈرگەن،گەرچە تىكىسىتنى بىلمىسەممۇ ئەمما ماۋزۇسىدىنلا ۋاقىتنى يەتكۈزەلمەيۋاتقانلىقىنى كىشىلەرنىڭ جىقلىقى دېرەك بېرىپ تۇراتتى. ‹مۇھىم ئشلاردىن قېچىپ ئۇششاق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇشنى ئاكتىپ ھورۇنلۇقتۇر› ئەمەلىيەتتە ھەممەيلەن ئاكتىپ ھورۇنلاردىن سانىلىپ قاپتۇق.
371- بويۇم ئىدى ئوقتەك، كۆڭۈل ئىدى يا،
كۆڭۈلنى قىلغۇچە ئوق، بويۇم بولدى يا.
ھايات ھەقىقەتەن تىز ھەم قىسقا، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ يېشىغا يېقىنلىشىپ قالغىنىمنى سەزگىنىمدە نۇمۇس قىلىپ قالىمەن، چۈنكى مەن تېخى ھېچ ئىش قىلغىنىم يوق، ئاپتور ۋاقىتنى قەدىرلىگەنلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تولىمۇ تەكىتلىگەن ۋە جانلىق مىسالغا ئالغان بىر ئاپتور، ئۇنىڭ چەتئەللىك مەشھۇرلارنىڭ سۆزىنىمۇ نەقىل ئىلىپ قايىل قىلارلىقىنى ئاشۇرغانكەن، ئىرىس.كاشىر‹ئادەم نەزەرىيەسى›دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېگەنىكەن :«ھازىر ئۆتمۈشنى ئۆز ئىچىگەئالغان ھەم كەلگۈسىگە ھامىلدار بولغان بولىدۇ». نۇرغۇن پەيلاسوپلار،سىياسىيونلار ۋە مەشھۇرلارنىڭ ئىدىيەسىنىڭ كىسىشىدىغان بىرلا نۇقتىسى بار، ئۇ بولسىمۇ‹ھازىر›نى قەدىرلەشتۇر،ۋاقىت چەكسىز بولغىنى بىلەن، «بۈگۈن» تولىمۇ چەكلىك، پۇرسەت ئەنە شۇ بۈگۈننىڭ ئىچىدە بولىدۇ، ئاپتورنىڭ بىر جۈملە خۇلاسە سۆزى خۇددى مىنىڭ يۇرىكىمدىكى سۆزلەردەكلا ئىدى :« ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ مەھرۇملۇق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قۇيۇشتۇر»
مىنىڭ بۇ كىتابتىن ئالغان يېڭى ئىدىيەلىرىم ھەقىقەتەن كۆپ، ئەمما تىل قابىليىتىمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى پەقەت مۇشۇنچىلىك ئاددىيلا يىغىنچاقلىيالىدىم، ئەمما بۇ كىتاب مەن ۋە بىزدەك بۇ دەۋرنىڭ ياشلىرىغا‹دورا› ھېسابلىنىدىغان بىر كىتاب ئىكەن...
ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسىرات ئەۋەتكەندە ئادرېسىنى تولۇق يېزىشنى،ئاندىن ئىرىشمەكچى بولغان كىتابنىڭ ئىسىمىنى چوقۇم يېزىپ قويۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى سورايمىز !
كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى ئەۋەتىش ئىللەت ئادرېسى :
1574027108@qq.com
obul21c@126.com
دىققەت:يۇقارقى ئىككى ئادرېسقا تەڭلا يوللاپ بىرىڭ.
مەسلىھەت سوراش ئۇسۇللىرى :
1.ئىزدىنىش qq : 124596386
2. باھالاش گۇرۇپپىسى تېلېفون : 13899198079
2015-يىلنىڭ ھەممىمىزگە خەيرلىك يىل بولۇشى ئۈچۈن كۆپرەك كىتاب ئوقۇيلى !
پائالىيەتلەر كۆپ بولۇپ قىلىپ بۇ ئايلىق نەتىجىنى ۋاقتىدا يوللىيالمىدۇق،ئوقۇرمەنلەردىن ئەپۇ سورايىمىز
مەزكۇر پائاليەتنىڭ چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئىزدىنىش كىتاپخانسىغا مەنسۇپ.
پائالىيەتكە قارتا قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلەر بولسا بىزگە خەت يوللاش شەكلى ئارقىلىق دېسىڭىز بولىدۇ.
خەت ساندۇقىbul21c@126.com
ئىزدىنىش كىتابخانىسى
http://izdinix.taobao.com
يازما ئەسلى مەنبەسى:ئۇيغۇر كىتاب مۇنبىرى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 |0 {0 X# g9 Y7 j+ Q: h0 y" K