ئېغىز پۇراش ھازىر تۇرمۇشىمىزدا بارغانسىرى كۆپ ئۇچرىماقتا.بۇ ئاساسەن ئاشقازان ۋە ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ تۈۋەنلىشىدىن كېلىپ چىققان ئەھۋال.سىز چىش چوتكىلاش ئارقىلىق بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتمەكچى بۇلىسىز،ئەمما سىز كۈنىگە 8قىتىم چىش چوتكىلىسىڭىزمۇ بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلەمسىز؟ياق!
بۈگۈن سىزگە بىر قانچە رىتسىپنى ئېيتىپ بېرىمىز،بۇ رىتسىپلارسىزنىڭ تىزدىن ئېغىز پۇراشتىن قۇتۇلىشىڭىزغا ياردىمى تىگىدۇ:
يىڭى خۇشپۇراق كۆكتاتلار
كەرەپشە(چىڭسەي)ئەڭ داڭلىق ‹ئېغىز پۇراشقا قارشى جەڭچى›دۇر،ئۇنىڭ ئالاھىدە پۇرىقى ئېغىز بوشلىقىدا ئېغىز پۇراشتىن ئەسەرمۇ قويمايدۇ،كەرەپشىدىن باشقا يەنە باشقا خۇشپۇراق كۆكتاتلارمۇ ئېغىز پۇراشقا ئالاھىدە مەنپەت قىلىدۇ.مەسىلەن:يۇمغاق سۈت قاتارلىق كۆكتاتلارنى ئىشلەتسىڭىزمۇ ئۈنۈمى ياخشى،ئەگەردە قۇرۇق چاينىغان ۋاقتىڭىزدا بىئارام بولسىڭىز،ئۇلارنى چاي دەملەپ ئىچىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. قېتىق
كۈندە بىر قاچا قېتىق ئىچىپ بېرىش يامان باكتىريەلەرنى تازلاش رولى بار بۇلۇپ،بۇ ئارقىلىق ھىدروگىن سۇلفىدنىڭ مىقدارىنى ئازلىتىپ،ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.بىر قىسىم تەتقىقات دوكىلاتىغا قارىغاندا،كۈندە قېتىق ئىچىپ بەرگەندە ئېغىز بوشلىقىدىكى چىش باكتىريە دىغى ۋە چىش مىلىك ياللۇغى بۇلۇش ئېتىماللىقىنى تۈۋەنلىتىدۇ،بۇلۇپمۇ تەركىبىدە ۋىتامىن دې كۆپ بولغان قېتىق ئېغىز بوشلىقىدىكى باكتىرىيەلەرنى تېزگىنلىشى يۇقۇرى بولىدىكەن.
ئالما ۋە سەۋزە
بۇلار ھەرگىزمۇ تەركىبىدىكى ۋىتامىن ئىلمىنىتلارنىڭ كۆپلىگىدىن ئېغىز پۇراشقا مەنپەت قىلمايدۇ،بەلكى بۇلارنى ئىستىمال قىلغان ۋاقىتتا توختىماي چايناش ھەركىتىدە ئېغىز بوشلىقىدا كۆپ مىقتاردا شۆلگەي ئاجىرلىپ چىقىپ ئېغىز بوشلىقىنى يۇيغان بىلەن باراۋەر بۇلىدۇ.
تەركىبىدە ۋىتامىن سې مول بولغان يىمەكلىكلەر
ۋىتامىن سې ئېغىر كەملىكتىن چىش مىلىكىدە مەسىلە چىقىدۇ،بۇ ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.سىز ئەمما ھەرگىزمۇ ۋىتامىن سې تابلىتكىسى بىلەن بۇنى تۇلۇقلاشنى ئويلىماڭ.بۇنداق قىلغاندا ئەكىسچە ئاشقازان ئۈچەيدە مەسىلە پەيدا قىلىپ ئېغىز پۇراشنى تىخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.سىز تەركىبىدە ۋىتامىن سې مول بولغان مىۋىلەرنى مەسىلەن:ئاپلىسىن،بۈلجۈرگەن قاتارلىق مىۋىلەرنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ۋىتامىن ۋې تۇلۇقلىغىلى بولىدۇ ۋە ئېغىز پۇراشنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
قايناقسۇ
بۇنىڭغا سىز چوقۇم ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن،بىراق سۇ ئىچىشنى ياقتۇرمايدىغانلاردا ئېغىز پۇراش مەسىلىسى چوقۇم بار. قايناقسۇ ئېغىز بوشلىقىنى تازلاش رولى بار بۇلۇپ،شۆلگەي ئاجراتمىلىرىنى كۆپەيتىپ،ئېغىز بوشلىقىدىكى باكتىريەلەرنى يوقۇتۇپ سىزنىڭ ئېغىز پۇراشتىن قۇتۇلىشىڭىزغا ياردىمى تىگىدۇ.
يالپۇز
بىز دائىم تىلۋىزوردا يالپۇز تەملىك چىش پاستىسى،سېغىز قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلانىنى كۆرىمىز.بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى يالپۇز ئېغىز بوشلىقىنى خۇشپۇراق قىلىدۇ،ئەمما چوقۇم تەركىبىدە شىكەر ئاز ياكى شىكەرسىز مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك،بولمىغاندا چىشىمىزنى قۇرۇت يەيدۇ.بۇ پەقەت ئېغىز بوشلىقىدىكى ئېغىز پۇراشنى ۋاقىتلىق يوقىتىدىغان ئۇسۇلدۇر.بۇنىڭ ھەرگىزمۇ داۋالاش ئۈنۈمى يوق.
ئەمىلىيەتتە ئېغىز پۇراشنى داۋالاش تەس بولغان كىسەللىك ئەمەس،ئەمما كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەستايىدىل قارىمايدۇ.يۇزى چۈشۈپ كىتىشتىن قورقىدۇ.مەن سىزگە دىسەم ئېغىز پۇراشقا ئەستايىدىل دىققەت قىلىپ،مۇۋاپىق بولغان ئۇسۇلدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىنىمىزدا ئاندىن سىزنىڭ يۈزىڭىز چۈشمەيدۇ.