مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 656|ئىنكاس: 11

چېكىنىشمۇ بەزىدە بەخىت ئېلىپ كېلىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78355
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3148
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-4-4
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 12:17:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چېكىنىشمۇ بەزىدە بەخىت ئېلىپ كېلىدۇ

ھېكايەت:بىر كۈنى بىر جۇپ ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئۇرۇشۇپ قاپتۇ،خوتۇنى ئېرىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگىمۇ پەرۋا قىلماپتۇ.ئاخىرى خوتۇنى ئېرىدىن ئاجراشماقچى بولۇپ زادىلا ئۇنىماپتۇ.ئۇلار سوت مەھكىمىسىگە بېرىش ئۈچۈن،چوقۇم ئانچە چوڭ بولمىغان بىر دەريادىن ئۆتۈشى كېرەك ئېكەن.دەريا بويىغا كەلگەندە،ئەر ھەش-پەش دېگۈچىلا ئاياغلىرىنى سېلىپ سۇغا كىرىپتۇ.ئايال بولسا مۇزدەك سوغۇق سۇدىن قانداق ئۆتۈشنى بىلەلمەي،قىرغاقتا تۇرۇپ قاپتۇ.ئەر قايتىپ كېلىپ مۇلايىملىق بىلەن:

-مەن سىزنى يۈدۈپ ئۆتكۈزۈپ قوياي،-دەپتۇ.ئەر ئايالىنى يۈدۈپ ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇ.ئۇلار ھېچقانچە ماڭا-مايلا ئايالى بىر نەرسىنى ھېس قىپتۇ-دە،ئۆزىنىڭ ئالدىراقسانلىقىدىن خىجىل بولۇپ،چېكىنىشنى ئويلاپتۇ.

-بولدى، بىز قايتىپ كېتەيلى،-دەپتۇ يەنە بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن،

-نېمىشقا ئەمدى؟-سوراپتۇ ئېرى ھەيران بولۇپ.

ئايال يەنە بىر پەس تۇرىۋالغاندىن كېيىن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ،

-ئاجرىشىپ كەتسەك كىم مېنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ؟-دەپتۇ،دە ئۆيىگە قايتىپتۇ.

ئېبرەت:كونىلاردا مۇنداق بىر گەپ بار:«ياخشىلىققا ئېرىشكەن ئادەم ھەممە يەردە ياخشىلىق قىلىدۇ».قارشى تەرەپكە پۇرسەت بېرىڭ،ئۇنىڭ يۈزىنى ئاياڭ ھەم پۇت تىرەپ تۇرالىغۇدەك ئېمكانىيەت بېرىڭ.كىشىلىك تۇرمۇشتىمۇ شۇنداق.ئوخشىمىغان ئەھۋاللاردا ئوخشىمىغان زىددىيەتلەر ۋە پاجىئەلەر يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.كۆپىنچە ئەر-ئاياللار ئارىسىدىمۇ بەزىدە كىچىككىنە سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئوخشىمىغان زىددىيەتلەر يۈز بىرىپ قالىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ تۇرىۋالغاندا،بىر-بىرىگە يول بەرمىگەندە ياكى كىچىككىنە چىقىش يولى قالدۇرمىغاندا،چوڭ ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكېن.

كونىلاردا يەنە«كۆزى كىچىك ئادەم دوستىدىن ياكى باشقىلاردىن ئايرىلىپ قالىدۇ،كەڭ قورساق ۋە سەمىمىي ئادەم باشقىلار بىلەن ئاسانلا دوسىت بولالايدۇ»،«ساپ ئالتۇن بولمايدۇ،مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ»دېگەن سۆز بار.شۇڭا بىز تۇرمۇشتا بەزى كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىمىزنى قاتتىق تۇتىۋالماسلىقىمىز،باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە كەمچىلىكلىرىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى،كەچۈرۈۋېتىشنىمۇ بىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا باشقىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشەلەيمىز.باشقىلارغا كەچكىچە ئۆچ بولۇپ يۈرۈشنىڭ،سوغاق چىراي بولۇپ يۇرىۋىرىشنىڭ پايدىسى يوق.بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئېرىشىدىغىنىدىن،ئېرىشەلمەيدىغىنى كۆپرەك بولۇپ،نۇرغۇن ئېشلاردا زىيان تارتىدۇ.بىرەر ئېغىز گەپتىن قېلىش،ئېللىق چىراي بولۇش،كەڭ قورساقلىق،باشقىلارغا يول قويۇش ئاخىرىدا ئۆزىمىزگە بەخىت ئېلىپ كېلىدۇ،شۇڭا بىز تۇرمۇشتا چېكىنىشنىمۇ ئۇگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 03:29:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشنىڭمۇ تۆت پەسلى بار، سوغۇق قىشتا قىلىنراق، باھاردا يىلىڭراق كىيىنگەنگە ئوخشاش خۇشاللىق چاغلاردىكى بەختتىن ھوزۇرلىنىپلا قالماي، قېيىنچىلىق چاغلىرىدىكى جاپا  مۇشەققەتلەرگىمۇ بەرداشلىق بېرىش كېرەك.  ياخشى تېمىكەن، يوللىغۇچىغا تەشەككۈر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1281
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 05:28:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىما ئكەن مۇشۇنداق تىملرىڭىز نى يوللاپ تۇرغايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108534
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 514
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 05:36:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما   ماۋزۇسىلا   بىر   خىل   ئىسىل   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2814
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2521 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 06:32:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن،ئەپۇ ھەممە ئاغرىقنى داۋالايدىغان چىقىمسىز دورا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81380
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2012-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 10:18:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ياشاش ئۈچۈن سەۋىرچان بۇلۇش كېرەك ،مەيلى خىزمەت بولسۇن مەيلى تۇرمۇش بۇلسىۇن ئالدىراقسان بولماسلىق كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 11:35:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم
بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 184
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 03:13:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققانلىقى ئەمەس،بەلكى شان-شەرەپكە يىراقتىن نەزەر سالغىنى

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىدىغان زامانلار كىتىپ،كۆڭۈل كۆڭۈلدىن قان-زەرداپ ئىچىدىغان زامانلار كەپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 971
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 08:59:23 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىراقسانلىق  كىشىگە ئاپەت ، بەخىتسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ…

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24173
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3734 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 05:49:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالغا ئىلگىرلەشنى بىلگىنىمىزدەك ، چىكىنىشنىمۇ بىلىشىمىز كىرەك .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش