بۇ ئېلان ئەمەس، بەلكى ئۆيۇمنىڭ ئەركىسى بولغان قىزىمنىڭ كۆڭۇل ئەينىكىگە داۋا تېپىش جەريانىدا بېشىمدىن ئۆتكۇزگەن كەچۇرمىشلىرىم. بۇنى يېزىشتىكى مەقسەد 4-6 ياشقىچە بولغان بالىسى بار ئاتا - ئانىلارنىڭ ماڭا ئوخشاش كۈلپەتكە يولۇققاندا، بىرلا دوختۇرخانىدا تەكشۇرتمەستىن بەلكى بىر قانچە دوختۇرخانىدا تەڭ تەكشۇرتۇپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالماسلىقى ئۈچۈن يېزىپ قويدۇم. ئەگەر سىز بۇنى ئېلان دەپ چۇشەنسىڭىز بۇنىڭغا ئامال يوق، سىزنىڭ چۇشىنىشىڭىزنىڭ شۇنچىلىك ئىكەنلىكىگە ئەپسۇسلىنىش ئىلكىدە قاراپ تۇرىمەن.
مەن ھەرگىزمۇ ئۆيۇمنىڭ كۆلىمىنى يېزىپ سىلەرگە پەش قىلماقچى ئەمەسمەن، بەزى چاغلاردا مۇشۇ مۇنبەردىكى تېما يازماي مەخسۇس ئىنكاس يازىدىغان كىشىلەرگە ياقا تۇتماقتىن باشقا ئامال يوق.