مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 620|ئىنكاس: 18

تۇز: تۆتىنچى يول .... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44525
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15755 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 12:30:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                   ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم


بىر ئادەم ئۈچ ئوغلى بىلەن كېتىۋېتىپ بىر مېۋىلىك باغنىڭ قىشىغا كەپ قاپتۇ . مېۋىلىك باغدا ئىگىسىنىڭ يوقلىقىنى بايقىغان بۇ دادىنىڭ نىيتى بۇزۇلۇپ ، مېۋىلەرنى ئوغۇرلاش خىيالىغا كەپتۇ . بۇ باغنىڭ ئەتراپىدا ئۈچ يول بار ئىكەن . ھېلىقى ئادەم ئۈچ ئوغلىنى ئۈچ يولغا قارانچۇق قىلىپ قويۇپ ،ئادەم كەلسىلە بەلگە بىرىشنى جېكىلەپتۇ .
ئۇ ئادەم باغقا كىرىپ مېۋىلەرنى ئۈزۈشكە باشلىغاندا ، توساتتىن كىچىك ئوغلى :
_____ دادا ، يەنى بىر يول قاراقسىز قاپتۇ ، بىزنىڭ ئوغۇرلۇق قىلمىشىمىزنى كۆرۈپ قالسا شەرمەندە بولمامدۇق ؟! ، ____ دەپ ۋاقىراپتۇ .
دادىسى بۇ گەپتىن ھەيران بولۇپ :
_____ بۇ يەردە پەقەت ئۈچلام يول تۇرسا ، نەدىمۇ تۆتىنچى يول بولسۇن كالۋا ؟ ، ______ دەپتىكەن ، كىچىك ئوغلى :
___ سەن كالۋا ، تۆپىمىزدىكى يولنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ، دەپ ئاسمانننى كۆرسىتىپتۇ .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھېلىقى ئادەم خىجىللىقتىن يەرگە كېرىپ كەتكۈدەك بوپ كېتىپ دەىرھال باغدىن قايتىپ چىقىپتۇ .

************************************************************************************
باشقىلارنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىنى ھەر خىل شەكىلدە ئىلۋالساق بولمايدۇ ، ئوغۇرلىساق تېخىمۇ بولمايدۇ ! باشقىلارنىڭ ئەجرى قىلغان ، ئەمگەك قىلىپ ياراتقان نەرسىلىرىنى ئېلۋىلىشقا ، ئۆزىمىزنىڭ قىلۋىلىشىمىزغا ھېچقانداق ھەققىمىز يوق ! ئوغۇرلۇق ، خىينانەت ، پارا ..... قاتارلىق  رەزىل ۋاستىلارنى قوللىنىپ مال - دۇنياغا ئېرىشسەك چوقۇم ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىمىز ياكى ئاپىراتقا چۈشمەيدىغان كېسەل بولۇپ شىپاسىنى قىلالماي ئازاپ چىكىپ قىينىلىپ ئۆلۈپ قالىمىز ! كىشنىڭ ھەققىغا چاڭ سالماي ، ھالالدىن ئەجرى قىلىپ ياشايلى ..........


           بېلىقچى بىلەن گوھەر

بىر بېلىقچى تاڭ سۈزۈلمەستە دەريا بويىغا بېلىق تۇتماقچى بولۇپ مېڭىپتۇ . كېتىۋېتىپ ئۇنىڭ پۇتىغا قاتتىق بىر نەرسە تېگىپ كېتىپتۇ . ئۇ ئىڭىشىپ قارىسا بىر كىچىك خالتىدا ئېغىر بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ تاش بولسا كېرەك ، ئەتىگەندە ئۇچرىغان نەرسە بولغاندىكىن ئېلىۋالاي دەپ دەريا بويىغا ئېلىپ بېرىپتۇ .
ئۇ ئادەم بېلىققا تاڭ سۈزۈلۈپ كۈن چىققاندا قارماق تاشلايدىكەن . كۈن چىققۇچە ئۇ ئادەم زىركىپ ھېلىقى خالتىدىكى نەرسىنى تاش دەپ دەرياغا ئېتىپتۇ . «چولتۇك» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قۇلقىغا يىقىملىق ئاڭلىنىپ دەريادىن كۆزىنى ئۈزمەي قولىنى خالتىغا تىقىپ ئارقا - ئارقىدىن ئېتىۋېرىپتۇ .
تاڭ سۈزۈلۈپ يەر - زېمىن يورۇشقا باشلاپتۇ . بۇ چاغدا خالتىدا بىر تاللا تاش قالغانىكەن. ئۇ قولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تاشنى ئاتماقچى بولۇپ ، نېمىشقىدۇر بىر قاراپ باقماقچى بولۇپ شۇنداق قاراپتىكەن ، ئۆزىنى تۇتۋالالماي :
_____ ۋاي بۇ گۆھەركەن ئەمەسمۇ ! _____ دەپ ۋاقىرۋېتىپتۇ . ئاڭقىرماستىن ، بىخەستەلىكتىن ، بىپەرۋالىقتىن بىر خالتا گۆھەرمنى دەرياغا ئېتىۋەتكىنىدىن ئۆكىنىپتۇ ، ھەسرەتلىنىپتۇ ، پۇشمان قىپتۇ . شۇ ئەمەىسمۇ ! نەقەدەر زىيان-ھە !!
شۇنداقتىمۇ بۇ بېلىقچىنى يەنىلا تەلەيلىك دېيىشكە بولىدۇ ، چۈنكى ئۇ ھېچبولمىغاندا كىچىكىپ بولسىمۇ ئەڭ ئاخىرقى گۆھەرنى بايقاپ ئېلىپ قالدى . پەرىق ئېتەلىدى .......

****************************************************************************
ئەمىلىي تۇرمۇشىمىزغا تەدبىقلىساق ، قانچىلىك ئادەم بېلىقچىدەك قولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تال گۆھەرنى بايقاپ ، تونۇپ ساقلاپ قالالايدۇ دەيسىز ؟!
ھاياتلىقىزدكى ھەر بىر كۈن ، ھەر بىر سائەت ، ھەر بىر مىنۇت بىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك . ھاياتمۇ ئاشۇ يورۇپ كېتىۋاتقان تاڭغا ئوخشاش تىزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ . بىز ھاياتتىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك گۆھەرنىڭ كۆپ قىسمىنى بايقىماي ئىسراپ قىلۋەتتۇق . بېلىقچىدەك گۆھەرنى دەرياغا ئېتىۋەتتۇق ! يىغىنچاقلىساق ، پايدىلىنىشقا تېگىشلىىك ئىسىل پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويدۇق ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى تونۇغاندا بولسا ، چۆچىگەن ھالدا ھاياتىمىزنىڭ ، ماماتىمىزغا يىقىنلاپ كىلۋاتقىنىنى ھېس قىلدۇق ، مانا بۇ ھاياتىمىزدىكى ئاچچىق بىر ساۋاق !

مەنبە : ئادەم بولماق ئەقىلدىن
مۇنبەرگە يوللىغۇچى : تۇز
2015-يىلى3- ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەزىزانە شەھرى قەشقەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 12:35 PM  


سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113558
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 443
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2015-1-25
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 12:48:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       بىر-بىرىدىن ئىسىل ھىكمەتلار ئىكەن . مەن بۇ تېمىنى ئوقۇپ بولۇپ ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلاپ قالدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 01:28:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىش كىرەك . ..........

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113953
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 361
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2015-2-5
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 01:35:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوراپ باقسام بىز يازغان ئەسەرلەر ئۆچۈرلىۋىتىپتۇ.سەۋەبى ئاخىرىغا ئۈندىدار ئىزدەش نامى باركەن دەپ تەستىقتىن ئۆتۈپ بولغان يازمىنى ئۆچۈرۋىتىپتۇ،ھەيرانمەن!بۇ مۇنبەر ئالدىدا مىنىڭ ئۇ سالۇنۇم ھىچقانداق تەسىر دائىرگە ئىگە ئەمەس،پەقەت مەزمۇن تولۇقلىمىسى سەۋەبلىك ئىزدەش نومۇرىنى قالدۇرغان،ياقتۇرمىغان بولساڭلار ئىزدەش نومۇرىنى ئۆچۈرۋەتسەڭلار بولىدىغۇ؟ھىلىمۇ ياخشى باشقا يەردە ساقلاغلىق ئىدى،قايتا يوللۇدۇم.سەل مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاسىلەر باشقۇرغۇچىلار،ھەممە ئادەم بىكارچى ئەمەس تور ئالدىدا 24سائەت ئولتۇردىغان،بولمىسا چەكلىۋەتسىڭىز بولىدۇ،مەنمۇ ۋاقتىمنى بۇ مۇنبەرگە يازما يوللايمەن دەپ سەرىپ قىلمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96122
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2013-7-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 01:38:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  ناھايىتى  ياخشى   تىمىكەن   چوڭقۇر  ئەھمىيىتى بار   تىمىكەن›    رەخمەد ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1258
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 01:50:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك بەك  ياخشى تىمىلارنى يوللاۋاتىسىزغو  تۇز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74073
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4755
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 01:50:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈزەل سۆزلەر.....

نەۋباھار ياپرىقىڭ سارغايدى-سولدى،
قويما قازىنىڭنى، ئوتىمىزسۇندى.
بارغىن سەن ئالدىغا، تەلەپكار بولسا،
نازلانغىن ئەركىلەپ، خېرىدار ئولسا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 02:20:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل ھېكىمەتلەر ئىكەن... رەھمەت !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113953
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 361
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2015-2-5
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 02:42:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماختىغانلارنىڭ ئىنكاسىنى ئاۋال چىقىرىدىكەندە ئەسلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113953
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 361
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2015-2-5
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 02:44:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە بۇ ئاپسانىلىرىڭىز  تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاندەك قىلغان بىلەن،جانلىق ئەمەس،بۇنىڭدىنمۇ ئىسىل ،ئەمەلى بولغان مىساللار كۆپ لىكىن ئۇنى تەستىقلىمايسىلەر دە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش