ھازىر بازاردا قارىساق ھەر خىل چىش پاستىلىرى بار،مەسىلەن:چىش ئاقارتىش پاستىسى،قۇرۇت يىيىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان چىش پاستىسى،زىيادە سېزىمچانلىققا ئىشلىتىلىدىغان چىش پاستىسى......بۇ چىش پاستىلار ئىستىمالچىلارنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدۇ،سېتىۋالغان ۋاقتىمىزدا،ھەر خىل ئېلان تەشۋىقاتلار ئېستىمالچىلارنى گاڭگىرتىپ قۇيىدۇ. ئەمىلىيەتتە،قانداق ماركىلىق چىش پاستىسى بۇلىشتىن قەتئىينەزەر،تەركىبىنىڭ خارەكتىرىنى بىلىش سىزنىڭ چىش پاستىسى سېتىۋىلىشىڭىزدىكى مۇھىم ئامىل بۇلىشى كېرەك. تۈۋەندە چىش كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسلىرى سىزگە ماس كىلىدىغان چىش پاستىسىنى تاللاشنى ئۈگىتىپ قۇيىدۇ. چىشىڭىز سېرىق بولسا ئۇنداقتا سىز (ئورگانىك كىرىمنىي)لىق ئاقارتىش چىش پاستىسىنى تاللاڭ.بۇ چىش پاستىنىڭ تەركىبىدە ئاز مىقتاردا چىرىتىش رىئاكتىۋى قۇشۇلغان،بۇ چىشىڭىزنى پاقىرتىش رولىنى ئوينايدۇ،چىيتا داغ پەيدا بۇلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،ئەمما (قېنىق سېرىق چىش)لارغا قارىتا دىگەندەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.ئەگەردە سىز چىش ئاقارتىش مەقسەت قىلسىڭىز ،تەركىبىدە ئورگانىك كىرمنىي ئاشۇرۇلغان چىش پاستىسىنى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ،بۇ خىل كىرمنىي تەركىبلىك چىش پاستىسى ياخشى بولغان سۈركىلىشكە چىداملىق كوئېففېتسېنت بۇلۇپ،چىشنى ئاقارتىش بىلەن بىرگە چىشنىڭ ئۇپىراش دەرىجىسىنى تۈۋەنلىتىدۇ. چىشنى قۇرۇت يىيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان چىش پاستىسىنى ئىزدىسىڭىز.تەركىبىدە فىتور قۇشۇلغان چىش پاستىسىنى تاللاڭ.بۇ يەردە شۇنى قۇشۇمچە قىلىپ ئېيتساق،نۇرغۇن كىشىلەر چىشنى راستىنلا بىر خىل قۇرۇت يەيدۇ دىگەن خاتا چۈشەنچىدە ئىكەن.ئەمىلىيەتتە چىشنى قۇرۇت يىمەيدۇ،چىشنىڭ يۈزىدە ھەر خىل تاماق قالدۇقلىرى ۋە مىكروپلار ئۇزۇن ︻︼ كىشىدىن چىش يۈزى چىرىپ قارا داغلار پەيدا بۇلىدۇ،قانداقتۇر قۇرۇت چۈشمەيدۇ چىشقا،ئەمدى گىپىمىزگە كەلسەك،چىش ئۈستىدىكى باكتىرىيەلەر بىلەن قەنت تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ بىرىكىشىدىن چىشنىڭ ئىمال قەۋىتىدە كىسلاتالىشىش يۈز بېرىپ،چىش چىرىيدۇ.ئەگەردە چىشىمنى قۇرۇت يىمىسۇن دىسىڭىز سىز تەركىبىدە مىنىرال فىتورلۇق چىش پاستىسىنى تاللاڭ،بۇ چىش پاستىسى چىشنىڭ يۈزىدە بىر قەۋەت قوغداش پەردىسى شەكىللەندۈرۈپ،چىشنىڭ كىسلاتالىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چىشنىڭىز زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتكەندە،تەركىبىدە (سترونتسىي خىلور)ياكى(كالىي نىترات)بولغان چىش پاستىسىنى تاللاڭ. ئەگەردە چىشىڭىزنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقى چىش چىرىش ياكى چىش مىلىكى يۇقۇملىنىشتىن بولمىسا،ئۇنداقتا چىش چوتكىسىنى ئىشلەتكەندە بەك كۈچىۋەتكەنلىكتىن كىلىپ چىقىدۇ.بۇنداقتا چىش مىلىكىنىڭ سەزگۈرلىكىنى ۋە چىش يىلتىزىنىڭ ئېچىلىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا تەركىبىگە سېزىمچانلىقنى يوقىتىش ماددىسى قوشۇلغان چىش پاستىسىنى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ،ئۈستىدە ئېيتىلغان ئىككى تەركىپلىك چىش پاستىسىنىڭ قايسىسى بولىشىدىن،بۇ ماددىلار بولغان چىش پاستىسى چىشنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقتىن بولغان ئاغرىقنى پەسەيتىش رولى بار. چىش تاشلىرى ۋە چىش كىرلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىمەن دەپ ئويلىغان بولسىڭىز،تەركىبىدە(پىرو فوسفات)ياكى(سىنىك سىترات كىسلاتاسى)بولغان چىش پاستىسىنى تالىسىڭىز بۇلىدۇ.چىش باكتىرىيەلىرىنىڭ قېتىشىدىن چىش تېشى ياكى چىش كىرلىرى پەيدا بۇلىدۇ.ئەگەردە چىش كىرى پەيدا بولغانلا بولسا سىز ھەرقانچە كۆڭۈل قۇيۇپ چىش چوتكىلىسىڭىزمۇ ئۇنى ھەرگىزمۇ يۇيۇپ چىقىرۋىتەلمەيسىز،پەقەت چىش دوختۇرىنى ئىزدەپ تازلاتماي ئامال يوق.چىش كىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.شۇڭا ئھتىياجىڭىزغا قاراپ چىش پاستىسى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ. 有机硅---ئورگانىك كىرىمنىي 氟------فىتور 氯化锶---- سترونتسىي خىلور 硝酸钾---- كالىي نىترات 焦磷酸盐---- پىرو فوسفات 柠檬酸辛---- سىنىك سىترات كىسلاتاسى
|