ناچار ئادەتلەر چىش ئەتراپى كىسەلىكلەرنى پەيدا قىلغۇچى ئاساسى سەۋەپ بولمىسىمۇ،لىكىن چىش ئەتراپى كىسەللىكلىرىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ۋە چىش ئەتراپى كىسەللىكلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى تېزلىتۋىتىدۇ.بۇ ناچار ئادەتلەرنى تۈۋەندىكى نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ: بىر تەرەپتىلا چايناش بۇ خىل ئادەت ئىشلەتمىگەن بىر تەرەپتىكى چىشلاردا زور مىقتاردا چىش باكتىريە دىغى،چىش تاشلىرى پەيدا بۇلۇپ،بۇ ئىش چىش ئەتراپى كىسەللىكلىرىگە ئاسانلا گىرىپتار قىلىدۇ.شۇنداقلا بىر تەرەپتىلا چايناش ئادىتى چىشلار ئارسىدا ئېغىر دەرىجىدە ئۇپۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ.چىشلار ئاسانلا كىرىشىپ كېتىدۇ بۇ ئىش ئاسانلا چىش ئەتراپى كىسەللىكلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ. تاماق تاللاش بۇ خىل ئادەت ئاسانلا ئاقسىل ۋە ۋىتامىن ئا،سې ۋە دې كەمچىل بۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،چىش ئەتراپى كىسەللىكىگە گىرىپتار بۇلۇشنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ. ئۇخلىغاندا چىش غۇچۇرلىتىش بۇ ئادەت چىشلاردا ئېغىر دەرىجىدە ئۇپۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە چىش ئەتراپى توقۇلمىلىرىنىڭ بىسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ ۋە ئاسانلا تاماق قالدۇقى كەپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئەسلىدە بار بولغان چىش ئەتراپى ياللۇغىنى تىخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ. تاماكا چىكىش تاماكا چىكىش پۈتۈن بەدەندىكى سۆڭەككە تەسىر قىلىدۇ.تاماكا چىكىش ئېغىز بوشلىقى ئارقىلىق چىش سۆڭەك ئوقۇرىغا شۈمۈرلۈپ چىش ئەتراپى كىسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىشتىكى يەنە بىر سەۋەپ بۇلىدۇ. كالپۇكىنى چىشلەش،قەلەم چىشلەش،تىرنىقىنى چىشلەش،ئېغزىنى ئېچىپ تۇرۇپ نەپەسلىنىش قاتارلىق ئادەتلەر بۇ ناچار ئادەتلەر چىش ئەتراپى توقۇلمىلىرىنىڭ بىسىمىنى ئېغىرلىتىپ چىشلاردا ئورنى يۆتكىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇنىڭ بىلەن چىش ئەتراپى كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كەسپى ئادەتلەر مەسىلەن:موزدوز،ياغاچچى دىگەندەك خىزمەتلەر،خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا مىخ چىشلەپ تۇرىدىغان ئادەتلىرى ئاسانلا چىش ۋە چىش ئەتراپى توقۇلمىلىرىغا زىيان كەلتۈرۈپ،ئۇدۇل چىشلاردا بوشىشىپ كېتىش ياكى چىش ئورنى يۆتكىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن،چىش ئەتراپى كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار چوقۇم بۇ خىل ناچار ئادەتلەردىن يىراق تۇرىشى كېرەك.مۇشۇنداق قىلغاندىلا چىش ئەتراپى كىسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ.چىش ئەتراپى كىسەللىكىگە گىرىپتار بۇلمىغانلارمۇ چۇقۇم ياخشى چىش ساغلاملىق ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ بۇ ئارقىلىق چىش ئەتراپى توقۇلمىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
|