قەلب چاچقۇلىرى
(پەرىشتە سۈپەت مېھرىبان ئانىلىرىمىز ۋە گۈلچىراي خانىمقىزلىرىمىزغا بېغىشلانغان شېئىرلار )
ياسىنجان ئوسمان ئەركزات
ئانا
ئانا-بۈيۈك بەختىمىزنى ياراتقان،
تۇتاش شۇڭا ئانا بىلەن دىلىمىز.
ئانا-قۇياش ئالەمگە نۇر تاراتقان،
شۇ قۇياشتىن ھەممىمىز نۇر ئېمىمىز.
ئانا-ئالەم، قوينى چەكسىز بىپايان،
چىن گۈزەللىك نامايەن شۇ ئالەمدە.
ئانا ھېچبىر تەڭدىشى يوق پاسىبان،
سېخىيلىقنى ئانا بەرگەن ھاتەمگە.
ئانا-چەكسىز سائادەتنىڭ بۇلىقى،
ئانىلارسىز بەختى كۈلمەس ھېچكىمنىڭ.
قەلبىمدە ئۇ- ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى،
ئىجادچىسى پارلاقئامەت-بەختىمنىڭ.
ئۇيغۇر قىزى
كىيىۋالغان ئەتلەس كۆينىكىڭ،
شوخ شامالدا يەلپۈنەر لەرزان.
ئىسمىڭ رەيھان بولغاچمىكىن-تاڭ،
سەندىن خۇش ھىد تارايدۇ ھەر يان.
شوخ شامالدا يەلپۈنەر لەرزان،
سۇمبۇل كەبى ئويناق چاچلىرىڭ.
جاننى ئېلىپ قويار جاڭگالدا،
ھىلال ئايدەك ئەگىم قاشلىرىڭ.
سۇمبۇل كەبى ئويناق چاچلىرىڭ،
تارتار تۈمەن دىللار زوقىنى.
كىيىكتەك شوخ خۇلقۇڭ- نازلىرىڭ،
ياقار دىلغا سۆيگۈ يالقۇنى.
تارتار تۈمەن دىللار زوقىنى،
تولۇن ئايدەك نۇرانە يۈزۈڭ.
دىل ئەركىمنى قويماس مەيلىگە،
بەختىم ئەكىس ئەتكەن جۈپ كۆزۈڭ.
تولۇن ئايدەك نۇرانە يۈزۈڭ،
پاكلىقىڭنىڭ مىسالى جانان.
دىل قەسرىمنىڭ سۇلتانى ئۆزۈڭ،
سۆيگۈم قۇشى ئۇچار سەن تامان.
كىيىۋالغان ئەتلەس كۆينىكىڭ،
شوخ شامالدا يەلپۈنەر لەرزان.
سېنى دەپلا سوقار يۈرىكىم،
ئۇيغۇر قىزى ئەي گۈزەل رەيھان.
قەشقەر قىزلىرى
پەرى سۈپەت قەشقەر ئۇيغۇر قىزلىرى،
بىر كۆرۈپلا ئوت تۇتاشتى دىلىمغا.
بۆجەنلەردەك ھۈركۈپ يۈرمەي مېنىڭدىن،
جۈر بولايلى كېلىڭلارچۇ يېنىمغا.
شېرىن سۆزلۈك قەشقەر ئوماق قىزلىرى،
ناۋات بارمۇ سۆزۈڭلاردا بىلمىدىم.
ئۆرتەنسەممۇ دەرد-پىراقىتا شۇ قەدەر ،
ھەسرىتىمنى ھېچ ئىنسانغا تىنمىدىم.
ئانار يۈزلۈك قەشقەر جانان قىزلىرى،
ھەر بىر باقسام لال بولىدۇ تىللىرىم.
ماڭا كۆڭۈل بېرىڭلارچۇ بىرىڭلار ،
زارىقىشتا ئۆتمىسۇن ئاھكۈنلىرىم .
دولان قىزى
(ياسىن ئىسمايىل ئەلتىرەشنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگەتەخمىس)
سەن بىلەن مەشرەپتە مەن سالدىم ساما دولان قىزى،
بىر بېقىپ قەلبىمگە ئوت ياقتىڭ لاۋا دولان قىزى،
تەندە جان يوق ئۆتمىدى گالدىن گىياھ دولان قىزى،
سېنى كۆرگەندىن بېرى ئەي زىبا دولان قىزى،
كەتمىدىڭ چۈش ھەم ئېسىمدىن دائىما دولان قىزى.
جەڭ-چېلىش مەيدانىغا سەپلەرتۈزۈپ يۈرسەڭمۇ كۈي،
ئېيتسام مۇقام ئەيلەپ ناۋا شېرىن خىيال سۈرسەڭمۇ كۈي،
تەگسە پوتا بەللىرىڭگە، قوشۇماڭ تۈرسەڭمۇ كۈي،
شوخ كېيىكتەك مېڭىشىڭ كۈي،گەپ-سۆزۈڭ، كۈلكەڭمۇ كۈي،
تارقىلامدۇ يۇرتقا سەندىنكۈي-ناۋا دولان قىزى.
رەشىك-ئەلەمدە قويغۇسى ۋىناسنىمۇ سۈلكەتلىرىڭ،
رەڭ بېرەر يۇرت ھۆسنىگە تۆككەن تەرىڭ-مېھنەتلىرىڭ.
ناخشا-كۈيگە كان بولۇپ كەلدى ئېسىل خىسلەتلىرىڭ،
مەھلىيا ئەيلەر كۆڭۈلنى پەرىدەك ھەرىكەتلىرىڭ،
پەر قېقىپ مەشرەپتە سەن قىلساڭ جۇلا دولان قىزى.
غۇنچە بوي گۈلدەك جامالىڭ قوزغىدى دىلدا ھەۋەس،
ۋەسلىڭ شارابىن ئىچمىسەممۇ يۈرىمەن دائىملا مەس،
جانان سېنى تەرىپلىشىم تاغنى يۆتكەشتىنمۇ تەس،
گۈل دېسەم گۈلدىن گۈزەلسەن، ئاي دېسەم ھېچ ئاي ئەمەس،
بىلمىدىم قايسى سۈپەت لايىق ساڭا دولان قىزى.
دەر بىرى پەرى گۈزەل، ۋىناس گۈزەلدەر بىرلىرى،
دەر گۇمان يۈرگەنىدىم شۇنداقمىكىن دەپ ئىلگىرى،
چىن گۈزەللەر شاھىكەنسەن ئەسلىي دولان دىلبىرى،
بويلىرىڭدىن تارقىسا گويا ئىپارنىڭ ھىدلىرى،
جانۇ-جىسمىنى ئوراپ ئالغاي لاۋادولان قىزى.
ئەسلىتەر بەرگى قىياقنى ئەگىم-ئەگىم قاشلىرىڭ،
ئاھۇ كىيىككە ئوخشىغاي تەلمۈرۈپ قاراشلىرىڭ،
بۇلبۇلنى مەپتۇن ئەيلىگەي يۇرت ئۈچۈن سايراشلىرىڭ،
مەختۇمسۇلانىڭ چېچىنى سالسا ئېسىمگە چاچلىرىڭ،
ئوق ئاتار كىرپىكلىرىڭ جىسمىم ئارا دولان قىزى.
مېھنىتىڭدىن كۈلدى كۈندەك قۇتلۇق ئارزۇ-تەلىپىڭ،
قوزغىدى ھەر دىلدا زوق قۇچقان شانۇ-شەرىپىڭ،
سەن سەنەمسەن، مەن سېنىڭ ئىشقىڭدا كۆيگەن غېرىپىڭ،
بارچە خىسلەت ھەم گۈزەللىك سەندە بولغاچ تەرىپىڭ-
كۈيلىسەممۇ بىر ئۆمۈر بولماس ئادا،دولان قىزى.
قىزلار -ئۇلۇغ پەرىشتە
قىزلار- ئۇلۇغ پەرىشتە،
زىننىتى كەڭ ئالەمنىڭ.
ھۆرمىتى زور قىزلارغا،
كۇللى شەيئى-ئادەمنىڭ.
قىزلار- ئۇلۇغ پەرىشتە،
بۈيۈكلۈكتە يېگانە.
قىزلار ئۈچۈن بولمىغان،
كىملەر كۆيۈپ پەرۋانە.
قىزلار- ئۇلۇغ پەرىشتە،
قۇياش شەھلا كۆزلىرى.
شىپاھ ئوتلۇق يۈرەككە،
بالدەك شېرىن سۆزلىرى.
قىزلار- ئۇلۇغ پەرىشتە،
قىزلار- جاھان زىننىتى.
قىزلارسىز بۇ ھاياتنىڭ
بولغاي نېمە قىممىتى.
قىزلار- ئۇلۇغ پەرىشتە،
چىن گۈزەللىك ئىلاھى.
كەچۈرەيلى قىزلارنى،
بولسىمۇ كۆپ گۇناھى.
قىزلار- ئۇلۇغ پەرىشتە،
يېتەيلى چىن قەدرىگە.
ساداقەتتە بەسلىشىپ،
ئاتلىنايلى بەيگىگە.
ئانا ئەجرى
ئاقكۆڭۈلسەن كۆڭلۈڭ قاردەك ئاق ئانا،
سىڭدى تالاي ئەجرىڭ ماڭا تاغ كەبى.
ھېچ سۆزۈمگە دېمىگەچ سەن«ياق!!!»ئانا،
بولدى ئۆمرۈم لالىزارلىق تاغ كەبى.
سىڭدى تالاي ئەجرىڭ ماڭا تاغ كەبى.
تاڭ قالدۇردۇڭ سېخىيلىقتا ھاتەمنى.
تەنبىھلىرىڭ ياقار ماڭا ياغ كەبى،
ئايەم بىلدىڭ بەختىم ئۈچۈن ماتەمنى.
تاڭ قالدۇردۇڭ سېخىيلىقتا ھاتەمنى.
مېھرىڭ ئوخشار كەڭ-بىپايان ئوكيانغا.
نۇرلاندۇردۇڭ گۈزەل ئىقبال-ئەتەمنى،
قاتاي سېنى مەڭگۈ پۈتمەس داستانغا.
مېھرىڭ ئوخشار كەڭ-بىپايان ئوكيانغا،
تېمەن ئۆستۈم قوزىلاردەك ئەركىلەپ.
ئەجرىڭ بىلەن يەتتىم گۈزەل ئارمانغا،
ياشاي ئانا سېنى دىلدىن تەرىپلەپ.
ئۇپۇق ئەلچىسى
چىللاپ چىقىپ زەر قۇياشنى ئۇپۇقتىن،
ئويغىتىسەن خورازلارنى تاڭ سەھەر.
كېرىلمەيسەن ھوسۇلۇڭدىن-ئۇتۇقتىن،
جەننەت گويا ئەجرىڭ بىلەن ئانا يەر.
ئۆتتى تالاي-تالاي كەچمىش بېشىڭدىن،
پەرزەنتلىرىڭ ئۈچۈن بەردەم ياشىدىڭ.
بۈركۈتلىرىڭ ئۇچتى ھەريان قېشىڭدىن،
جاننى يەنە شۇلار ئۈچۈن ئاتىدىڭ.
سۈكۈناتقا چۆمگەندىمۇ كائىنات،
تىپىرلايسەن تىرىكچىلىك غېمىدە.
تەسلىم ساڭا تاغدەك-تاغدەك مۈشكۈلات،
چۈشلىرىڭمۇ كالا-قويۇڭ غېمىدە.
سەكسەن نەچچە داۋان ئاشتىڭ توختىماي،
ھېرىش نېمە، چارچاش نېمە بىلمىدىڭ.
ئانا، سېنى قۇياشقىلا ئوخشىتاي،
ئەلەم يۇتتۇڭ، ئۇلۇغ كىچىك تىنمىدىڭ.
ئۇدۇم بولۇپ پەزىلىتىڭ گۈللىرى،
ئوغلانلىرىم ۋۇجۇدىدا ئېچىلدى،
مېھنەت بىلەن ئۆتۈپ كۈن ھەم تۈنلىرى،
ئادەمىيلىك سەپلىرىگە قېتىلدى.
ئەجداد مىراس شىجائىتىڭ تەۋەررۈك،
چىدام-غەيرەت،ساداقەتتە ياشايمىز.
سەلتەنەتلىك شاھ سەن گويا ئەڭ بۈيۈك،
شەۋكىتىڭگە ھۆرمەت قەسرى ياسايمىز.
كەمسىتمەڭلار قىزلارنى ئەي ئىنسانلار
كەمسىتمەڭلار قىزلارنى ئەي ئىنسانلار،
ھاقارەتلەپ تىللىماڭلار كۆرسەڭلار.
قىز ئىدىغۇ بارچىمىزنىڭ ئانىسى ،
قىزلار مەڭگۈ ھۆرمەتلىكتۇر بىلسەڭلار.
تىللىماڭلار قىزلارنى ئەي ئىنسانلار،
قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ…دەپ كەمسىتىپ.
ئاماننىسا، نۇزۇگۇم...لار شەۋكىتى،
تۇرمامدۇ مول تۆھپىلەرنى ئەسلىتىپ.
كەمسىتمەڭلار قىزلارنى ئەي ئىنسانلار،
قىزلار قەلبى ئوخشار سۈزۈك ئەينەككە.
قىزلار بىلەن ئۆتۈپ ئىجىل-ئۆم،ئىناق،
بەسلىشىڭلار ئىجاد، مېھنەت، ئەمگەكتە.
كەمسىتمەڭلار قىزلارنى ئەي ئىنسانلار،
قىزلار گۈزەل كائىناتنىڭ ئانىسى.
زەپەر قۇچتى ئوغلانلاردەك قىزلارمۇ،
ياڭرار ئۇلار ئۈچۈن ئەلنىڭ نەغمىسى.
قەشقەردىكى ئاي
بىر پەرى كۆردۈم بۈگۈن قەشقەردە مەن،
كىرپىكى تال-تال ئۇنىڭ بەرگى قىياق.
چاچلىرى قۇندۇز گۇيا، ھۆسنىمۇ ئاي،
لەۋلىرى جىنەستىدۇر پەرى سىياق.
جۈپ كۆزى زىياسىدىن چولپان خىجىل،
سۆزلىرى شېرىن ئەجەب بەئەينى بال.
بىر بېقىپ زەرەتلىگەچ قەلبىمنى ئۇ،
تۇتۇلۇپ بولدى راۋان تىلىممۇ لال.
داڭ قېتىپ قالدىم: ئەجەب گۈزەل ئىكەن،
ئايمۇ ئۇ، جەننەتتىكى پەرىمۇ يا!؟
بولسا ئۇ ئىنسان ئەگەر كۆز تەگمىسۇن،
ساقلىغىن ئىلكىڭدە ئەي پەرۋەيدىگاھ !
ئانا مېھرى
(«خورلانغان ئانا» ھەققىدىكى پروگراممىنىكۆرگەندىن كېيىنلا، ئېسى-يادىم مېھرىبان ئانىلىرىمىز ھەققىدىكى تەپەككۇر ساماسىداتوختاۋسىز قانات قاقىدىغان بولۇپ قالدى. ئانا-بۈيۈك ئىنسان! بۇ ھەقتىكى تەرىپلەرھېچكىمنى زېرىكتۈرۈپ قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن)
پەرزەنت ئۈچۈن ئانا شۇنداق مېھرىبان،
پەرزەنتلەرگە بېغىشلار ئۇ بارىنى.
ئانا دېگەن بۇ بۈيۈك نام تائەبەد،
جىغىلدىتار سانسىز يۈرەك تارىنى.
پەرزەنت ئۈچۈن ئانا شۇنداق مېھرىبان،
پەرزەنت ئۈچۈن سەكرەپ كىرەر ئوتقىمۇ.
پەرزەنت ئۈچۈن ئانا قەلبى چوغ گويا،
باھار، كۈز، ياز، شىۋىرغانلىق جۇتتىمۇ.
پەرزەنت ئۈچۈن ئانا شۇنداق مېھرىبان،
پەرزەنت ئۈچۈن جاھان كېزەر پىيادە.
پەرزەنتىنىڭ قۇت-بەختىنى كۆرۈشتىن،
ھېچ دۆلىتى يوق ئانىنىڭ زىيادە.
پەرزەنت ئۈچۈن ئانا شۇنداق مېھرىبان،
تەرىپلەشكە سۆز كانىدا سۆز يەتمەس.
ئانا مېھرى- چەكسىز دېڭىز ئوكياندۇر،
قارىساقمۇ پايانى يوق، كۆز يەتمەس!
پەرزەنت ئۈچۈن ئانا شۇنداق كۆيۈمچان،
پەرزەنت ئۈچۈن سېخىيلىقتا تەڭداشسىز.
ئانا ئەجرى شۇنچە بۈيۈك، بىباھا،
ئانا ئەجرى بەرىكەتلىك، مىننەتسىز.
پەرزەنت ئۈچۈن ئانا شۇنداق مېھرىبان،
پەرزەنتىنىڭ بەختى ئۈچۈن ياشار ئۇ.
پەرزەنتلەرنى يەتكۈزگۈچە مەنزىلگە،
ئۈن-تىۋىشسىز تاغدەك ئەلەم يۇتار ئۇ.
پەرزەنت ئۈچۈن ئانا شۇنداق مېھرىبان،
ئانا ھامانئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى.
ئانىلارنىڭ ئايىغىدا جەننەت بار،
ئانا ئىقبال يولىمىزنىڭ چىرىغى.
قاراقاشنىڭ قىزلىرى
قاراقاشنىڭ قىزلىرى،
يۇلتۇزمىدۇ، ئايمىدۇ.
قاراقاش ھۆر- پەرىزات
تۇغۇدىغان جايمىدۇ.
نەگە بارسام ئاي چىراي
قىزلار كۈلۈپ باقىدۇ.
قاشلىرىنى ئوينىتىپ،
قەلبىمگە ئوت ياقىدۇ.
بىر جۈپ شەھلا كۆزلىرى،
چولپانمىدۇ يا بۇلاق.
قارالماستىن ئەيمىنىپ،
چەكمەكتىمەن دەرد-پىراق.
قاراقاشنىڭ قىزلىرى،
پەرىزاتنىڭ ئۆزلىرى.
مەلھەم ئوتلۇق يۈرەككە،
بالدەك شېرىن سۆزلىرى.
قاراقاشنىڭ قىزلىرى،
مەڭگۈ ئامان بولۇڭلار.
پۇراق چاچسۇن ئەبەدىي،
چىن ساداقەت گۈلۈڭلار.
چوغلۇق
جەلىپكار، ئاقكۆڭۈل بولغاچ بەك ئوڭلۇق،
رام قىلىپ سۆيگۈمنى ئۇتتىڭىز چوغلۇق.
قوياشتەك جىلۋىگەر ياشاڭ تائەبەد،
كۈلدۈرەر ھاياتنى جەزبىدارشوخلۇق.
رام قىلىپ سۆيگۈمنى ئۇتتىڭىز چوغلۇق،
دىللارغا يات ھامان بەدنىيەت قۇۋلۇق.
ئارىغا بىمەھەل چۈشمىگەي ئەسلا،
شۇم رەقىپ قەستىدىن بىمەھەل سوغلۇق.
سىغدۇرماس سۆيگۈمىز زەررىچە قۇۋلۇق،
تەڭ باسقان جۈپ قەدەم توغرىدۇر-يوللۇق.
يېتەيلى مەنزىلگە بولسىمۇ يىراق،
قەلبىم گۈل بېغىنىڭ رەيھانى-چوغلۇق.
قەلب تىلىكى
سەن ئىدىڭ سەرۋى بوي، بىغوبار غۇنچە،
گۈل ھۆسنۈڭ سارغىيىپ بوپتۇ زەپىران.
كىرپىكىڭ ھەسرەتتىن ئېسىپتۇ ئۈنچە،
ئۆتۈنەي ئاھ ئۇرۇپ چەكمىگىن پىغان.
ئاھ ئۇرساڭ يۈرىكىم يېرىلار چاك-چاك،
سەن- مېنىڭ كۆز نۇرۇم، سەبىي پەرىشتەم.
دىل قەسرىڭ تاڭدىكى شەبنەم ئىدى پاك،
ئالەمچە چىن سۆيگۈڭ ئاڭا مۇجەسسەم.
چىن سۆيگۈ يوللىرى ئەمەس تۈز-راۋان،
ئالداپتۇ سېنى ئاھ ...قاقۋاش شوخ تۇرمۇش.
مىڭ شۈكرى، بەختىڭگە سەن- ساق،سەن -ئامان،
ئىشەنگىن مۇمكىنغۇ ئۆتكەننى ئۇنتۇش.
مۇمكىنغۇ ھاياتنى قايتىدىن باشلاش،
بۈگۈندىن شۇ قەدەر گۈزەلدۇر ئەتە.
ئۇپۇققا باققىنا، ئالتۇن-زەر قۇياش
مېڭىپتۇ چېھرىڭنى قىلغىلى پەتە.
قىزلارغا مۇراجەت
( بەزى قىزلىرىمىزغا تېز سىزما )
گۈزەللىكنىڭ سۇلتانى ئىدىڭلارغۇ ئۆزۈڭلار،
مەلھەم ئىدى يۈرەككە شېرىن-شىپاھ سۆزۈڭلار.
خىجىل قىلسا گۈللەرنى تولۇنئايدەك يۈزۈڭلار،
ياقار ئىدى دىلغا ئوت بىرجۈپ شەھلا كۆزۈڭلار.
چاقىراتتۇق يىگىتلەر:جۈر بولايلى كېلىڭلار!
ساداقەتتە بەسلىشىپ كۈلەيلى،تەڭ كۈلۈڭلار!
ئەپسۇس، كېتىپ قالدىڭلار ئاز ئىكەن دەپ پۇلۇڭلار،
بولالمىدۇق شۇ سەۋەب ئۆمۈرلۈك جۈر-خىلىڭلار.
ۋىجدانى يوق ناكەسلەر دەپ قويسىلا:-يۈرۈڭلار...
كۆككە يېتىپ بېشىڭلار تاپانيالاپ يۈردۈڭلار.
«سېخىي»لاشسا ھاتەمدەك پەرۋانىدەك كۆيدۈڭلار،
«ئاھ، پەرىشتەم! » دەپ قويسا سەۋدالارچە سۆيدۈڭلار......
قىزلار، گۈزەل ئەي قىزلار ،چىن غۇرۇرلۇق بولۇڭلار،
توزىمىسۇن بىمەھەل گۈزەل ياشلىق گۈلۈڭلار.
سۆيگۈ-ئۇلۇغ-مۇقەددەس ئۇنى بۈيۈك بىلىڭلار،
پاك سۆيگۈگە ۋىجداننى قالقان، مىزان قىلىڭلار.
چىن ئەقىدە-سۆيگۈگە جاننى پىدا قىلىڭلار،
پۈركەنگۈسى گۈللەرگە شۇندا سۆيگۈ بېغىڭلار.
ئانا قەسىدىسى
دۇنيادا ھەققىي چىن سۆيگۈ-مۇھەببەت بار دېيىلسە، ئەنە شۇ سۆيگۈ- مۇھەببەت ئاننىڭ ئۆز پەرزەنتىگە بولغان مۇھەببىتىدۇر.
- گوركىي
ئانام زور بەخىتم سەن- شۇ قەدەر ئۇلۇغ،
جاھاننى ئىزدىسەم، ئىزدىسەم تولۇق،
ئانامدەك كۆيۈمچان ئىنسان بارمىدۇ،
ئانامدەك ئانىلار يەنە بارمىدۇ؟!
شۇنچە كەڭ-بىپايان كائىنات ئارا،
پەقەت سەن، پەقەت سەن شادلىقىم ئانا.
ھەر ۋاقىت بولغاچ سەن ماڭاباشپانا،
ۋىلىقلاپ كۈلمەكتە ئارمىنىم مانا،
سەن ئۈچۈن قەسىدە يازىمەن شۇڭا .
جاھاننى ئىزدىسەم، ئىزدىسەم يەنە ،
سېنىڭدەك پاسىبان بارمىدۇ ئانا ؟!
سەن مېنى قاتارغا قوشتۇڭ چوڭ قىلىپ،
كۈلدۈردۈڭ بەختىمنى شۇنچە ئوڭ قىلىپ.
سەن مېنىڭ پەرىشتەم، سەن مېنىڭ بەختىم،
ياشايمەن سېنىلا نىجادچىم بىلىپ.
بال كەبى ھەر سۆزۈڭ دىللارغا شىپاھ ،
باسقان ھەر ئىزلىرىڭ كۆزگە تۇتىيا.
ئېيتقىنا، چىن سۆيگۈڭ دېڭىزدەك ئانا،
مېھرىڭگە ئوت باغرىم قاچانمۇقانار ؟!
جاھاننى ئىزدىسەم، ئىزدىسەم ئانا،
سېنىڭدەك مېھرىبان چىقارمۇ يەنە!؟
جان ئانا، سەن شۇنچە بولغاچمۇلايىم،
مېھرىڭدىن شاد ۋىسال قۇچتى مۇرادىم.
كەچۈرگىن، بىلمەستىن گۈدەكلىكىمدە،
ئالدىڭدا ئۆتكۈزگەن كۆپتۇر گۇناھىم.
ياش تۆكۈپ قەدەمدە قىلىپ مىڭ تازىم،
ئەبەدىي كەچۈرۈم سوراي ھەردائىم.
ئالەمگە قۇياش سەن چاچقۇچى زىيا،
بەختىمسىز ئۆتمەيدۇ گېلىڭدىن گىياھ ،
ماختاشقا يەتمەيدۇ دېڭىزدەك سىياھ ،
قەلبلەر قەسرىدە سۇلتان سەن گويا.
جاھاننى ئىزدىسەم، ئىزدىسەم يەنە،
سېنىڭدەك كۆيۈمچان ئانا بارمىدۇ،
سېنىڭدەك پاسىبان يەنە بارمىدۇ !؟
مەن ئۈچۈن ئالەمچە چەكسەڭمۇ جاپا،
زەررىچە قىلماستىن تەنە-يۇ-تاپا،
قەلبىمگە چېھرىڭدىن تۆكۈپ نۇر-زىيا،
ئەھدىڭگە ئۆمۈرلۈك ئەيلەپ چىن ۋاپا،
ئۆستۈردىڭ سەن مېنى بولۇپ باشپانا.
ھاتەمدەك مېھرىبان، سېخىي ئەي ئانا،
قەلبىڭدە يانىدۇ ئاتەش، ئوت- لاۋا.
تاپىمەن مېھرىڭدىن دەردىمگە داۋا،،.
ئىزلىرىڭ كۆزۈمگە شىپاھ-تۇتىيا،
سەن ئۈچۈن قاينايدۇ مەشرەپ ھەم ساما،
سەن ئۈچۈن قۇشلارمۇ قىلىدۇناۋا،
ماگېللان كەزگەندەك ئالەمنى گويا،
ئىزدىسەم تائابەت جاھاننى يەنە،
سېنىڭدەك غەمگۈزار ئىنسانبارمىدۇ،
سەن كەبى ئانىلار يەنەبارمىدۇ ؟!
ئويلايلى دوستلىرىم، ئويلايلى راسا،
پەرزەنتلىك بۇرچىمىز بولدىمۇ ئادا!؟
ئويلايلى دىل پارى- پەرزەنتى ئۈچۈن،
ئانىدەك باش پانا، يەنە بارمىدۇ ؟!
زەر قۇياش كەزگەندەك ئالەمنىگويا،
ئىزدىسەم بىر ئۆمۈر جاھاننى يەنە،
ئانامدەك كۆيۈمچان ئانا بارمىدۇ،
ئانىدەك چىن ئىنسان يەنە بارمىدۇ؟!
ئانىدەك باشپانا يەنە بارمىدۇ؟!
ماگېللان كەزگەندەك ئالەمنى گويا،
ئىزدىسەم بىر ئۆمۈر جاھاننى يەنە،
ئانامدەك كۆيۈمچان ئانا بارمىدۇ،
ئانىدەك چىن ئىنسان يەنە بارمىدۇ؟!
ئانىدەك باشپانا يەنە بارمىدۇ؟!
جىسمىڭدىن تارىغان نۇرلار تەپتىدىن،
زېمىننى يورۇتقان قۇياشمۇ خىجىل.
مېھرىڭسىز كائىنات مۇدھىش-زىمىستان،
تەرىپلەپ بولالماس سېنى ھېچبىر تىل.
سەيياھلار كەزگەندەك ئالەمنى گويا،
جاھاننى ئىزدىسەم، بىر ئۆمۈر ئانا،
سېنىڭدەك مېھرىبان چىقارمۇ يەنە.
ئېيتقىنا، چىن سۆيگۈڭ ئوكياندەك ئانا،
مېھرىڭگە ئوت باغرىم قاچانمۇقانار ؟!
سۆيەي سېنى شائىرە
غەۋۋاس بولۇپ ئىجادنىڭ
دەرياسىغا چۆكۈپسەن.
سۈزۈش ئۈچۈن جاۋاھىر،
كۈمۈش تەرلەر تۆكۈپسەن.
پەرۋىشلىگەن گۈللىرىڭ،
ئەلگە پۇراق چېچىپتۇ.
ساڭا پارلاق سائادەت،
كەڭرى قۇچاق ئېچىپتۇ.
ئاتىلىپسەن ئەل ئارا،
ئىجادكار قىز- شائىرە.
سۆيەي سېنى دىلىمدىن،
ئەقىللىق قىز ماھىرە.
ئىجاد ئىشقى
بولۇپ ئىجاد ئاشىقى،
تۈننى كۈنگە ئۇلىدىڭ.
تىزىپ رەڭدار گۈلدەستە،
ئەلگە سوۋغا يوللۇدۇڭ.
ئىجادىڭغا قايىلمەن،
تۆھپىكار ئۇيغۇر قىزى.
ئەجرىڭ مېۋىسى شېرىن،
بىباھا بالنىڭ ئۆزى.
ئاتاپ ئوتلۇق سۆيگۈمنى،
بولاي ساڭا ۋاپادار.
گۈل چېكەيلى تارىخقا،
بولۇپ ھارماس ئىجادكار.
سۆيگۈ ھەققىدە مۇۋەششەھ
مۇھەببەت بابىدا سەندەكتەماسىز پاسىبان بارمۇ،
مۇرادىڭ ۋەسلىگە تەشنا پېقىردەك باغرى قان بارمۇ.
ئېچىلغان گۈل كەبى ھۆسنۈڭ قىلار مەپتۇن تولۇن ئاينى ،
دىلى ئاتەش، كۆزى چولپان سېنىڭدەك مېھرىبان بارمۇ.
ھاياتلىق گۈللىگەي ياشناپ بەرىكەتلىك دۇئايىڭدىن ،
قەلبلەر نۇر- قۇياشى سەن سېنىڭسىز تەندە جان بارمۇ.
رىيازەت ئىلكىدە ھەردەم ئۆزۈڭ كۈچلۈك مەدەتكارىم ،
چىدام، غەيرەت-شىجائەتتە ئاشالماس تاغ-داۋان بارمۇ.
ئىجادكارلار پۈتۈپ كەلدىسېنى كۈيلەپ تالاي داستان ،
جاھان-ئىقلىم ئارا سەندەك سۆيۈملۈك جانىجان بارمۇ.
بېھىشتەك باغ ئارا بۇلبۇل ئۇرۇپ خەندان ناۋا قىلسا،
ناۋاغا كۈي قېتىپ مەندەكچاڭىلداپ سايرىغان بارمۇ.
ئادا بولماس ئەبەد بۇرچۇم يۈدۈپ ھەجگە ئاپارساممۇ،
ساڭا شەيدا بولۇپ مەندەك ۋۇجۇدى قانمىغان بارمۇ.
نىجادلىق قەسرىدە تەنھا بۈيۈك سۇلتان ، پەرىشتە سەن،
ساڭا قىلماي ئاۋام تازىم ئۆتۈپ كەتكەن زامان بارمۇ.
ئاياقىڭغا قويارمەن باش ساداقەتتە قىلىپ خىزمەت،
گۈزەل ئارزۇ-ئۈمىدىمنى سېنىڭدەك ئاقلىغان بارمۇ.
نېمىشقا مەن سېنى سۆيمەي، لاۋۇلداپ ئوت بولۇپ كۆيمەي،
مېھىر ئىزدەپ مېھىرلەردىن مېنىڭدەك چاڭقىغان بارمۇ.
ئاتاپ يازدىم ساڭا نەزمە قوبۇل ئەتكىن سالامىمنى،
ئەركزاتتەك ساڭا چەكسىز ئەقىدە باغلىغان بارمۇ.
سۆيگۈ ناخشىسى
ئاڭلاپ شېرىن سۆزۈڭنى،
يۈرەك تارىم چېكىلدى.
كۆرۈپ ئايدەك يۈزۈڭنى،
كۆڭۈل رىشتىم چېگىلدى.
بىرلا بېقىپ جانانىم،
ئورۇنئالدىڭ دىلىمدىن.
شۇندىن بېرى ئايلىنىپ،
كېتەلمەيمەن يېنىڭدىن.
مېنى مەپتۇن ئەيلىدى،
پەزىلىتىڭ پەرىشتەم.
ئارمىنىمشۇ: سەن بىلەن
ۋىسال تېپىپ شاد كۈلسەم.
ئىشچان قىز
ئىش-ئەمگەكنىڭ ئىلغارى-
تۆھپىكارى ئىشچان قىز.
مېھنەت سۆيۈپ-تەر تۆكۈپ،
ئىش قوينىدا پىشقان قىز.
ناخشىلىرى يېقىملىق،
باغلار ئارا بۇلبۇل قىز.
ئەلنى باشلاپ بېيىشقا،
قانات قاققان دۇلدۇل قىز.
ھوسۇلنى مول ئېلىشقا،
جاننى پىدا قىلغان قىز.
ئىرادىدىن ۋۇجۇدى،
كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان قىز.
گۈل ئۈندۈرگىن ئەجرىڭدىن،
جاسارەتلىك پالۋان قىز.
ئەل-ۋەتەننىڭ ئىشقىدا،
گۈلخان بولۇپ يانغان قىز.
ئاق خالاتلىق پەرىشتە
ساقسىزلىنىپ ياتقىنىمدا بالنىستتا،
باشلىرىمدا بولدۇڭ گويا پەرۋانە.
گۈلدەك كۈلۈپ تۇرغاچقا سەن يېنىمدا،
ھېس قىلمىدىم ئۆزۈمنى ھېچ يېگانە.
ئەتراپىمدا بولۇپ دائىم پەرۋانە،
كىرپىك قاقماي تۈننى كۈنگە ئۇلۇدۇڭ.
نىمجانلارغا شادلىق ئاتاقىلىشنى،
ئەڭ مۇقەددەس بۇرچۇم دەپلا تونۇدۇڭ.
كىرپىك قاقماي تۈننى كۈنگە ئۇلۇدۇڭ،
سۆيۈندۈردى مېھرىڭ مەيۈس دىلىمنى.
ئېچىلدۇردۇڭ ئەجرىڭ بىلەن پەرۋىشلەپ،
خازان بولاي دېگەن ياشلىق گۈلۈمنى.
سۆيۈندۈردى مېھرىڭ چۈشكۈندىلىمنى،
مېھنەت سۆيەر ئاق خالاتلىق پەرىشتە.
كەملىك قىلار كۈيلىرىمدە تەرىپلەپ،
سېنى پەرۋاز قىلدۇرساممۇ ئەرىشتە.
ئۇيغۇر قىزى پەزىلەت
سىردىشىپلاقالدىم سېنى ياقتۇرۇپ،
نېمىدېگەن ياخشى مىجەز سەندىكى.
ياراپقالسام مەنمۇ ساڭا بىر ئۆمۈر
ۋاپادارىڭ بولۇش ئارمان مەندىكى.
بېغىشلاپسەن ياشلىقىڭنى ئىلىمگە،
پارلايدىكەن دىلدا ئۈمىد چىرىقىڭ.
شىجائەتتە چۆكۈپ ھېكمەت كانىغا،
جاۋاھىرات سۈزۈش ئىكەن تىلىكىڭ.
ئىستەكلىرىڭ شۇنچە گۈزەل، شۇنچە كۆپ،
سوقىدىكەن يۈرىكىڭ ئەل-ۋەتەن دەپ.
دىل شادلىقىڭ ئىكەن ئاۋام شادلىقى،
چېھرىڭ ئاپتاپ سەندىن يەتسە ئەلگە نەپ.
سۆيۈندۈردى پەزىلىتىڭ دىلىمنى،
پەزىلەتلىك ئۇيغۇر قىزى پەزىلەت.
بەسلىشەيلى چىن ساداقەت، ۋاپادا،
گۈلدەك گۈزەل ياشلىق بىزگە غەنىمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-8 11:30 AM