ئۆتكەن زاماندا ھاشىماخۇن دېگەن بىر كىشى ئۆتكەنىكەن.ئۇ بىر كۈنى ئەتىگەندە مەسچىتكە چىقىپ كېتىپ،تالادىن يۆتەلگىنىچە كېرىپ كەپتۇ-دە،ئېغىر ئۇھ تارتىپتۇ.
-نېمىش بولدى؟تازىمۇ يۆتىلىپ ئۇھ-ئۇھلاپ كەتتىلىغۇ؟-دەپ سوراپتۇ ئايالى.
-ھېچقىسى يوق -دەپتۇ ھاشىماخۇن،-ئىچقارنىم يورۇپ خىلى ياخشى بولۇپ قالدىم.
-نېمە بولغانتىلە؟-دەپ سوراپتۇ ئەجەپلەنگەن ئايالى.
-كىشىگە دېمىگىن،-دەپتۇ ھاشىماخۇن ئايالىغا سىرلىق قاراپ،-يولدا كېتىۋىتىپ قاتتىق يۆتەلگەنتىم يۆتەل بىلەن تەڭ ئىچىمدىن بىر قاغا ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى،شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم بىر قىسما بولۇپ قالدىم.
-ۋاي ئەمىسە تېۋىپ چاقىرىپ كېلەي،كۆرسىتىپ باقايلى،-دەپتۇ ئايالى.
-قاغا بىلەن بىللە ئىچىمدىكى دەرتمۇ چىقىپ كەتتى،خۇداغا شۈكرى،-دەپ قويۇپ ئۆز ئىشىغا كېتىپتۇ ھاشىماخۇن.
ئۇ بۇگەپنى ئايالىدىن باشقا ھېچكىمگە دېمەي،ئايالى ئارقىلىق مەھەللىگە تارقىلىپ،قانچىلىك دەرىجىگە يېتىدىغانلىقىنى سىناپ باقماقچى بوپتۇ.ئۇ چۈشتە تاماققا كېلىۋاتقاندا يولدا<يۇقۇرىقى مەھەللىدە بىر ئادەمنىڭ ئىچىدىن ئونبەش قاغا چىقىپتىمىش>،<ياق ئوتتۇز قاغا ئىكەن>،دېگەن پاراڭلار قۇلىقىغا كېرىپتۇ.ئۇ مېيىغىدا كۈلۈپ قويۇپ يولىغا مېڭىۋىرىپتۇ.ئۆيىگە يىقىن كەلگەندە دوقمۇشتا بىر توپ ئادەمنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ.
-ھادىسە كەپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق،-دەپتۇ بىرى،-ئىچىلىرىدىن سەكسەن قاغا چىقىپتىمىشقۇ! بىز ئۆزلىرىنى يوقلاپ مېڭىۋىدۇق...
-ھەر قايسىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىگە رەھمەت،-دەپتۇ ھاشىماخۇن،-ئۇنداق ئىش بولغىنى يوق.
جامائەت ھاڭ-تاڭلىقتا قايتىپ كېتىپتۇ.ئۇ ئۆيگە كېرىشى بىلەن ئايالى؛
-سېلى ماڭا يالغان ئېيتىپتىلا،-دەپ خاپا بوپتۇ،-ئىچىلىرىدىن توقسان قاغا چىقىپتىغۇ،ماڭا بىرنى دىگەنتىلە.
ھاشىماخۇن ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ؛
-ئۇنداق بولسا ئەتىگەنكى بىرىنى قوشۇپ<يۈز قاغا چىقتى >دەۋەرساڭ بولمىدىمۇ؟!-دەپتۇ-دە قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ.
يالغان سۆز بىر دەمدىلا ئەنە شۇنداق بالداقمۇ-بالداق ئۆرلەپ تىز تارقالغانكەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. {& W' r' ?' B3 ?! l
مەنبە؛-بوۋام ئېيتقان ھېكمەتلەر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ y" } d2 E T, D
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 M4 ]! |9 @/ |8 u# s2 b