مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 711|ئىنكاس: 11

《كەلىلە ۋە دىمىنە》دىن ئۈنچىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103621
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 196
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 11:10:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‏«كەلىلە ۋە دەمىنە»  دىن ئۇنچىلەر


‏* بۇ دۇنيادا ئالتە نەرسىنىڭ ئالتە نەرسىسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس :
‏دۇنيانىڭ مېلى ھەرىكەتسىز بولمايدۇ; نەپسنىڭ خاھېشى مېھنەتسىز بولمايدۇ;

‏‏خوتۇنلار بىلەن بىللە بولماق بالاسىز بولمايدۇ; يامانلارغا قوشۇلماق نادامەتسىز بولمايدۇ;

‏بېخىلدىن تەمە قىلماق خارلىقسىز بولمايدۇ; پادىشاھقا مۇلازىم بولماق ئاپەتسىز بولمايدۇ .

‏* يۈگۈرۈك ۋە چىرايلىق يورغىلايدىغان ئاتنى باغلاپ باقىدۇ. بۇلبۇل چىرايلىق سايرىغانلىقى ئۈچۈن قەپەسكە سولايدۇ.

‏مېۋىلىك دەرەخ مېۋە بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا چىقىپ شاخلىرىنى دەسسەپ شېخىنى سۇندۇرىدۇ ۋە تاۋۇس ( توز ) ئۆز ھۆسنى - جامالى بىلەن جىلۋە ئەيلىگەنلىكى ئۈچۈن قانات قۇيرۇقىنى قىرقىيدۇ .

‏* قەدىر بىلمەس كىشى بىلەن سۆھبەت تۈزمەك ۋە قىممىتىنى بىلمەس كىشى قېشىدا خىزمەت قىلماق خۇددى ھوسۇل ئېلىشنى تەمە قىلىپ شور يەرگە ئۇرۇق چاچقانغا ياكى ئانىدىن تۇغما گاسنىڭ قۇلىقىغا سۆزلىگەنگە ۋەياكى قارىغۇ كىشىدىن ئۆزىنىڭ ھۆسن - جامالىنى تەرىپلەشكە سۆز تەلەپ قىلغانغا ۋەياكى سۇنىڭ يۈزىگە خەت يازغانغا ئوخشاش بىر ئىشتۇر .

‏* ھېچقانداق دۈشمەننى خار كۆرمەسلىك كېرەك. چۈنكى, « يىڭنىنىڭ قولىدىن كەلگەن ئىش نەيزىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ئوت گەرچە كىچىك بولسىمۇ پۈتۈن بىر ئالەمنى كۆيدۈرۈشى مۇمكىن».

‏* ياخشى ئويلانغان پىكىر پالۋانلىقتىن ياخشى .

‏* جاھاندىكى ئالەم ئەھلى ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتى ۋە خۇي - پەيلىگە قاراپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ : بىرىنچىسى; دەيدۇ قىلىدۇ, بۇ تىرىكچىلىك قائىدىسىنى بىلىدىغانلارنىڭ قائىدىسىدۇر. ئىككىنچىسى; دېمەيدۇ, قىلىدۇ, بۇ, مەردلەرنىڭ ئادىتىدۇر.
‏ئۈچىنچىسى; دەيدۇ, قىلمايدۇ, بۇ, مۇناپىقلارنىڭ ئۇسۇلىدۇر.
‏تۆتىنچىسى; دېمەيدۇ, قىلمايدۇ, بۇ, بېخىل ۋە ھىممىتى پەسلەرنىڭ خىسلىتىدۇر .

‏*ئۇلۇغلار ئۆز دەپتەرلىرىگە: « ئالتە نەرسىدىن پايدا ئالغىلى بولمايدۇ » - دەپ يېزىپ قويغانىكەن . ئۇلار: ئەمەلسىز سۆزدىن, جەۋرىلىك مالدىن, تەجرىبىسىز دوستلۇقتىن, رىئايە قىلىنمىغان ئىلىمدىن, مەقسەتسىز سەدىقىدىن ۋە ساقسىز تىرىكلىكتىن پايدا ئالغىلى بولمايدۇ, - دېيىشكەن .

‏* ھىيلە - مىكىردىن ۋاز كەچ, چۈنكى خەلقنى ئالدىيالىغېنىڭ بىلەن خۇدانى ئالدىيالمايسەن. ھىيلىنىڭ تولىسى ھىيلە ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۆزىگە زەرەر قىلىدۇ ۋە جازاسى يېتىدۇ .

‏*قەلەمنىڭ تىلى ئىككىگە ئايرىلغاچقا پادىشاھنىڭ مال - مۈلكىگە ۋە مەملىكەتكە پاسىبانلىق قىلىدۇ. قىلىچ بىر بىسلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشى قان ئىچىش ۋە قان تۆكۈشتۇر. ئەمما تارغاق بولسا كۆپ تىللىق بولغاچ, ئۇنىڭ ئىشى نازىنىنلارنىڭ بېشى ئۈستىدە ئورۇن تۇتۇشتۇر .

‏* ئۆلىمالار: « كىشىنى ھالاك قىلىشقا ھەرىكەت قىلغۇچىلار ئەقىلىدىن بۇرۇن ئۆلىدۇ. لېكىن جېنى تېنىدىن بىر يولىلا چىقمايدۇ, بەلكى شۇنداق بولىدۇكى, ئۇنىڭغا ھاياتتىن بىزار بولغۇدەك دەرىجىدە بىر رەنج يېتىدۇ. ھەردەم ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەيدۇ, ئەمما ئۇنچە ئوڭاي ئۆلمەيدۇ » - دەيدۇ.

‏* بۇزۇرۇكلار: « تۆت گۇرۇھنى تۆت ۋاقىتتا سىناش كېرەك. يەنى, باتۇر - باھادىرلارنىڭ شىجائىتىنى جەڭدە; خىيانەتسىز - ئىنسابلىق كىشىلەرنىڭ دىيانىتىنى ئېلىم - بېرىم مۇئامىلىسىدە; خوتۇن ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ۋاپاسىنى نامرات چاغلاردا; ھەقىقىي دوستلارنى بالا - قازا كەلگەن ۋاقىتتا سىناش كېرەك » - دەپ ئېيتقان .

‏* ھەر كىشى تۆت ئىش قىلسا تۆت ئەجىر تاپىدۇ: بىرىنچىسى, زۇلۇم قىلسا ھالاكىتى يېقىن بولىدۇ; ئىككىنچىسى, خوتۇنلار سۆھبىتىگە ھېرىس بولسا رەسۋالىققا ئۇچرايدۇ; ئۈچىنچىسى, يېمەك - ئىچمەككە تولا بېرىلسە كېسەلگە دۇچار بولىدۇ; تۆتىنچىسى, نادان ۋەزىرلەرنىڭ پىكرىگە ئىشەنسە, مەملىكىتى بىلەن ۋىدالىشىدۇ .

‏*ھۆكۈمالار: « ئۈچ خىل كىشى ھېكمەت رەۋىشىدىن يىراق ۋە ئەقىل يولىدىن تاشقىرىدۇر » - دەپ ئېيتىشقان.
‏بىرىنچىسى, ئۆزىنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىگە ئىشىنىپ, ھەر قانداق بالا كەلسە قارشى كېتىۋىرىدىغانلار. بۇنداق كىشىلەر ئاقىۋەت ئۆزىنى ھالاكەتكە سالىدۇ; ئىككىنچىسى, تائام ۋە شارابنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ۋە مەيدىسىنىڭ ھەزىم قىلىشىغا ئاجىز كېلىشىدىن قورقماي يەۋېرىدىغانلار. شۈبىھسىزكى, بۇنداق كىشىلەر ئۆز جېنىنىڭ دۈشمىنىدۇر;
‏ئۈچىنچىسى, ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە مەغرۇر بولۇپ, ئۇلارنىڭ خوشامەتلىرىگە ئالدانغانلار. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىشى ئاخىرى ھەسرەت - نادامەت ۋە پۇشايمان كەلتۈرىدۇ .

‏* بۇزرۇكلارنىڭ ئېيتىشىچە سەككىز نەرسە سەككىز نەرسىگە باغلىق بولىدۇ.
‏ئۇلار مۇنۇلاردۇر: خوتۇننىڭ ئىززىتى ئەر بىلەن, بالىنىڭ ئىززىتى ئاتا بىلەن, شاگىرتلارنىڭ ئەقلى - ھوشى ئۇستاز بىلەن, لەشكەرلەرنىڭ قۇۋۋىتى سەردار بىلەن, زاھىدلارنىڭ كارامىتى تەقۋادارلىق بىلەن, پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىكى پادىشاھ بىلەن, پادىشاھلىق ئىشىنىڭ نىزامى ئادىللىق بىلەن, ئادىللىقىنىڭ روناق تېپىشى ئەقىل ۋە ھوشيارلىق بىلەن باغلىق بولىدۇ .
‏* ئۇششاق گەپمۇ دېيىلىۋەرسە بارا - بارا يوغىناپ مۇكەممەللىشىپ قالىدۇ - دە, ئاخىرى ئۇنى رەت قىلغىلى بولماي قالىدۇ. بۇ خۇددى بۇلاقلارنىڭ سۈيى يىغىلىپ چوڭ دەريانى ھاسىل قىلغاندا, ئۇنىڭدىن كېمىگە چۈشمەي تۇرۇپ ئۆتكىلى بولمىغاندەك بىر ئىش. شۇڭا غەرەز بىلەن قىلىنغان سۆزلەر ئۇششاق ۋاقتىدىلا ئۇنى رەت قىلماق كېرەك. شۇندىلا باشقىلارنىڭمۇ سۆزلەيدىغان يولى باغلىنىپ, ئىشنىڭ ئاخىرى پىتنە - پاساتقا ئايلىنالمايدۇ .

‏*غەزەپنى تەرك ئەتمەك ھەممە ياخشى خۇينىڭ ئاتىسى, ئاچچىقلانماق بارلىق يامان خۇينىڭ ئانىسى .

‏* ئۈچ خىل كىشى ھەممە غەم - ئەندىشىنىڭ ئىلكىدە ئەسىر بولۇپ تۇرىدۇ:
‏بىرىنچىسى, يامان ئىشنىڭ قەستىدە يۈرگەن كىشى;
‏ئىككىنچىسى, قۇدرىتىنىڭ بارىدا ياخشى ئىش قىلمىغان كىشى;
‏ئۈچىنچىسى, نادانلىق بىلەن ئويلىماي ئىش قىلىپ, ئاخىرىدا ھەسرەت - نادامەتكە قالغان كىشى. * ئۈچ خىل كىشى ئۆزىنى رەنجىگە سالىدۇ:
‏ئۇنىڭ بىرىنچىسى, جەڭ ۋاقتىدا ئۆزىدىن غاپىل بولغانلار. ئۇلار زەخمە يەيدۇ;
‏يەنە بىرى, ھارامدىن مال جۇغلىغانلار. ئۇلارنىڭ مېلى تالان - تاراجقا كېتىپ, ئۆزىدە ئۇۋالدىن باشقا نەرسە قالمايدۇ;
‏يەنە بىرى, ئۆزى قېرى تۇرۇپ ياش خوتۇن ئالغانلار. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈل ئاچالمايدۇ.

‏2013-11-25
‏※ΣмαлnUЯi※
‏كۇچۇرۇپ كەلگۇچى :- خاقانبەگ




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88497
يازما سانى: 551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1316
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 861 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 11:55:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2نۇسقۇسى باركەن سىز قايسىدىن ئۆرنەك ئالدىڭىز.

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى يۇزى بولىدۇ،ياخشى بىلەن يامان كەلگۇسى بىلەن ئۆتمۇشى،بىرسىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز بارلىقىنى قوبۇل قېلىشىڭىز كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5032
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1129 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 12:09:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل جەۋھەرلەركەن .....تەشەككۈر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1578
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 577 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 12:21:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۇرۇنلۇق سۆزلەر ،ياخشى تىمىكەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1326
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 04:31:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xahanime يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 11:55 PM
2نۇسقۇسى باركەن سىز قايسىدىن ئۆرنەك ئالدىڭىز.

بولىدىغان كىتاپتەك قىلىدۇ مەن تىخى  ئىسمىغا قاراپ  رومان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمە

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6729
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1850 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 10:17:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى تېما بوپتۇ بۇ.

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94923
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 407
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 10:58:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى ئۈنچلەر ئىكەن، كەلىلە ۋە دەمىنە ھەقىقەتەن بولىدىغان كېتاب.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 01:17:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەر چوڭ تۇرۇپ كىچىك خۇتۇن ئالسا كۆڭۈل ئاچالمايدۇ دەيدۇ.بىزنىڭ خۇشنىمىز يەتمىش سەككىز يىشىدا يىگىرمە ياشلىق قىز ئىلىپ بالىسى بار...بەلكىم باشقا بىر ئىشلاردىن دەيدىغاندۇ بەلكىم

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31292
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4225 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 04:11:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقىلنى زەرەتلەيدىغان ھېكمەتلەركەن، يوللىغۇچىغا رەھمەت!

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109700
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 709
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2014-9-4
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 08:25:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە  ياخشى تىمىدىن بىرنى ئىلىپ كەپسىز رەھمەت سىزگە. كەلىلە ۋە دېمىنە ھەقىقەتەن ياخشى كىتاب بىر قېتىم ئوقۇپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش