بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" k. H* b. y" M% Mئالما يىگەن ۋاقتىمىزدا ئالمىنىڭ چىشلىگەن قىسمىدا قان ئىزلىرىنى كۆرىمىز،چىش چوتكىلىغان ۋاقىتتا ئېغزىمىزدا دائىم بىر خىل قان ئارلاشما چىش پاستىسى مازغىپىنى كۆرىمىز.بىزنىڭ دائىم چىش مىلىكىمىز قانايدۇ،بۇ قارماققا كۆزگە ئىلمايدىغان كىچىك ئىشلار،ئەمما بۇ ئىش كىيىنكى چىش كېسەللىكلىرىنىڭ ۋە باشقا ئېغىر كېسەللەرنىڭ بىر خىل سىگىنالى. ئامىرىكا چىش ئەتراپى كىسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا 80%قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەردە چىش ئەتراپى ياللۇغى بار بۇلۇپ،بۇلاردىن10%كىشىلەردىلا بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىدىكەن. تۈۋەندە سىلەرگە چىش مىلىكى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ناچار ئادەتلەرنى سۆزلەپ بېرىمەن: توغرا بولمىغان چىش چوتكىلاش ئامىرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى چىش كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى مارىك.ۋىل دوكتورنىڭ دىيىشىچە،كۆڭۈل قۇيۇپ چىش چوتكىلىمىغاندا چىشتا ئاسانلا باكتىرىيە توپى پەيدا بولىدىكەن ۋە چىش مىلىكى ئاسانلا قىزىرىپ ئىشىپ كېتىدىكەن،شۇڭا ھازىر توكلۇق چىش چوتكىسى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن،بۇنداق قىلغاندا چىش مىلىكىنى ئۇۋلاش ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرغىلى بۇلىدىكەن.ياخشى بولغان ئېغىز چايقاش سۇيۇقلىقى ۋە چىش پاستىسىنى ئىشلەتكەندە ئېغىزدىكى كېسەللىك باكتىرىيەلەرنى چوقۇم ئازايتقىلى بولىدىكەن.چىش چوتكىلاشتىن بۇرۇن چىش يىپىنى ئىشلىتىشنى ئادەتلەندۈرۈش،تاماقتىن كىيىن ياكى چىش چوتكىلاش مۇمكىن بولمىغاندا شىكەرسىز سېغىزنى چايناپ بېرىش ئارقىلىقمۇ چىشنى چىرىشتىن ۋە ھەر خىل ئېغىز بوشلىقى كىسەللىكلىرنى ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدىكەن. ئائىلىدىكىلەر بىلەن ئورتاق ئېغىز چايقاش ئىستاكانى ئىشلىتىش چىش ئەتراپى كىسەللىكلىرى ئادەتتە شۆلگەي سۇيۇقلىقى ئارقىلىق يۇقىدۇ.سۆيۈشۈش،ئائىلىدە ئورتاق بىر قاچىدا سۇ ئىچىش قاتارلىق ئىشلاردا بەلكىم يۇقۇملىنىش ئھتىماللىقى بۇلىشى مۇمكىن.شۇڭا مۇتەخەسىسلەر شۇنى سەمىڭلەرگە سالۇدىكىن،بۇلۇپمۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئورتاق چىش ساغلاملىق سايمانلىرىنى ئورتاق ئىشلەتكەندە يۇقۇملىنىش نىسبىتى يەنىمۇ يۇقۇرلايدىكەن. تاماق تاللاش مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە ئەگەردە قۇۋۋەتلىك غىزالانمىغاندا ئېغىز بوشلىقى توقۇلمىلىرى ئاسانلا زەخمىگە ئۇچرايدۇ،شۇڭا قۇۋۋەت بولغان يىمەكلىكلىرى ئېغىز بوشلىقىغا قۇۋۋەت يەتكۈزۈپ بېرىپ،مىلىكنى چىنىقتۇرۇپ ساغلام بولغان ئېغىز بوشلىقى مۇسكىلىنى شەكىللەندۈرىدۇ.شۇڭا قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنىگە چوقۇم يىتەرلىك مىۋە ۋە كۆكتات ئىستىمال قىلىشى كېرەك،بۇ ئارقىلىق كالىتسىي،ۋىتامىن دې،سې ۋە ماگىنىي تۇلۇقلىغىلى بۇلىدۇ. ئۇخلىغاندا چىش غۇچۇرلىتىش ئۇخلىغاندا چىش غۇچۇرلىتىش ئاسانلا چىش رەتسىز بۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،چىشلەش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ چىش ۋە چىش مىلىكىنى زەخىملەشتۈرىشنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ ۋە ۋىش مىلىكى قورۇلۇش ۋە ئاسانلا چىش ئەتراپى قاناشنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.بۇ خىل كىشىلەر چوقۇم ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھاراق ئىچمەسلىك ياكى سېغىز چاينىماسلىق كېرەك.يېتىشتىن بۇرۇن يىقىملىق مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ بېرىش ياكى پاكاراق ياستۇقتتا يىتىشى كېرەك. تاماكا چىكىش تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك تەركىپلەر ئادەمنىڭ ئىمونىت كۈچىنى تۈۋەنلىتىپ ئاسانلا چىش مىلىكىدىن قان چىقىدىغان قىلىپ قويىدۇ،شۇڭا چوقۇم تاماكىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك. تۇرمۇش بىسىمى بىسىمى ئېغىز كىشىلەرنىڭ چىش ئەتراپى ياللۇغىغا گىرىپتار بۇلۇش خەۋىپى تىخىمۇ چوڭ بولىدۇ،بۇ خىل كىشىلەر چوقۇم داۋاملىق بەدەن چىنىقتۇرۇپ،ئۇيقىغا ئەھمىيەت بېرىشى،مۇزىكا ئاڭلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىسىمىنى يىنىكلىتىشى كېرەك. ئائىلىدە چىش ئەتراپى ياللۇغى كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشى بولۇش چىش ئەتراپى ياللۇغى بىر ئائىلىدىكى كىشىلەرگە تەسىرى چوڭ بۇلىدۇ،ئەگەردە ئائىلىدە چىش ئەتراپى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئادەم بولسا،ئورتاق چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ u1 ^5 L1 [3 v, Q
|