خوشاللىققا ئايلانغان خاپىلىق
بىر كىشى مەلۇم بىر ئېدارە ئالدىدىكى پەشتاقتىن چىقىۋاتقاندا تۇيۇقسىز يىقىلىپ كېتىپتۇ،بىر چەتتە تازىلىق قىلىۋاتقان كىشى دەرھال يۇگرەپ كەپتۇ-دە ئۇ كېشىنى دەرھال يۆلەپ؛«كەچۈرۈڭ خاتالىق مەندە،يەرنى سۈپۈرگەندە سۇنى كۆپرەك چېچىۋىتىپتىمەن،بۇ يەر تېيىلغاق بولغاچقا يىقىلىپ چۈشتىڭىز»-دەپتۇ.يىقىلغان كىشىنىڭ راسا ئاچچىغى تۈتۈپ تۈرغان ۋاقېتتا بۇ سۆز بېردىنلا ئۇنىڭ ئاچچىغىنى ياندۈرۈپتۇ.شۇ ئارىدا يان تەرەپتە تۇرغان بىر كىشى كېلىپ؛«كەچۈرۈڭ،خاتالىق مەندىن ئۆتتى،مەن بۇ يەرنىڭ سىلىقلىغىنى كۆرۈپ تۇرۇپ سىزگە ۋاختىدا ئەسكەرتمەپتىمەن،شۇڭا يىقىلىپ چۈشتىڭىز»-دەپتۇ.بۇ سۆزلەردىن تېخىمۇ تەسىرلەنگەن ھېلىقى كىشىنىڭ ئاچچىغى قاياقلارغىدۈر يوقاپتۇ-دە؛«يەنىلا ئۆزۈمنىڭ خاتالىغى،سەللا دىققەت قىلسام يىقىلمايتتىم»-دەپتۇ.
ئۆز-ئارا ئالاقىدە،بىر-بىرىمىز بىلەن تالاش-تارتىش قىلماسلىغىمىز كېرەك.كېمدىن سەۋەنلىك ئۆتسە ئەپۇ قىلىشىمىز،سەمىمىيلىك بىلەن ياردەم قىلىشىمىز كېرەك.بەزىدە خاتالىغىمىزنى ئېتراپ قىلماسلىق تۈپەيلى يەڭگەندەك قىلغىنىمىز بىلەن ئۇ بىزگە خوشاللىق ۋە ھەقىقىي بەخىت ئېلىپ كېلەلمەسلىگى مۇمكىن.خاتالىغىمىزنى تونىغانلىق ھەرگىزمۇ يۈزىمىزنىڭ چۈشكەنلىكى ئەمەس،خاتالىقنى تونۇش بىزگە تېخىمۇ كۆپ مۇھەببەت ۋە خوشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.