21
بىز ئاتمىش كلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئاندىن يېنىمىزغا كېلىدىغان ئاپتوبۇسنى خېلىغىچە ساقلىدۇق: ئۈچىمىز يۈك-تاق ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، توڭلاۋاتقان چۆچرىدەك قۇلاقلىرىمىزنى قولىمىز بىلەن پات-پات ئىسىتىپ قويغاچ قىززىق پاراڭلارنى قىلىشتۇق. نەمتۇل يېنىدا ئاينۇرنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى تېخىچە ئاپتوبۇسقا چىقىپ ئۆيىگە قايتىشقا قادىر بولالمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئىشقىلىپ گەپ-سۆزسىزلا قاپىقىنى تۈرۈپ ئولتۇراتتى. بىزنىڭ ئاندا-ساندا كۈلكىلىق چاقچاقلىرىمىز چىقىپ قالغۇدەك بولسا ماڭا ئاچچىق ئالىيىپ قوياتتى-دە، سۇس ئاۋازدا ‹‹خەپ!›› دېگىنىچە ئۇھسىناتتى. بىز ئۇ توغرۇلۇق ئانچە پاراڭ قىلمىساقمۇ، ئۇ يەنىلا بىزدىن قاتتىق خاپا ئىدى، بىز پەرۋاسىزلىق بىلەن گېپىمىزنى داۋام قىلاتتۇق... يېنىمىزدىكى ‹‹توخۇ مەسچىت››تىن مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى، بىز پارىڭىمىزنى توختاتتۇق.
ــــ ئەستا، تېخىچە كەلمەيدىغۇ؟ ــــ دېدى نەمتۇل دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن قاراڭغۇلۇق ئاستا يېيىلىپ كېلىۋاتقان سوغۇق ئاسمانغا قاراپ ئاچچىق بىلەن، ــــ شوپۇر دېگەن نېمە ماشىنىنى يولدا ھەيدىمەي، ئازگالغا چۈشۈپ كەتتىمۇ، ئەجەپ كېلەلمەي قالدى-يا!
ــــ ئېغىزىڭىزنى ئۈششۈتمەڭ، ماشىنا بولمىسا ھەممىمىز قايتالمايمىز. ــــ ئاينۇر كىچىك بالىدەك ئېغىزىنى ئۇچلىدى، ــــ بۇنداق كەچلىكتە مەكتەپنىڭ ياتىقىنىمۇ ئېتىۋەتتى، ھەر قاچان؟ يەنە ساقلىماي ئامال يوق.
ــــ بۇ گەپلەرنى ھېلى دىيىشەيلى. تاھارەت باردۇ ئاغىنىلەر، ئاۋۋال شام ئوقۇۋالايلى. ــــ دېدى ئادىل مەسچىت تەرەپكە قاراپ ئېقىۋاتقان ئەرلەرگە قاراپ، ــــ نەرسە-كېرەكلەرگە ئاينۇر قاراپ تۇرسۇن، يۈرۈڭلار...
نەمتۇل ئىككىمىزنىڭ دىگەر نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەكتەپتە ئېلىۋالغان تاھارىتىمىز بولغاچقا تەڭلا بېشىمىزنى لىڭشىتتۇق ۋە ئادىلنىڭ ئارقىسىدىن ئالدىراشلىق بىلەن مەسچىتكە قەدەم ئالدۇق...
ــــ ئەجەپ تەسلىكتە چىقتىڭلارغۇ؟ ــــ دېدى ئاينۇر يىراقتىن بىزگە ۋارقىراپ. ئۇ بەكلا توڭلاپ كەتتىمۇ يېنىك سەكرىگىنىچە ئۆزىنى ئىسسىتىپ تۇرۇپتۇ.
ــــ تېخىچە كەلمىدىمۇ ئۇ تۆمۈر ساندۇق؟ ــــ نەمتۇلمۇ خۇددى سايلىقتا تۇرۇپ بىرسىگە توۋلىغاندەك قوپال ئاۋاز بىلەن تەنە قىلدى، ــــ بىز ئېيىق ئەمەس ياكى تېرىمىز سىزنىڭكىگە ئوخشاش قېلىن ئەمەس، توڭلاپ كەتتۇق! سىز مەزلۇم كىشى بولغاندىكىن ئاۋۇ يەرگە يوتقان-كۆرپە سالغاچ تۇرسىڭىز بولمامدۇ، ئۇ ئۆلمىگۈر ماشىنا چىقماي قالسا ياتاتتۇق ئەمەسمۇ؟
ــــ قېلىن؟ ــــ ئاينۇر سوغۇقنىڭ دەردىدە ئاران تۇرغاندا نەمتۇلنىڭ بۇ سۆزىگە ئاچچىقلىنىپ قايناپلا كەتتى، ــــ شۇنچە ئىسسىق خەتلەرنى ئوقۇپ تۇرۇپمۇ، يۈرىكىنىڭ سېلىشى، توڭ چىرايى قىلچىمۇ ئۆزگىرىپ قويمىغان سىزگە ئوخشاشلارنى قېلىن دېسەك، توغرا بولار؟! تېخى ئۆزىنى ئېيىققا ئوخشىتىۋاپتىغۇ بەزىلەر؟ ئاڭلاڭلار، بەزى-بىر ئىشلاردا ئېيىقمۇ ئۇنىڭدىن نازۇك، شۇنداققۇ؟ سىزگە شۇنى دەپ قوياي: مەن ‹‹مەزلۇم›› ئەمەس، تېخىچە بىر سەبىي، ناتىۋان قىزمەن، مېنى بۇنداق چاقىرماڭ! ئەگەر مۇشۇ تېزەك پۇرايدىغان داق يەردە ياتىمەن دېسىڭىز، ئۆزىڭىز چاغلاپ بىر ئىش قىلىڭ!
نەمتۇل ‹‹سىز...›› دېگىنىچە تۇرۇپلا قالدى. ئۇ چىرايلىرىمىزنى ئاران پەرق ئەتكىلى بولىدىغان قاراڭغۇلۇقتا ئادىل ئىككىمىزگە ‹‹بۇ... بۇ...›› دېگىنىچە ئىتتىك-ئىتتىك قاراپ قوياتتى. ئەگەر ئىككىمىز ئۇنىڭ يېنىدا بولمىساق ئىدۇق، ئۇ چوقۇم ئاينۇرنى رەنجىتەتتى. بۇمۇ ياخشى بولغىنى: ھېچ بولمىسا نەمتۇلنىڭ قوپاللىقىنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان يۈرەكلىك بىر قىز سەپىرىمىزگە ھەمراھ، ئەمدى نەمتۇل سىنىپىمىزغا ھېلىقى پەينەك ئوقۇتقۇچى كىرگەنگە ئوخشاش يۇۋاشلاپ قالىدىغان بولدى.
‹‹توپىلىق پۇتبول مەيدانىدا تۇنجى كۆرگەن ئاينۇرنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان، زەردە بىلەن ئېيتىلغان بۇ سۆزلەرگە قولىقىم ئىشەنسىمۇ، ئۆزۈم ئىشەنمەي گاڭگىراپ قالغىلى تاس قېلىۋاتاتتىم. كاللامدا ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى بىچارە ھالىتى بىلەن ھازىرقى ‹‹زومىگەرلىك چىقىپ تۇرغان›› ھالىتى غۇۋا سېلىشتۇرما بولىۋاتاتتى. ئەمما، ئويلىنىپ قالدىم: ئۇمۇ توغرا دېدى، قاچانلا قارىسا ئوغۇل-قىز دېمەي ئېغىزىغا كەلگىنىنى سۆزلەرۋېرىدىغان ئەقىلسىز نەمتۇلغىمۇ خوپ بولدى. بوپتۇ، ئاينۇرنىڭ بۇ قېتىمقى گېپى بىلەن ئۇنىڭغا باھا بەرمەي تۇراي، بولمىسا ئۇنى ئورۇنسىز خاتا چۈشىنىپ قالماي يەنە...››
مەن ئۇ ئىككىسىنىڭ ‹‹جېدىلى››گە ئارىلاشماسلىق ئۈچۈن، ئۈن-تىنسىز قاراپ تۇردۇم، ئادىلمۇ خۇددى كۆپنى كۆرگەن، ئېغىر مىجەز كىشىدەك ئۇلارنىڭ پارىڭىغا سۆز قاتمىدى. ئارىنى خېلى ئۇزۇنغىچە جىمجىتلىق باستى.
ــــ ھەممىسى مېنىڭ كاساپىتىم، ــــ دېدىم مەن بۇرۇقتۇرما بولىۋاتقان، كەيپىياتى ناچار يۇرتداشلىرىمغا قاراپ، ‹‹گۇناھ››ىمنى بوينۇمغا ئېلىپ، ــــ ئاينۇر توڭلاۋاتامسىز؟ نەمتۇل ئاداش، يۈر ئىسسىق بىر مېھمانخانىغا بارايلى.
ــــ ياقەي، توڭلىمىدىم. مەن دېگەن ‹‹قېلىن›› تۇرسام...
ئاينۇرنىڭ ئاچچىقى يانمىغاندەك تۇراتتى، نەمتۇل ئېغىر تىنىپ قويغاندىن باشقا ئىپادە بىلدۈرمىدى.
ــــ قىش كۈنى دېگەندە بىردەمدىلا كەچ كىرىپ قالىدۇ، ھېلىمۇ خۇفتەن بولغىلىۋاتىدۇ. ــــ ئادىل بىزگە دوستلۇق يۈزىسىدىن كۆيۈندى، ــــ بۇ سوغۇقتا نەدىكى مېھمانغانىغا بارارسىلەر؟ بىلىسىلەر، خوتەن بېكەتنىڭ قېشىدا ئاندىن مېھمانخانا بار، ئۇ يەر مەكتەپنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدە، تېخى!
ــــ قانداق قىلىمىز ئەمىسە؟ ــــ دېدى ئاينۇر ئېغىزىنى ئىتتىكلىتىپ، ــــ ئاۋۇ غوجام دېگەندەك مۇشۇ يەردىلا تۈنەمدۇق؟
ــــ قىز بالا تۇرۇپ دەۋاتقان گېپىنى! ــــ نەمتۇل بۇ قېتىم ئاران ئاڭلىغۇدەك قىلىپ دېدى.
ــــ قىز بالا بولسام نېمە بوپتۇ؟ مېنى نېمىگە ئوخشىتىپ قالدىڭىز؟ ھېلىغۇ ئايرىم-ئايرىم ئۆيدە ياتىمىزكەن، ئىدرىس قېشىمدىلا بولسا بىر كارىۋاتتا يېتىشتىنمۇ قورقمايمەن!
ــــ ۋۇت، نۇمۇسسىز!
ــــ قانداق، چىدالمايۋاتامسىز؟ ئىدرىس مانا مۇشۇنداق ئىشەنچلىك يىگىت، مەن ئۇنى سىزدىن ئوبدانراق چۈشىنىۋاتىمەن... ئۇ ھەرگىزمۇ بىراۋغا، بولۇپمۇ ئەڭ يېقىن دوستىغا ئاسىيلىق قىلمايدۇ!
ــــ ۋۇي، ھاياسىز!
ــــ ھى...ھى...ھى...
نەمتۇلنىڭ ئاچچىق بىلەن تىللاشلىرىغا ئۇ ھىيلىگەرلىك بىلەن ھىجىيىپ قويدى. ئاينۇر راستىنلا قېلىن ئوخشايدۇ، بەلكىم ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقىنىدا يۈزى قىزىرىپمۇ قويمىغاندۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئورنىدا مېنىڭ يۈزۈم ئوت بولۇپ كۆيۈۋاتاتتى. ھېلىمۇ ياخشى ئەتراپىمىزدا بۇ نازۇك سۆزلەرنى ئاڭلىۋالغۇدەك ئۈچ يىگىتتىن باشقا كىشى يوق، ماشىنىنى ساقلاۋاتقانلار ئاللىقاياقلارغا بېرىپ پاناھلانغان. مېنىڭ ئاينۇر توغرىسىدىكى ئويلىرىم مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتاتتى، ئەگەر بىر ئېغىز گەپ قىلىپ سالسام بۇ قىزغا بولۇپ بەرمەسلىكى ئۈچۈن بۇ قېتىممۇ لېۋىمنى يىرمىدىم.
ــــ بولدى قىلىڭلار! ــــ ئادىلمۇ خىجىلچىلىق ھېس قىلدى بولغاي، چىداپ تۇرمىدى، ــــ ھەممىڭلار مەن بىلەن مېڭىڭلار، ئۆيۈمگىلا باشلاپ ئاپىراي! خاتىرجەم بولۇڭلار، ئۆيلەر كەڭرى-تاشا، ئايرىم-ئايرىم ياتاقلىق ئۆيدە ياتىسىلەر!
ــــ بۇرۇنراق دېمەمسىز؟ ــــ بىزدىن ئاۋۋال ئاينۇر قايناپ كەتتى، ــــ تاس قالدىڭىز، يېقىن ئىككى دوستىڭىڭىزنىڭ تاماشاسىنى كۆرگىلى.
ــــ تېخى مەن ھەر قايسىڭلارنى ‹‹يۇرتىنى سېغىنىپ كەتتى، بارغىلى ئۇنىمايدۇ، ئامال بار ماشىنىنى ساقلاپ باقسۇن›› دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنى خىجىل بولۇپ قالامدىكىن، دەپ...
ــــ بۇنداق چاغدا نېمىسىگە خىجىل بولاي؟ مانا، سىزمۇ بىر ئوبدان كۆڭلى ياخشى، ئوچۇق-يورۇق بالىكەنسىزغۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ماۋۇ ئىككىسى يېنىمدا تۇرسا...
ــــ كۆرگەنسەن ئادىل، خىجىل بولۇشنى بىلەمدىكەن؟
ــــ بولدى، ئاداش. ــــ يەنە بىر كۆڭۈلسىزلىكنىڭ تۇغۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، نەمتۇلنى سۆزدىن توختاتتىم، ــــ ھەممىمىز سەپەرداش، ھەممىنى تەڭ كۆردۇق. ئادىلنىڭمۇ بۇ گەپنى قىلغىنى بەكمۇ ياخشى بولدى، يۈرۈڭلار، سوغۇقتا تىترەپ تۇرغىچە دوستىمىزنىڭ كۆڭلىنى ‹‹رەھمەت›› دەپ قۇبۇل قىلايلى. ــــ ئاينۇر ئۆزىگە تەسەللىي تاپقاندەك گەپمۇ قىلمىدى.
ــــ ئادىلجان ئاداش، كۆڭلۈڭ ماڭا تېگىل بولدى. خاپا بولما، مەن بارالمايمەن.
ــــ ئۇنداق دېسەڭ راستىنلا سەندىن رەنجىپ قالىمەن، نەمتۇل! سەن بىلەن ئۈچ ئاي ياتاقداش بولۇش جەريانىدا سېنى چۈشەندىم، راست گەپ قىلسام ساڭا ھەۋەس قىلىمەن! لېكىن ماڭا بۇنداق گەپنى قىلما، بىز بىلەن ماڭ!
ئادىل نەمتۇلنىڭ ئوسال مىجەزىنى ياخشىلاش ئۈچۈنمۇ ياكى ئۇ قاراڭغۇدا نەمتۇلنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ قاراپ دەۋالىدىغان نازۇك گېپىنى ئېيتىۋېلىش ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى ئۇنى ئۆيىگە بېرىشقا قىستاش ئۈچۈنمۇ، ئەيتاۋۇر چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر ئۇرغۇ بىلەن سۆزلىدى. مەن ۋە ئادىلنىڭ يۇمشاق گەپلىرى بىلەن نەمتۇل تەسلىكتە ماقۇل بولدى. ھېلىمۇ ياخشى بۇ قېتىم ئاينۇر ئۇنىڭغا ‹‹مەنلا بارمىسام، سىز چوقۇم بارىسىز-ھە!›› دېگەندەك بولمىغۇر گەپلەرنى قىلمىدى، بولمىسا ئۇنى قايىل قىلىش تېخىمۇ تەسكە چۈشەتتى.
بىز ئادىلنىڭ يول باشلىشى بىلەن ھېلىقى ناۋايخانىنىڭ سول تەرىپىدىكى كىچىك كوچىغا كىرىپ كەلدۇق. ئەتراپ شۇنچە قاراڭغۇ ۋە سوغۇق، بىز ئادىلنىڭ ساھىبخانلارچە قىلغان ئىللىق پاراڭلىرى بىلەن بىردەمدىلا ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق.
(داۋامى بار...)
2015-يىل 2-ئاينىڭ 22-كۈنى يەكشەنبە، قاراقاش.
مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-2 03:22 PM