توردىكى مۇھەببەت
7
ئادەم دىگەننىڭ ئەقلى بىلەن ئىش قىلغاننى كۆرگەن بىر نۇرمال ئادەم ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ ئۇ شۇنداق قىلىپ ھىجايغىنىچە ئۇنىڭ قۇلىدىكى نەرسىنى ئېلىپ يەۋەتتى .
مىنىڭ قانداق ھىسسىياتتا بولغىنىم ھەم قانداق ئىنكاس قايتۇرغىنىمنى بەلكىم دىمىسەممۇ چۈشىنىسىلەر . ئەلۋەتتە مەن بىر ئوغۇلبالا ئوغۇلبالا بولغاندىكىن ئوغۇلبالىدەك ئىش قىلىشىم كېرەك ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ياقىسىدىنلا ئېلىپ غەزەپ بىلەن بىر مۇش سېلىشىم كېرەكتە ئەلۋەتتە . لىكىن مەن ئۇنداق قىلالمىدىم چۈنكى ئەمدى ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلاي دەپ بولغۇچە بۇ قىز يىغلىغىنىچە سىرىتقا چىكەتكەن ئىدى ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغانمۇ بولدۇم لىكىن بىر مۇش ئۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىدىم ئۇنىڭغا شۇنداق ئاچچىغىم بار ئىدى لىكىن مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىقمىسام بولمايتى چۈنكى مەندىنمۇ بەكرەك ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگەن بولىشى مۇمكىن چۈنكى بىر يۈزى تۈۋەن ئەدەپ ئەخلاقلىق بىر قىز ئۈچۈن بۇنداق ئىش بەكلا ئېغىر كىلىدىغاندۇ شەخسەن مەن شۇنداق ئويلۇدۇم . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ياقىسىنى قۇيىۋەتتىم ھەمدە ئۇنىڭغا ئالدىرىماي تۇر قىلىدىغان ئىشىمىز خېلى جىق تېخى ئىككىمىزنىڭ دەپ قۇيۇپ سىرىتقا ماڭدىم دىمەكچى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىقتىم .
چىقسام ئۇ مەيداننىڭ چەت تەرىپىدىكى دەرەخلىكنىڭ ئىچىدە يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ
بەلكىم ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشىم كېرەكتۇ بېرىپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشىم كېرەكتۇ لىكىن ئۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلاممىدىم جۈرئەت قىلاممىدىم ئەمەس ئۇنداق قىلغۇم كەلمىدى چۈنكى بۇ ئىشنىڭ سەۋەپچىسى مەن بىر ئويۇن ئوينۇدۇم دەپ ئۇنى ئازاپلىغان ئادەم مەن ئىدىم . ئەگەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرسەم بەلكىم مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىتىشى ئۇ مىنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئۇنىڭ مىنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىنى ئويۇندىن باشلانغان بۇ مۇھەببەتنىڭ راسقا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايمەن
ئۇنىڭ يىغلىشىغا قاراپ خېلى ئۇزۇن تۇردۇم ئۇنىڭغا بىرئاز ئىچىم ئاغرىپ قالدى ئۇنىڭ يىغلاشلىرىغا چىدىمىغان ئىدىم . ئۇ خېلى بىر ۋاقىتتىن كىيىن يىغىسىدىن توختىدى ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۈزىمىز ئۇچراشتى شۇنداق . ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپلا ئۈزىگە قاراپ تۇرغان ماڭا قاراپ قېتىپلا قالدى بەلكىم ئوڭايسىزلىنىپمۇ قالغاندۇ . ئىككىمىز شۇنداق قارىشىپ بەش ئون مىنۇتچە تۇردۇق يا ئۇ مىنىڭ قېشىمغا كەلمىدى يا مەن ئۇنىڭ قېشىغا بارمىدىم شۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتىم تولىمۇ مۇرەككەپ ئىدى كاللامدا نۇرغۇن ئىشنى ئويلاۋاتقان ئىدىم كىچىكلىكتە ئويلاپ يەتكىنىم شۇ ئىدى . مەن ئەمدى ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشىم كېرەك بۇنداق ئۆتىۋەرسەك مۇناسىۋىتىمىز بۇ ئويۇن راسقا ئايلىنىدۇ كىيىن ئۇ ھەممە ئىشنى ئۇقۇپ مىنىڭ ئۇنى ئەخمەق قىلغىنىمنى بىلسە .....
شۇ ئىشلارنى ئويلاپ ئەمدى بۇ ئويۇننى توختۇتۇش نىيىتىگە كەلگەن ئىدىم شۇنداق خىياللار بىلەن ئارقىمغا بۇرۇلۇپ مەكتەپتىن چىكەتتىم ئۇ بولسا ماڭا قارىغان پېتى شۇ جايىدا قالغان ئىدى كاللامدا نۇرغۇن چىگىش خىياللار بۇ قىلغىنىمنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن بەلكىم رىسقىمىز يوقتۇ دەپ ئويلايمەن ھازىر .
ئەگەر شۇ قېتىم ئۇنداق قىلمىغان بولسام مىنىڭ ھاياتىمغا ھەقىقىي تەسىر قىلغان ماڭا ھەقىقىي مۇھەببەتنى ھىس قىلدۇرغان ھەمدە مىنىڭ بۇ ھىكايىنى يېزىشىمغا سەۋەپچى بولغان ھەقىقىي قىز پىرسۇناژ مىنىڭ ھاياتىمدا پەيدا بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى گەرچە مەن ئۇنىڭ بىلەن ئويۇننىڭ سەۋەبىدىن تونۇشۇپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالغان بولساممۇ كىيىن يەنىلا ئىككىمىز بىرگە بولىشىمىز ھەمدە ئۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشۈم مۇمكىن ئىدى ئۇ مىنى توغرا چۈشۈنۈپ مىنى كەچۈرۋىتىشى ئىككىمىزنىڭ مۇھەببەت ھىكايىمىز باشلىنىشى مۇمكىن ئىدى . ئەپسۇس ئۇنداق بولمىدى ھەممىسىنى تەقدىر دەپ ئويلايمەن ئۈزەمچە
ئەمدى ھىكايەمنى باشلاپ ھازىرغا كەلگۈچە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىم مەندىن مۇنداق دەپ سۇئال سۇراپ قالدى توردىكى مۇھەببەت دەۋاتمامتىڭىز ؟ ھىكايىنىڭ تىمىسى قاملاشماپتۇ دىگەندەك ؟ بەلكىم ھەممىڭلار قىزىققانسىلەر ھەم شۇنداق ئويلىغانسىلەر دەسلەپتە مەنمۇ ئويلىغان نۇرغۇن تىمىلارنى ئويلۇدۇم مەكتەپتىكى مۇھەببەت ئۇنداق مۇھەببەت بۇنداق مۇھەببەت دىگەندەك لىكىن ئويلاپ ئويلاپ ئاخىرى مۇشۇ تىمىنى توغرا تاپتىم چۈنكى مىنىڭ ھەقىقىي مۇھەببەت ھىكايەم تۇنجى مۇھەببەت ھەم ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان مۇھەببىتىم راسلا توردىن باشلانغان ھەم توردا تەرەققىي قىلغان ھەقىقىي مۇھەببەتنى مەن ئۇنىڭدىن ھىس قىلغان شۇڭا مەن بۇ تىمىنى تاللىغان ئىدىم ئەمەلىيەتتە مەن شۇ ۋاقىتتا يەنى تولۇق ئوتتۇردىكى ۋاقتىمدا نۇرغۇن نۇرغۇن قىزلار بىلەن تونۇشۇپ نۇرغۇن قىزلار بىلەن ئارلاشقان ئىدىم نۇرغۇن قىزلارنى ئەخمەقمۇ قىلغان بەلكىم بەزىلەر مىنى بىر سۇيۇق بالىكەن دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن لىكىن ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبى بار چۈنكى مەنمۇ نۇرغۇن قېتىم ئەخمەق بولغان تېخى تۈزۈك ئارلاشماي تۇرۇپلا قىزلار مىنى ئەخمەق قىلغان كەينى كەينىدىن ئەخمەق قىلىۋەرگەن شۇنداق ئىشلار بۇلاۋېرىپ ھەتتا مەن ياش تۆككەن ۋاقىتلىرىممۇ بار شۇ چاغدا دۇنيادىكى قىزلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆچ بوپ كەتكەن ئىدىم شۇڭا كىيىن مەنمۇ قىزلارنى بىر ئەخمەق قىلىپ باقاي دىگەن نىيەتتە شۇنچە كۆپ قىزلارنى ئەخمەق قىلىۋەتكەن . مۇھەببەتنى ئويۇننىڭ ئورنىدا كۆرگەن ئىدىم .
بەلكىم بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ مىنىڭ شۇ تارىخىمغىمۇ قىزىىپ قالغانسىلەر يەنە بەزىلىرىڭلار ئويلاپ قالغانسىلەر بەرىبىر ھەقىقىي مۇھەببىتى توردىن باشلانغان بولغاندىكىن شۇنىلا يازسىچۇ دەپ . دەسلەپتە مەنمۇ ئويلۇدۇم توردىكى مۇھەببىتىمنىلا يازايچۇ بولدى دەپ لىكىن ئاخىرى يەنىلا بۇ ئىشلارنىمۇ يېزىشنى توغرا تاپتىم چۈنكى بىر ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىلا بۇلاپ يامان تەرىپى بولمىسا ئانچە قاملاشمايدۇ مۇھەببەتنىڭمۇ شۇ شىرىن تەرىپىلا بولۇپ ئاچچىق تەرىپىمۇ بولمىسا قاملاشمايدۇ شەخسەن مەن شۇنداق ئويلاپ شۇڭا مەكتەپتىكى ئىشلىرىمنىمۇ يازدىم . ئەمدى ئاچچىق تەرىپى دىسەم ئويلاپ قالغانسىلەر سىز ھېچقانداق ئاچچىق يېرىنى تېتىماپسىز دەپ چۈنكى ھىكايەم باشلىنىپ ھازىرغا كەلگۈچە ئۇنداق ئاچچىق ئىشلار چىقمىدى ئاچچىق ئىشلار بولمىغان ئەمەس مەن تېخى يازمىدىم چۈنكى ھىكايەمنىڭ ھەقىقىي مەزمۇنلۇق يېرىگە تېخى ئەمدى كەلدىم ئاچچىق بولسۇن ياكى شىرىن بولسۇن ھەممە ئىش شۇ قېتىم مەكتەپتىن چىكەتكەندىن باشلانغان . ئەمدى نېمىشقا بىزگە ئۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ يۈرۈيسىز يازغىڭىز بولسا يېزىۋەرسىڭىز بولىدىغۇ دەپ ئويلاپ قالغانسىلەر
نېمىشقا چۈشەندۈرىمەن دىگەندە مەن باشقىلارنىڭ مىنى سۇيۇق ئوغۇلبالىكەن دەپ ئويلاپ قېلىشىنى خالىمايمەن . نېمىشقا ھىكايىنىڭ بۇ يېرىگە كەلگەندە توختاپ بىزدىن بۇنچە كۆپ ئىشلارنى سۇرايدۇ دىگەندە راس گەپنى قىلسام مەن ئەمدى قانداق يېزىشىمنى بىلمىدىم راسلا
چۈنكى ئەمدى مىنىڭ ھەقىقىي توردىكى مۇھەببىتىمنى يېزىشنى ياكى شۇ ئازاپلىق شۇ ئاچچىق مۇھەببەتلىرىمنى يېزىشنى زادى قايسىنى باشلىشىمنى بىلمىدىم .
شۇڭا ھىكايىنىڭ بۇ يېرىگە كەلگەندە توختاپ سىلەردىن سۇراشنى توغرا تاپتىم . ئەگەر مىنى شۇ ئازاپلىق ھىكايىلىرىڭىزنىمۇ يېزىڭ دەردىڭىزگە بىللە دەرمان بۇلايلى دىسەڭلار مەيلى مەن ئىرىنمەي يېزىپ بېرىمەن لىكىن راس گەپنى قىلسام بۇ ئازاپلىق ئىشلارنى يازغۇم يوق چۈنكى ئۇ ئىشلارنى ئويلۇغۇممۇ يوق ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يازسام ئۇقمايمەن بۇ ھىكايەم قاچان تۇگەركىن تاڭ . ئەگەر مىنى ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يازماي ھەقىقىي مۇھەببىتىڭىزنىلا يېزىڭ دىسەڭلارمۇ مەيلى مەن شۇنىلا يازىمەن قايسىنى يېزىشىمنى ئۈزۈڭلار تاللاڭلار . ئەگەر مەندەك بىر ئاددىي ئوغۇلبالىنىڭ ھىكايىسى سىلەرنى ئازراق بولسىمۇ قىزىقتۇرالىغان بولسا ھەم مىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگۈڭلار بولسا قايسىنى يېزىشىمنى ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق ياكى مەن بىلەن ئالاقىلشىپ تەكلىپ بېرشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .قايسىنى يېزىش توغرۇلۇق ئىنكاس كۆپ بولسا ياكى مەن بىلەن ئالاقىلشىپ قايسىنى يېزىش توغرۇلۇق پىكىر كۆپ بولسا بىر ھەپتىدىن كىيىن ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنراق يېزىشنى باشلايمەن .
ئەمسە پىكىرىڭلارنى كۈتىمەن
گەرچە ھىكايەم شۇنچە ئاددىي بولسىمۇ زىرىكمەي ئوقۇپ ھەم زىرىكمەي ئىنكاس يېزىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا كۆپ رەھمەت سىلەرنىڭ بەرگەن پىكىرلىرىڭلار مىنى داۋاملىق يېزىشقا رىغبەتلەندۈردى . ئەمسە كىيىنكى قىسىمدا كۈرىشەيلى ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق بەرىكەت كۈنلىرىڭلارغا خۇشاللىق تىنىڭلارغا سالامەتچىلىك تىلەپ
QQ:1256208000 ئۈمەرئېلى
2015-3-1 شنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت12:41
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا umarali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-2 03:03 AM