مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 231|ئىنكاس: 8

دىلدارىمغا تۇتاي گۈلدەستە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1479
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 10:10:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بارلىق مېھرىبان ئانىلارنىڭ ھەم خانىم -قىزلارنىڭ < 8-مارت> بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!


دىلدارىمغا تۇتاي گۈلدەستە


ئاپتۇر:رۇزى تىيىپ


مەنزىللەردە جاپالارنى تەڭ تارتقان،

گۈلخان بولۇپ زىمىستانغا ئوت ياققان.

بۇ ھاياتنى گويا گۈلدەك ياشناتقان،

دىلدارىمغا دىلدىن تۇتاي گۈلدەستە.


....   ....

مىسكىن دىلغا سۆيگۈ گۈلى پۇراتقان،

قارا تۈندە نۇرلۇق شام بولۇپ نۇرچاچقان.

ئاچچىق كۈندە يەڭنى تۈرۈپ سەپ تارتقان،

دىلدارىمغا ھۆرمەتتە تۇتاي گۈلدەستە.


.....    .....

مېھرىبانىم،غەمخانىمسەن ماڭا بىر ئۆزۈڭ،

مۇڭداش،سىرداش بۇ ھاياتتا بىر ئۆزۈڭ.

بۇ كۆڭلۈمگە مەلھەم بولار ھەر سۆزۈڭ،

دىلدارىم بۇ كۆڭۈلدىن تۇتاي گۈلدەستە.


....    ....

مەنزىللەردە چىداش بەردىڭ ئاچچىق ھاياتقا،

سەنسىز ھايات ئوخشاش ماڭا تۇزسىز تاماققا.

قەلبىم ئىزلەر شۇڭا سېنى قاراپ ھارياققا،

سۆيۈنۈشتە دىلدارىمغا تۇتاي گۈلدەستە.


....    ....

ھاياتىمغا سەن ئۆزۈڭ ئۈنچىلەر تەرگەن،

مېھرىڭ بىلەن كۆڭلۈمگە سۆيگۈلەر بەرگەن.

ھەر قىسمەتكە باش ئەگمىگەن چىن مەرگەن،

شۇ ۋاپادار دىلدارىمغا تۇتاي گۈلدەستە.

....    ....

2015-يىل 7- مارت يوللاندى.

مەنبە: ئۆز قەلىمىم.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1004
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2775
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 10:09:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شئېرىڭىزنىڭ مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ...ئېلھاملىرىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي

  ئاياللارغا كۆيۈنگىنىمىز ئەمىلىيەتتە ئۆزىمىزگە كۆيۈنگىنىمىز،ئۇلارنى ئاسرايلى،قوغدايلى!

تەكلىۋىم؛بەزى مىسرالارنىڭ بوغۇملىرى ئۆلچەمسىز بولۇپ قاپتۇ،قايتا ئىشلەپ باقسىڭىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113558
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 429
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2015-1-25
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 01:21:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     بەك ياخشى يېزىپسىز . ياڭتۇردۇم . تەكلىپ : قورغان بۇرادەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78355
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3144
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-4-4
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 01:24:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئېردىكى پاساھەتلىك تىل تەسۋىرلىرىدىن سۆيۈندۈم.يەنىمۇ تىرىشىڭ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4757
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 04:36:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنىمۇ تىرىشىڭ
ياخشى يىزىپسىز

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108534
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 06:43:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمنۇن   بولدۇم  ،   ئايال    دىمەك   گۈل   دىمەك  .  
ئۇ  ھەر  قاچان  كۈينۈشكە   ،ئاسراشقا   ،   روھى  ئۇزۇققا   مۇھتاج.
لىكىن   شىېئىرنىڭ    قۇرۇلمىسى  تازا   راۋان  ئەمەس  ،ئۇنى مەندىن  بۇرۇن   ئەسكەرتىپ   بوپتۇ  ،  شۇڭا   داۋاملىق   تىرشىڭ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1479
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 06:58:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىبا. يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 06:43 PM
مەمنۇن   بولدۇم  ،   ئايال    دىمەك   گۈل   دىمەك  .  
ئۇ  ھەر   ...

ماڭىمۇ بۇ شېئىرنىڭ بىر يىرى كەمدەكلا،
ئىككى ئانامغا ھەم ئايالىمغا  ھەم بارلىق خانىم-قىزلارغا بايراملىق ئاددى بولسىمۇ سوۋغا قىلاي دەپ يىزىپ يوللىغان.قارىغاندا ئالدىراپ قالغان ئوخشايمەن.ئەمما  بۇ تىمىنى ئوقۇغان ھەم تەكلىپ-پىكىر بەرگەن قېرىداشلاردىن خوش بولدۇم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100367
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 12:07:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يىزىپسىز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   milla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 12:08 PM  


ئوغۇللاردا  ۋىجدان يوق دىگەن قىزلارنىڭ دادام مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم دىيىشى قىززىق
قىزلارنى  نومۇسسىز  دىگەن ئوغۇللارنىڭ  ئانام مىنىڭ  پەرىشتەم  دىيىشى قىززىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 961
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1683
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 12:23:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمنۇن   بولدۇم   ياخشى يىزىپسىز

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش