مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: saman-yoli

كۈن تۇلۇق تۇتۇلسا قانداق بۇلىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8291
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 09:20:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
saman-yoli يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 03:26 PM
تېما قىىلپ يوللىسىڭىز بولمامدۇ

http://image.baidu.com/i?word=%E6%98%9F%E5%BA%A7%E5%9B%BE%E7%89%87%E6%98%9F%E7%A9%BA%E5%9B%BE&tn=baiduimage&ct=201326592&cl=2&lm=-1&ie=utf-8&fm=hao123&f=3&rsp=1

سىلەردىن ئايرىلىشقا كۈزۈم قىيمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1271 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 01:02:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
borkut- يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 10:57 AM
كۆزۈمنىڭ كۆرۈش قوۋىتىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىنى بىرەر  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
كۆزئەينەكنى بەك كۆپ تاقىماڭ .
ھازىر تېخنىكا بەك يۇقىېرى ، ئپراتسىيەگە چۈشۈڭ ، نۇر ئوپراتسىيەسىگە .
كۆزئەينەك تاقاپ كۆزىنىڭ ساقايغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم ، شۇ ھالەتتە ئاران ساقلاپ قېلىشلا ئالاھىدىلىكى با، بەزىدە تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ .
نۇر وپراتسىەسىگە چۈشۈڭ ، 15 مىڭ كوي ئەىراپىدا كېتىشى مۈمكىن ، ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز بىلىسىز ھەقىچان .
دوختۇرلارغا پۇلۇم ئاز دەپ تۇرۋالسىڭىز تېخىمۇ ئەرزان قىلىشى مۈمكىن .
اللاھ كۆزىڭىزگە ، ھەم بارلىق كېسەل ئازابى تارتىۋاتقان قېرانداشلارغا شىپاھلىق بەرسۇن ‹ امىين ›

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113558
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 605
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2015-1-25
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 01:14:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركيار يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 01:02 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
كۆزئەينەكنى بەك كۆپ تاقىماڭ .
ھاز ...

     ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
     سالامەتلىكىمگە كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت . سىز ئېيىتقاندەك ئەينەك تاقاشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن بىراق ، گەپنىڭ ئۇچۇقىنى دېسەم مەن بىر يالاڭتۆش ئوقۇتقۇچى بولغىنىم ئۈچۈن دەۋالىنىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازغىنە «مائاش» بىلەن ئىككى بالامنى ئوقۇتىۋاتىمەن دەڭا . يا بۇ ھۆكۈمىتىمىز « مائاش» دېگەن نەرسىنى جىق، جىق بەرمەيدىكەن . بولمىسا كىممۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دەيسىز ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113553
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 66
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2015-1-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 03:40:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
borkut- يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 01:14 AM
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
     سالامەتلىكىمگە كۆڭۈل بۆلگ ...

  دۇنيادا  دىۋانىگىمۇ ھاجىتى چۈشۈدىغان ئىش بولۇپ قالدىكەن. بىراق ،ئوقۇتقۇچىغا ھاجەت چۈشۈدىغان ئىش بولمايدىكەن كۆپ ئويلىسام. ئوقۇتقۇچى نامدا ئۇلۇغ بىراق ھەقىقى ھۆرمەت تەختىدە بولمايدىكەن. قەلبىدە ھۆرمەتلەپ قويغاننىڭ نىمىگە پايدىسى . قۇرۇپ كەتسۇن مۇنداق قۇرۇق ھۆرمەت . ھۆرمەت دىگەن مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىدىسادى ئامىل بىلەن ئىپادىلىنىشى كىرەققۇ ئاخىر. مەن ئويلايمەن. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ھازىرقى شارائىيتتا ئەڭ ئۆلچەملىك بولغاندا شىمال رايۇندا قانداق بىلمەيمەن . بەلىكم 3500~4000 يۈۋەنگىچە بولسا كىرەك . جەنۇپ تەرەپلەرە 3000 دەپ بىر موما ياغاچ بار . مائاش مۇش موما ياغاچنىڭ ئەتراپىنى بەك تەس ئايلىنىدۇ. شىمال تەرەپلەرگە مائاش قىتىلمىسىمۇ بىراق جەنۇبى رايۇنلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشنى 5000 يۈۋەن بىلەن 4000 يۈۋەن ئارلىقىدا بىكىتسە ياخشى بولاتتى. كەنىت سېكىرتارى بىر يىلدا جەمئىي تەخمىنەن 20000 ~10000 يۈۋەن ئارلىقىدا ئىش ھەققى ئالىدۇ. بىراق بۇلار ھەر يىلى گەپ يوق يەنە تەخمىنەن 20000 يۈۋەنگە يىقىن  ئىقتىدىساتقا  ھەر خىل يوللار بىلەن  ئىرشەلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇ كەنىت سېكىرتارىچۈلۈك يۈزى ۋە ئىقتىدىسادى يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8291
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 11:51:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
88 يۇلتۇز تۈركۈمى

http://zhidao.baidu.com/question/12456937.html

http://zhidao.baidu.com/question/563324620.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saman-yoli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-19 11:56 PM  


سىلەردىن ئايرىلىشقا كۈزۈم قىيمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8291
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-28 08:50:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، ئۈزەم


ساقلىغان ئىنكاس


88 يۇلتۇز تۈركۈمى

http://zhidao.baidu.com/question/12456937.html


مەن بېشىمدىن ئۆتكەننى بىلگەنلىرىمنى يېزىپ قۇياي سىز ۋە باشقىلارغا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس !
قەتئى مەخپى تۇتماقچى بولسا ماتىريالىنى يېزىپ دۆلەتلىك پاتنىت ئىدارىسىگە ئۆز قۇلى بىلەن ياكى پوچتا ئارقىلىق تاپشۇرىدۇ ، شۇنداق بولغاندا ئۈچىنچى تەرەپ ماتىريالنى كۈرەلمەيدۇ (ئەگەر دۆلەتلىك پاتنىت ئىدارىسىىنىڭ خىزمەتچىللىرى مەسئولىيەتسىز بولمىسا ياكى سىرىتقا سېتىلىپ كەتمىسە ! ) . ئەگەر بۇنىڭغا قادىر بۇلالمىسىڭىز دۆلەتلىك پاتنىت ئىدارىسى ھەر قايسى ئۆلكىدىكى بىر قانچە ۋاكالەتچى شىركەتلەرگە كەشپىياتچىلارغا ۋاكالىتەن شۇلارغا پاتنىت ئىلتىماس قىلىش ھوقوقىنى بەرگەن ، شۇلار ھەق بىرىپ ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلغۇزسىڭىز بۇلىدۇ ، بۇنداق بولغاندا سىز كەشپىياتىڭىزنىڭ تەلشىلىكتىكى بىر پارچە رەسىمىنى (تەلشىلىكتىكى رەسىم بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمىسا ئۈچ ئۆلچەملىك قىلىپ كارتۇن ئىشلەپ ئوپتىك دىسكىغا قاچىلاپ تاپشۇردىغان ئوخشايسىز ، تەپسىلاتىنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىگە قاراڭ ) ئاددىيراق بولسىمۇ سېزىپ تاپشۇرسىز ، ياكى شۇلارغا چۇشەندۈرۈپ دىسىڭىز ئۆلچەملىك قىلىپ سىزىپ بىرىدۇ ، ئۇلار يەنە «كەشپىيات چۈشەندۈرۈشنامىسى » ، « پاتنىت تەلەپنامىسى » .... دىگەندەك بىر قانچە خىل خەت - چەك يازىدۇ ، شۇلارنى پاتنىت ئىدارىسى بەلگىلىگەن قېلىپ تەھرىرلەش تەلپى بۇيچە يېزىپ سىزگە كۆرسىتىدۇ سىز بوپتۇ دەپ قارىسىڭىز ،ئۇلار پاتنىت ئىدارىسىگە ئەۋەتىدۇ (پوچتا ياكى ئادەم بىلەن ) شۇ چاغدا پاتنىت ئىدارىسىگە ئازراق ئىلتىماس ھاققى تۆلەيسىز (تەخمىنەن 200-300يۈئەن) . يېزىلغان ماتىرياللارتەلەپكە لايىق بولمىسا قايتۇرۋىتىدۇ قايتا يازىدىغان گەپ ، تەلەپكە لايىق كەلسە ئۇلار قۇبۇل قىلىپ سىزگە پاتنىت تەلپىنى قۇبۇل قىلىش ئۇختۇرۇشنامىسى ئەۋەتىدۇ (بۇ سىزنىڭ شۇ كەشپىياتىڭىزغا پاتنىت ئالالايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردۇ ) دۆلەتلىك پاتنىت ئىدارىسى شۇ ماتىريالنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن باشقىلارنىڭ ئوخشاش مەزمۇندىكى ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلمايدۇ ، شۇنداق قىلىپ تەخمىنەن بىر يىل ئىچىدە سىزگە پاتنىت گۇۋاھغامىسى چىقرىپ بىرىدۇ . بۇ خىل ئۇسۇلدا سىز پۇل خەجلەيسىز باشقىلار سىزگە ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىپ بىرىدۇ ، بۇنداقتا ۋاكالەتچى شىركەتنىڭ خادىملىرى سىزنىڭ كەشپىياتىڭىزنىڭ بارلىق ماتىريالىىنى كۈرىدۇ ، مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق ھالقىلارنى سىز ئارقىلىق بىلىدۇ . (ئەلۋەتتە بۇ چاغدا ئۇلار سىزگە ئۇلار مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلايدىغانلىقىنى خاتىرجەم بۇلۇشنى دەيدۇ ، يۇقىرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىسى بار) بۇ چاغدا ئۇلار سىزنىڭ مەخپىيەتلىكىڭىزنى ساقلاش ساقلىماسلىقى ئۇلارنىڭ خىرمەت ئەخلاقىغا ئىنسابىغا باغلىق (مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە باشقا شىركەتلاربەزى شۇنداق ۋاكالىتەن پاتنىت ئىلتىماس قىلىدىغان شىركەتلەرىنىڭ خادىملىرىغا ئۈزىنىڭ شىركىتىدە كاغا كىلىدىغان تېخنىكا ھۈنەرلەر ئۇچراپ قالسا ھايىت دەپ قۇيۇشنى ،ھەق بىرىپ ‹سېتىۋالدىغانلىقىنى› ئېيتىپ قۇيىدۇ قىلىدىغاندەكمۇ قىلىدۇ)كەشىپ قىلماقچى بولغان نەرسە ھەقىقەتەن يۇقرى ئىقدىسادى قىممەت يارىتالايدۇ ،باشقىلار دوراپ ياسىۋالمىسۇن دەپ قارىسىڭىز ، ئەگەرسىزنىڭ خەنزۇچە سەۋېيڭىز يېزىقچىلىق قابىليىتىڭىز شۇ ئىلتىماسنى پۈتتۈرۈشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىسا دۆلەتلىك پاتنىت ئىدارىسى (دۆلەتلىك ئەقلى مۈلۈك ئىدارىسى ) نىڭ تور بىتىگە چىقىپ مۇناسىۋاتلىك قانۇن نىزام قائىدە تەلەپلەر بۇيچە يازما ماتىرياللارنى ئۆزىڭىز( ياكى سىز ئىشىندىغان بىرەيلەن سىزگە ياردەملىسىش يېزىپ )پۈتتۈرۈپ شۇ ئىدارىگە ئۈزىڭىز ياكى پوچتا ئارقىلىق تاپشۇرسىڭىز بۇلىدۇ (ئۇ ئىدارە بېيجىڭدا). ئەگەر يۇقىرقىدەك قىلالمىسىڭىز ۋاكالەتچى شىركەتلەرگە تايانماي ئامال بۇنىڭدا ئېتىمال بىرئىككى مىڭ يۈئەن پۇل خەجلەيسىز ئۇلار سىزگە ۋاكالىتەن ئىش بىجىرىدۇ ، لىكىن سىزنىڭ كەشپىياتىڭىز بازار ئىستىقبالى بار بەك پۇلغا يارايدىغان ئىلغار تېخنىكىلىق نەرسە بۇلۇپ قالسا ئۈزى پايدىلنىپ كەتمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ ! شۇڭا پايدا زىياننى مۆلچەرلەپ بىرقارار چىقىرىڭ . ئۇ كەشپىياتىڭىزنى كۈتۈرۈپ پەن-تېخنىكا ئىدارىسىگە بارسىڭىز جېق پايدىسىمۇ يوق ،پايدىسى بولدى دىگەندىمۇ ئۇ يەردىىكىلەر سىزنىڭ نەرسىڭىزنى كۈرۈپ بېقىپ ئوي خىيالىڭىزنى بىلىپ بېقىپ سىزگە سىزنىڭ ئىلمى تەرەققىيات قارىشى تىكلەپ پەن تېخنىكىغا تاينىپ يېڭىلىق يەراتقانلىقىڭىزنى ئېيتىدۇ خوشياقسا ماختاپمۇ قۇيا ، شۇنىڭ بىلەن سىزنى يۇقرى ئۇرۇنلارنى ئىزدەشنى ئېيتىدۇ . گەرچە بۇ گەپلەرنىڭ زىيىنى بولمىسىمۇ سىز ئىشىكتىن چىققاندىن كىيىن بىرەرىنىڭ قۇرسىقىغا جىن كىرىپ باشقىلارغا دەپ قويسا ياكى ئۈزى ئىلتىماس قىلۋالسا زىياننىڭ چۇڭىنى تارتىپ بۇ ئۈچىنچى كەشپىياتىمۇ باشقىلارنىڭ يانچىۇقىغا چۈشۈپ كىتىدۇ . سىزنى پەن تېنىكا ئىدارىسىگە باردىمۇ دەيلى ئەگەر ئۇلار كەشپىياتنى كۈرۈپ بېقىشنى قانداق تېخنىكىلىق پىرىنسىپى بارلققىنى سوراپ قالسا سىز ئىتتى -مىتتى ئۇ نەرسە پۈتمىگەنتى دەپ سۇئاللارغا ئاسماندىن قاسقاندىن جاۋاپ بىرىپ نەق گەپنى دىمەي بۇنى بىجىرىش ئۈچۈن قايسى ئۇرۇننى ئىزدەش لازىملىقىنى سورايسىز .ئەگەر ئۇلارنىڭ ئازتۇلا خىزمەت ساپاسى بۇرىچ تۇيغۇسى بۇلۇپ قالسا سىزگە ئىزدەشكە تىگىشلىك شىركەت ياكى ئادەمنى دەپ بىرىشى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بىرىشى مۇمكىن .
ۋاكالەتچى شىركەتكە كەلسەك ؛ بۇنداق ئىشنى قىلىدىغان شىركەتتىن ئۈرۈمچىدە بار مىنىڭ ئاڭلىغىنىمدا ، بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئوقيا شىركىتى (قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئابلىكىم ئوقيامۇ شۇ) يەنە بىر خەنزۇنىڭ شىركىتى باركەندۇق ،توردىن ئىزدەپ بېقىڭ .
ئۇ نەرسىنىڭ ماتىرياللىرىنى سىز ياكى باشقىلار يازسۇن كەشپىياتنى تەۋسىرلەپ چۈشەندۈرگەندە ئامال بار چەكلەش خارەكتىرگە ئىگە سۆزئاتالغۇلارنى ئىشلەتمەڭ مەسلەن رەڭگى مۇھىم بولمىسا مانداق رەڭلىك دەپ يازماڭ ، ئېغىرلىقى ياكى كەڭلىكى ئىگىزلكى ئۇزۇنلىقى قانچە مىتىر دىگەندەكلە يازمىسا قەتئى بولمايدىغان ئەھۋالدا بولمىسا مانچە كىلۇ مانچە مىتىر دەپ يېزىپ يۈرمەڭ ، چۈنكى سىز رەڭگى قارا بەش مىتىر دەپ ئىلتىماس قىلسىڭىز باشقىلار نەچچە كۈندىن كىيىن رەڭگى قىزىڭ ئالتە مىتىر دەپ سىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆلچەم بىلەن ئىلتىماس قىلسا ئۇلارغىمۇ بىرىۋىرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ كەشپىياتىڭىزنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كىتىدۇ . شۇڭا يارغاندا ‹مۇۋاپپىق› ، ‹ماس ھالدا› ... دىگەندەك مۇجمەل نائېنىق سۆزلەرنى ئىشلىتىڭ ، پاتنىت ئىدارىسىدىكى خادىملار شۇ كەشپىياتنى رەسىمگە قاراپ چۈشەندۈرۈش مەزمۇننى ئۇقۇپ چۈشىنەلىسىلا بولدى .





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saman-yoli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-28 09:05 PM  


سىلەردىن ئايرىلىشقا كۈزۈم قىيمايدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش