مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2246|ئىنكاس: 40

كۆز تىگىش توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113953
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 373
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2015-2-5
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 01:21:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆز تىگىش تىلغا ئىلىنسا ،ھەممە كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا باللىرىغا ياكى بەخىتلىك تۇرمۇشىغا كۆز تەگمەسلىكى ئۈچۈن،باللىرىغا ئىسىپ قويۇلغان تۇمار،بۆرە ھوشۇقى ،بۇرۇنقىلاردىكى ئىسىرىق سىلىشلار،ھازىرقى خەتمە ئوقۇتۇش ،تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق بىر قاتار بالايئەپەتنىڭ،قازايى قەدىرنىڭ ئالدىن ئىلىش ئۇسۇللىرى مىڭىمىزدە ئەكىس ئىتىدۇ؛بۇلاردىن بەزىلەرنى كىشىلەر ياقتۇرۇپ قىلىدۇ،بەزىلەر ئاڭقىرالمايلا ئەگىشىپ قىلىدۇ،بەزىلەر خۇراپىلىق دەپ قارايدۇ،مەيلى نىمە بولسا -بولسۇن،ھەممە كىشى كۆڭلىدە ئىتىراپ قىلىدۇ.يقىندىن بىرى ئۈندىدار ،سالۇنلاردا بۇۋاق پەرزەنتلىرىنىڭ رەسىملىرىنى يوللايدىغان ،سالۇنلاردا رەسمىنى بازارغا سالدىغان ئىشلار ئەۋج ئالدى؛ھەر كىشىنىڭ تاللىشى ،ياقتۇرىشى،كۆز قارشى ئوخشىمايدۇ ئەلۋەتتە.
تۆۋەندە مەن كۆز تىگىشكە ئالاقىدارئەمەلى پاكىت -ئاساسلارنى ،كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويماقچى،بۇ پەقەت كۆز تىگىش مەسلىسىگىلا ئەمەس،كىشىلىك مۇناسىۋەت،جەميەت،پىسخولۇگىيە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
    ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ"كۆزتىگىش ھەقتۇر،ئەگەر تەقدىرنىڭ ئالدىغا بىر نەرسە ئۆتەلىسە ئىدى،چوقۇم كۆز تىگىش ئالدىغا ئۆتىۋالاتتى"(سەھىھ مۇسلىم)،بۇ توغرىسىدا كەلگەن ئىشەنچىلىك ھەدىسلەر كۆپ.
    (مۇۋەتتا)دا مۇنداق بايان بار:ئامىر ئىبنى رەبىيىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەھىل ئىبنى ھۈنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۇيىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن بۈگۈنكىدەك بۇنداق قازناقتىكى قىزنىڭ تىرىسىنى كۆرمىگەن دىدى(سەھىلنىڭ تىرىسى ئاق ئىدى)،سەھل رەزيەللاھۇ ئەنھۇ شۇ يەردىلا ھۇشۇدىن كەتتى،ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كەلدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئاچىقلاندى ۋە نىمىشقا ئۆز قىرىندىشىڭلارنى ئۆلتۈرسىلەر؟ئۇنىڭغا بەركەت بىلەن دۇئا قىلساڭ بولمامدۇ؟ئۇنىڭ ئۈچۈن يۇيۇن !دىدى،ئامىر يۈزىنى،ئىككى قولىنى،جەينەكلىرىنى،ئىككى ئوشۇقىنى،پۇتلىرىنى،قولتۇقىنى بىر قاچىغا يۇيۇپ بەردى،ئاندىن بۇ سۇ ھەھلگەچېچىلدى،ھوشىغا كىلىپ كىشىلەر بىلەن بىرگە قايتتى،يەنە بىر رىۋايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئامىرغا تاھارەت ئال دېدى،ئۇ سەھل ئۈچۈن تاھارەت ئالدى.
     كۆز تىگىش ئىككى خىل بولىدۇ:بىرى ئىنساننىڭ كۆزى تىگىش ،يەنە بىرى جىننىڭ كۆزى تىگىش.ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھارىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممۇسەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدە بىر قىزنى كۆردى،ئۇنىڭ يۈزىدە جاراھەت بار ئىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:"ئۇنىڭغا دەم سىلىپ قويۇڭلار،ئۇنىڭغا جىننىڭ كۆزى تىگىپتۇ دىدى"(مۇسلىم5689-ھەدىس)
     جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە مۇنداق دىگەن: "كۆز ئادەمنى قەبرىگە،تۆگىنى قازانغا كىرگۈزۋىتىدۇ"(ئەبۇ نۇئەيم7/90-ھەدىس)
ئەقىل -ئىدراكتىن نىسىۋىسى ئاز بىر گورۇھ كىشىلەركۆزتىگىدىغان ئىشنى ئىنكار قىلدى ۋە:بۇ ھەقىقىتى يوق قۇرۇق ۋەھىمە دېدى بۇلارنىڭ قەلىب كۆزى ئىتىلىپ قالغان نادان ئادەملەر بولۇپ،روھ ۋە نەپىس ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى،ھەركەتلىرى ۋە تەسىرلىرى ھەققىدە ھىچقانداق مەلۇماتى يوق ،قارا قورساق ئادەملەردۇر.
قايسى مىللەت ۋە قايسى دىندىن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر،مىللەتلەرنىڭ ئاقىللىرى گەرچە كۆز تىگىشنىڭ سەۋەبى ۋە تەسىر قىلىش شەكىلى ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلسىمۇ،كۆز تىگىش ئىشىنى ئىنكار قىلمايدۇ.
     بەزىلەر مۇنداق دېدى:كۆزلۈك ئادەم كۆزىنى ناچار خاراكتېر بىلەن خاراكتېرلەندۈرسە،ئۇنىڭ كۆزىدىن زەھەرلىك قۇۋۋەت چىقىپ،كۆز تەككۈچە تارقىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن كۆز تەككۈچى زىيانلىنىدۇ.
      ئۇلار مۇنداق دېيىشتى:بۇنى ھىچكىم ئىنكار قىلمايدۇ،خۇددى زەھەرلىك يىلاننىڭ زەھەرسىمان قۇۋۋەت چىقىردىغىنىغا ھىچكىمنىڭ ئىنكار قىلىشى بولمىغىنىدەك.بىر تۈركۈم يىلان بولۇپ ئادەمگە ئۇنىڭ چۈشسە،ئادەم ھالاك بولىدۇ،بۇ مەشھۇر ئىشتۇر(ئىلىم-پەن تەتقىقاتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى كۆرۈپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن)
      يەنە بەزىلەر مۇنداق دېدى:بەزى ئادەملەرنىڭ كۆزىدىن كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان يۇمشاق ماددىنىڭ تارلىشىنى يىراق سانىغىلى بولمايدۇ،بەلكىم ئۇ كۆز تەككۈچىنىك تەر تۆشۈكچىلىرىدىن كىرىپ زىيان سالسا كىرەك.
      يەنە بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ :خالىغان زىيانلىق نەرسىلەرنى يارىتىش ئاللاھنىڭ ئادىتىدۇر، كۆزلۈك ئادەم بىلەن كۆز تەككەن ئادەمنىڭ كۆزى ئۇچراشسىلا ،ھىچقانداق قۇۋۋەت،سەۋەب ياكى تەسىر.......دىگەنلەر بولماسىتىنلا كۆز تىگىش مومكىن. بۇ مەزھەب دۇنيادىكى سەۋەب ،قۇۋۋەت ۋە تەسىرلەرنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر.ھەممىگە مەلۇمكى ئاللاھ تالا جىسىملاردا ۋە روھلاردا ھەرخىل كۆچ قۇۋۋەت ۋە تەبىئەتلەرنى ياراتتى،ئۇنىڭ كۆپلىرىدە ئالاھىدە تەسىر چانلىققا ئىگە خاراكتىر ۋە خۇسۇسىيەتلەرنى قىلدى. ئاقىل ئادەم روھلارنىڭ بەدەندىكى تەسىرىنى ئىكار قىلمايدۇ(بەزى پىسخولوگلار روھنى ئىتراب قىلغۇسى كەلمەي گىپىنۇس دىگەن بىر ئەقىدىنى بارلىققا كەلتۈردى) ،بۇ ئەمىلىيەتتىن ئۆتكەن ئىش، قارمامسەن!قانداقسىگە خىجىل بولغۇدەك بىر ئادەمنى كۆرگەندە ،يۈزى قاتتىق قىزىرىدۇ،قورقىدىغان ئادەمنى كۆرسە ساغىرىدۇ؟كىشىلەر قاراپ قويسا ئاغىرىپ ماغدۇرسىزلىنىپ كىتىدىغان ئادەمنى كۆپ كۆرگەن.......بۇلارنىڭ ھەممىسى روھلارنىڭ تەسىر ۋاستىسى بىلەن بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن روھلارنىڭ كۆز بىلەن بولغان باغلىنىشىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن شۇنداق بولىدۇ.(بۇنى تەتىقىقاتچىلار پىسخولوگىيە دەپ ئاتاشماقتا)
ئادەتتە كۆز تەگدى دەپ شۇ خىل ھالەتنى كۆزگە نىسبەت بىرلىدۇ،ئەمما ھەقىقى تەسىر روھنىڭ تەسىرىدۇر،روھلارنىڭ تەبىئەتلىرى،كۈچ-قۇۋۋەتلىرى،خاراكتىرلىرى،خۇسۇسىيەتلىرى ئوخشاشمايدۇ.ھەسەتخورنىڭ روھى ھەسەت قىلغۇچىغا ئوچۇق ئەرزىيەت بىرەلەيدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى ھەسەتخورنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھ قا سىغىنىپ پاناھ تەلەپ قىلىشقا بۇيرىغان.(سۈرە فەلەق) .
ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلىنغۇچىغا قىلدىغان ئەرزىيتىنىڭ تەسىرىنى پەقەت ئىنسانلىق ھەقىقىتىدىن چىقىپ كەتكەن ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ كۆز تىگىشنىڭ ئەسلى -ئاساسىدۇر.ھەسەتخور ناچار نەپسى ،ناچار خاراكتىرى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ ،ئاندىن ھەسەت قىلىنغۇچىغا ئۇچرايدۇ،ھىلىقى خۇسۇسىيەت تەسىر قىلىدۇ،بۇ زەھەرلىك يىلاننىڭ ئىشلىرىغا تازا ئوخشايدۇ،زەھەرلىك يىلاندىكى يۇشۇرۇن زەھەر كۈلۈكتۇر،ئۇ دۈشمەنگە ئۇچراپ قالسا ،غەزەپلىك قۇۋۋىتى تارلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەرزىيەت بىردىغان ناچار خاراكتر شەكىللىنىدۇ،ھەتتا بەزى يىلانلارنىڭ شۇ خىل خاراكتىرى كۈچلۈنۈپ،قورساقتىكى ھامىلىنى چۈشۈرۋەتكۈدەك تەسىر قىلدۇ،بەزىلىرىنىڭ كۆزىنى كور قىلۋىتىدۇ،شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "قۇيرۇقسىز يىلان ۋە ئۈستىدە ئىككى تال سىزىقى بولغان يىلان ھەققىدە:ئۇلار كۆزنى قارغۇ قىلدۇ،ھامىلىنى چۈشۈرۋىتىدۇ"دىگەن.(مۇسلىم 5664-ھەدىس)،ئۇ يىلانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ خاراكتىرى ئادەمنى كۆرۈش بىلەنلا،ئۇ ئادەمگە يىقىنلاشماي تۇرۇپلا تەسىر قىلدۇ.بۇ يىلاندىكى نەپىسنىڭ ناھايتى ناچارلىقى ۋە تەسىر قىلغۇچى ناچارخاراكتىرنىڭ قاتتىقلىقىندۇر.
قارشى تەرەپكە تەسىر قىلىش جىسمانى تىگىشىش(ئۇچرىشىش)قا مۇناسىۋەتسىز،مۇناسىۋەتلىك دىگۈچىلەر تەبىئەت ۋە شەرىئەتنى بىلىشى تولىمۇ ئاز بىلىمسىزلەردۇر.بەلكى تەسىر قىلىش گاھىدا جىسمانى تىگىشىش بىلەن ،گاھىدا ئۇچىرىشىش بىلەن ،گاھىدا كۆرۈشۈش بىلەن،گاھىدا روھنىڭ تەسىرلەنگۈچى تەرەپكە يۈزلىنىشى بىلەن،گاھىدا دۇئا قىلىش،دەم سىلىش.....لاربىلەن،گاھىدا ۋەھىمە -خىياللار بىلەنمۇ بولىدۇ.كۆزلۈك ئادەمنىڭ تەسىرى كۆرۈشكە مۇناسىۋەتسىزدۇر.بەزىدە كۆزلۈك ئادەم ئەمما بولىشىمۇ مومكىن،ئۇنىڭغا بىر نەرسە سۈپەتلەپ بىرىلسە ،ئۇنىڭ نەپسى شۇ نەرسىگە تەسىر قىلىدۇ.گەرچە ئۇ ئەما بۇنى كۆرمىسىمۇ.كۆپ ھاللاردا كۆزلۈك ئادەملەر كۆز تەككۈچىلەرنى كۆرمەيدۇ،سۈپەتلەش سەۋەبىدىن تەسىر قىلىدۇ.ھەرقانداق كۆزلۈك ئادەم ھەسەتخوردۇر،ئەمما ھەممە ھەسەتخورلا كۆزلۈك بوپ كەتمەيدۇ(بولمىسا بىزنىڭ مىللىتىمىز ئۆز ئىچىدىن ھالاك بولاتتى).ھەسەتخور كۆزلۈك ئادەمگە قارغاندا ئومومىيلىققا ئگە بولغاچقا .ھەسەتخوردىن پانا تىلەش كۆزلۈك ئادەمدىن پاناھ تىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ھەسەت-ھەسەت قىلغۇچى ۋە كۆزلۈك ئادەمنىڭ كۆزىدىن ھەسەت قىلىنغۇچى ۋە كۆز تەككەن ئادەمگە قارتىپ ئىتىلغان ئوق بولۇپ،گاھىدا نىشانغا دەل تەگسە،گاھىدا خاتالىشىدۇ.ئەگەر نىشانلانغان ئادەمنىڭ قالقىنى بولمىسا،ئوق چوقۇم جايىغا تىگىدۇ(تەسىر قىلدۇ)،ئەگەر نىشانلانغۇچى قوراللىق ۋە قالقانلىق(قەلبى ئىمانغا تولغان،ساھابىلەر،ئىسلامنى ھەقىقى چۈشەنگەن ئەمەل قىلغان كىشىلەر) بولسا ئوق تەگمەيدۇ(تەسىر قىلمايدۇ)،ھەتتا ئوق ئارقىغا يىنىپ ئوق ئاتقۇچىنى تالاپەتكە ئۇچىرتىشى مومكىن،كۆز تىگىش -ھىسسى ئوق ئاتقان بىلەن ئوخشاش،كۆز تىگىش-ئەسلىدە كۆزلۈك ئادەم بىر نەرسىگە قىزىقسا ،ھەيران قالسا ،ئۇنىڭ نەپسىگە ناچارخاراكتىر ئەگىشىدۇ،ئۇ ناچار خاراكتىر كۆز تەككۈچىگە قاراپ ئۆز زەھرىنىنىڭتارقىلىشىغا ياردەم بىرىشتىن پەيدا بولىدۇ.   
   جەميەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ قىز -ئاياللار سىرىتلارغا قاتتىق ياسىنىپ چىقىدىغان،ئۆزىنى كۆز -كۆز قىلدىغان،قىزلىرىنى باشقىلارنىڭ كۆزدىن ئوت چىقىرۋىتىش ئۈچۈن قونچاقتەك ياساپ كوچىغا چىقىدىغان ئەھۋاللار ئومۇمىلىشىغلىق،بۇ ھالەت بىر مۇسۇلمان قەۋىم ئۈچۈن زىيانلىىق بولۇپلا قالماي ،ئاشۇ بايقۇشلارنىڭ ئۆزىگىمۇ زىيانلىق؛بولۇپمۇ بوۋاق نارسىدە باللىرىنىڭ رەسىملىرىنى ئۈندىدارلارغا چىقىرىپ بەخىت تىلەيدىغان ئىشلار كۆپ.جەميەتتە ھەرخىل كىشىلەر بولدۇ،كۆزلۈك ئادەمدىن ئىھتىيات قىلىش كىرەك،ئۇ بار يەردە چىرايلىق يەرلەرنى يىپىش كىرەك،ئىمام بەغەۋى سۈننەتنى شەرھىلەش دىگەن كىتابىدا مۇنداق دىگەن:ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چىرايلىق بىر كىچىك بالىنى كۆرۈپ،كۆز تەگمەسلىك ئۈچۈن بۇ بالىنىڭ زىنىقىنى قارا بوياپ قويۇڭلار دىگەن.
     مەيلى پىسخىكا بولسۇن،ياكى كۆز تىگىش بولسۇن،يۇقارقى ئىبارلەردە تەپەككۇر قىلدىغان كىشىلەر ئۈچۈن مول بىلىم ،ھەقىقى ئاساس،پاكىت ئوتتۇرغا قويۇلغان .
  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113953
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 373
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2015-2-5
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 05:37:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«كۆز تىگىش توغرىسىدا» ،بۇ يازمىنى ۋاقىت يىتىشمەسلىك ۋە مەزمۇنىدا ھەدىسلەر كۆپ بولغانلىقتىن تەستىقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن مۇشۇ قىسمىنى ئۆز پىكرىمگە بىرلەشتۈرۈپ يىزىپ چىقتىم.بۇ يازمىنىڭ ئەسلى تولۇق نۇسخىسى ئۈندىدار سالۇنىمدا،كۆز تىگىش،ئۇنىڭ سەۋەبى،ئۇنى قايتۇرۇش ئۇسۇلى تولۇق يىزىلغان،كۆرۈشنى خالايدىغان دوسلارنىڭ سالۇننى قوشۇۋىلىپ 26دىگەن ساننى يوللىسىڭىز كۆرەلەيسىز.سالۇن ئىزدەش نومۇرى ئارخىپىمدا بار.mahdi99u

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 815
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6971
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1212 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 05:55:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بىر دۇستۇمنىڭ ئايىلى ئوغۇل تۇغۇپتىكەن. باشقىلارغا قىز تۇغدى دەپ قۇيۇپ قىزلارنىڭ كىيمىنى ئۈچ ياشقىچە كىيدۈرۈپ بىقىپتىكەن . كۆز تەگمىسۇن دەپ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 815
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6971
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1212 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 05:55:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىراق ھازىر قىزلار قىنىق گىرىم قىلىپ باشقىلارنىڭ كۆزىنى ئۆزىگە تەككۈزەلمەي ئاۋارە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74073
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4761
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 06:51:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىز تونۇشۇم باتتى..مەن بەك كۆزلۈك دەپ ماختىنىدىغان.
سەن ئەسلى يىلاندەك زەھەر كۆزلۈككەنسە،بوشراق سەپسال ماڭا بۇندىن كىيىن دەيمە ئەمدى ما قېتىم كۆرسەم....

نەۋباھار ياپرىقىڭ سارغايدى-سولدى،
قويما قازىنىڭنى، ئوتىمىزسۇندى.
بارغىن سەن ئالدىغا، تەلەپكار بولسا،
نازلانغىن ئەركىلەپ، خېرىدار ئولسا.

ئىنسان،،،،،،ئۆزۈڭنى بىل.!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113303
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 341
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2015-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 06:56:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تېما بوپتۇ رەھمەت.

ئۇلۇغلۇققا يەتسەڭ بۇزما ئۆزۈڭنى،
ئەتلەس كىيسەڭ ئۇنۇتما كىيگەن بۆزۈڭنى.

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24173
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3734 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 07:01:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ كۆزۈممۇ يامان ، ئانام نان ياقسا ، تۇنۇردىكى نانلارغا قارىغىلى قويمايتتى ، كۆزىڭىز يامان ، نان چۈشۈپ كىتىدۇ دەپ ............

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86830
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1143
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 492 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 07:48:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتىمىزدىمۇ بىرئادەم بار ، ئۇ ئادەم ياۋۋۋۋ،،،،،،،،، دەپ ماختىغان ياكى ئىچ ئىچىدىن سۆيۈنگەن نەرسە ياكى جانلىقلار كۆپ ھاللاردا بۇزلىدىكەن ياكى كىسەل بولدىكەن  ،  يۇرۇتتا بۇنىڭغامەن ئاڭلىغان مىساللا بەك جىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 07:55:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qiqakkiz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 07:01 PM
مىنىڭ كۆزۈممۇ يامان ، ئانام نان ياقسا ، تۇنۇردىكى نانل ...

يا ئاللاھ راسمۇ- يا !

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24173
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3734 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 07:59:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
saliha24 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 11:55 PM
يا ئاللاھ راسمۇ- يا !

ئەلۋەتتە راس . لىكىن كۆزۈمنىڭ يامانلىقىدا مەندە نىمە گۇناھ دەيسىز .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش