rinatcn يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 10:41 AM 
تىما مەزمۇننى بەكلا يورتۇپ بىرىپسىز، ھەم سىىگارىتنىڭ ...
توغرا دىدىڭىز . ھەر بىر نەرسىنى چوڭقۇر كۈزەتسەك شۇ نەرسىنىڭ كۈزەتكۈچىگە بىرىدىغان تەسىرنى ئىجابىيىلققا كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، شۇ نەرسىنى ياسىغۇچىنىڭ شۇ نەرسىنى ئېستىمال قىلغچىىڭ پەقەت ئېھتىياجىنى چىقىش قىلماستىن ،بەلكى ،شۇ نەرسىنى ياساش جەھەتتە قانچلىك قان-تەرىنى ۋە زىھنىنى سىڭدۈرگەنلىكىنى شۇ مەھسۇلاتنىڭ شەكىلى ، رەڭگى . تاشقى ئورالما ئالاھىيدىلىگى . تىل-يېزىق .....قاتارلىق ئامىللارنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز.
نەپىس ئىشلەنگەن بىر مەھسۇلاتنىڭ ئورالمىسىدىكى تىل-يېزىق . رەڭ . شەكىل . تەم ، پۇراق .....قاتارلىق ئامىللارنى چىقىش قىلىپ شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقارغان دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ ئىستىتىك گۈزەللىككە بولغان قىممەت-قارشى . تارىخى مەدىنىيتى ......قاتارلىق ئۇچۇرلىرىدىن ئۇ مەھسۇلات مەيلى كىچىك بىر كەمپۇت چاغلىق بولسۇن مەيلى ۋە ھەجىمى چوڭ بولسۇن بىلىپ يىتەلەيمىز.
ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا دائىرسىگە كىرىدىغان سىگارت ...قاتارلىق چىكىلىكنى چىكىشنى ئۇزاق يىل كۈزەتسەم. باي كىشىلەر بۇخىل ئىچىملىك ۋە چىكىملىكنى كۆڭلى خاتىرجەم . مەلۇم سودىدا قاتتىق پايدا ئالغاندا . چوڭ-چوڭ سېتىۋىلىش ۋە سېتىش تۈرىنى ئالغان سودا توختامى ئىمزالىغاندا. بىر نەرسىگە ياراتماسلىقى ياكى كەمسىتىش نەزىرىدە قارىغاندا . خوتۇن-باللىرى بىلەن چوڭراق بىر پائالىيەتتە كۆڭۈللۈك تۇرغاندا ئازراق ئىچىپ بىرە تال چىكىپ قويدىكەن.
قولى قىسا ئەرلەر بولسا بۇنىڭ دەل ئەكىسچە ئىكەن . قولى قىسا ئەرلەر قانچىلىك نامرات قانچىكى چۈشكىن بولسا بەك ئىچىدىكەن. بەك چىكىدىكەن.
بايلارنىڭ خوتۇنلىرى يولدۇشۇم ھاراق بۈگۈن ھاراق ئىچىپتۇ دەيدىكەن .
نامراتلارنىڭ خوتۇنلىرى ماۋۇ ئىشەك بۈگۈن غەرىق مەس بولۇپ كەپتۇ دەيدىكەن .
بۇ سۆزگە دىققەت قىلسام بايلارىڭ خوتۇنلىرىنىڭ بۇ گىپىدىن يولدىشنىڭ ھاراق ئىچكەنلىگىنى بىراق مەس بولمىغانلىقىنى . بۇنىڭدىن بايلارنىڭ ھارقنى كۆڭۈل خۇش ئەمەس بەلىكى بىر خىل كۆڭلىنى روھلۇق قىلىش ئۈچۈنلا ئازىراق ئىچىكەنلىگىنى بىلۋالغىلى بولىدىكەن.
نامراتلارنىڭ خوتۇنلىرنىڭ گىپىدىن يولدىشنىڭ مەس بولۇپ قالغانلىقىدىن يولدىشنىڭ ھاراقنى كەيپىياتىنى تەڭشەش ئەمەس بەلىكى ئۆزىنى ئىنسانىيەت دەرىجىسىدىن ئىشەك دەرىجىسىگە چۈشۈرپ تۇرمۇشنىڭ ئىنساندىن كۈتۈدىغان ئەقەللىي بىر مەسئۇلىيەتچانلىق ئۆلچىمىدىن قاچۇرۈشنى مەقسەت قىلىپ ئىچىدىكەن.
....بەزى قىسمەن كىشىلەر مەھسۇلاتنىڭ ھارام ياكى ھالاللىق قىممىتىنىلا چىقىش قىلىپ ئۇ خىل مەھسۇلاتنى ياقتۇردۇ ياكى ياقتۇرمايدۇ. بىراق ، مەن ئۇنداق قارىمايمەن. مىنىڭ قىممەت-قارشىمدا ئىشلەپ چىقىرىلغان ھەر قانداق بىر مەھسۇلات مەيلى ھارام بولسۇن مەيلى ھالال بولسۇن شۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ تەم، پۇراق . ئورالما شەكلى ،تىل-يېزىق ...قاتارلىق تەرەپلىرىگە ئالاھىيدە دىققەت قىلىپ باقىمەن .
سورۇنلاردا دوسلار ئولتۇرشىدا ئەزەلدىن ھاراق ئىچمىسەممۇ ، لىكىن ،داڭلىق ھاراقلارنىڭ ماركىسىغا قاراپ ، ماركىسى داڭلىق بولغان بۇ خىل ھاراقنىڭ تەمى پۇرىغى زادى قاندقتۇر دەپ پۇراپ باقىمەن ....بۇ خىل ھاراقلاردا بىر ئادەمنىڭ دىمىقىنى خىل چۈچۈمەل قىرتاق ، لىكىن ،ئادەمنىڭ قەلبىنى مەس-مۇستەغرەق قىلغۇدەك گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان ئالما ۋە قىزىل ئۈزۈمنىڭ پۇرىغى ئادەمنىڭ دىماقنى ياردىغانلىقىنى ھىس قىلدىم .
..سىز ئىيتقان سگارتنى مەن بىر مەزگىل چەككەن . بىراق چەككىنىم كۇبانىڭ ئىدى. كۇبانىڭ سىگارتى ھاۋانىڭ سىگارتىدىن كۆپ ئەزان . بەلكىم كۇبا سىگارتنى ،يۇقۇرى-تۆۋن تەبىقىدىكىلارنىڭ ئىھتىياجىنى ئويلىشىپ ئەزان باھالىق قىلىپ ياسىغان بولسا كىرەك . نىمە دەيمىز بۇ ھەقتە ئەمدى؟ ئادەمنىڭ شۇنداق بىر مەزەگىللىك توسۇن ياۋا ئاتلارغا ئوخشاش دالىدىن-دالىغا. جىرالاردىن-جىرالارغا شوخلۇق بىلەن چىپى ئوينايدىغان مەزگىللرى بولدىكەن..... چەكسەڭ بىر خىل ھوزۇر. بىر خىل ئىشەنچ .بىر خىل تەم..... كۆز ئالدىڭغا گۈزەل يېزا-قىشلاقلىرى. ...ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۆپ-كۆك تاماكازارلىقى ..... ئاق شايى ياغلىق چىگىپ ،ئۇچۇسىغا ئالدى پەشتامانلىق كۆينەك كىيۋالغان بەستلىك ھاۋانا ۋە كۇبانىڭ تىرىشچان ۋە چىرايدىن كۈلكە ئۈزۈلمەيدىغان سەھرا قىزلىرى كىلىدۇ .
سىگارت كۆز ئالدىمىزغا كىلىشى بىلەن ھاۋا ۋە كۇبا دىگەن دۆلەت بىرىنجى بولۇپ كۆز ئالدىمىزغا كەلسە. ۋوتكا ، بىراندى......قاتارلىق داڭلىق ھاراق كۆز ئالدىمزىغا كىلىشى بىلەن گوللاندىيە . ۋە فېرانسىيە .....قاتارلىق ھاراق ئىچىتىش تارىخىغا نەچچە مىڭ يىللار بولغان قەدىمىي دۆلەتلەر كىلىدۇ. بىر ماركا ۋە بىر خىل خاسلىققا ئىگە بولغان مەھسۇلاتتا شۇ خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقارغان دۆلەت ۋە رايۇننىڭ ئەگرى توقايلىققا تولغان ئۆتمىشى ، گۈزەل بۈگۈنى ۋە تولۇق ئىشەنچكە تولغان تېخىمۇ گۈزەل بولغان كەلگۈسى جۇلا ئىتىدۇ .
.... يالغۇز مەھسۇلاتلا ئەمەس بەلىكى مىللەتنىڭ ھەر بىر مەدىنىيتىدىمۇ يۇقارقىدەك بىر خىل نەپىس گۈزەللىك بار بولغان بولىدۇ . تىپىك مىسالى ،قاراپ باقساق ئىسپانىيەنىڭ ھەر يىلى ئىلىپ بىرىلدىغان كالا سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسى كۆپ سانلىق ئىنسانىيەت ئەخلاقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ قارشى تۇرشىغا قارىماي ئىلىپ بىرىلىدۇ. بۇ مۇسابقىدە ئەرلەرغۇ مەيلىغۇ . بىراق ، يىرىم-يالىڭاچ كىينىۋالغان ئىسپان قىزلىرى شۇ كۆزىگە قىزىلىق تىقىلغان ياۋا بۇقىلاردىن ھىيقماي قاتنىشىدۇ. ئادەمنىڭ كۆزى تار مەنىدىكى دومىگىيلىك قاراشتا ئىتىلىپ قالغاندا بۇ خىل پائالىيەت ئادەمنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ. بۇ خىلدىكى قاراشقا ئىگە كىشىلەر بۇ مۇسابىقىدىكى ئىجابىي تەرەپلەرنى كۆرمەي . ئىچىنىشلىق قازا قىلغانلارنى ۋە يىرىم-يالىڭاچ كىينىۋالغان گۇناكار قىز-ئاياللارنى كۆرىدۇ. بۇ خىلدىكى ئىسپان قىزلىرى قورقۇمسىز. ياۋايى . شاللىق تۇيغۇسى بىرىش ئارقىلىق ئەسلىدىن قىز-ئاياللارغا خاس يۇمشاق ئەخلاقدىن كۆپ چەتنەپ كەتسىمۇ بىراق بۇ خىل روھقا ئازىراقلا ئىسلاھات ئىلىپ بارسا بۇ خىل قىز-ئاياللار شۇ مىللەتكە جەسۇر. قورقۇمسىز ....ئەۋلاتلارنى تۇغۇپ تەربىيلەپ بىرەلەيدۇ. بۇ خۇددى يەر تىرىشقا ناھايتى تەجىربىسى بار بىر دېھقاننىڭ قولىدا ئۇرۇق بولمسا بۇ دېھقانغا ئالاھىيدە مۇنبەت تۇپراق .يىتەرلىك ھاۋا. قۇياش نۇرى .....بار يەرگە ئەكىلىپ قويسمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بىر مايسا يىتىشتۈرەلمىگەندەك بىر ئىش ئىكەن.
مىنى مەھسۇلاتلرىغان ئاشىق قىلىپ قويغان شۇ ھاۋانا ۋە تېمىدىن چۈشۈپ قالغان كۇبا ....قاتارلىق دۆلەتتىكى چىكىللىرىدىن چىكىم-چىكىم تەر ئاققۇزپ تاماكا يوپۇرمىغى ئۇزۇۋاتقان . تاللاۋاتقان تىرىشچان . ئەمگەكچان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئون نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتىكى مسىرانىم مۇنبىرنىڭ سابىق ئەزاسى ئۈزۈمتالدىن سالام !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-3 12:03 PM