چىش چوتكىلاشنىڭ مەقسىدى ۋە توغرا ئۇسۇلى 1.چىش چوتكىلاشتىكى مەقسەت: چىش چوتكىلاشتىكى مەقسەت چىشدىكى باكتېرىيە دىغىنى ،يۇمشاق كىرلارنى ،تاماق قالدۇقلىرى ۋە رەڭ چۆكمىلىرىنى تازلاش ،ئېغىز بوشلۇقنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان شۇنىڭ بىلەن بىرگە چىش مىلىكىنى ئۇۋلاش مەقسىتىگە يەتكىلى ۋە چىش ئەتراپنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىشغىلى بۇلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملىك ئۇسۇل.چىش چوتكىلاشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ،مەيلى قايسى ئۇسۇلنى تالايلى ھەممىسىدە چىش چوتكىلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بۇلىدۇ. نۆۋەتتە،بىز كۆپىرەك قوللىنىدىغىنىمىز(گورزىنتال قىسقا ئارلىقلىق تىترىتىپ چوتكىلاش ئۇسۇلى)قىسقارتىپ باسچە چوتكىلاش ئۇسۇلى.بۇ خىل چىش چوتكىلاش ئۇسۇلى چوتكا قىلىنى چىش مىلىك ئېرىقچىسى بىلەن چىشنىڭ قوشنا يۈزىگىچە چوتكىلىغىلى بۇلۇپ،چىش باكتىرىيە دېغى ئەڭ ئاسان پەيدا بۇلىدىغان بۇ رايوننى قىسقا ئارلىقلىق گورزىنتال ھەلەتتە تىترىتىپ چىش باكتىرىيە دېغى بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.بۇ ئۇسۇل ھەتتا ھەر يىللىق دوختۇرلۇق سالاھىيەت يۈزتۇرانە ئىمتىھانىدا چوقۇم چىقىدىغان سوئال.بۇنىڭدىن بۇ ئۇسۇلنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بۇلىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا چىش چوتكىلايدىغانلار ئەڭ دىققەت قىلىدىغان يېرى قوشنا يۈزى،قوشنا يۈزى دىگىنىمىز چىش ۋە چىشنىڭ جىپسىلاشقان يۈزى،چىش بىلەن چىش مىلىكىنىڭ تۇتاشقان يەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.چوتكا قىلىنى چىش ۋە چىش مىلىكىنىڭ تۇتاشقان يېرىگە توغۇرلاپ،چىشنىڭ يۈزىگە45گىرادۇس قىيپاش قىلىپ،گورزىنتال ھالەتتە ئاستا تەۋرىتىمىز،ئاندىن چىش ئاراچلىرىنى ئاستىن-تۈۋەن چوتكىلايمىز.ھەممە چىش ئوتتۇرسىدىكى ئاراچلىنى،بىرسىمۇ قىلىپ قالماسلىق،ئاندىن چوتكىنى تىك قىلىپ يۇقۇرى تۈۋەن ئۇدۇل چىشنىڭ ئىچكى تەرەپنى چوتكىلايمىز.چىشنىڭ چىشلىشىش يۈزىنى ئۇيان بۇيان قىلىپ چوتكىلايمىز،ئەڭ ئاخىرىدا تىلنى چوتكىلاشنى ئۇنۇتماڭ.تىلنى چوتكىلىسىڭىز ئېغزىڭىز تىخىمۇ خۇش پۇراق بۇلىدۇ.كۈندە چوقۇم ئىككى قېتىم چوتكىلاڭ،ھەر قىتىمدا ھەر بىر بۆلەكنى10قېتىم،چىش چوتكىلىغاندا دىققىتىنى چاچماسلىق،چوتكىلاش ۋاقتى 3مىنوتتىن كەم بولماسلىق كېرەك. 2.توغرا بولغان چىش چوتكىلاش تەرتىپى: بىرىنچى:ئالدى بىلەن چىشنىڭ يۈز قىسمىنى چوتكىلاش.چىش چوتكىسىنىڭ قىلىنى چىش يۈزى بىلەن 45 گىرادۇش ھالەتتە،قىيپاش ھالەتتە ئاستا بېسىپ چىش ۋە چىش مىلىكىنىڭ تۇتاشقان جايىغا قۇيىمىز.يىننىك چەمبىرەك شەكىلدە چوتكىلايمىز،ئۈستىنكى چىشنى تۈۋەن تەرەپكە،تۈۋەنكى چىشلارنى يۇقۇرى تەرەپكى قارىتىپ چوتكىلايمىز.چىش مىلىكىنى يىننىك چوتكىلاپ،ئۇۋالاش ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىككىنچىسى:چىشنىڭ چىشلىشىش يۈزىنى چوتكىلاش.چوتكىنى تۈز تۇتۇپ مۇۋاپىق كۈچ بىلەن چىشلىشىش يۈزىنى ئۇيان بۇيان قىلىپ چوتكىلايمىز،ساغلاملىق تىپىدىكى چىش چوتكىسىنىڭ قىلى ئەۋرىشىم ۋە قىلى ئىنچىكە بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا،چىشنىڭ يۈزقىسمى ۋە ئاراچلىرىغىچە چوڭقۇر يىتىپ بېرىپ پاكىز تازلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بۇلىدۇ. ئۈچۈنچىسى:چىشنىڭ ئىچكى تەرەپنى چوتكىلاش.چوتكىنى تىك قىلىپ چوتكا قىلىنى يۇقۇرى تۈۋەن ھالەتتە چىشنىڭ ئىچكى قىسىمىنى چوتكىلاش. تۆتىنچىسى:تىلنىڭ يۈزىنى يىننىك چوتكىلاش.ئىچىدىن تاشقىرى تەرەپكە ھالەتتە تىلنىڭ يۈزىدىكى تاماق قالدۇقلىرىنى ۋە باكتىرىيەلەرنى تازلش،بۇ باسقۇچنى يىڭى قىلغاندا بەلكىم تىلىڭىز غىدىقلىنىپ،بىرخىل بۇلۇپ قالىسىز،ياكى كۆڭلىڭىز ئېلىشىشى مۇمكىن ئەمما چىداپ داۋاملاشتۇرۇپ بەرسىڭىز،چوقۇم كۈنۈپ قالىسىز،بۇ باسقۇچ ئېغزىڭىزنى راستىنلا تىخىمۇ خۇش پۇراق قىلۋىتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turukyar219 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-2 12:05 AM
|