مەخەتجان
تەجىربىلىك ئەزا
گويا قەلبىڭ تولۇن ئايدەك.
مەخەت ئابدۇرېھىم. گويا قەلبىڭ تولۇن ئايدەك،ئانامسەن سۆزلىرىڭ قەندەك، جاھان ئىچرە ماڭا يوقتۇر كۆيۈملۈك مېھرىبان سەندەك. ئۆمۆر بويى كۆيۈپ ئاقتىڭ مىنىڭ ئوتۇمدا،سۈيۈمدە، ئاتا قىلغاچقا قان ھەم جان ياشاپ كەلدىمغۇ بىر تەندەك. ھالال سۈتۈڭنى ئەمگەچكە،غورورلۇق بىر يىگىت بولدۇم، شۇڭا ھەردەم دىلىم خوشتۇر ئانام باغرىدا يۈرگەندەك. باھاردەك ئىللىتىپ دىلنى،قۇچاق ئاچقاچ ماڭا قوينۇڭ، جۇلالاپ بىخ سۈرۈپ ئۆستۈم،قەلەم قاشلىق قىزىل گۈلدەك. ئانام ئىشچان كۆيۈمچاندۇر،ھايات سەيناسىدا پىشقان، قەلبىمگە نۇرىنى چاچقان مۇقەددەس ئاي بىلەن كۈندەك. ئانام پەرزەنت ۋاپادارى،ئەزىم دەريا كۆڭۈل كۆكسى. ئەقىل ئەخلاق،تەپەككۇرنى ماڭا بەرگەن ئوغۇز سۈتتەك. ئانامدەك بىر ئىسىل خىسلەت،يىتۈلدۈرگەچ ۋۇجۇدۇمدا، ياشايمەن ئەل ئارا مەنمۇ بېشىم ئاسمانغا يەتكەندەك. مەخەت ئابدۇرېھىم
پاش قىلىش
ئادەتتىكى ئەزا
دائىملىق ئــەزا
يىـڭى ئــەزا
مەستانە ئـــەزا
ئاكتىپ ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ