مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 326|ئىنكاس: 2

ساغلاملىق بىلەن گۈزەلدۇر ھايات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114947
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2015-3-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 04:58:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                ساغلاملىق بىلەن گۈزەلدۇر ھايات
                                 ( ئىلـمى مۇھاكىمە ماقالىسى )

                                          
                                      ھەزىرەت ئەلى (تېۋىپ )


ھاياتلىق ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ،قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ،قوغدايدىغان بىباھاھ ئەڭگۈشتەر . - ھاياتلىقنىڭ جان تۇمۇرى ساغلاملىق .،ھاياتلىق ئىنسانغا پەقەت بىرلا قېتىم كېلدۇ ...
دۇنيا مېھر - مۇھەببەت بىلەن كىشىلەر قەلبىنى شادلىققا ۋە ئالىيجاناب روھققا ئىگە قىلدۇ .كىشلىك ھاياتتا مېھر - مۇھەببەت بولـمىسا ئۇ ئۆز قەدىر قىممىتىنى تۇنۇپ يىتەلـمەيدۇ .نېمىنىڭ كىشلەرگە ئەڭ مۇھىم بۇلغان نۇقتىنى چۈشىنىش ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەممىدىن زۆرۈر.ساغلاملىق دۇنيادىكى ھەر قانداق خەيرلىك ئىشلارغنىڭ مۇقەددەس ئابىدىسى ،ھاياتنىڭ  ،تۇرمۇشنىڭ لالە - رەيھانلىرى ،گۈزەلىكلىرى ،ساغلاملىق ئارقىلىق ئۆزىنڭ ھەقىقىي بىر ئۇلۇغ ئىنسان ئىكەنلىكىنى كىشى قەلبىگە سىڭدۇردۇ .
ئىنسانىيەت تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىي قىلىشى ،يۇقىرى پەللىسىگە كۆتۈرلىشى ،زامانىۋىلاشقان ،تەرەققىي قىلغان جەمئىيەتتە ،كىشلەرنىڭ مەنىۋى جەھەتتە بۇلسۇن ،ماددىي جەھەتتەبۇلسۇن ،ئاڭ سەۋىيسىنڭ ،ئۇنىۋىرسال ئىقتىدارىنىڭ ئېششىغا ئەگىشىپ ،ئاڭ مەدەنىيەت ،ئېستىمال ،دۇنياغا بۇلغان كۆز قارشى ئۆستى ،لېكىن ھاياتلىقنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان ساغلاملىققا كۆز قارشى ئۆستى ،ئەمما پۈتۈن دۇنيادا ئۆز - ئۆزنى قوغداش ،ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش ئۆزىنى ئاسىراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆز قارشىنى زۇر دەرىجدە ئۆستۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا تۆۋەن بۇلۇپ مۇشۇ سەۋەپلىك قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلىپ كېتىپ بارغان كىشلىرىمىز ،قېرىنداشلىرىمىز ئىنتايىن كۆپ ...بۇلۇپمۇ  بىزنىڭ ئارمىزدىن .،بۇ تەن ساق كېلىشدە ساق كەلگەن كېتىشىدە ھەم ساق كېتىشى كېرەققۇ ...!؟.
ئۇلار ئۆزىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ،ئۇلۇغۋار غايىلىرىنى ،ئۈمۈدلىرىنى يوققا چىقىرىپ تاشلاپ تەبىئەت بىلەن ،بىزلەر بىلەن ۋىدالاشماقتا قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلـماقتا  ...ئۇلارنىڭمۇ بۇ ھاياتتا ياشاش ،تۇرمۇش كەچۈرۈش ،كۈننىڭ ئىسسىقىنى كۆرۈش ھۇقۇقى با ئىدى .لېكىن ھۇقۇقىنى تۇغىرا يۈرگۈزمىگەنلىكتىن ئاخىردا ئازاپ  پۇشايمان ،ئەلەم دەرتلىرىگە تۇشۇپ كېتىپ باردۇ ،مانا بۇ كېچىكىنە كۆز قاراش مېنى ئۇيلاندۇرۇشقا مەجبۇر قىلدۇردى .
ئىنسان ياشاشنىلا ئويلىسا بولـمايدۇ ،بۇ بىر ئىديۋى قالاقلىق ،خۇراپاتلىق .پۈتۈن دۇنيادا بۇلۇپمۇ بۈگۈنىكى كۈنگە كەلگەندە نۇرغۇن سەۋەپلەر  ،مەسىللەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسپىتى كۈندىن كۈنگە ئىشىپ بارماقتا .مەيلى قاتناش ۋەقەسى ،ۋە ياكى كېسەل بىلەن تۈرلۈك تەبىئەت ھادىسىلىرى بۇلسۇن .مانا بۇ مەسللەرنىڭ ئىچكى ئامىلى زادى نەدە ،كىم سەۋەپچى ...؟!كەسكىن ئېيتىشقا بۇلدۇ دەل ئۆزنىڭ ھاياتىنى قوغدىمىغانىلق ،سۆيمىگەنلىك ،ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلـمىگەنلىك ،ياكى قولىمىزدا مانچە ياشقا كېرىپ ئۆلۈپ قالىسە ،ئۆلۈپ كېتىسەن دەيدىغان دەستۇر يوق ...بارمىتى ؟كىمدە بار ...!
ساغلاملىق بۇ بىر ئاددي ئۇقۇم ئەمەس بەلكى مۇرەككەپ چۈشىنشكە تەس بولغان ئامىللارنىڭ بىرى .(نۇرغۇن ئادەم ئۆزۈم ھاياتىمنى قوغداۋاتىمەنغۇ  كۆينىۋاتىمەن ،ھەممە ئىشىم جايىدا ،ئەنسىرشىم يۇق دېيشى مۇمكىن ،راستىنلا ئەنسىرشىڭز يۇقمىدۇ ...سىز  ئاشۇ دۇختۇرخاندىكى  ئېغىر بىمارلارنى ،ئون نەچچە يىل كېسەل ئازابدىن قۇرىيامماي تېنى جىسمى پۇچلىنىپ كەتكەن كىشلەنى كۆرگىنڭزدە ،ئاغرىققا چىدىماي پۇت قۇلۇمنى كېسۋەتسەڭلا .،بۇنداق ياشىغاندەىن ئۆلگىنىم ياخشغۇ دېگەن ئاۋازلار يۈركىڭزگە بارغاندا ،نەشتەر بۇلۇپ سانجىلغاندا ئاندىن سىزمۇ ئۆزىڭزنىڭ مەن ساقمۇ  ئەمەسمۇ دېگەن مۇلاھىزىدە ئۇيلىنىپ باقىسىز ).بەلكىم سىز ھەممىدىن بەكىرەكى كېيىم - كېچەك ،يۈرۈش تۇرۇش ،يېمەك ئىچمەكلەرگە تاشقى قىياپىتىڭزىگە ئەھمىيەت بەردىڭز ....


ئۇنتۇما دۇنيا ئۇنتۇما ...! نامى چىقمىغان ھالال ئىنسانلىرىڭنى ئۇنتۇما ،كىشلەر يىراقتا ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ،ئاپئاق قار چۇقۇلىرىغا ،قەلبى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان قىياپىتىنى ئەسلەتكۈز . بىر ئىنسان ھەرگىزمۇ ئۆزنىڭ قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلشنى خالىمايدۇ .(بۇ بىر ھاياتى قىسقا مەنزىلى ئۇزۇن ئۆتەڭ ).

يەنە بىر تەرەپتىن ئېكىولوگىيلىك سېستمىنىڭ ھاياتلىق بىلەن مۇھتنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى ،ھەمدە نەچچە مىليارد يىللىق تەدرىجىي ئۆزگىرىش تەرەققياتتى ئارقىلىق شەكىللەنگەن بۇلۇپ ،يەر يۈزدىكى تەبئىى جۇغىراپىيلىك مۇھتىنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرى ،ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش ۋە تەرەققياتىدا تايندىغان ،ھاياتلىقنى كاپالەتلەندۈردىغان سېستىمىنى ئۇرتاق شەكىللەندۈرگەن .بۇ ئىجتىمائى  ئىقتىسادىي تەرەقىياتنىڭ ماددىي ئاساسى بۇلۇپ ،تەبىئەتنىڭ ئېكىولوگىيلىك تەڭپۇڭلقىنى ساقلاش ،گۈزەللەشتۈرۈش ۋە تۇرمۇش مۇھتىنى بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئۇينايدۇ .ھەمدە ساغلام ياشاش مۇھتىىغىمۇ زور دەرىجدە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .بۇلۇپمۇ 21 ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە قۇرلۇش ،ئۇلتۇراقلىشىش ، يېڭى مەدىنىيەتكە بۇلغان ئىنتىلىش قىزقىش ،قۇبۇل قىلىش ،غايات زۇر بۇلغان ئۆزگىرىشلەر يېڭىلىقلار مەيدانغا كەلدى . كىشىلەر ئېسىل نەقىشلەنگەن ،بىزەلگەن  ئالى ئۆيلەردە ئۇلتۇراقلاشتى ،ھەم شۇنىڭغا ئىنتىلدى ،بىراق بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ،زىينىنى ،سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان قارشى تەرەپلىرىدە ئۇيلىنىپ باقمىدى .
مەن سىزگە مۇنۇ قىسقا بۇلغان بىر رىئال تۇرمۇشتا يۈ ز بەرگەن ئاڭلىغان ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بىر ئىشنى سۆزلەپ ئۆتەي ...!
بىر ئاننىڭ ئۈچ پەرزەنتنى بۇلۇپ ئەڭ يۇقىرسى تۇققۇز ياشقا كىرگەن ..بۇ بالنىڭ پۇت - قۇلى تۇتمايدۇ ،ئاغىزى گەپكە كەلـمەيدۇ ،...ـ !؟ مەن سۇردىم دە ـ، نېمىش بۇپ مۇشۇنداق بۇپ قالدى ؟
بالام ئەسلى ساپساق ئىدى بىر كۈنى دادىسى بىلەن سۇ تۇتقىلى چىقىپ بالامنى سېمىنۇت يەرنىڭ ئۆستىگە كېچە ياتقۇزۇپ قۇيغانتىم شۇ  ئىش بىلەن بالا مۇشۇنداق بۇپ قالدى - ،دېدى .
يەنە  بىر ئادەم 39يىل سېمىنۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلش سەۋەپلىك ئاخىردا پۇت قۇلى ئاقىدىغان بوپ قالغان .
مانا  بۇ نېمىنى چۈشەندۈردۇ ! دەل سېمىنۇت ھەدىدىن سۇغۇق  ،بەدەنگە سۇغۇق ئۆتۈپ بەدەننى ھەددىدىن زىيادە سۇغۇق ئەپ كەتكەنلىكتىن بۇلىدۇ ...يەنە نۇرغۇن كۆڭلى ساددا قېرىنداشلىرىم بۇنىىڭغا ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن .
« كۇنىلاردا سۇغۇقتىن مىڭ تۈرلۈك كېسەل بۇلۇر ،ئىسسىقتىن بىر تۈرلۈك »دەيدىغان گېپى بار ...شۇڭا ياش تۇرۇپلا ...ئۇزاق ئۆمۈر كۆرمەيلا بۇ ئالەمدىن ئۇزايدىغانلار كۆپ .ساغلام تەندە ساپ ئەقىل ،ھەر كىشىنىڭ ياخشى يامانلىق تەۋە بۇلغان قەۋمنىڭ ئۇمۇمى ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .دېمەك سىزنىڭ ساغلاملىقىڭز سىز ئۈچۈنلا ئەمەس مەن ئۈچۈنمۇ مۇھىم ......!

                           ھەم ئۈچۈنجى شەخىس ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەلۋەتتە !
                                   ھايات سەھنە سەن ئىكىران ،
                                   بۇ بىر ئەينەك جاھاننامىسەن .
                                  ھايات كىنۇ  سەن پىرسۇناژ ،
                                 بۇ بىر سۈرئەت مەڭگۈ باقىۋەنمىسىەن .
                             ................................................
                                              تەن  
                                             سۇ  
                                            كۈن
                                           ھاۋا
                                         ۋاقىت
                                          ...……
                                        بىرىلگەن قەرىز
                                            ئىمتاھان
                                                     ناگاھان تۇيۇقسىز … ئالىدۇ   
                                                                    ھېسابىنى بىر - بىرلەپ زامان .
بۇ تەن كېلشىدە ساق كەلگەنىكى ئۈچۈن ھەم ساق كىتىشى كېرەك ...!،

ئادەم،ئەمەلىيەتتە ئۇنچە كۆپ نەرسىلەرگە ئېھتىياجلىق ئەمەس، سالامەتلا بولسا، ھەقىقىي سۆيسە، بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق.
                       شۇڭا ھەر بىرمىز ھاياتلىقنى قۇغداپ سۆيۈپ ساغلام ياشايلى ......!




                        






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   haziratali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-8 05:01 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 09:23:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   feruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-8 09:24 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 01:01:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش