لېدىر يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 10:45 PM 
مىنىڭچە سىزنىڭ دىگىنىڭز ئورونلۇق ،ئادەتتىكى تىرە چاپ ...
توغرا دىدىڭىز بىز ئەرلەر ئادەتتە شىمغا ئالتە-يەتتە يۈۋەنلىك پىدەي باغلىساقمۇ ئىشتىنىمىز چۈشۈپ قالمايدۇ. بىرە يۈز يۈۋەنلىك پىدەي باغلىساقمۇ ئىشتىنىمىز يەنىلام چۈشۈپ قالمايدۇ . 30~20 يۈۋەنلىك سائەتمۇ ۋاقىتنى توغرا بىلدۈرەلەيدۇ. تۆت-بەش يۈز يۈۋەنلىك سائەتمۇ ۋاقىتنى توغرا بىلدۈرەلەيدۇ. تېخىى نەچچە مىڭ يۈۋەنلىك سائەتتىن 30~20 يۈۋەنلىك سائەتلەر پۇختا بولۇپ چىدامچانلىقى ئۇزۇن بولدىغانلىرىمۇ بار....بىز نىمە ئۈچۈن پۇل تاپساق قىممىتىنى سېتىۋىلىشنى ئويلىشىمىز ؟ دەل بىر خىل ئىسىتىك گۈزەلل قوغلىشىپ سېتىۋالىمىز . ھەر قىتىم شۇ نەرسىمىزگە قارساق مىڭىمىزدە بىر خىل كەلگۈسىگە يۈزلىنىش. يۇقۇرغا ئىنتىلىش.....دىگەندەك بىر مۇنچە قىممەت-قاراشلار بىلەن سېتىۋالىمىز. بىزنىڭ بۇ قىلمىشىمىزنى بەزى كىشىلەر چۈشەنمەي ئۆزىچە بۇلار بىر خىل مەنمەنچى ، پوچى ، قۇرۇق سولەت قوغلىشىدىغانلار.....دەپ قارايدۇ. بەزى كىشىلەر نەچچە مىلىيونغا ماشىنا ئالغان كىشىلەرنى نىمە ئۈچۈن 200 نەچچە مىڭ يۈۋەنگە ماشىنا ئلىپ قالدى 800 مىلىيون پۇلنى ئەتىراپىدىكى نامراتلارغا بەرمەيدۇ دەپ ئويلىنىپ قالىدۇ......
.gif)
بىر ئادەمنىڭ قىممەت-قارشىنى . مىجەز-خاراكتىرنى شۇ كىشى بىلەن ئارلىشىپ باقماي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ قىممەت-قارشى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلىسا مەڭگۈ چۈشەنگىلى بولمايدۇ .
.... شۇڭا مىسرانىمدا بىر مەسىلە توغۇرسدا ھەر خىل ئوخشىمىغان پىكىر چۈشۈش ئارقىسىدا بىر-بىرىگە ئۆزىنىڭ قىممەت-قارشىنى تاڭدۇرۇپ بولالماي بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ تىللىشىپ قالدىغانلار كۆپ .
خۇددى مەندەك !
.gif)