توردىكى مۇھەببەت
6
ھايات شۇنداق رەھىمسىز بولۇپمۇ مۇھەببەت . بۇرۇنمۇ دىگەن ئىدىم مۇھەببەت دىگەن بەك شەخسىيەتچى بولىدىكەن . سەن شۇنداق ئەقىدە قىلىپ شۇنچە ئىززىتىنى قىلىپ شۇنچە ئەزىزلەپ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭ سىنى ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيدىكەن ئەكىسچە سىنى ياخشى كۆرگەن ئادەمنى بولسا سەن ياخشى كۆرمەيدىكەنسەن . كونىلار توغرا دەپتىكەن تەڭشەلمىگەن جاھان دەپ .
ئۇنىڭ بىلەن بارغانسىرى يېقىنلىشىپ كىتىپ باراتتىم بىركۈنى ئەتگەندە مەكتەپكە بارسام سىنىپتا ئۇ يوق . خېلى ۋاققىچە كىرمىدى ئاڭغىچە دەرس ۋاقتىمۇ بوپ قالدى چۈشمۇ بۇلاي دىدى ئۈزۈمنى خۇددى ئۇنى ساقلاۋاتقاندەك ھىس قىلماقتا ئىدىم . مانا چۈشلۈك دەم ئېلىشمۇ بولدى . تۇرۇپلا خۇددى بىرسى سۇرا دىگەندەك ئۇنىڭ بىر ياتاقدىشىدىن ئۇنى سۇرۇدۇم ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ ئۆيدىكىللىرى ئۇنى يوقلاپ يۇرتىمىزغا كەپتۇ ئۇ ئۆيدىكىللىرىنىڭ ئالدىغا چىققىلى كىتىپتۇ . دىمىسىمۇ بىر قىزبالا دىگەن كىشىنىڭ يۇرتىدا ئوقۇۋاتقان تۇرسا ئۆيدىكىللىرى ئەنسىرەيدۇدە ئەلۋەتتە . لىكىن ئۇنىڭ مەندەك كىلىشكەن ئوغۇل دوستى ياق ياق پەقەت دوستىلا شۇنداق كۈيۈمچان دوستى تۇرسا خاتىرجەم ئىشىنى قىلىۋەرمەي دەپ خىيال قىلىپ كىتىپتىمەن كىيىن خىيالىمنى تۈگىتىپ ئۇنىڭ دوستىغا رەھمەت دەپ قويۇپ سىرتقا چىقتىم ئۇنىڭ دوستىدىن يەنە كۆپ سۇئال سورىغۇم كەلمىدى چۈنكى يەنە سۇرسام ئىككىمىزدىن گۇمانلىنىپ قېلىشى ئېنىق ئىدى . بەلكىم گۇمانلىنىپمۇ بولغاندۇ چۈنكى ئۇ چاغلاردا بىرەر قىزبالا بىلەن بىر ئوغۇلبالا بىردەم بىللە تۇرۇپ قويسا ياكى بىردەم پاراڭلىشىپ قويسىلا ئۇلارنى ئارلىشىۋېتىپتۇ دەپ گەپ تاپىدىغان ئىشلار بەك جىق ئىدى بەزىلىرى مۇشتا گەپنىڭ تەسىرىدە راسلا ئارلىشىپ كىتەتتى . يەنە بەزىلىرى بولسا ئىككىنجى ئالاقىلاشماس بوپمۇ كىتەتتى . ئىشقىلىپ ئۇندا گەپ سۆزنىڭ تەسىرى بەك يامان ئىدى .
تاماقنى سىرىتتىنلا يەپ مەكتەپكە قايتىپ كىردىم سىنىپقا كىرسەم بىرقانچە قىزلار پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ . ئۇلارغا قارىماي ئورنۇمغا بېرىپ ئولتۇردۇم تىڭشىغۇچنى قۇلۇقۇمغا سېلىپ تېلغۇندا ناخشا ئاڭلاپ تامغا يۆنۈلۈپ ئولتۇردۇم . تۇرۇپلا بىر قىزبالىنىڭ ماڭا قاراپ ئولتۇرغىنىغا كۈزۈم چۈپ قالدى ئۇنىڭغا قارىشىمغا ئۇ باشقا ياققا قارىۋالدى . بۇنداق ئىشلارغا مەنمۇ كۆنۈپ كەتكەن ئىدىم چۈنكى ئۇنداق قىزلار بەك جىق ئىدى . بىرەرسى كۈزىگە سەل ئاخسا كۈرۈنسىلا ئۇنىڭغا كۈزى تىشىلىپ كەتكۈدەك قارايتى . ئولتۇرىۋېرىپ سەل ئۇيقۇم كەپ قالدىمۇ بېشىمنى پارتىغا قويۇپ ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرسام بايامقى قىز يېنىمغا كەلدى .
- تېلغۇنىڭىزنى بېرىپ تۇرىڭە بىردەم ناخشا ئاڭلىۋالاي دىدى سەت ھىجىيىپ .
بەرىبىر مەنمۇ ئۇخلايمەن شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلماي تېلغۇننى ئۇنىڭغا بەردىم ئۇ رەھمەت دەپلا كەتتى مەنمۇ ئۇنىڭغا قارىماي بېشىمنى قۇيۇپ ئۇيقىغا كەتتىم شۇنداق تاتلىق ئۇخلاپ كىتىپتىمەن بىر ۋاقىتتا ئويغانسام ئۇ قايتىپ كەپتۇ كۆزۈمنى ئېچىپلا ئۇنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرغىنىنى كۆردۈم . ئۇ خۇددى پەرىشتىدەك ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى كۈزۈمنى ئۇلىۋىتىپ ئەمدى ئۇنىڭغا گەپ قىلاي دەپ تۇرسام ئۇ
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى ئۇخلاپسىمۇ ھۇرۇن دىدى
مەنمۇ سالام قىلىپ ئۇنىڭغا كۈلۈپ قويدۇم ئاندىن ئۇ بىر قۇلىدا بىر خالتا يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ماڭا تەڭلىدى مەن ئۇنىڭغا بۇ نېمە دىگەن مەنىدە قارىسام ئۇ
- سىزگە ئەكىرىم يەڭ دەپ ئالدىمغا قويدى
ئادەتتە قىزلار ماڭا يەيدىغان نەرسە ئەكىرىپ باقمىغاچقا غەلىتە ھىس قىلىپ ئۇنىڭغا
- مەن قىزلار ئەپ بەرگەن نەرسىنى يىمەيمەن بولدى ئۈزىڭىز يەڭ دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇشىمغا ئۇ خاپا بولغان تەلەپپۇزدا ماڭا
- يىمىسىڭىز بولدى تاشلىۋىتەي دىدى قاپىقىنى تۈرۈپ
ئۇف بۇ قىزبالىنىڭ ئاچچىقى نېمدا ياماندۇ دەپ قالدىم . ھە بوپتۇ ئۈزەم ئۈگۈتۈپ قويغان ئەمەسمۇ يەيدىغان نەرسە ئەكىرىپ بېرىپ .
- ۋۇجان نېمدا ئاچچىقىڭىز يامان ھېي چاقچاق قىپ قويدۇم بولدى خاپا بومماڭ دەپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ قولىدىكى نەرسىلەرنى ئالدىم . مەندە شۇنداق بىر سىھىر بارمىكىن دەپ قالىمەن ئادەتتە بىرەر قىزبالىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويسام ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىز چاقچاق قىلىپ كۈلۈپ قويساملا ئاچچىقى يېنىپ كىتىدۇ . ئۇ ئەكىرگەن نەرسىدىن بىرنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدىم . ئۇ ئالغىلى ئۇنمىدى . مەن ئۇنىڭغا
- يىسەك بىللە يەيمىز ئەگەر يىمىسىڭىز ئاغزىڭىزغا تىقىۋىتىمەن جۇمۇ ھە دەپ كۈلۈپ قۇيۇپ ئۇنىڭ ئاغزىغا تەڭلىدىم . ئۇمۇ كۈلۈپ كەتتى ئاندىن ئۇ ئەكىرگەن نەرسىلەرنى كۈلۈپ ئولتۇرۇپ بىللە يىدۇق .ئۇنىڭغا قاراپ ئۈزۈمنى شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلماقتا ئىدىم ئۇنىڭ ماڭا قاراپ تاتلىق كۈلۈشلىرى بەزىدە تە قىپ قويسام ئاغزىنى ئۈمچەيتىشلىرى ماڭا تولىمۇ ئۇماق كۈرىنەتتى . شۇنداق كۈلۈشۈپ ئولتۇرساق ھېلقى چاغدا مىنى بۇ قىز بىلەن دوس بولۇشقا شەرتلەشكەن بىرنېمە سەت كۈلۈپ سىنىپقا كىردى ئۇنىڭ كۈلۈشلىرى يەنىلا بۇرۇنقىدەك سەت بولۇپ ئۇنى كۆرسەملا قۇيۇق چېچىم تىك بولۇپ ئۇنى ئۇرغۇم كىلەتتى . ئۇ شۇنداق سەت ھىجايغان پېتى ئالدىمىزغا كىلىپ
- ھە ئاشىق مەشۇقلار يامان ئەمەسقۇ بۇ يەردە بەزمە قىلىپ ئولتۇرۇپ كىتىپسىلەغۇ يەيدىغاننى دۈۋىلەپ .
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ سەل ئاچچىغىم كەپ قالدى ئۇنىڭغا گەپ قىلاي دەپ تۇرسام ئۇ قولۇمدىن تۇتۇپ بولدى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولماڭ دىدى . شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ گەپ قىلماي ئولتىرىۋەدىم . قېلىن ئادەمگە نېمىلا قىلسا بىكار ئۇ يەنە قاشاڭلىق قىلىپ يېنىمىزدىن كەتمىدى
مەن بولسام گەپ سۆز قىلماي قولۇمدىكى نەرسىنى يەپ ئولتۇراتتىم شۇ تاپتا ئۇ نەرسە گېلىمدىنمۇ تەستە ئۆتىۋاتاتتى . ھېلىقى بىرنېمە يەنە نېرۋامنى ئۆرلىتىپ گەپ قىلىشقا باشلىدى
- بەزمە دىگەنگە باشقىلارنىمۇ چاقىرىپ بىللە ئولتۇرمامدۇ دەيمەن بوپتۇ مەن ئۈزەمنى سۇراپ چاقىرمىغان بولساڭلامۇ قاتنىشىۋېرەي ھە دەپلا ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىنى ئېلىپ يەۋەتتى .