قەلبى ئاتەش مىھرىبانلارنىڭ بايرام كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ، تېنىگە سالامەتلىك،ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.
ئايال قەلبى دېڭىز كەبى چوڭقۇر،ئەمما چوڭقۇرلىقىنى ئۆلچەيمەن دىمەڭ ،ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى مەڭگۈ ئۆلچەپ بولالمايسىز.
ئايال قەلبى كائىنات كەبى پايانسىز.ئەمما بىر كۈنلەرگە كېلىپ بۇ پايانسىزلىقنىڭمۇ چېكى چىقىپ قالىدۇ.
ئايال قەلبى گويا بىر ئاتەش،ئۇ كۆيۈۋاتقان ئوت ،ئىسىڭىزدە يوق سوغوق سۇ سېپىپ قالماڭ ،ئۆچۈپ قالسا قايتىدىن يانمىقى بەكلا تەس.
ئايال قەلبى خىرۇستال كەبى سۈرۈك. ئۇنىڭ سۈزۈكلۈكىگە تەسىر يەتكۈزمەڭ، چاڭ- توزان يۇقۇپ قالمىسۇن،يۇقۇپ قالسا قەلبىدە ئۆچمەس داغ شەكىللىنىپ قالىدۇ خۇددى ئاينىڭ يۈزىدىكى داغدەك.
ئايال قەلبى جانان كەبى نازۇك،ئۇنىڭغا قاتتىق تەگمەڭ، شۇنداقلا تېگىپ قويدىڭىزمۇ دەز كىتىشى ،ھەتتا ئەسلىگە كەلمەي چېقىلىپ كىتىشى مۇمكىن.
ئايال قەلبى مىھىرلىك بۇلاق،ئايال قەلبى چۆل كەبى چاڭقىغان قەلىبلەرنى ئۆزىنىڭ مىھىرلىك بۇلىقى بىلەن قاندۇرغۇچىدۇر.ئەمما ئۇنى مەڭگۈ قۇرماس بۇلاق دەپ ئويلاپ قالماڭ،ئۇمۇ چاڭقايدۇ.
ئايال قەلبى.........ئۇمۇ مىھىر-مۇھەببەتلىك قەلىبلەرنىڭ ئاسرىشىغا ،كۆيۈنىشىگە، مۇھەببەت بىلەن پەرۋىش قىلىشغا مۇھتاج.چۈنكى ئايال- ئايالغۇچىدۇر.
ئايال قەلبىدىكى مۇھەببەت-ئۇ مەڭگۈلۈك تىما.بۇ مەڭگۈلۈك تىما مەڭگۈگە داۋاملاشقۇسى!!!
مەنبە : ئايال قەلبى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nawa02 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-8 03:48 PM