مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 732|ئىنكاس: 16

ئانىللىرىمىز بويۇن قىسىپ قالمىسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78355
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3148
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-4-4
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 02:41:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئانىللىرىمىز بويۇن قىسىپ قالمىسۇن

مەن ئالدىنقى بىر ھەپتە شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئېستانىسىسنىڭ «تۈن تېۋىشلىرى فىرگىراممىسىدا»بىر غېرىپ ئانىنىڭ ئۆز پۇشتىدىن تامغان توققۇز پەرزەنىت ئالدىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىغىدەك ساداسىنى ئاڭلاپ،يۈرۈگۈم«ۋىژژىدە»ئېچىشتى.بۇ ئانا مۇشۇ ھەقتە،رىياسەتچىلەردىن مەسلىھەت سوراپ،ئۆزىنىڭ قانداق قىلىشنىڭ لازىملىقى ھەققىدە بىر قىسىم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغاندىن كېيىن،يىغلاپ تۇرۇپ سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۈردى.ئەسلىدە بۇ ئانىنىڭ توققۇز پەرزەنتى بولۇپ،بىر ئوغول،سەككىز قىز ئېكەن،ھەممىسى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ،ئوغلى يېنىدا قىزلىرى ھەممىسى باشقا يۈرتلاردا ئېكەن.ئوغول ئانىسىنى پەقەتلا ياقتۇرمايدىكەن.شۇڭا بۇ ئانا70ياشتىن ھالقىغان بولسىمۇ ئۆز جېنىنى ئۆزى قامدايدىكەن.ئوغلىغا نەچچە قېتىملاپ ياردەم تەلەپ قىلسىمۇ،ئايالى بىلەن بىرلىشىپ،بۇ ئانىنىڭ ھېچقانداق ئىشلىرىغا ياردەملەشمەيدىكەن.

يۇقۇرقى بايانلارنى ئاڭلاۋېتىپ،كۆزۇمدىن ياشلارمۇ ئاقتى.توۋا دېمەكتىن باشقىنى دىيەلمىدىم.ھېلىقى ئوغولغا نىسبەتەن شۇنچىلىك ئۆچلىگىم كەلدىكى،ئادەم بالىسىنىڭ بۇنچە يارىلىپ قېلىشىغا ئېشەنمىدىم.رادىئودا ئانىنىڭ قانچىلىك يىغلاپ تۇرۇپ ئېيىتقان ھەر بىر سۆزىدىن شۇنچىلىك تەسىرلەندىم.يەنە شۇ ئانىنىڭ ئەشۇ مېھىرسىز باللىرىغا شۇنچە چىدىمايدىغانلىقىنى،ئۇلارنى نەچچە قېتىملاپ،ئۆيىگە تەكلىپ قىلسىمۇ كەلمىگەنلىگىنى،قېرىغاندا ئانچە-مۇنچە كۆرۈپ تۇرمىسا باغرىنىڭ چىدىمايدىغانلىغىنى،بىر كۈنلىرى ھېچقايسىسىغا،ھېچنىمە دىيەلمەي ئۆلۈپ كېتىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيىتقىنىدا نېمىلەرنىدۇر ئويلىدىم.

ئانا،نېمە دىگەن ئۆلمەس تېما ھە؟ئانا مېھرى قۇرىماس بۇلاق.شۇنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى-جاھاندا سۇغا تەشنا بولمايدىغان بىرمۇ ھاياتلىق بولمىغىنىدەك،ئانا مېھرىدىن ئوزۇقلانمايدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق.ئەمىلىيەتتىمۇ،ئانا-دۇنيادىكى ئەڭ شەخسىيەتسىز،ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان.ئۇ ئۆزىنىڭ تومۇرىدىكى قان ۋە ئوغۇز سۇتى بىلەن پەرزەنتلەرگە مۇھەببەت ئاتا قىلغان.ئانا-بارلىق مۇھەببەتنىڭ مەنبەسى.ھازىر قارايدىغان بولساق،مەيلى قەيەردىلا بولمايلى،ئانىلارنى قەدىرلەش،ئولۇغلاش ھەققىدىكى تەۋسىيىلەر قۇلاق تۇۋىمىزدە ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.سەھنە ئېكرانلىرىدىمۇ مۇشۇ ھەقتىكى ناخشىلار ئەڭ يېقىشلىق ئاڭلىنىدۇ.مەن بۇ ئانىنىڭ ئوغلىنىڭ خوتۇن كەينىگە كىرىپ،ئانىسىدىن ۋاز كېچىشنىڭ سىرىنى بىلمىدىم.بۇ بەلكى ھېلىقى پەرزەنتتىكى ساداقەت بولسا كېرەك.خوتۈن-بالىغا ئىگە بولغان بۇ پەرزەنتنىڭ، ئانىسىغا بولغان مېھرىنىڭ سۇسلىشىشى،بەلكىم كەلگۈسىدىكى ئانا بولماقچى بولغان ھېلىقى ئىقتىدارسىز خوتۇننىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.بىراق بىر ئەر بولغۇچىنىڭ ئايال تەرپىندىن ئانىسىدىن كېچىشى بۇ تولىمۇ ئەقىلسىزلىكنىڭ ئېپادىسى.مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا،ۋىژدانىغا ئېت دەسسىگەنلىك،خوتۈنغا قۇل بولغانلىق،ئېشەك سۇيدىگىنى ئېچكەنلىك،توخۇ پوقىغا بۇلانغانلىق،مەرەز چاپلاشقانلىق،ئېمانىنى يوقاتقانلىق،ئەسلىنى ئۇنۇتقانلىق ئەلبەتتە.

ئەپسۇس،ئانا قەدرىنى پەقەت ئانىللىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەرلا چۈشەنسە كېرەك.ھايات تولىمۇ رەڭدار،ھاياتلىقتا ھەر خىل ئادەملەر مەۋجۇت.ئەتراپىمىزغا دىققەت قىلىدىغان بولساق،بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆز ئانىللىرىنى بارلىقىنى ئاتا قىلىپ،ھەجگە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى،بەزىلەرنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەملەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى،يىمەي يىگۈزۈپ،كىيمەي كىيگۈزۈپ بارلىق ئاماللار بىلەن ئانىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى،ساياھەت قىلدۇرىۋاتقانلىقىنى،دۈنيا يېڭىقلىرى بىلەن تەمىن ئېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىساق ۋە كۆرسەك،يەنە بەزىلەرنىڭ ئانىللىرىنى تىللاۋاتقانلىقىنى،كارى بولمايۋاتقانلىقىنى،ئاللانېمىلەرنى ئانىللىرىدىن تالىشىپ،ئولارنىڭ دىلىغا ئازار بىرىۋاتقانلىقىنى،بىر قىسىم خوشنىللىرىنىڭ،خوتۇن-باللىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىغا ئالدىنىپ،يۈرىگىنى يېرىپ چىققان ئەشۇ سۆيۈملۈك ئانىللىرىدىن ۋاز كېچىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمىز ۋە كۆرىمىز.

-ھەي،كۆزى كور ئەركەكلەر،دىلى قاراڭغۇ بەندىلەر،ئازغۇن ئىنسانلار،ئۆزىنىڭ كىملىگىنى تېخى تونۇپ يەتمىگەن كەلگۇسىدىكى ئانا بولمىش  قىز-چوكانلار.كۆز ئالدىمىزدىكى بىزگە يېقىنلا يەردە تۇرغان قورقۇنۇشلۇق ئەجەلنىڭ كۈنسىرى پايلاپ يۈرگەنلىگىنى ئۇنۇتمايلى.«ئالتە كۈنلۈك ئالەم بۇ،كىم مۇرادىغا يەتتى»...دىگەندەك،مۇرادىمىز ھاسىل بولغىچە ئانىللىرىمىز بىزدىن يىراقلىشىدۇ.ئەنە شۇ ئانىلارنىڭ ئاپئاق سۈتلىرى،مېھىر-مۇھەببەتلىرى بولغاچقىلا بىز ئۇلۇغ،ئەشۇ ئانىلارنىڭ تالاي جاپا-مۇشەققەتلىرى بىزگە سىڭگەچكىلا بىز بەختىيار.ئەشۇ ئانىلارنىڭ پاك سۆيگۈللىرى بولغاچقىلا بىز شۇنچىلىك ئۇز.بىز ئەنە شۇئېغىزلىرىمىزغا نان چايناپ يىگۈزۈپ،بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتۇرغان ئانىللىرىمىزدىن تانمايلى.ھەر قانداق ئېنساننىڭ قەدرى ئۆلگەندىن كېيىن بىلىنىدۇ،بىز يەنە بىر تىرىلىشنى كۈتمەيلى.قاپاقلىرىمىزدىن مۇز ياغدۇرماي،بوران ئۇچۇرماي،ئانىللىرىمىزنىڭ بەللىرىنى،پۇتلىرىنى تۇتۇپ قويايلى.قۇرۇق نانغا چىشى ئۆتمەي تۇرغان ئەنە شۇ ئانىلاردىن پەخىرلىنىپ،«پاقلان سويۇپ بېرەي دىسەم سەن يوق»دەپ ناخشا ئوقۇپ يۇرمەستىن،خېيالنى رېئاللىققا ئايلاندۈرۈپ،دەرھال پاقلان سويۇپ بېرەيلى.ئۆزىمىز قەن چاي ئىچىپ ئولتۇرغاندا،ئەشۇ ئانىللىرىمىزنىڭ چايسىز يۈرگەن كۈنلىرىنى ئويلاپ قويايلى.باللىرىمىزغا بازاردىن سومكىللىرىمىزغا،قويۇنلىرىمىزغا سېلىپ ئېلىپ كەلگەن نەرسىللىرىمىزدىن،ئەل قاتارى بىرىپ ئۆتەيلى.كېچە-كۈندۈز قاتار چايلاردا،بەزمىخانىلاردا يۈرگەن چاغلىرىمىزدا،جەينىمىزىدا ئولتۇرۇپ،بەختىمىز ئۈچۈن تەسۋىي سىېرىپ ئولتۇرغان،قان-ياشلىق ئانىللىرىمىز سىماسىنى ئويلاپ قويايلى.تاغدەك يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلىپ،سىزگە تەلمۇرگەن،تەقدىر-قېسمەتلەرگە بوي ئېگىپ،سىزدەك پەرزەنتىنىڭ بولغانلىقىدىن ئالەمچە شاتلىنىپ يۇرگەن ئانىللىرىمىزنىڭ ھالى ھېلىقىدەك بولۇپ قالمىسۇن.ياشانغاندىكى ئەشۇ كۇنسىرى ۋىجىكلىشىپ كېتىپ بارغان ئانىللىرىمىزنىڭ سىز ئۈچۈن ئارتۈقچە چىقىم سېلىۋىتىپ،چېنە-قاچىلاپ تاماق يەۋىتىشىمۇ ناتايىن،سىز بىر چىنە تاماق يىگەندە،ئۇلارنىڭ يىيىشى يېرىم پىيالە ياكى بىر پىيالە(شۇنى زورلىسىڭىز تېخى). ئۇنداقتاسىز نېمىگە ئۇنچە بىزار بولىسىز؟يېنىڭىزغا تەلمۇرۇپ كەلگەن ئانىللىرىڭىزدىن يىراقلىشىسىز؟-ئەي بالىلار،ئەشۇ ئانىللىرىمىزنى دەپ ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا قالمايلى.بىز سىرىتتا يۈرگەن ئەشۇ كۈنلىرىمىزدىكى ئانىللىرىمىزنىڭ كېلىنلەر ئالدىدىكى دېدەكلىك ھالەتلىرىنى،غېرىپسىنىپ،بويۇن قىسقان چاغلىرىنى كۆزىڭىز كۆرۈپ قالمىسۇن!-ئەي پەرزەنىتلەر،ئانىلار گۈناھكار ئەمەس ياكى قەرىزدار ئەمەس.ئۇلار بىز ئۈچۈن ئەڭ ئەتىۋارلىق مېھمان.ئۇلارنى ھاياتلىغىدا قولىڭىزدىن كېلىشىچە مېھمان قىلىۋېلىڭ.بېشىڭىزغا ئېلىپ كۆتىرۋېلىڭ.ھەجگە-ھەرەمگە ئېلىپ بېرۋېلىڭ.ئانا سىزنى قۇچاقلىغان بوۋاقلىق دەقىقىللىدىكىدەك ھالەتلىرىڭىز بىلەن قۇچاقلىۋېلىڭ.ئۇلار شۇندىلا مۇرادىغا يېتىدۇ.ئاخىرىدا شۇنىمۇ ئېيتىپ قويايكى-دۇنيادىكى بارلىق ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغاندىن كېيىنكى سېغىنىشلىق مۇڭلىرىنى ئاڭلاشقا ئەمەس،بەلكى،ھايات چېغىدا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە مۇناسىپ مۇھەببىتىنى كۆرۈشكە ۋە ئۇنىڭدىن لەززەتلىنىشكە مۇھتاج.ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ بىردىنبىر ئىپادىسى ئەمەلىيەت.شۇڭا سىز ئانىڭىزدىن يەتتە پۇكلىنىپ تۇرۇپ گۇناھلىرىڭىزنى تىلىۋېلىڭ.ئانىنىڭ دۇاسى يەنە ئەرنى كۆكلىتىدۇ،ۋەيرانمۇ قىلىۋىتىدۇ.ھەر قانداق ئانىنىڭ ئۆز بالىسىدىن رەنجىگىنى بولمايدۇ،پەقەت سىز، بىزدەك رەنجىتىدىغىنى بولىدۇ.ئۇلار بىزنىڭ بەختىمىز،تەختىمىز،قوياشىمىز،ئايىمىز.بىزدە يەنە«ئاتىنىڭ كۆڭلى ئاغرىسا يەر تىترەر،ئانىنىڭ كۆڭلى ئاغرىسا ئۆي»دىگەن تەمسىلمۇ بار.ئانىللىرىمىزنىڭ كۆڭلى ئاغرىپ قالمىسۇن،ئۆي تىترىسە قانداق بولىدىغانلىقى سىزگە ئېنىق. قىسقىسى ئانىلارنى خارلىمايلى؟!ئولار بويۇن قىسىپ قالمىسۇن...بەندىلەر.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 693
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1529
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 546 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 06:15:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي قانداق ئىنساندۇ ئۇ،ئەجەپ باغرى تاشنامەرت ئىسانكىنائۇ.
ئەركەكلىكىنى يوقاتقانھەي ۋىژدانسىز،ئاناڭنىڭ ئاھى تۇتماسمۇ سىنى ،كېچىسى قانداق خاتىرجەم ئۇخلاپ يېتىۋاتقانسە.
9 بالىنىڭ كارامىتى مانا،بىر ئانىنىڭ كۆڭلىگە خوشاللىق ئاتا قىلالماپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 971
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 07:27:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا رازى خۇدا رازى دېگەننى ئاڭلىمىغان ئوخشايدۇ…

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

我信任有一天来福

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112643
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2015-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 09:27:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىسىنى بويۇن قىستۇرغاننىڭ ھەممىسى ھارامدىن بولغانمىكى دەيمە ئۆزەمچە ! !

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر . . . .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114306
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2015-2-12
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 10:09:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىق باللارغا ئىنساپ تىلەيلىكى، يەنە توۋبە قىلايلى، مەن ئويلايمەن ئەگەر شۇ ئاتا-ئانلا باللىلار كىچىك ۋاختىدا ھەقىقەتنى تونوتقان بولسا يەنە ئىلمى بىر ئادەم قىلىپ تەربىيەلگەن بولسىتى ئاشۇ پەرزەنتلەر ئاتا-ئانسى ئۇچۇن جىننىمۇ بىرەلەيدۇ دەپ ئىشنىمە ئۈزۇمچە

ئىقدىسادىدىن ئايرىلغان مىللەت باشقىلارنىڭ بىر پەشۋا ئىتىشىغا يارمايدۇ ،لىكىن ئىتقادىن ئايرىغان مىللەت ياتل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4974
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1119 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 10:43:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىنىڭ قەدىر  قىممىتىنى بىلگەنلەر قەدىرلەيدۇ . بىلمىگەنلەرگە بەرى  بىر....

427994_524532427567928_1822252328_n.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32152
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 11:29:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەفەر يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 10:43 PM
ئانىنىڭ قەدىر  قىممىتىنى بىلگەنلەر قەدىرلەيدۇ . بىلمىگ ...

مەنمۇ ئانام بولغان بولسا بىر يۈدۈۋالسام ھە!

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4605
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 12:02:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەفەر يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 10:43 PM
ئانىنىڭ قەدىر  قىممىتىنى بىلگەنلەر قەدىرلەيدۇ . بىلمىگ ...

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.......................بۇ رەسىمدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم...................

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111172
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 230
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2014-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 11:07:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئانا ئون بالنى باقالايدۇ، لىكىن ، ئون بالا بىر ئاننى  باقالمايدۇ،ئۇلۇغ ئاللاھ ھەر-بىرمىزىنڭ  كوڭلىگە  ئنساپ بەرسۇن.ئامىن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16327
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8167
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 2201 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 11:42:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداق دېسىڭىز ، ئۇنىڭ ئانىسىغا ھاقارەت بولۇپ قالىدۇ ، ئىزدىگۈچى .
بىلسەك ، ھەممىمىز ئاتا -ئانىغا ئۆمۈرۋايەت قەرزدار . يەنە كېلىپ  مېھىر قەرزىنى مېھىر بىلەن قايتۇرۇش كېرەك . ھەر بىر قەدىمىمىزدىن ، ھەر بىر تىنىقىمىزغىچە ئاتا - ئانىمىزنىڭ مېھنىتى بار . جاھاندا ئانا مېھرىگە تەڭلىشەلەيدىغان ھېچنېمە يوق .  ئاتا - ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ، ئۇلارنى رازى قىلمىغان پەرزەنتلەرنىڭ ھايۋاندىن پەرقى يوق ، دېيىشكە تامامەن بولىدۇ .  ئۇلار پۇل تېپىپ باي بولۇشىمۇ مۇمكىن ، لېكىن بەختكە ئېرىشەلمەيدۇ ، ھېدايەتكە ئېرىشەلمەيدۇ . تاپقان - تەرگىنىنىڭ بەركىتى بولمايدۇ ....
بۇ  ئانىنىڭ ئازابلىرىنىڭ مەنبەسىنى بۇ مەن مۇنداق ئىككى نۇقتىدىن تەھلىل قىلىپ باقتىم : بىرى ، ئاشۇ ئانا بالىلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ، قاتارغا قوشقان ، ئەمما ئۆزىگە كۆيۈنىدىغان قىلىپ تەربىيەلىيەلمىگەن . يەنە بىرى ئاشۇ ئانىنىڭمۇ ئانىسىغان قىلغانلىرىنى بالىلىرى قايتۇرۇپ بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن . بۇ گەپ ئاڭلىماققا قوپالراق تۇيۇلغىنى بىلەن ، رېئاللىقتا ئاساسى بار .
ئائىلىدە بالىلارنى پادىشاھ قىلىپ قويمايلى ، ئۇلارغا يۈرىكىمىزدە كۆيۈپ ، ئەمەلىيەتتە ، تەلەپچانراق بولايلى ، ئىنسابسىز ، شەخسىيەتچى بالا بولۇپ قالمىسۇن . ئاتا - ئانىمىزغا نەرسە - كېرەك سېتىۋالغاندا ، سوۋغاتلىق تەييارلىغاندا ، مېھمان قىلغاندا ، ئىشلىرىنى قىلغاندا ، ساياھەتكە ئاپارغاندا ، پۇتلىرىنى تۇتۇپ ، بەللىرىنى ئۇۋۇلاپ قويغاندا بالىلارنىمۇ بىرگە ئېلىۋالايلى ، بىزنىڭ ئاتا - ئانىمىزغا نېمىلەرنى قىلىپ بېرىۋاتقانلىقىمىزنى ، نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدىن بىلسۇن ، ھېس قىلسۇن . دىلى ئېرىيدۇ، قەلبى يۇمشايدۇ  . بەزى گەپلەرنى مىڭ قېتىم ئاڭلىغاندىن، ئەمەلىيەتتە بىر قېتىم كۆرىۋالسا ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ . ئاتا - ئانىسى بارلار  ئاتا - ئانىمىزغا كۆڭۈل بۆلەيلى ، ئىش بولمىسىىمۇ بالىلارنى ئېلىپ بېرىپ ، قونۇپ، ئۇلارنىڭ ياتقان يوتقان كۆرپىلىرىنى ، كىيگەن ئىچ كىيىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى ، ئاشخانىغا ، ئېغىل - قوتانلارغا ، قازناقلارغا كىرىپ قاراپ باقايلى ، چىرايىغا ، قوللىرىغا ،  دۈمبىسىگە ، پاچاقلىرىغا قاراپ باقايلى.  ئاتا - ئانىلارنىڭ بىزگە دېمىگەن ، دېيەلمىگەنلىرىنى ئاشۇلار بىزگە ئەينەن دەپ بېرەلەيدۇ . يەنە نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلەيمىز . ۋاپادارلىقىمىزنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز . قوشنىلار : « چوڭ ئانا ، سالامەت ، ئوبدان تۇرۇپلا » دېسە ، ئۇ  پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تەبەسسۇم بىلەن «  بالام بار ئەمەسمۇ » دېيەلىسۇن .  
بالىلىرىمىزغا كۆيگەننىڭ يېرىمىچىلىك بولسىمۇ ئاتا - ئانىمىزغا كۆيسەك ، نۇرغۇن ئىشلار تەبىئىيلا ئىزىغا چۈشىدۇ .
دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان بەزى خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە شەنبە ئەتىگەندە كۆچۈپلا كېلىپ ، راسا يەپ ، ئۇخلاپ يەكشەنبە كەچتە قايتىشنى ۋاپادارلىق قاتارىغا تىزالمايمەن  .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
welyam886 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش