مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 779|ئىنكاس: 12

ئانا، مەن مۇكاپات ئالدىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17785
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7223
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 10:27:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               ئانا،  مەن مۇكاپات ئالدىم
                                                      (ھىكايە)
                                              زۇلقەر  ھۈسەيىن شەرارى
-بالام ، ياخشى ئوقىغىن ، ئۆيدىكى ئىشلاردىن ئەنسىرىمىگىن  ....
ھەر قېتىم ئۆيگە تېلىغۇن قىلغىنىمدا ئانامنىڭ چوقۇم دەيدىغان مۇشۇ بىر جۈملە سۆزى ئۇدۇل بېرىپ يۈرۈكۈمگە  تېگەتتى .
-ماقۇل ،ئانا ، خاتىرجەم بۇلۇڭ ، مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن .
ئانام مېنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقىيالىغىنىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنەتتى ، ھەر قېتىم ئۆيگە مېھمان كەلسە مېنى  ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى ، دېمىسىمۇ بىزنىڭكىدەك  بىر يېزىدىن ،مەندەك بىر دېھقاننىڭ بالىسىنىڭ بۇ چوڭ شەھەرلەرگە كېلىپ ئوقىيالىشى راستلا ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. بىزنىڭ ئۆينىڭ جان سانى جىق ، كىرىمىمىز بەكلا ئاز ،شۇ سەۋەپلىك يۇقىرىلاپ ئوقىيالىغان پەقەت مەنلا بار ئىدىم ، ماڭا بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۈرگىلىمۇ نەچچە يىل بۇلۇپ قاپتۇ ، ئوقۇشنىمۇ پۈتتۈرەي دەپ قالدىم، لېكىن ئانام مېنىڭ قايسى مەكتەپتە ئوقۇيدىغىنىمنىمۇ دەپ بېرەلمەيدۇ ، ئۇ پەقەت مېنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر چوڭ شەھەردىكى بىر داڭلىق ئۇنۋېرسىتتا ئوقۇيدىغىنىمنىلا بىلىدۇ ،ئەلۋەتتە  ئانامدىمۇ ئەيىپ يوق ، جاپاكەش ئانام ئۆمۈر بويى بالىلىرىنىڭ غېمىدە ، قانداق قىلىپ بالىلىرىنى ياخشىراق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش غېمىدىلا يۈرۈپ ، خەنزۇچە دىگەننى كۆرۈپ باقمىغان تۇرسا ،يەنە كېلىپ ئانامنىڭ مەكتىپىمنى ئۇنداق ئېنىق بىلىپ كېتىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق  ئىدى  .
ئىچكىرىدە ئوقىغان بۇ بىر نەچچە يىلدا نۇرغۇن نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپتىمەن ،ئاڭلاپتىمەن ، بۇرۇن ناھىيە بازىرىدىن سىرتقا چىقىپ باقمىغان مەندەك سەھرالىق ئۈچۈن بەزى ئىشلار ئالامەت تۇيۇلغان ، يەنە بەزى ئىشلار مېنى بەك سەسكىندۈرگەن ، لېكىن باشقا «شەھەرلىك » ساۋاقداشلىرىمنىڭ بۇنداق ئىشلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى ، ئۇلار ھەرقانداق ئىشقا ئىنتايىن «سوغۇققانلىق »بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى ، توۋا دەيمەن ،كۆز ئالدىدا بىر ئۇيغۇر قىزى باشقا بىرى ياكى باشقا ئېرقتىكى بىرى بىلەن ئېسىلىشىپ ماڭسىمۇ قىلچە پىسەنت قىلماي كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىكەن ، ئۇلار قانداق شۇنداق قىلالايدىغاندۇ ھە ... مەنغۇ قىلچە ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قالىدىكەنمەن ، ھېلىمۇ ئىسىمدە ، ئالىي مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە ، يۇقىرى يىلىقتىكى بىر «ئاكاش » (ئۇنى ئاكاش دىيىشكىمۇ تىلىم بارمايدۇ ) نىڭ بىر چەت ئەللىك قىز بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى بېسىۋالالماي بېرىپ ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ قويغىنىم ئۈچۈن يەتكۈدەك تاياق يىگەن ۋە شۇندىن كېيىن مەكتەپ بويىچە داڭقى چىققان «سەھرالىق گومۇش »قا ئايلانغانىدىم. بۇ ئىشلارغىمۇ ھەش - پەش دىگۈچە نەچچە يىللار بۇلۇپ قاپتۇ. مەنمۇ تۆتىنچى يىللىققا چىقىپ قاپتىمەن ، لېكىن ھازىرغىچە شۇنداقلارنى كۆرسەم يەنە «سەھرالىق »لىقلىقىمنى چاندۇرۇپ قايناپ قالىدىغانلىقىم ئۈچۈن مەكتەپتىكى «شەھەرلىك» لەرمۇ مېنى پەقەتلا ئارىغا ئالماس بۇلۇپ كەتكەنىدى ... بۇ ئىشلارنى ئويلىسا ئادەمنىڭ ئىچى سىرىلىپ كېتىدۇ  .
مېنىڭ ئىچىمنى ھەممىدىن بەك ئاچچىق قىلىدىغىنى ئىچكىرىدە  ئوقۇغان بۇ نەچچە يىلدا ئانامنى رەسمىي خۇش قىلغۇدەك بىرەر نەتىجىگە يەنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا  ئېرىشىپ باقماپتىمەن... تىرىشمىدىم ئەمەس تىرىشتىم ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشتىم ، لېكىن يەنىلا ئوقۇش مۇكاپاتى ئالالمىدىم ، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تۈزۈمى بويىچە ھەربىر پەندىكى نەتىجىسى 90 دىن يۇقىرى بولغانلارلا  ئوقۇش مۇكاپاتىگە ئېرىشەلەيتتى  ، مەن بىر يېزىدىن كەلگەن سەھرالىق ، ئالىي مەكتەپكە چىققۇچە ئېنگىلىزتىلى دىگەننى كۆرۈپ باقمىغان ، خەنزۇ تىلى سەۋىيەممۇ ئارانلا ئىدى ،ئالىي مەكتەپكە كەلگەن كۈندىن باشلاپ ئانامغا ۋە ئۆزۈمگە بەرگەن ۋەدەم بويىچە قاتتىق تىرىشىپ ئوقۇدۇم ، بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەي تىرىشتىم ، بىر ياقتىن خەنزۇ تىلى ، بىر ياقتىن ئېنگىلىزتىلى ، يەنە بىر ياقتىن كەسپى دەرسلەر ، شۇڭا مەن ھەرقانچە تىرىشساممۇ  كىچىكىدىن ئېنگىلىز تىلىنى ئۆگەنگەن ،شۇنداقلا ھەممە دەرىسلەرنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا ئۆگىنىۋاتقان ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمىدىم ، ئۇلار ئۈچۈن بۇ دەرسلەر ئويۇننىڭ ئورنىدا ئىدى ، ياتاق بويىچە ئەڭ كۆپ كىتاپ كۆرىدىغانمۇ ، ئەڭ ئاز ئۇخلايدىغانمۇ مەن ئىدىم ، بىراق مېنىڭ نەتىجەم يەنىلا ئۇلارنىڭ ئارقىدا ياكى تەڭ دىيەرلىك ئىدى ، شۇنداقتىمۇ بوش قويۇۋەتمىدىم ، جان جەھلىم بىلەن تىرىشتىم ،جاھىللىق بىلەن شۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشتىم  ... بىراق ...بىراق ...يەنىلا بەزى ئىمتىھاندا نەتىجەم يۇقىرى بولمىغاچ  ، ئوقۇش مۇكاپاتىنى يەنە قولدىن كەتكۈزۈپ قويدۇم ، قانداق قىلىمەن ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان بولسىغۇ  ،يۈز دېگەننى قاتۇرىۋېتەتتىمكەن ...  
ئوقۇش مۇكاپاتى ئالالمىساممىغۇ مەيلىدى ، بىراق ئانام، ئەشۇ جاپاكەش ئانام نەزەر دائىرىسى ،بىلىمى ئۇنچە كەڭرى بولمىغان قەدىردان ئانام ، مەن كىچىكىمدىن ھەر مەۋسۈمدە  ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئېلىپ ئوقۇغاچقا   مېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەمنى  ئوقۇش مۇكاپاتى ئارقىلىق باھالاپ كۆنۈپ قالغانىدى ، ھېلىمۇ ئېسىمدە ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان تۇنجى مەۋسۈمدە نەتىجەم ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن  ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم ، يەنى بىر دەپتەر مۇكاپات ئالدىم ، ئۇ كۈنى ئۆيگە قايتتىپ بۇنى ئانامغا كۆرسەتكىنىمدە خۇشاللىقتىن مېنىڭ پىشانەمگە سۆيۈپ كۆزلىرىگە ياش كېلىپ كەتكەنىدى ، شۇلارنى ئويلىسام ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا  ئوقۇش مۇكاپاتىنى بىرەر قېتىممۇ ئېلىپ باقماي ئانامغا پەقەت يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم ،بولۇپمۇ بىر قېتىم تەتىلدە قايتقىنىمدا ئانامنىڭ  :
  - بالام سىلەنىڭ مەختىۋېڭلاردا ئوقۇش مۇكاپاتى تاقاتمايدىكەن -ھە ؟! - دىگەن بىر ئېغىز گېپى يۈرۈكۈمگە «ۋاسسىدە» سانجىلغانىدى ، شۇ تەتىلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئوقۇش مۇكاپاتىغا چوقۇم  ئېرىشىپ جاپاكەش ئانامنى بىر خۇش قىلىپ قويۇش ئۈچۈن كۆپ ئويلاندىم ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئالاي دىسەم ،يەنە شۇ 90دىن يۇقىرى نۇمۇر ئېلىش دىگەن ...بىر گەپ ، بىراق ئوقۇش مۇكاپاتى ئالالمىسام ، ئانامنىڭ ئۈمىدى ...  
ئۆيىمىزنىڭ شارائىتى ناچار بولغاچ ، ئانام ماڭا ھەر ئايدا پۇل ئەۋەتىپ بېرەلمەيتتى، مەن ھەرئايدا مەكتەپتىن بېرىدىغان ئازغىنە ياردەم  پۇلى بىلەن كۈنۈمنى ئۆتكۈزەتتىم، ئويلاپ - ئويلاپ باشقا ئامال تاپالمىدىم ، شۇڭا ئامالسىز شۇ كۈندىن باشلاپ ئەشۇ ئازغىنە ياردەم پۇلىنىمۇ قىسىپ خەجلەپ ،كۆپرەك ۋاقىتلاردا ياتاقتا موما يەپ تاماق پۇلۇمنى تىجەشكە  باشلىدىم  ، شۇ بىر مەۋسۇم شۇنداق ئۆتتۈم ،ئەزەلدىنلىغۇ ئۇنداق يۇرتداشلار ئولتۇرۇشى دىگەندەك سورۇنلارغا پەقەت بارمايتتىم ، بۇ مەۋسۈمدە ئاشخانىغىمۇ كەمدىن كەم چىقىدىغان بولۇپ كەتتىم ، مەكتەپتە مەندىن باشقا ياردەم پۇلى ئالىدىغان يەنە بىرنەچچەيلەن بار ئىدى ،  ئۇلارنىڭ ئائىلە شارائىتى شۇنداق ياخشى ، شۇ ئاتا -ئانىسىنىڭ يولى بىلەن نامراتلىق ئىسپاتى يازغۇزۇپ كەلگەنلەر ئىدى، ئۇلارنىڭ پۇلنى بۇزۇپ - چېچىشلىرىغا، قالايمىغان خەجلەشلىرىگە قاراپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولاتتى ، تورخانا ، كېچىلىك كۇلۇب ،باشقا ئېرقتىكى «دوستلىرى»غا غەجلىنىپ كېتىۋاتقان پۇللارغا قاراپ كۆزۈمگە ياش كېلەتتى ، بىراق نېمە قىلالايتتىم ، مەكتەپتىكىلەرنىڭ نەزىرىدە مەن ئاللىقاچان «گومۇش »«ساراڭ »چىقىرىۋېتىلگەن تۇرسام ، ئۇلارغا گەپ قىلغۇدەك سالاھىتىم بارمىدى ؟
ئىشقىلىپ بۇ بىر مەۋسۈم شۇنچىلىك تەستە ئۆتتىكى ،نامراتلىق دەھشەت بىلىنىپ كەتتى،شۇنىڭدىمۇ چىداپ يۈرۈپ بەش يۈز يۈەن پۇل يىغالىدىم ، بىر مەۋسۈم تۈزۈك بىر تاماق يېمەي ، تۈزۈك كىيىم كىيمەي تەستە يىققان پۇلۇم ئاران بەش يۈز يۈەن بولدى ، بۇ مېنىڭ ئىككى ئايلىق تۇرمۇش پۇلۇم ،لېكىن ھېلىقى ساۋاقداشلىرىمنىڭ بىر ئىككى ئاخشاملىق تاماشسىغىمۇ يەتمەيدۇ ...
تەتىلدە قايتىپ پۇلنى ئانامنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم :
   - ئانا ، مەن ئوقۇش مۇكاپاتى ئاپتىمەن ،- ئانامنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار ئېتىلىپ چىقتى ، ئۇ مېنى قۇچاقلاپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا يىغلىدى،مېنىڭ كۆزۈمىدىنمۇ ياشلار تاراملاپ ئاقاتتى .
   -بالام ، بىزنىڭ ئۈمۈدىمىزنى ئاقلىدىڭ ، رەھمەت بالام رەھمەت ،- بوغۇزۇمغا بىر نېمە كەپلىشىپ قالغاندەك ئاغرىيتتى ،
   - ئانا ....مەن ... ، - ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم .
شۇ كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئانام تېخىمۇ روھلۇق بۇلۇپ كەتتى ، «بالام كۇلىدىكى مەكتىۋىدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئاپتۇ »دەيتتى ئۇ خوشنىلارغا ، كۆزلىرىدىن ، چىرايدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى چىقىپ تۇراتتى .
«ئانا ،ئوغلىڭىز يارامسىز ، ئوغلىڭىز سىزنى ئالدىدى ....» كۆزلىرىمدىن يەنە ياشلار تۈكۈلۈشكە باشلىدى ...
                    مەنبە:http://eser.okyan.com/eser/uyghur/proza/2014/1018/3756.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113947
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 443
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2015-2-4
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 11:07:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلى يېزىلغان ھىكايىكەن رەھمەت سىزگە.

شۈكرى ئاللاھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109573
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1866
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 835 سائەت
تىزىم: 2014-8-30
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 11:51:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بالا گومۇش  سەھرالىق ئەمەس ھەقىقى ئوغۇل بالا ئەركەك ، ياخشى يىزىلغان ھىكايىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112643
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 598
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2015-1-10
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 11:57:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانامنى سىغىندىم قانداراق تۇرۇۋاتقاندۇ ، قانۇن يول قويسا بىر قىتىم بولسىمۇ كۆرۋالسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى ! !

ئادەم بىر ئىش قىلسا دۇنيا ھامان شۇنىڭغا لايىق بىرجاۋاپ بىرىدۇ ، مىدىرىمسا كىم بىلەن كىمنىڭ كارى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 12:05:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل يىزىلغان ئەسەر بوپتۇ

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88497
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1128 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 12:43:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل يىققىنى ياخشى ،
لىكىن ماۋۇ تاماق قوساققا كەلگەندە قەتتى بىخەستىلىك چىڭلىق قىلساق بولمايدۇ ،
يىقىندا بىر قىز مەكتەپتە ئۆيدىكلەر بەرگەن پۇلنى يىغىپ تاماقسىز قىلىپ غۇربەتچىلىكتە ئوزۇقلانغاچقا ئىغىر كىسەل بىلەن داۋالاندى ،يىققان پۇلىدىن نەچچە ھەسسە پۇل چىقىپ كەتتى لىكىن ئەسلىگە كەلمەستە دوختۇرخانىدىنمۇ چىقىپ كەتتى ،
ھەر ئىشنىڭ يولى باشقا ئادەمگە ھاياتلىق تاماقتىن ئوزۇقلۇقتىن كىلىدۇ ئادەم ھايات بولسا ئاتا ئانىسىنى باققىنى شۇلار قىلغاننى ياندۇرغىنى بولىدۇ.

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى يۇزى بولىدۇ،ياخشى بىلەن يامان كەلگۇسى بىلەن ئۆتمۇشى،بىرسىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز بارلىقىنى قوبۇل قېلىشىڭىز كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 461
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 02:41:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارا چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلداشلىرى، كېچە يامغۇرىنىڭ تارسىلداشلىرى، قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن قولۇقۇمغا كىردى...خۇددى ئۆتۈپ كەتكەن ئۆسمۈرلۈك دەۋرىم گۈرۈلدىگەن پېتىم چۈشۈمگە كىرگەندەك  بولدى.
                                                                                                    - تاگۇر                                                                                                                              

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kepanogrisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 02:42 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 08:15:40 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يېزىغان  ھېكايە  ئىكەن ، يەنىمۇ تىرىشىڭ …

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5782
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 10:39:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ... رەھمەت !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100367
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 12:48:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يىزىلىپتۇ  .

ئوغۇللاردا  ۋىجدان يوق دىگەن قىزلارنىڭ دادام مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم دىيىشى قىززىق
قىزلارنى  نومۇسسىز  دىگەن ئوغۇللارنىڭ  ئانام مىنىڭ  پەرىشتەم  دىيىشى قىززىق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش