مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 714|ئىنكاس: 6

پىلانىتلار ئەركىسى(5): 'دىدار' سەپىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105516
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 477
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 09:25:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پىلانىتلار ئەركىسى
5-قىسىم 'دىدار' سەپىرى
(فانتازىيەلىك ھىكايە، ئىنتىلگۈچى)



پەرىشتە گالاكسى سىستېمىسىدە يەنى يوپۇق پىلانىتىدىن يىراقراق بولغان ئەمما تازا ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىغان بىر جايدا يېڭى يۇلتۇز پارتىلاش ھادىسىسى يۈزبەردى. بۇ ئالەمدىكى ئەڭ يۇرۇق يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك ئاستورونۇم  ھادىسىسى پۈتۈن پىلانىت خەلىقىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى. بۇ ھادىسىدىن چىققان نۇر ئوغۇزنىڭ ھەسرەتلىك كۆزلىرىدىن سىغىنىشلىق قەلبىگە ئۆزگىچە ھارارەت ئاتا قىلغان ئىدى. بۇ سىغىنىش ۋە ھەسرەتنىڭ پەقەت بىردىنبىر يولى بولسا ئاشۇ ئەزىز ئانىجانىسى بىلەن دىدارلىشىش ئىدى.
ياخشى نىيەت، غەيرەت ۋە توغرا ئەمەل بولغان ئوغۇز ئۇ كۈننىڭ پات يىقىندا كىلدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنەتتى. ئالدىنقى جەڭدە قولغا چۈشكەن بىر ئالىي قومانداننى بىر مەزگىللىك سوراق قىلىش ئارقىلىق ئوغۇزنىڭ ئانىسى ھەققىدە مەلۇم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىنغان ئىدى.  ئوغۇز سەپەرگە ئالدىرايتتى، چۈنكى ئوغۇز ئانىسىنى مۇشۇك كۆز گالاكسىسىدىكى قاراڭغۇ-زۇلمەتلىك، بەت-بەشىرلىك خۇددى ياۋا چوشقىنىڭ ئۇۋىسىدەك بولغان  تۈرمىسىدە چىدىغۇسىز ئازابلار ئىچىدە دەپ ئاھۇ-پەرياد چىكەتتى. ئانىسىنىڭ مۇشۇك كۆز گالاكسىسى قاپاق پىلانىتىدا ئىكەنلىك ئۇچۇرىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، قەتئىي ئىرادە ۋە ئىشەنچ بىلەن ئانىسىنى كۆرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى-دە ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلىپ مەيلى نېمە بولسۇن 'پەرىشتە دىدارى' سەپىرىگە ئاتلاندى.
قاپاق پىلانىتى بىلەن يوپۇق پىلانىتى ئارىسىدا ئانچە-مۇنچە سودا ۋە باشقا ئالاقىلار بۇلۇپ تۇراتتى. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆكۈز پىلانىتىدىكى جاسۇسلار خۇپىيانە ھالدا پىلانىتىغا كىرەلەيتى. ئەقىلىق ئوغۇز ھىلىقى ئۇرۇشتىن كېيىن داۋاملىشىۋاتقان بۇ ئالاقىدىن پايدىلىنىپ قاپاق ئالەم كارۋانلىرى بىلەن قاپاق پىلانىتىغا ئامان-ئېسەن كېلىۋالدى.

ئوغۇز سەپەردە تونۇشقان بىرنەچچە يىگىت ئارقىلىق ئانىسىنى كۆرۇشنىڭ ئامالىنى قىلدى. زۆھرە قاپاق پىلانىتىنىڭ مۇھىم بىر كىڭەش ئەزاسى ئىدى. ئۇ ئاساسلىقى بۇ پىلانىتتىكى ھەرخىل پىدائىيلىق ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. بۇ يەردىكى كىشىلەر زۆھرەنى ياقتۇراتتى، ھۆرمەتلەيتتى. بۇنى ئاڭلىغان ئوغۇز ئۆز قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قالدى ۋە ئۇنى تېپىشنىڭ تەس ئەمەسلىكىنى بىلدى. ئوغۇز تىرىشىپ-تىرمىشىپ بىر ئاماللار ئارقىلىق زۆھرە قۇبۇل قىلىش ئالدىدىكى پىدائىيلار ئەترىتىگە كىرىۋالدى. تەقەززالىق بىلەن كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى.
زۆھرە يېڭى پىدائىيلارنى قۇبۇل قىلىپ بىر-بىرلەپ كۆرۈشۈپ ماڭدى، نەزىرى ئوغۇزغا تاشلانغاندا ئىختىيارسىز ھالدا يۈرىكى سىلىپ قېتىپ بىردەم تۇرۇپ قالدى. ئوغۇز بولسا ياشقا تولغان ئوتلۇق كۆزلىرى، پارتىلاپ كېتەي دەپ قالغان ھاياجانلىق ھىسياتلىرىنى بېسىپ زۆھرەگە تىكىلىپ سەپ سىلىۋاتاتتى. ياندىكى بىرەيلەن 'خانىم' دەپ ئەسكەرتكەندىن كېيىن زۆھرە ئوغۇزدىن ئۆتۈپ كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇردى. بۇ يەردە تۇنۇشلۇق بىرىشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلگەن ئوغۇز قۇبۇل تاماملانغاندىن كېيىن زۆھرە بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. زۆھرەمۇ بىرنەرسىنى سەزگەندەك ئىدى شۇڭا دەرھاللا ماقۇل بولدى.

بالىلىق دەۋرىدىكى جودالىقتىن كېيىن 10 نەچچە يىللىق سىغىنىش ئوتىدا پۇشلانغان ئوغۇز دۇنيادىكى بارلىق ئىسل تەرىپلەرگە مۇناسىپ بولغان پەرىشتە ئانىسىنى قەلبىدىكى ئەڭ ئاتەش ھىسيات بىلەن 'ئانا' دەپ چاقىرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن چەكسىز مەمنۇن بۇلغان ھالدا زۆھرە ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدى.

بىردىنبىر پاسىبانى ۋە مىھرىبانى بولغان ئانىسى بىلەن يالغۇز ئىشخانىدا تۇرغان ئوغۇز ئۆزىنى قاتتىق بېسىۋېلىپ مۇنۇ شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى:
'ئوغۇز كەلدى غەمگۈزار مېھرىبانمنى كۆرەي دەپ،
دەردى-ھەسىرەت، قايغۇ-ئەلەمنى تۈگىتەي دەپ.'
زۆھرە:'ئوغلۇم، ئوغۇز...'دېگىنىچە ئالدىغا يۈگۈردى. ئوغۇزمۇ 'ئانا...'دەپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۆزىنى ئانىسىنىڭ ئىللىق باغرىغا ئاتتى. ئېزىلگەن داغ دەردلىك يۈرەكلەر يېرىلىپ-يېرىلىپ يىغلايتتى. بىرھازادىن كىېيىن پەسلەپ مۇڭداشتى. لىكىن تۇيۇقسىز ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىلىندى. زۆھرە ئىشخانىدىكى بىرلەشمە ئىكراندىن ئۆكۈز پىلانىتى قوغدىغۇچى ئەترىتىنىڭ زۆھرە ئىشخانىسىغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەم ئوغۇزنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىنى كۆردى. دەرھاللا مەخپىي يول بىلەن ئوغۇزنى ئۇزىتىپ ماڭدى. ئوغۇز سودا ئالەم كېمىسىگە چىقتى. ئانا-بالا يەنە خوشلىشىشقا مەجبۇر ئىدى. ئەمما بۇ قىتىم نۇرغۇن چۈشۈنۈش ۋە مەمنۇنلۇق ھىسياتلىرى بىلەن ئايرىلىش ئىدى. ئوغۇز ئانىسىنىڭ بۇيەردە مۇھىم ياخشى ئىشلارنى قىلۋاتقانلىقىنى، بۇ پىلانىتىكى كىشلەرنىڭ ئۆكۈز پىلانىتى قۇشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن زۆھرە بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنىپ ھازىرقى ئىشلارغا سېلىنغان. بارا-بارا بۇيەردىكى كىشلەر ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغان ۋە ئۇنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىدى. شۇڭا زۆھرە بۇ يەردە قىلىشنى تالىغان ئىدى. ئالەم كېمىسى كۆككە پەرۋاز قىلدى. ئوغۇز كۆڭلىگە چۇقۇم بىر كۈنلىرى قايتىپ بۇيەرنى ئازاد قىلىشنى ۋە ئانىسىنى ئانا ماكانى يەرشارىغا ئاپىرىشقا ۋەدە قىلدى.

5-قىسىم تۈگىدى.
6-قىسىمدا ئوغۇزنىڭ يەرشارىدىكى ئىشلىرى ۋە زور قۇشۇنغا باش بۇلىشى جەريانىنى ئاڭلايسىز.

2015-3-6

نەنجىڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 11:36 PM  


ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10838
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 11:10:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى يېڭىدىن ئىشلەنگەن فىلىم ئوخشايدۇ دەپقاپتىمەن دىسە



ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109191
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 11:30:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى سوزىۋەتمەي تىزرەك يوللىسىڭىز باشتىكى بۆلەكلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9009
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3401 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 11:47:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز.فانتەزىيەلىك تۈسى بەكلا يۇقىرى بوپ كەتسىمۇ بولمامدۇ نېمە ھە.

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 971
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 03:48:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115098
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2015-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 02:39:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ، بەكلا فانتازىيەلىككەنغۇ بۇ، قىززىقىپ قالدىم، داۋامىنى كۈتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93626
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 74
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2013-3-20
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇگۇن كىرسەم ئاخىرسى يەنە يۇللانماپتغۇ؟بەك ساقلاپ كەتتۇق،ئاخىرىغا تەشنامىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش