مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1036|ئىنكاس: 10

لالما ئىت.... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113560
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2015-1-25
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 07:21:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇتۇپخانىدىن خېللا كەچ چىقتىم، قۇلۇمدا كومپىيوتېر قاچىلانغان سومكا... سائەت ئاللىقاچان 10 بولغاندى. ئاخىرقى  ئاپتۇبۇسقا قىچىپ ياتىقىمغا بېرىۋېلىشىم كېرك، بولمىسا ئەتىيازنىڭ جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇقىدا بىر مۇنچە يولنى پىيادە مېڭىشقا توغرا كىلەتتى...
مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ قارشىسىدىكى ئاپتۇبۇس بېكىتىدە ساقلاپ تۇراتتىم.  ئاپتۇبۇس بېكىتى يېنىدا كىشىلەر سۇلياۋ خالتىلارغا ئەخلەت قاچىلاپ دۆۋلەپ قۇيۇپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئەخلەت ماشىنىسى كېىلىپ بۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئەخلەت ماشىنىسى كېلىشتىن ئاۋال كوچىدا قالغان ئىت مۈشۈكلەر بۇ  سۇلياۋ خالتىلارنى  تىنىتىپ يىمەك ئىزدىشىدۇ، تاپالىغان نەرسىلىرى ئاللاھنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئۇرۇنلاشتۇرغان رىزقى بۇلىدۇ، بۇ شەھەردە ئادەم چىشلەيدىغان ئىت يوق، چاقىرسىڭىز يۈگۈرۈپ كېلىپ سىزگە ئەركىلەيدۇ، چىشىغا تەگسىڭىزمۇ تىرىكمەيدۇ.  شۇلارنى ئويلاپ تۇراتتىم...  كۇچا ئاپتۇبۇسى كەلمەيۋاتاتتى، نەدىندۇر بىر ئىت ئاستا قەدەملەر بىلەن يېنىمغا كەلدى.  ئاۋال ئەخلەت دۆۋىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ سۇلياۋ خالتىلارنىڭ ئىچىگە بىر مۇ بىر قاراپ چىقتى، لېكىن ھېچنىمە تاپالمىدى بولغاي، بىر ئۇھسىنىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى، كۆزلىرىدە بىر خىل بىچارىلىك، ھارغىنلىق، ئۈمىدسىزلىك..... مېنىڭ يېنىمغا كېلەي دېسىمۇ بىر ئاز ئىككىلىنىۋاتقىنىنى، خىجىل بۇلىۋاتقىنىنى ھېس قىلدىم.  راستنى دىسەم، ئىت مۈشۈكلەر ماڭا قارىغان پەيتتە خۇددى ئۇلارنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلگىنىمگە ئىشىنىمەن، ئۇلاردىكى ھېسىيات كۆزىدىن ئىپادىلىنەتتى.  
بۇ ئىتنى كۆرۈپ خوشنىمىزنىڭ ئىتى يادىمغا كېلىپ قالدى. مەن بۇ رايۇنغا يېڭى كۆچۈپ كەلگەندە قوشنىمىزنىڭ شۇنداق بەستىلىك، قولاقلىرى دىڭ، چىرايلىق بىر ئىتى بار ئىدى.  باغلاقلىق بولغاچقا، ھويلىغا يېقىنلاشقان ئادەمگە قاۋايتى. مەن دائىم قۇشنامنىڭ ھويلىسىنىڭ رىشاتكىسىغا يېقىنلىشىپ بۇ ئىتنى كۈزىتەتتىم، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل مەغرۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى. بىر كۈنى قەستەن رىشاتكىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتىم، ئىتنىڭ چىشىغا تەگمەكچى ئدىم. ئىتمۇ ماڭا قاراپ غەزەپلىك قاۋايتتى. رىشاتكىغا يېقىن كىلىپ ئولتۇرۇپ ئىتنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم...ئىت تۇيۇقسىز جىمىپ ماڭا قاراپ قۇيرىقىنى شىپاڭشىتتى. كۆزلىرىدىن بىر خىل دوستانە نۇر چاقنايتى. يانچۇقىمدىن كىچىك شاكىلات چىقىرىپ ئۇزاتتىم ، شۇ ئەسنادا خوشنىمىز چىقىپ قالدى..
_ شاكىلات يىمەيدۇ، بۇنىڭ يىمەك تاللايدىغان ئادىتى بار، دىدى.
يەنە بىر كۈنى كارىدۇرنىڭ ئىچىدە كىتاپ ئوقۇۋاتاتتم، بىرى قارا دىگەندەك قىلىپ قالدى ئىشىككە قارىسام يەنە قوشنامنىڭ ئىتى، بۇسۇغىدا كىرەيمۇ كىرمەيمۇ دىگەندەك ئىككىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئىتىنى بىكار قويىۋەتكەن چېغى، بىچارىنىڭ قورسىقى ئېچىپ قورسىقى ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ.  
-        - ئىچىگە كىر، دەم چاقىردىم ئىتنى، ئت بەكمۇ تارتىنغاندەك قىلىپ، ئاۋايلاپ دەسسەپ يېنىمغا كەلدى. ئاشخانىغا كىرىپ ئازراق پىشۇرۇلغان گۆش ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم، ئەمما ئىت تاتىنغاندەك ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ تۇراتتى. شۇ ئەسنادا يەنە  قوشنام كىرىپ قالدى.
-        - سىزنى ئاۋارە قىلمىسۇن، ياندۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كىتەي دەپ كىردىم، دېدى..
-        - ياقەي، بەكمۇ ئەقىللىق ئىت ئىكەن، گەپ چۈشىنىدىكەن، ئەمما گۆش يىمەيدۇغۇ؟
-        - ئۇ سەل تارتىنچاق، سىز گۆشنى بىرەر پاكىز نەرسىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ قويۇپ، باشقا يەرگە قاراپ تۇرسىڭىز ئاندىن يەيدۇ...
-        بىر قېتىم قوشنام بىلەن بىر يەرگە بارماقچى بۇلۇپ ماشىنىغا چىقايلى،دەپ تۇرساق ئىت يۈگۈرەپ كېلىپ ئارقا ئۇرۇنغا چىقىۋالدى. قوشنام ئاچچىقلاپ تارتىپ چۈشۈرۋېتىۋىدى، يەنە چىقىۋالدى.  ئاخىرى قوشنام دەرۋازىسىنىڭ قۇلۇپىسىنى ئېچىپ قۇلۇپنى يەرگە تاشلاپ قويغانتى، ئىت ئاستا يەرگە چۈشۈپ قېپقالدى.
-        - قۇلۇپنى ئۇچۇق قويسام ئاندىن بۇ ئىت ئۆي بېقىشقا ئۇنايدۇ، ئۆينى ئوبدان باقىدۇ بولمىسا ، دىدى.
-        شۇ ۋاقىتتا قوشنامنىڭ ئىتىنىڭ ئەقللىكلىكىگە ھەيران قالغانتىم.
-        ئەقىللىق ئىت مۈشۈكلەرنى كۆزىگە قاراپلا بىلىۋالىمەن.  شۇئان ئاپتۇبۇس بىكىتى يېنىدا تۇرغان بۇ ئىتمۇ شۇنداق ئەقىللىق ئىتتەك قىلاتتى. بەلكى ئىگىسىگە بېقىش ئېغىر كىلىپ قوغلاپ چىقىرىلغاندۇ، ئەمما قورسىقى ئاچ قالغانلىقى ئېنىق ئىدى، خېلى ئۇزۇن مەزگىل سىرتلاردا سەرگەردان بۇلۇپ يۈرگىنى  چۇقۇم، چۈنكى تۈكلىرى مەينەتلىشىپ، پاخپىيىپ كەتكەن، ئىككى بېقىنى بىر بىرىگە چاپلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئىت مېنىڭ كۆزۈمگە قاراپ  خېلى ئۇزۇن تۇردى، مەندىن بىر نەرسە ئۈمۈد قىلىۋاتقانلىقى ئىنىق ئىدى. شۇئان بۇ ئىتقا بىر نەرسە بېرەي دىسەممۇ يېنىمدا بىر نەرسە يوق، بىر نەرسە  سېتىۋېلىشقا بولسا ئېرىنەتتىم، ئىت بۇ سوغۇقتا  ئاچ قالسا مەن ئۈچۈن ھىچ ئەھمىيتى يوق،  ئۇ پەقەتلا بىر ئىت، بىر لالما ئىت ئىدى خالاس...
-        خىيالىمنى باشقا نەرسىگە يۆتكىدىم. ئىتمۇ مەندىن بىر ەرسە چىقمىغاچ، ئۈمىدىنى ئۈزۈپ يولنىڭ قارشىسىغا ئۆتمەكچى بولدى. يولدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئەمدى بىر نەچچە قەدەم مېڭىۋىدى، سول تەرەپتىن ئوقتەك تېز كەلگەن  بىر كىچىك ماشىنا زەرب بىلەن سوقىۋەتتى.  ئىت ماشىنىغا سوقۇلغاندىكى ۋاق قىلغان ئاۋاز ماشىنىنىڭ تۇرمۇز ئاۋازى بىلەن بىرلىشىپ خېلى ئۈنلۈك ئاڭلاندى. ئىت نەچچە مېتىر يەرگە ئۇچۇپ كەتتى...ئىتنىڭ  دەھشەتىك ئىڭرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. يۈگۈرۈپ باردىم،  ئىت غىڭشىغىنچە دەرھال ئىككى ئالدى قۇلى بىلەن يەرنى جىجاپ سۆرۈلۈپ يولنىڭ قىرغىقىغا يېتىپ كېلىپ يېتىپ قالدى. ماشىنا ئاستىلاپمۇ قويماي كېتىپ قالغانتى....ئىچىمدە مىڭنى تىللىدىم..
-        ئىتنىڭ يېنىغا ھەش پەش دىگۈچە بىر مۇنچە ئادەملەر ئولاشتى، بىرلىرى ئىتنىڭ بېشىنى سىيلاشتى ، بىرلىرى ئىتنىڭ كۆزىدىكى ياشنى سۈرتۈشتى. بىر ئايال قۇلىدىكى مېنىرال سۇنى ئىتقا ئىچكۈزەلمەي ئاۋارە... تازىمۇ دۆت ئايال ئىكەن دېدىم ئىچىمدە، ئۆمرىدە ئىتنىڭ سۇنى قانداق ئىچىدىغىنىنى كۆرمىگەن بولسا كېرەك...ئەمما ھېچكىم يەيدىغان بىر نەرسىنى ئەقلىگە كەلتۈرمىگەندەك ئىدى....
-        بۇ سوغۇقتا ئىت بىر نەرسە يىيىشى كېرەك، بولمىسا بۇ يېرىم جان ھالەتتە  توڭلاپ ئۆلۈپ قالىدۇ..
-        ماگزىنلارغا يۈگۈردۈم، ھەممىسى تاقاق، كوچا كوچىلاردىكى  ئەخلەتخانىلارغا قارىدىم، ئادەملەر ئىت مۈشۈكلەر ئۈچۈن قۇيۇپ قويىدىغان سۆڭەكلەرمۇ يوق، ئىت يىگۈدەك بىر نەرسە تاپالمىدىم. راستنى دىسەم، نەچچە مىنۇت ئالدىدىكى ئىتنىڭ ماڭا ئۈمىد بىلەن قارىغان كۆزلىرى، ئۆمىدسىزلىنىپ ئارقىغا بۇرۇلغان شۇ دەقىقە ۋە  ماشىنا سوققاندا چىققان قورقۇنچلۇق ئاۋاز كاللامدا توختىماي ئەكىس ئەتمەكتە، بىر خىل گۇناھكارلىق تۇيغۇسى ئىچىمنى چىرمىۋالغانتى...
-        ئاخىرى خىېلى يىراقتىن بىر ئاشخانا، توغرىراقى بىر  مۇسۇلمانچە  رېستۇراننى ئۇچراتتىم. گۆش تۈرىدىكى يىمەكلەردىن پەقەت  تەييار  كاۋاپ بار ئىكەن، خېلى كۆپ كاۋاپ ئالدىم... خېلى قىممەتكە توختىدى. ...
-        كاۋاپنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈپ كەلسەم ئىت يوق، ئۇ ياتقان يەرنى نەچچە پىقىردىم، كوچىدا ئادەملەرمۇ قالمىغان...ئىت ئۆلۈپ قېلىپ ئۆلۈكىنى ساقچى ياكى تازلىقچىلار ئېلىپ كەتتىمۇ، ياكى بىرەر ئادەم ھايۋاناتلار دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەتتىمۇ، ياكى ئارقا يانپىشىنى سۆرەپ سۆرۈلۈپ يۈرۈپ بىر يەرگە كېتىپ قالدىمۇ، بىلەلمىدىم...ئەگەر ماشىنا ئادەمنى سوققان بولسا داۋالايدىغان دوختۇرلار، كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا ئادەملەر بۇلاتتى، ھېچ بولمىسا ماشىنا سوقىۋەتكەن  ئادەم دەردىنى باشقا بىر ئىنسانغا ئاڭلىتالايتى، ئىچىنى بوشىتالايتى،،، ئەمما بۇ ئىت ھېچنىمە قىلالمايتى. بۇ قاتناش ھادىسىسىنى كۆرمىگەن بىرى بۇ ئىتنى توكۇر ھالدا  ئۇچراتسا ھەرگىز ئىچ ئاغرىتمايتى، ئىت  بەلكى ئاچلىق ۋە سوغۇقتىن قىينىلىپ ئۆلەتتى...  بۇلارنى ئويلىغانسىرى ئۆزۈمنى ئەيىپلەيتىم. بەلكى يېنىمدا كىچىككىنە بىر ەرسە بولغان بولسا، ياكى ئۇنى  يېنىمغا چاقىرغان بولسام ئىت بۇ قازاغا يۇلۇقمايتى.
-        ئويلىغانسىرى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ ئىزدەيتىم ، بارلىق ئاخلەت ساندۇقلىرىغا، كىچىك كوچىلاردىكى بۇلۇڭ پۇشقاقلارغا قاراپ چىقتىم، ھېچ يەردىن تاپالمدىم. ئىزدەپ ئىزدەپ  ئاخىرى ھاردىم.. ئۇ ھادىسە بولغان يەرگە كېلىپ، يول بۇيىدىلا ئولتۇرۇپ قالدىم..يېرىم كىچە بولغاندى....قورسىقىممۇ تازا ئاچقان...ئاخىرى تاكسى تۇسۇپ ئۆيۈمگە قايتتىم ۋە قۇلۇمدىكى كاۋاپلارنى ئولتۇرۇپ يەۋەتتىم..ئىسراپ قىلىۋەتسەم بولمايتى...
-        ھەرقانچە قىلىپمۇ ئىتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ماڭا  ئۈمۈدسىزلىك بىلەن قاىغان كۆزلىرىنى ئۇنتۇيالمىدىم، كۆزلىرىمگە پەقەت ئۇيقۇ كەلمىدى...
-        ھېلىقى شوپۇر قانداقسىگە بىر ئىتنى سۇقىۋېتىپ ھېچ پىسەنتىگەمۇ ئېلىپ قويماي كىتەلىدى؟ مەن نىمىشقا بۇنچىۋالا ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ كەتتىم، بىلەلمىدىم...
-        ئادەمنىڭ قىممىتى بار دىيىلىدىكەن...قىممەت دىگەن ئۆلچىگىلى بۇلىدىغان نەرسە...قانۇن بۇيىچە  ھېساپلاش توغرا كەلسە، ئادەمنىڭ قىممتى بىر ماشىنا سوقىۋېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويسا تۆلەپ بېرىدىغان  بىر  نەچچە يۈزمىڭ پۇلمۇ؟ بەزىلەر ئىچكى ئورگانلىرىنى بىر نەچچە يۈزمىڭ يۈەنگە سېتىشىدۇ.....بۇنداق ھېسابلانسا، بۇ دۇنيادىكى مەرتىۋىلىكلەر بىلەن مەرتىۋىسىزلەرنىڭ قىممىتى پەرىقلىق چىقىپ قالىدۇ، بايىقى ئىتنىڭ قىممىتىنىمۇ مەن ئۇ ئىتنى دەپ يېنىمدىن ئارتۇق چىقارغان بىر ئىككى يۈز دوللار بىلەن ئۆلچەش كېرەك... ئەمما بۇ ھاياتلىققا بولغان ھاقارەت... ئەسلى  ھەر ئىنساننىڭ قىممىتى بىباھادۇر....چۈنكى ئىنسان ئەڭ مۇكەممەل قىلىپ يارىتىلغان، ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ تازىم قىلغان....
-        بۇ يەردە بىر قىسىم بايلار بار، نەچچە ئون مىڭ، ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ دوللارغا ئالغان قىممەت باھالىق ئىتلىرى بار، ئو ئىتلارنىڭ كۆزىدىن ھېچ بىر تۇيغۇلارنى كۆرەلمەيمەن..ئىسىلزادە خانىملار  كۆپىنچە ۋاقتىنى شۇ ئىتلارنى خوشال قىلىش، ئۇلارنىڭ قورسىقىنى بېقىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.  بىر ئەمەلدار ياكى  باينىڭ چىشىغا تىگىپ قويسىڭىز تۈگشكىنىڭىز شۇ،  خۇددى ئۇلار شۇنچىلىك قىممەتلىك....ئامرېكىنىڭ بىر پۇقراسى باشقا بىر دۆلەتتە ئاۋارچىلىققا يۇلۇقسا ھۆكىمەت شۇ ھامان ئادەم ئەۋەتىدۇ.. ئۇلار ئۈچۈن ھەر بىر پۇقرا قىممەتلىك، ئەمما ئوتتۇرا شەرقىتە  بەزىلەر ئادەملەرنىڭ بېشىغا دەسسەۋاتسا، دەسسىگەنلەر ھەقلىق ، بىر تۈپ دەرەخكە ئارغامچە باغلاپ قۇيۇپ زۇلۇم قىلغىنى ئۈچۈن نامايىش قىلىپ دۇنيانى بېشىغا كەيگەن ياۋرۇپا ئەللىرى، غۇرۇرى ۋە ياشاش ھۇقۇقى دەپسەندە بۇلىنىۋاتقان ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە ئازراقمۇ پىسەنت قىلىپ باقمىغان ... ياۋرۇپادا بەزى ئادەملەر ھەر كۈن مىڭلارچە دوللارلىق تاماق يەپ بۇزۇپ چېچىپ ياشىيالايدۇ... ئەمما شەرىقى ۋە جەنۇبى ئافرىقا رايۇنىدا ھەر كۈنى 5000 دىن ئارتۇق كىچىك بالا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ، دۇنيادا بولسا ھەر كۈن ئاچلىق ۋەياكى ئاچلىققا مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى  21000غا يېتىدۇ.  ب د ت ۋە كىشلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرىدا  دائىم سۆزلىنىپ كېىۋاتقان بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى يەنە شۇ ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئىچىدە چوڭ بولغانلار  ئىستاتسىكا قىلىپ چىقارغان، ئىشىنىمەنكى ئۇلار بۇ سانلارنى ھېساپلاپ چىقىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ  كۆزلىرى خۇددى شۇ ئېسىلزادە خىېنىملارنىڭ قۇچىقىدىكى ئىتلارنىڭ كۆزىدەكلا ھېسسىز،  تۇيغۇسىز......

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
baxagim0996 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4985
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1797 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 11:19:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لالما ئېت ياكى مۆشۈكلەرنىڭ كۆپىيىشى بىر ئاددى جەمىئەت ھادىسى ئەمەس .بۇ زەنجىرسىمان باغلىنىپ كەتكەن ئىجدىمائى تۇرمۇش ،سىياسەت ،ئىنسانىيلىق كۆزقاراشلارنىڭ سۇسلىشىپ ،ئادەمنىڭ چۈشكۈنلىشىپ ،ياۋۇزلىشىپ كەتكەنلىكىدىندۇر .ئەگەر بىر شەھەردە لالما ئىت ،مۆشۈكلەر كۆپ بولسا شۇ شەھەرنىڭ مۇھىت ۋە سەھىيە ئىشلىرىغا چوڭ تەھدىد ئىلىپ كىلىدۇ .مەسىلەن :يامان نىيەتلىك تەشكىلات ياكى شەخىس ،مەلۇم بىر ۋىروسنى مۇشۇ لالما ئىت ،مۆشۈكلەر ئارقىلىق تارقاتسا قانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقار .......

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 966
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1693
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 12:34:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساننىڭ قىممىتى ھايۋاندىنمۇ تۆۋەن  بولسا قانداق  بولغىنى ، توۋۋا خۇدايىم....

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 12:53:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tumaris01 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 12:34 PM
ئىنساننىڭ قىممىتى ھايۋاندىنمۇ تۆۋەن  بولسا قانداق  بول ...

بۇ توغرا قاراش
چۇنكى ئىنساننىڭ پەرقى ھايۋاناتلاردىن توۋەن تۇرغاندا ئىنسانلار ھايۋاناتلارنى قەدىرلەشنى ئۇگىنىدۇ ، خۇددى ئۆزىنىڭ بالىسىنى قۇغدىغاندەك

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 12:56:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز
ھايۋاناتلارنىمۇ قۇغداپ قويايلى ، ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتمىسۇن
بولۇپمۇ ئىشەكنىڭ ، ئەقلىمگە كەلسەم دائىم ئىشەك مىنىپ ئوينايدىغىنىم ئىسىمدە ،
لىكىن ھازىر زامان تەرەققى قىلدى ،يىزا ئىگىلىك ئۇچقاندەك تەرەققى قىلۋاتىدۇ،لىكىن مۇشۇ تەرەققىيات بىلەن بىرگە بىر قىسىم ھايۋاناتلارنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالدى ھەم بىر بىقىسىم ھايۋاناتلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كىتىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mastana888 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 12:56 PM  


ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 08:45:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل تىما نۇرغۇن ھەقىقەتلەرگە تولغان تىما .رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1713
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8959
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 12:14:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋۋا ھەممەيلەن ئويلاپ باقىدىغان ئىشكىنا بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114815
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 48
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2015-3-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 06:47:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ياخشى يىزىپسىز بەك تەسىرلەندىم .كۆزۈمدىن ياشچىقىپ كەتتى. ئەشۇ كۆرنىشلەر كۆزئالدىمغا كىلىۋالدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114815
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 48
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2015-3-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 06:57:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئىت توغرىسدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ، بىر ھەدىسى بار.بىرپاھىشە ئايال يولدىن ئۆتۆپ كىتىۋاتسا،ئۇسسۇزلۇقتىن تىلى ساڭگىلاپ قالغان بىر ئىتنى كۆرۈپ،ئايغىدا قۇدۇقتىن سۇئىلىپ ، ئىتنى سۇغارغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇئايالنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىپ جەننەتكە كىرگەن دىيىلگەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87894
يازما سانى: 633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1066
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 10:10:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن دىسە ........................

قاتتىق يېقىلىپ قەدرىمگە يەتتىم ................
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش