توردىكى مۇھەببەت
9
سىز بىر كۈرۈپ ياخشى كۈرۈشكە ئىشىنەمسىز ؟
بەلكىم ئىشىنىدىغانسىز ياكى ئىشەنمەيدىغانسىز . بۇرۇن مەنمۇ ئىشەنمەيتىم لىكىن بۇ قېتىم راسلا شۇنداق بولدى شۇنداق مەن ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قالغان ئىدىم بەلكىم بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدىغاندۇ چۈنكى كىچىكلىكتە نېمە ئىش يۈز بەرمەيدۇ دەيسىز . ئۇنىڭ تاتلىق كۈلۈشلىرى قىزقارلىق گەپلىرى شوخ مىجەزى بەلكىم ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قېلىشىمغا سەۋەپچى بولغاندۇ ياكى شۇنچە ئۇزۇن يالغۇزلىقنىڭ دەردىنى تاتىپ يۈرگەن بۇ يۈرۈكۈمنىڭ ئەمدى يالغۇز يۈرگىسى كەلمىگەندۇ . ئىشقىلىپ سەۋەبىنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن
ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق قىلىپ خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق ئۈزەمنى ئۇنىڭغا خېلى ياخشى تەسىر بەدىم دەپ ئويلايمەن . كەچمۇ بۇلاي دىدى ئۇ ئۆيگە كىتىدىغانلىقىنى ئېيىتتى ئۇنى ئۈيىگە ئاپىرىپ قۇيىدىغان بولدۇم لىكىن كۆڭلۈمدە يەنىلا ئۇنىڭغا قىيماۋاتاتتىم ئۇنىڭ بىلەن يەنە پاراڭلاشقۇم بار ئىدى شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا پاراڭلاشقاچ مېڭىپ كىتەيلى دىسەم ئۇ ماقۇل دىدى . ئۇنىڭ ماقۇل دىگىننى ئاڭلاپ ئۈزەمچە بەك خۇش بوپ كەتتىم شۇندا قىلىپ پاراڭلاشقاچ مېڭىپ ماڭدۇق . يولدا ماڭغاچ ياخشى كۈردىغان ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلىرىمىز توغرۇلۇق پاراڭلاشتۇق بەزىدە ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ تە قىلسام مىنى قوغلاپ مۈرەمگە ئۇرۇپ كىتەتتى ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى ئۇنى ماڭا تېخىمۇ يېقىن ھىس قىلدۇردى يول بۇيى كۈلكە چاخچاق بىلەن ماڭدۇق ئۇنىڭ ئۈيىگە ئاز قالغاندا ئۇنىڭدىن سورۇدۇم
- بىز ئەمدى قاچانلىققا كۈرشىمىز ؟
ئۇنىڭ چوقۇم يەنە كۈرشىمىز دىيىشىنى كۈتەتتىم چۈنكى ئۇنىڭ مىنى شۇنداق يېقىن كۈرۈشلىرى يېقىن دوستىدەك كۈلكە چاقچاق بىلەن قىلغان مۇئامىلىسى ئۇنىڭمۇ ماڭا بىر ئاز بولسىمۇ قىزىقىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى
- ئەمدى سەن بىلەن كۈرۈشمەيمەن ئەمدى مىنى ئىزدىمە .
بېشىمغا بىر چىلەك سۇ قۇيىۋەتكەندەك ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى شۇنچە ئۈمۈتۋار ھالدا سۇرىغان سۇئالىم مانا مۇشۇ جاۋاپ بىلەن تۇۋاقلىنىپ قالدى ئۈزەمنى خۇددى بىرسى كىلىپ ئىگىز كۈتۈرۈپ ئاندىن يەنە يەرگە تاشلىۋەتكەندەك ھىس قىلدىم شۇن چاغدىكى ھالىتىم تولىمۇ بىچچارە ئۇنىڭدىن يەنە سورۇدۇم
- چاخچاق قىلىۋاتامسەن يا راس دەۋاتامسەن ؟
ئۇ بىردەم گەپ قىلماي تۇرغاندىن كىيىن قۇلۇمدىن تېلغۇنىمنى ئېلىپ تېلغۇن نۇمرىنى كىرگۈزۈپ بىرنى كۈلۈپ قۇيۇپ ئۈيىگە كىرىپ كەتتى .
ئۇف يۈرۈگۈم ئىزىغا چۈشتى ئەگەر ئۇ گەپمۇ قىلماي كەتكەن بولسا قانداق بوپ كىتەر بولغۇيتۇم ھە . ئورنۇمدا بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازدىم
- ئادەمنى ئەجەپ ئەخمەق قىلدىڭ ھە سەت شۇم .
ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ ئۇچۇر قايتۇردى
- ھې ھې ئاشتا قىممىسام قىززىق بولمايدۇ دۆت چوشقا .
ئۇنىڭ قايتۇرغان ئۇچۇرىنى كۈرۈپ يۈرۈگۈم ئاندىن ئىزىغا چۈشتى خۇشال ھالدا ئۈيۈمگە كەتتىم . تامىقىمنى يەپ بولۇپ يېتىپ ئۇنى خىيال قىلىشغا باشلىدىم
ئۇنىڭ تاتلىق كۈلكىسى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايتى گىلاستەك لەۋلىرى كۈلسە نۇرلىنىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆزلىرى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتى . ئىشقىلىپ پۈتۈن خىيالىمنى ئۇ ئىگەللىۋالغان ئىدى . شۇ كۈندىن باشلاپ شىرىن چۈش قوينىغا كىرىپ كەتكەن ئىدىم
ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتتى بىر كۈنى دەم ئېلىش ۋاقتىدا ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرسام ھېلىقى ئويۇن ئۈچۈن تونۇشقان قىزبالا تۇيۇقسىز ماڭا بىر خەت بەردى راس گەپ قىلسام ئۇ كۈزۈمگە بىر خىل سەت كۈرۈندى بەلكىم بەك شەخسىيەتچى ئوخشايمەن ياكى ھېلىقىدەك يېڭىنى تاپسا كونىسىنى ئۇنتۇيدىغان مىجەز باشقىلاردا ئەمەس مەندە ئوخشايدۇ .
ئۇ بەرگەن خەتنى ئوقۇمۇدۇم چۈنكى ئىچىدە نېمە مەزمۇن بارلىقىنى پەرەز قىلىپ بولغان ئىدىم
خەتنى ئۇنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ ئۇنىڭغا پەقەت كەچۈرۈڭ دىگەن گەپنىلا قىلالىدىم
ئۇ چاغدىكى ھالىتىمدە بەلكىم كەچۈرۈڭ دىگەن گەپتىن باشقا گەپ قىلىشنى ئارتۇقچە دەپ ئويلىغاندىمەن ياكى ئۇنىڭ ئۈمۈتسىزلىك بىلەن ماڭا قاراپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ بىر ئاز خىجىل بولۇپ قالغاندىمەن . ئىشقىلىپ ئۇ چاغدا زادى نېمە ئويلىغىنىمنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن
ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ماڭا ئۈمۈتسىزلىك بىلەن قاراپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزلىرى ھازىرغا كەلگۈچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ . بەلكىم مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقماس
ئۇنىڭغا قاراپ تۇرىۋەرگۈم كەلمىدى شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىن يەنە قاچتىم مەكتەپتىن قاچىدىغان بۇ كونا كىسىلىم يەنە قوزغالدى . مەكتەپتىن يېنىپ چىقىپ يەنە تورخانىغا كىردىم
ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرسام تۇيۇقسىز ئۇ خەت يېزىپتۇ
- نېم قىلۋاتىسەن چوشقام .
شۇ چاغدا ئۇنىڭ مىنى تىللاشلىرىمۇ شۇنداق يېقىملىق تۇيۇلاتتى لىكىن بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىش تۈپەيلى ئانچە ئېچىلالمايۋاتاتتىم شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىقىنى ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكۈمنىڭ بارلىقىنى ئېيىتتىم . ئۇ ماقۇل بولدى شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى قېتىم كۈرۈشكەن جايدا كۈرىشىدىغان بولدۇق . ئۇ يەرگە يەنە ئۇنىڭدىن بالدۇراق بادىم ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ كەلدى
ئۇنى كۈرۈپ كۆڭلۈم خېلى ئېچىلىپ قالغاندەك بولدى لىكىن ئۇنىڭ يەنە ھېلىقې 《كۇچا چىرىغى 》ئادىشى بىللە كەلگەن ئىدى ئۇنىڭ ئادىشىنى كۈرۈپ يەنە ئىچىم سىقىلىپ كەتتى
شۇنىڭ بىلەن ئۇنى بىرچەتكە تارتىپ
- ھېي مۇشۇ ئادىشىڭنى ئەكەممىسەڭ نېم بۇلا خۇددى مەن سىنى يەيدىغاندەك .
قاپىقىمنى تۈرۈپ تۇرۇپ شۇنداق دىدىم . لىكىن ئۇ بولسا شۇنداق خۇشال خۇددى ھېچقانداق غېمى يوق ئادەمدەك كۈلۈپ تۇرۇپ گەپ قىلاتتى
- ئۇ مىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىشىم بۇرۇندىن شۇ نېمىش قىلساق بىللە قىلىپ كۈنەپ قاپتىمەن .
- بولدى قۇرۇق گەپ قىلماي كەتكۈزىۋىتە ئادەمنىڭ نېرۋىسى ئۆرلەپ تۇرغاندا ئادەمنىڭ كۈزىگە سەت كۈرەندۈمەي
- ۋۇجان نېرۋاڭ ئۆلىسە نېم قىلىسە ئەمسە مەن بىلەن كۈرشەپ خەقتىن ئالاممىغان ئاچچىقىڭنى مەندىن ئالامتىڭ توۋا
ئۇنىڭ قاپىقىمۇ تۈرۈلىشكە باشلىدى . ئۇنىڭغا يەنە ئازراق ئۇشۇق گەپ قىلسام ئۇنىڭ ئاچچىقى كەپ قالىدىغاندەك قىلاتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا گەپ قىلماي ئۇنىڭ ئادشىغا دىدىم .
- خاپا بولمىسىڭىز كىتىپ تۇرامسىز ئۇنىڭغا دەيدىغان گېپىم بار ئىدى .
ئۇنىڭ ئادىشى ئۇشۇق گەپ قىلماي كىتەي دەپ تۇرسا بۇ بىرنېمە ئاچچىقلاپ كەتتى
- ئەمسە مەنمۇ كىتەي بولدى كەتسەك بىللە كىتىمىز خوش .
ئۇف ئۇ شۇنداق دەپ ئادىشىنى ئېلىپ ماڭدى . نېم دىيىشىمى نېم قىلىشىمنى بىلمەي جايىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم ئۇ ئىككىسى خېلى بىر يەرگە بارغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا تېلغۇن قىلدىم
- ئەگەر كەتسەڭ ئەمدى بۇندىن كىيىن سىنى ھەرگىز ئىزدىمەيمەن دوسلۇقىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولىدۇ . مىنى ھەرگىز تاپاممايسەن .
شۇنداق دەپلا تېلغۇننى قۇيىۋەتتىم .
توردىكى مۇھەببەت
10
بۇرۇندىن شۇنداق ئادىتىم بار بۇلۇپ ئاچچىقىم كەلسە كۈزۈمگە ھېچنەرسە كۈرۈنمەيدۇ ئاچچىقىمدا نېم گەپ بولسا دەپ سالاتتىم . گەرچە ئۇ ھېچقانداق ئىشنى خاتا قىلمىىسىمۇ ئۈزەمچە ئۇنىڭدىن خاپا بوپ قالغان ئىدىم تېلغۇندا ئۇندا چوڭ گەپ قىلغىنىم بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭمۇ ئاچچىقى كەپ قېلىپ ماڭا قارىماي كەتسە ئاندىن ئىككىنجى ئىزدىمەيدىغان بۇلاپ قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەيتىم .
تېلغۇننى قۇيىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭغا بىرنەچچە قېتىم قاراپ قويدۇم ئۇنىڭ چىرايىدىن ھېچ قايتىپ كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھېلىقى ئادىشى ئۇنىڭغا بىرنەرسە دىدى بولغاي ئۇ قايتىپ كەلدى . كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ ھېلىقى دەسلەپتە كۈزۈمگە سەت كۈرۈنگەن ئادىشىدىن خۇش بوپ قالدىم ئۇ يېنىمغا كىلىپلا ھىجىيىپ تۇرۇپ
- مىنىڭ ئاۋۇ ئادىشىم ساڭا ئاشىق بوپ قالدىمۇ نېمە ھېي بولدى كىتەيلى دىسەم سەن تەرەپتە تۇرۇپ تېخى كۆڭلى يېرىم بولغاندىكىن توغرا چۈشەن بېرىپ بىردەم پاراڭلىشىپ ئاندىن كەت دەيدۇ تېخى .
مەنمۇ كۈلكە ئارلاش جاۋاپ بەردىم
- سىنىڭ ئۇ سەت ئادىشىڭ بىلەن كىمنىڭ كارى ھېي ماڭا سەن بولساڭ بولدى دەيمەن
ئېسىمدە يوق شۇنداق دەپ ساپتىمەن . دەسلەپ ئۇ بىرئاز تېڭىرقاپ قالدى بولغاي بىردەم گەپ قىلماي تۇرىۋەتكەندىن كىيىن گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتى مەنمۇ بۇ توغرۇلۇق گەپ قىلىشقا تېخى بالدۇرلىقىنى ھىس قىلىپ مەنمۇ كۈلكە بىلەن ئۇ گەپنى تۈگىتىۋەتتىم .
گەپلىرىمىز ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئۇ كىلىشتىن بۇرۇن كەيپىياتىم شۇنداق ناچار ئىدى
ئۇ كىلىپلا شۇنداق ئېچىلىپ قالدىم ئۇنىڭغا قارىسام ئۈزۈمنى بەكلا خۇشال ھىس قىلاتتىم
شۇ چاغدىكى بىردىنبىر خۇشاللىقىم بەلكىم شۇ بولۇپ قالغان بولسا كېرەك . تۇرۇپلا كاللامغا بىر سۇئال كىرىپ قالدى . ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى بارمىدۇ ؟ ئۇ شۇنداق يېقىشلىق ھەم شۇنداق خۇش چاقچاق تۇرسا ئۇنى قوغلىشىدىغانلار بەلكىم جىقتۇ .
شۇ خىياللارنى قىلدىميۇ يەنە ئۆز خىيالىمدىن ۋاس كەچتىم بەلكىم ئۇ ئۇنداق سۇيۇق قىزلاردىن ئەمەستۇ ئۈزىنىڭ ئوغۇل دوستى بار تۇرۇپ يەنە مەن بىلەن كۈرشۈپ نېمە قىلىدۇ
ئوغۇل دوستى بولغان بولسا مەن بىلەن كۈرۈشمەس ئىدى . شۇنداق خىياللارنى قىلىپ ئولتۇرۇپ كىتىپتىمەن تۇيۇقسىز بېشىمغا تەككەن تاياقتىن سىلىنىپ كەتتىم
- ئۈزەڭ پاراڭلىشىمىز دەيسە چوشقا ئەمدى مەن ينىڭدا ئولتۇرسام نەدىكى خېنىملارنى ئەسلەپ ئولتۇرىسە نېمدا كىتەيمۇ يا مەن .
كىچىك بالىدەك ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ قويدى . ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى ماڭا بەكلا ئۇماق تۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى مەنمۇ كۈلۈپ كىتىپ
- ھەئە مىشەدە بىر سەت ساراڭنى خىيال قىلىۋاتىمەن بىلمىدىم ئۇنىڭمۇ خىيال قىلىدىغان ئادىمى بامىدۇ ؟
شۇنداق دەپ ئۇنىڭ كۈزىگە تىكىلىپ قارىدىم . ئۇنىڭ يۈزى تۇرۇپلا قىزىرىپ كەتتى . مەن بولسام ئۇنىڭغا تىكىلىپ ئولتۇراتتىم تۇيۇقسىز ئۇ سەل خىجىل بوپ قالدى بولغاي
-ئەمسە سەن شۇ ساراڭنى خىيال قىلىپ ئولتۇرىۋە مەن كەتتىم
ئۇ شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى . ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن نەدىن كەلدى ئۇ جاسارەت ئۇ ئورنىدىن تۇراي دەپ تۇرىشىغا ئۇنىڭ قۇلىدىن تۇتۇپلا قۇچاقلىۋالدىم .
تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىشلاردىن ئۇ چۈچۈپ كەتتىمۇ يا بۇنداق قىلىشىمنى خىيالىغا كەلتۈرمىدىمۇ جىملا تۇرۇپ قالدى . مەن بولسام ئۇنى قۇچاقلاپ تۇراتتىم بۇ قىلىقىمدىن ئۈزۈممۇ ھەيران قالدىم نەدىن كەلدىكى ئۇنچىلىك يۈرەك ئادەتتە شۇنچە چوڭ سۈپەت ئاخسا يۈرسەممۇ بىر قىزبالىنىڭ كۈزىگە تۈزۈكراق تىكىلىپ قارىياممايتىم . ئۇنى شۇنداق قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلىدىم .
- سىنى ياخشى كۈرىمەن بىز ئارلىشايلى بۇلامدۇ ؟
ئۇ بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ مىنى ئاستاغىنە ئىتتىرىۋەتتى . ئادەتتە شۇنچىلىك ئەركىن شۇنچىلىك شوخ ئۇچۇق يۇرۇق گەپ قىلىدىغان بىر قىز مانا ئەمدى شۇنچىلىك تارتىنچاق شۇنچىلىك خىجىلچان بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئۇ گەپ سۆز قىلمىدى ئارىمىزنى جىمغۇرلۇق قاپلىدى ئەزەلدىن بۇنداق جىمغۇر بولۇپ باقمىغان ئىدۇق مەن بولسام ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتەتتىم ئۇ بولسا ھېچنىمە دىمەي تىمىقىنى تاتلاپ جىم تۇراتتى . ئۇنىڭ بۇنداق سۈكۈت قىلىشلىرىدىن ئىچىم سىقىلىپ كەتتى ئاخىرى يەنە ئۈزەم گەپ قىلدىم .
- گەپ قىلمايسەنغۇ ئوغۇل دوستۇڭ ياكى بىرەر ياخشى كۈرىدىغان ئادىمىڭ بارمىتى يا ؟
ئۇ يەنە گەپ قىلمىدى . كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ چوقۇم ئوغۇل دوستى باركەن ياكى ياخشى كۈرىدىغان ئادىمى بارئىكەن دەپ ئويلۇدۇم . لىكىن شۇنداق بولسىمۇ بۇ خىياللىرىمغا ئۈزەم ئىشەنمەيتىم . ئۇنىڭ جىمجىت تۇرىشغا چىدىمىدىم شۇنىڭ بىلەن يەنە سورۇدۇم
- گەپ قىلە راس شۇنداق ئوخشىمامدۇ ؟ ياخشى كۈرىدىغان ئادىمىڭ بارمۇ؟
ئۇ ئاخىرى گەپ قىلدى .
- بولدى بىز بۇ توغرۇلۇق گەپ قىلىشمايلى مەندىن ئۇ ئىشلارنى سورىما قانداق ئويلىغۇڭ كەلسە شۇنداق ئويلاۋەر بولدى كىتەيلى .
ئۇ شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆيگە ماڭدۇق . يولدا ماڭغاچ بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق . خۇددى ناتۇنۇش ئادەملەردەكلا بۇ قېتىملىق مېڭىشىمىز ماڭا شۇنچىلىك ئۇزۇن تۇيۇلدى . يا ئۇ بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى يا مەن گەپ قىلمىدىم شۇنچىلىك ئۇزۇن ماڭغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى . ئۇنىڭ ئۈيىگىمۇ كەلدۇق ئۇ ماڭا بىر قاراپ قۇيۇپ ئۈيىگە كىرىپ كەتتى ئۇنىڭ شۇ قېتىمقى ماڭا قارىشى تولىمۇ غەلىتە .
كۆڭلۈمدە بەلكىم بۇئىككىمىزنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۈرشىشىمىز ئوخشايدۇ دىگەن خىياللارنىمۇ قىلىپ كەتتىم .
ئۆيگە كىلىپ تامىقىمنى يەپ بولۇپ كوچىدىكى چىراغ يۇرۇقىنىڭ ئاستىغا چىقىپ تاماكا چىكىپ ئولتۇردۇم . ئادەتتە ئىچىم سىقىلىپ كەتسىلا شۇ يەرگە چىقىپ تاماكا چىكىپ ئولتۇراتتىم . كاللامدا نۇرغۇن خىياللار پەيدا بولۇشقا باشلىدى بەلكىم ئۇ تۇيۇقسىز
ئۇنى قۇچاغلىغىنىمدىن خاپا بولۇپ قالغاندۇ . بوپتۇ بۇنىمۇ توغرا چۈشىنەي لىكىن ئۇنىڭ بولدى بۇ ئىشلار توغرۇلۇق پاراڭلاشمايلى دىگىنى نېمىسى ئەگەر ئوغۇل دوستى بار بولسا ياكى ياخشى كۈرىدىغان ئادىمى بولسا راس گېپىنى قىلسا بولمامدۇ . مەن ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋالارمىتىم . ئىشقىلىپ نۇرغۇن قالايمىقان خىياللار كاللامنى چىرمىۋالدى ئويلاۋېرىپ بېشىممۇ ئاغرىپ كەتتى . كاللامدا نۇرغۇن نېمىشقا دىگەن سۇئاللار چۆگلەپ يۈرەتتى . ئۇيەردە ئولتۇرۇشمۇ خوش ياقمىدى ئۇياق بۇياققىمۇ مېڭىپ باقتىم تېخىمۇ ئىچىم سىقىلىپ كەتتى .
بېرىپ ھاراق ئىچەيمۇ يا ؟ ياق ياق بۇنداق قىلسام بولمايدۇ چۈنكى مەن دىگەن ھازىر باشقا يۇرۇتتا ئەمەس ئۆز يۇرتۇمدا ئەگەر بۇ ئىشنى ئاتا ئانام بىلىپ قالسا ئۇلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن . بۇ خىيالىمدىنمۇ ۋاس كەچتىم ئاخىرى ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئۆيگە كىرىپ مۇزدەك سۇدا بىر يۇيۇنۇپ ئاندىن ئۇخلاشنى توغرا تاپتىم . ئۆيگە كىرىپ يۇيۇنۇپ بولۇپ ياتاق ئۈيۈمگە كىرىپ ياتتىم ھېچ ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس . شۇنىڭ بىلەن تىڭشىغۇچنى قۇلۇقۇمغا سېلىپ ناخشا ئاڭلاپ ياتتىم خېلى بىر ۋاقىتتىن كىيىن ئۇخلاپ قاپتىمەن . شۇ كۈندىن باشلاپ بىر نەچچە كۈن شۇنداق تەستە ئۆتتى . كۈنلىرىم شۇنداق مەنىسىز خۇددى بىر گومۇشتەك
توۋا دەيمەن بىر قىزبالىنىڭ مىنى شۇنچىلىك كونتىرول قىلىۋالغىنىغا ھېچ ئەقلىم يەتمەيدۇ . ئۇ خۇشال بولسا مەنمۇ خۇشال يۈرۈيدىكەنمەن ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسا مىنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولىدىكەن . ئۈزۈمنىڭ بۇنداق مۇھەببەت ئىشلىرىغا شۇنچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىمنى ئەنە شۇ چاغدا تۇنجى قېتىم ھىس قىلدىم . بەلكىم ئۇ ۋاقىتتا ئۇ تۇنجى قېتىم بولغاچقا شۇنداق ئېغىر كەلگەن بۇلىشى مۇمكىن .
شۇنداق قىلىپ قىلغان ئىشىمنىڭ تايىنى يوق مەنىسىز بىرنەچچە كۈن ئۈتۈپ كەتتى .
بىركۈنى چۈشتىن كىيىن دەرس ئاڭلاش يەنە خوش ياقمىدى شۇنىڭ بىلەن يەنە مەكتەپتىن قېچىپ تورخانىغا كىردىم ئەمدى كومپىيوتېرنى ئېچىپ ناخشا ئاڭلاي دەپ تۇرسام تېلغۇنۇم سايرىدى . قارىسام ئۇ تېلغۇن قىپتۇ ئۇنىڭ تېلغۇن قىلغىنىنى كۈرۈپ شۇنچىلك خۇش بولۇپ كەتتىم . تېلغۇننى خۇشال ئالدىم
لىكىن تېلغۇننى ئېلىپ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يەنە كۆڭلۈم بىر قىسىم بولۇپ قالغان ئىدى چۈنكى ئۇنىڭ گەپ قىلىشلىرى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايتى بۇرۇنقىدەك ئۇنداق كۈلكە چاقچاقتىن ئەسەرمۇ يوق . بىر قۇر ئەھۋال سۇراپ بولغاندىن كىيىن ئۇ مىنىڭ نەدە نېمىش قىلىۋاتقىنىمنى سورىدى مەنمۇ دەرس ئاڭلاش خوش ياقماي تورخانىغا يېنىپ كەلگىنىمنى دىدىم . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈزىنىڭمۇ ئىچى سىقىلىپ دەرس ئاڭلاش خوش ياقمىغىننى دىدى شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئەمسە تورخانىغا كىلە بىردەم ئوينايمىز دىسەم ئۇ ماقۇل دەپ كىلىدىغان بولدى تېلغۇننى قۇيىۋىتىپ ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇردۇم . ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ كەلدى كىلىپ يېنىمدا ئولتۇردى كومپىيوتېرنى قوزغۇتۇپ بولۇپ بىر نەرسە ئاچماي ئولتۇرىدۇ مەنمۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلماي ئۈزەمنى ئىشىنى قىلىپ ئولتۇردۇم . بىردەمدىن كىيىن ئۇ جەينىكىمدىن تارتىپ
- ھەي QQنى قانداق ئاچىدۇ دەپ بېرە ؟
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم ئاندىن ئۇنىڭغا قاراپ
- ئەجەپ مەتۇ نېمىكەنسە ھېي شۇنىمۇ بىلمەي خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقامسە ئېسىت ساڭا بەرگەن ھەلەپلىرىم ئېسىت . ئاغىنىلىرىن بىلىپ قالسا مابىتىڭ شۇنىمۇ بىلمەيدىكەن دەپ مىنى زاڭلىق قىلىدىغان بولدى دە سەت چوشقا يۈزۈمنى ئەجەپ تۆكتۈڭ
ئۇ مىنىڭ بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى
- كىم سىنىڭ مابىتىڭكەن, سەت چوشقا, بىلمەيمەن شۇ , شۇڭا سورۇدۇم.
شۇنداق قىلىپ يەنە بۇرۇنقى تۇنجى قېتىم كۈرۈشكەندەك كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق راس گەپ قىلسام ئۈزەمنىڭمۇ كۆڭلى ئېچلىپ قالغان ئىدى . ئۇنىڭغا كومپىيوتېر ئىشلىتىشنى ھەم توردا پاراڭلىشىشنى ئۈگۈتۈپ قويدۇم . ئۇنىڭ QQ رىمدىكى ئىسمىنى سەت چوشقا دەپ كىرگۈزۈپ قويسام ئۇ كۈرۈپ تە بوپ كىتەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ شۇنداق كىرگۈزۈپ قويدى مەنمۇ قەستەن تە بولغان بولۇپ ئۇنىڭغا ئالىيىپ قۇياتتىم ئۇ بولسا خۇددى كىچىك بالىنى ئەركىلەتكەندەك مىنى ئەركىلىتىپ كىتەتتى ئۇنىڭ بۇرۇنقى خۇشال تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان چىرايىنى يەنە بىر قېتىم كۆردۈم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-8 10:06 AM