extraۋىتامىن ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە
مەمەت ئمىن (ئامىرىكا كۇلۇمبىينە ئونۋېرسىتى)
ۋىتامىننىڭ مۇھىملىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ھەم شۇنداقلا بىرەر يىمەكلىكنىڭئوزۇقلۇق قىممىتىنى تىلغا ئالغاندا تەركىۋىدە مول ۋىتامىن ماددىسى بار دەپئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. ئۇنداقتا ۋىتامىن دىگەن زادى قانداق ماددا؟ بىز ۋىتامىننىقانچە كوپ ئىستىمال قىلساق سالامەتلىكىمىزگە شۇنچە پايدىلىقمۇ؟ بىز ۋىتامىن دورىلىرىنىداۋاملىق ئىستىمال قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق ساغلام ياشاش ۋە ياكى ئۇزۇن ئومۇر كورۇش مەخسىتىمىزگەيىتەلەيمىزمۇ؟ توۋەندە مەن بۇ جەھەتتە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىرىپ ئوتۇش بىلەن بىرگەئوز كوز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويماقچى.
ۋىتامىن دىگەن زادى قانداق ماددا؟ ئۇلارنىڭ رولى نىمە؟
ۋىتامىن دىگىنىمىز بەدەندە كەم بولسا بولمايدىغان ۋە بەدەندە ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان، چوقۇم ئوزۇقلۇق ئارقىلىق سىرىتتىن قوبۇل قىلىش زورۇر بولغان كوپخىل ئورگانىك مادىلار توپلىمى بولۇپ، بۇ ماددىلار بىز كۇندە ئىستىمال قىلىپ تۇرغان3 چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىسى يەنى ماي، ئاقسىل ۋە شىكەرلەرگە ئوخشاش بەدەننى ئىنىرگىيەبىلەن تەمىنلىمەيدۇ، بىراق ئۇلار بەدەننىڭ مىتابولىزىملىق فونكىسىيەسىنى تەڭشەشتە ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.ئەگەر ئادەم بەدىنى مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىنغا ئىرىشەلمىگەندە ۋە ياكى بەدەندە مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىن كەمبولغاندا، ئادەم بەدىنىڭ نورمال مىتابولىزىملىق فونكىسىيەسى تەسىرگە ئۇچۇراپ، ھەر خىلمۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئادەم بەدىنىدىكى ۋىتامىننورمالدىن يۇقۇرى بولغاندا ۋە ياكى بىز ئىستىمال قىلغان ۋىتامىن بەدەننىڭئىھتىياجىدىن ئىشىپ كەتكەندە، بەدىنىمىزدىكى مەلۇم ئورگانلارنىڭ زەھەرلىنىشىنىكەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ ۋە بەدىنىمىزدە بەزى كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ۋىتامىننىڭبەدەندىكى مۇھىملىقىنى قارغۇلارچە قوغلۇشۇپ، ئۇلارنى ئىھتىياجدىن ئارتۇق ئىستىمالقىلىۋىلىش ئوخشاشلا خەتەرلىك. ئەڭ مۇھىمى ۋىتامىننىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتىشبىلەن بىرگە ئۇنى مۇھاپىق ئىستىمال قىلىش، بەدەننىڭ ۋىتامىنغا بولغان ئىھتىياجىنىقاندۇرۇش بىلەن بىرگە ۋىتامىندىن جەھەرلىنىشتىنمۇ ساقلىنىش كىرەك.
قانداق ئەھۋالدا ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقىدۇ؟
ئادەتتە بەدىنىمزئىھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن مىقدارى ئاز بولۇپ، بەزى ۋىتامىنلار بەدىنىمىزدە مەلۇم مىقداردا مەلۇم مەزگىل ساقلىنىدۇ،شۇنداقلا بىز كۇندىلىك تۇرمۇشتا ئىستىمالقىلىپ تۇرىۋاتقان بارلىق يىمەك ئىچمەك تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار بار، شۇڭا نورمالدا ئاسانلىقچەۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ.
بىزنىڭ ھەر خىل ۋىتامىنلارغا بولغان ئىھتىياجىمىز ئوخشاش بولمايدۇ، ھەر خىل ۋىتامىنلارنىڭبەدەندە ساقلىنىش ۋاختى ۋە مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەدىنىمىز بەزى ۋىتامىنلارنى يىتەرلىك مىقداردا خىلى ئۇزۇن زامانساقلىيالايدۇ، بۇنداق ۋىتامىنلارنى بىز بىر مەزگىل ئىستىمال قىلمىساقمۇ، ئاسانلىقچە كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ. مەسىلەن، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B12 ۋە ۋىتامىن D قاتارلىق ۋىتامىنلاربالاغەتكە يەتكەن كىشىلەرنىڭ جىگىرىدە يىتەرلىك مىقداردا ساقلىنىدىغان بولۇپ، بىزبۇ خىل ۋىتامىنلارنى بىر نەچچە ئاي ئىستىمال قىلىمىساقمۇ، ئاسانلىقچە ۋىتامىنكەملىك كىلىپ چىقمايدۇ. يەنە بەزى ۋىتامىنلار بەدەندە كوپ مىقتاردا ساقلانمايدۇ،ئەگەر بىز بۇ خىلدىكى ۋىتامىنلارغائۇزلۇكسىز ئىرىشىپ تۇرمىساق، بىر ئىككى ئايدا ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقىدۇ.
ئۇنداقتا قانداق كىشىلەردە ۋە ياكى قانداق ئەھۋالدا ۋىتامىن كەملىك كىلىپچىقىدۇ؟
1. ئۇزۇن مۇددەت تاماق يىمىگەن كىشىلەردە،يەنى يىتەرلىك يىمەكلىك بولماسلىق، ئاچلىق ئىلان قىلىش ۋە ياكى كىسەللىكتۇپەيلىدىن يىتەرلىك ئوزۇقلىنالمىغان كىشىلەردە.
2. تاماقنى تاللاپ يىيىشكە ئادەتلەنگەن، يەنىئىستىمال قىلغان تاماقنىڭ تۇرى ناھايتى چەكلىك بولغان، ۋە ياكى ئۇزۇن مۇددەت بىرخىللا يىمەكلىكنى ئىستىمالقىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەردە.
3. ئۇچەيدە مەۋجۇت بولغان مەلۇم كىسەللىكلەرتۇپەيلىدىن، بەدەن يىمەكلىك تەركىۋىدىكى ۋىتامىنلارنى ئۇنۇملۇك قوبۇل قىلالمىغانئەھۋال ئاستىدا.
4. مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلىدىنمىسالەنداۋاملىق ھاراق ئىچىش، تاماكا چىكىش ۋە ياكى بەزى دورىلارنى ئىستىمالقىلىشسەۋەبىدىن، بەدەننىڭ ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچۇرغان ئەھۋال ئاستىدا.
5. مەلۇم كىسەللىكلەر تۇپەيلىدىن بەدەن مەلۇمخىلدىكى ۋىتامىنلارنى يوقۇتۇش، ۋە ئوز ۋاختىدا تولۇقلانماسلىق سەۋەبىدىن.
قانداق قىلغاندا ۋىتامىن كەملىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
بىز كۇندىلىك تۇرمۇشتا ئىستىمال قىلىپ تۇرىۋاتقان ھەر خىل يىمەك ئىچمەكتەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار يىتەرلىك بار بولۇپ، ئوخشاش يىمەكلىكتە ئوخشىمىغان ۋىتامىنلار بولىدۇ، ئوخشىمىغانيىمەكلىكلەردىكى ئوخشىمىغان ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى ۋىتامىنلاركوكتاتلار تەركىۋىدە كوپ بولسا، يەنە بەزى ۋىتامىنلار گوش تەركىۋىدە مول. بەزىۋىتامىنلار يەل-يىمىشلەر تەركىۋىدە مول بولسا، يەنە بەزىلەر گۇرۇچ، بۇغداي ۋەقوناق تەركىۋىدە مول. شۇڭا بىز يىمەكلىك تاللىماي، ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى يەنى ھەرخىل سەي كوكتات، يەليىمىش، گۇرۇچ، ئۇن تاماقلىرىنى، گوش ۋە بىلىقلارنى مۇھاپىقئىستىمال قىلىپ بەرسەك، نورمالدا ۋىتامىن كەملىكتىن تامامەن ساقلىنالايمىز.
بىز نورمالدا ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىقمۇ؟
ئەگەر بىز يىمەكلىك تاللىماي، ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى مۇھاپىق ئىستىمال قىلساق، يەنىكۇندۇلۇك تۇرمۇشىمىزدا كوكتات ۋە يەلىمىشلەر كەم بولمىسا، ئاسانلىقچە ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ.
ئەگەر بىزدە يۇقۇردا دەپ ئوتكەن ۋىتامىن كەملىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغانئالاھىدە ئەھۋاللار بولمىسا ۋىتامىن دورىلىنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ھىچقانداق ھاجىتىيوق.
بىز پەقەتلا توۋەندىكى ئەھۋاللاردا ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىق
1. ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىققاندا.
2. مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىن مول بولغان يىمەكلىكلەرنىئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلالمىغاندا ۋە ياكى ئىستىمال قىلىش شاراھىتىمىز بولمىغاندا.
3. گەرچە ۋىتامىن مول بولغان يىمەكلىكلەرنىداۋاملىق ئىستىمال قىلىپ تۇرغان بولساقمۇ، بىراق مەلۇم كىسەللىكلەر تۇپەيلىدىن،ئاشقازان ۋە ئۇچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولۇپ، يىمەكلىكلەرنى پارچىلاپ ئۇنىڭ تەركىۋىدىكىۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىش تەسىرگە ئۇچۇرغاندا.
4. بىز مەلۇم خىلدىكى كىسەللەرگە گىرىپتاربولۇپ، بەدەننىڭ مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىنغا بولغان ئىھتىياجى ئىشىپ كەتكەندە ۋە ياكىۋىتامىننىڭ بەدەندىن يوقۇلىشى تىزلىشىپ كەتكەندە.
5. يىمەكلىك ئادىتىمىز تۇپەيلىدىنيىمەكلىكلەرنى پۇشۇرۇش جەريانىدا يىمەكلىك تەركىۋىدىكى خەر خىل ۋىتامىنلار ۋەيرانقىلىۋىتىلگەندە.
6. يىمەك ئىچمىكىدە بولۇپمۇ ئىچىدىغان سۇت ۋەبوۋاق يىمەكلىكىدە يىتەرلىك ۋىتامىن بولمىغان ئوسۇپ يىتىلىۋاتقان بالىلار.
7. ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولغان، ۋە ياكىبەزى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ياشانغان كىشىلەر.
ۋىتامىن دورىلىرىنى تاللىغاندا نىمىلەرگە دىقەت قىلىش كىرەك؟
مەن دەسلەپتە تەكىتلەپ ئوتكەندەك بىز ۋىتامىننى قانچە كوپئىستىمال قىلساق ۋە ياكى بەدىنىمىزدە ۋىتامىن قانچە كوپ بولسا سالامەتلىكىمىزگە شۇنچە پايدىلىق دىگەنگەپ يوق. ھەم ۋىتامىن قۇۋەت قىلىدىغانئوزۇقلۇق ماددىسىمۇ ئەمەس. بىز پەقەت ۋە پەقەتلا بەدىنىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ۋىتامىنغا ئىرىشسەكلا كۇپايە. ئەڭ ياخشى سۇپەتلىك ۋىتامىن تەبىئى يىمەكئىچمەك تەركىۋىدىكى ۋىتامىن بولۇپ، ساغلام يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىقبەدىنىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ئەڭ سۇپەتلىك ۋىتامىنلارغا ئىرىشەلەيمىز.
ئەگەر ھەقىقەتەن ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىش زورۇر بولغاندا، ئامالبار كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولغان، نوپۇزلۇق دورا شىركەتلىرى ئىشلەپ چىقارغانۋىتامىنلارنى تالاش كىرەك. ۋىتامىن گەرچە كىلىش مەنبەسى مول، تەننەرقى ئەرزان دورابولسىمۇ، بىراق سۇپەت جەھەتتە ئولچەمگە يەتمىگەن ۋىتامىنلارنى ئىستىمالقىلغىنىمىزدا، يالغۇز كوزلىگەن مەخسەتكە يىتەلمەي قالماستىن بەلكى بەدىنىمزگە زىيان سالىدىغان ئىشيۇز بىرىشى مۇمكىن. ۋىتامىن دورىلىرىنىڭ سۇپىتى ۋە ئۇنىمى دىگەندە بىز يالغۇز ئۇنىڭبەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋىتامىنلارنى تولۇقلىيالىشىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭبەدەنگە ئىلىپ كەلگەن ئەكىس تەسىرىنىڭ ناھايتى توۋەن ۋە ياكى ئاساسەن يوق بولۇشىغىمۇقارىشىمىز كىرەك. چۇنكى سۇپىتىياخشى بولمىغان ۋىتامىن دورىلىرى تەركىۋىدە بىزگە كىرەكلىك بولغان ۋىتامىن ماددىلىرىدىنباشقا، بىز ئىھتىياجلىق بولمىغان قالدۇق ماددىلارمۇ بار بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭتەركىۋى قانچە يۇقۇرى بولسا، يەنى ۋىتامىن دورىسىنىڭ ساپلىق دەرىجىسى قانچە توۋەنبولسا، بەدىنىمزدىكى بۇ دورىلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان جىگگەر ۋە بورەكنىڭ يۇكىنىئىغىرلاشتۇرۇپ، بەدىنىمىزگە بەزى يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ۋىتامىنلارنىڭ تۇرلىرى
ئادەتتە دىيىلىۋاتقان ۋىتامىنلار يەنى كوپئىشلىتىلىدىغان ۋە مۇھىم بولغان ۋىتامىنلار 13خىل ۋىتامىننى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان بۇلۇپ،ئۇلارۋىتامىن A، ۋىتامىن B1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىن B3، ۋىتامىن B5، ۋىتامىن B6، ۋىتامىن B7، ۋىتامىن B9، ۋىتامىن B12، ۋىتامىن C، ۋىتامىن D، ۋىتامىن E ۋە ۋىتامىن K دىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن D بولسا ۋىتامىن D1، ۋىتامىن D2، ۋىتامىن D3، ۋىتامىن D4 ۋە ۋىتامىن D5 دىن ئىبارەت 5 خىل ۋىتامىننىئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋىتامىن K بولسا ۋىتامىن K1 ۋە ۋىتامىن K2 دىن ئىبارەت 2 خىل ۋىتامىننى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.
يۇقارقى13 خىل ۋىتامىندىن باشقا يەنە ۋىتامىن B8، ۋىتامىن F، ۋىتامىن G، ۋىتامىن H، ۋىتامىن J، ۋىتامىن L1، ۋىتامىن L2، ۋىتامىن M، ۋىتامىن O، ۋىتامىن P، ۋىتامىن PP، ۋىتامىن S ۋە ۋىتامىن U دىگەندەك ۋىتامىنلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەرنىڭ ۋىتامىنلىقسالاھىتى ئىلىپ تاشلانغان، يەنى ۋىتامىن دىگەن نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، باشقاناملار بىلەن ئاتالغان بولسا، يەنە بەزىلەرنى يۇقارقى 13 خىل ۋىتامىنكاتىگورىيەسىگە كىرگۇزۇلىۋىتىلگەن. مەسىلەن: ۋىتامىن G ۋە ۋىتامىن J، ھازىرۋىتامىن B2 غاقوشۇۋىتىلگەن، ۋىتامىن H بولسا ۋىتامىن B7 گە قوشۇۋىتىلگەن، ۋىتامىن M بولسا ۋىتامىن B9 گە قوشۇۋىتىلگەن، ۋىتامىن PP بولسا ۋىتامىن B3 گە قوشۇۋىتىلگەن؛ ۋىتامىنP نىڭ ۋىتامىنلىق سالاھىتىئىلىپ تاشلانغان. ۋىتامىن L1 نىڭ بەدەندە مۇھىم ئەمەسلىكى بايقالغان.
بەدىنىمىزدە ۋىتامىن كەم بولغاندا قانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ؟
1. ۋىتامىن A كەمبولغاندا كوزنىڭ كورۇشى قۇۋىتى ئاجىزلايدۇ، بولۇپمۇ كىچىدە كورمەيدىغان بولۇپقالىدۇ.
2. ۋىتامىن B1 كەم بولغاندا بەرىبەرى (脚气病) دەپ ئاتالغان بىر خىل كىسەلنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
3. ۋىتامىن B2 كەم بولغاندا تىل ياللۇغى، ئىغىز بوشلۇغى ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرنىكەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
4. ۋىتامىن B3 كەم بولغاندا تىرە زەخمىلىنىش، تىرە چۇشۇپ كىتىش قاتارلىق بىر خىل تىرەك كىسىلى (糙皮病) نى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
5. ۋىتامىن B5 كەمبولغاندا پەرىسسىزىيا دەپ ئاتالغان تىرە سەزگۇرلىگى ئىشىپ كىتىش كىسەللىگىنىكەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغاندا تىرە كويگەندەك، قىچىشقاندەك،يىڭنە سانجىغاندەك ھەر خىل غەيرى تۇيغا ۋە سىزىملار بولىدۇ.
6. ۋىتامىن B6 كەم بولغاندا قان كەملىك، نىرۋا زەخمىلىنىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپچىرىدۇ.
7. ۋىتامىن B7 كەم بولغاندا تىرە ياللۇغى، ئۇچەيياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
8. ۋىتامىن B9 كەم بولغاندا قان كەملىك پەيدا قىلىدۇ. ھامىلە بولغان ئايالنىڭ قوسىقىدىكىبالىسدا بەزى تۇغما كىسەللىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
9. ۋىتامىن B12 كەم بولغاندا قان كەملىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
10. ۋىتامىن C كەم بولغاندا تىرە، چىش ۋەئىغىز بوشلۇقى قاناش ئاساسلىق كىسەل ئالامەتى بولغان (坏血病)كىسەلىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
11. ۋىتامىن D كەم بولغاندا سوڭەك يۇمشاپ قىلىش (软骨病، 佝偻病) كىسىلىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
12. ۋىتامىن E كەم بولغاندا يىڭى تۇغۇلغان بالىلارداقان كەملىك كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئەرلەردە تۇغماسلىق، ئاياللاردا بالىسى ئاسان چۇشۇپكىتىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
13. ۋىتامىن K كەم بولغاندا بەدەن ئاسانلا قانايدىغان يەنى تىرەۋە ئىچكى ئەزالاردىن ئاسان قان چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
قانداق ئەھۋالدا ۋىتامىن بىلەن زەھەرلىنىش كىلىپ چىقىدۇ؟ ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟
نورمالدا ۋىتامىن بىلەن زەھەرلىنىش يەنى بەدىنىمزدىكى ۋىتامىن مىقدارىئىھتىياجىمىزدىن ئىشىپ كىتىش ئەھۋالى ۋىتامىن كەملىكتەك كوپ ئۇچۇرمايدۇ، بىراقشۇنداقتىمۇ ئۇزۇن مۇددەت كوپ مىقداردا ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلغاندابەدىنىمزدىكى ۋىتامىن مىقدارى ئىھتىياجىمىزدىن ئىشىپ كىتىپ، ۋىتامىن بىلەنزەھەرلىنىشتەك يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىرىدۇ.
1. ۋىتامىن A بىلەن زەھەرلەنگەندە سوڭەك سەۋەپسىز يۇمشىۋىلىش، ئاغرىش، ئىشىۋىلىش، كوزىغۇۋالىشىش، بىشى قىيىش، بىشى ئاغرىش، ئىشتىيى تۇتۇلۇش، كوڭلى ئىلىشىش، قاندىكىكالتسى ئىشىپ كىتىش، جىگگەر زەخمىنىلىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
2. ۋىتامىن B1 بىلەنزەھەرلەنگەندە مۇسكۇل بوشۇشۇش ۋە ماغدۇرسىزلىنىشتەك ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ.
4. ۋىتامىن B5 بىلەنزەھەرلەنگەندە ئىچى سۇرۇش، كوڭلى ئىلىشىش ۋە قۇسۇشتەك ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ.
5. ۋىتامىن B6 بىلەنزەھەرلەنگەندە نىرۋا زەخمىگە ئۇچۇرايدۇ.
6. ۋىتامىن B12 بىلەنزەھەرلەنگەندە داناخوررەككە ئوخشاش تىرە كىسەللىگىنى پەيدا قىلىدۇ.
7. ۋىتامىن D بىلەن زەھەرلەنگەندە بەدەن سۇسىزلىنىش، قۇسۇش،ئىشتىيى تۇتۇلۇش، يارغىنلىقھىس قىلىش، ئىچى قىتىۋىلىش، مۇسكۇل ئاجىزلىقى، كالتسى بىلەن زەھەرلىنىش ۋە نۇرغۇنئورگانلاردا تاش پەيدا بولۇشتەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
8. ۋىتامىن E بىلەن زەھەرلەنگەندە بەدەن ئاسان قاناش، ۋىتامىن K نىڭ ئۇنىمى توۋەنلەش،قاندىكى ماي تەركىۋى يۇقۇرلاش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
9.ۋىتامىن K بىلەن زەھەرلەنگەندە قان ئاسان ئۇيىشىۋىلىشنى كەلتۇرپ چىقىرىدۇ.
قايسى خىلىدىكى يىمەكلىكلەردە قايسى تۇردىكى ۋىتامىنلاركوپ بولىدۇ؟
1. ۋىتامىن A بارلىق سىرىق رەڭلىك يەلمىشلەردە، بارلىق يوپۇرماقلىق كوكتاتلاردا،سەۋزىدە، كاۋىدا، سۇتتە، بىلىقتا، جىگەر قاتارلىقلار تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
2. ۋىتامىن B1 بارلىق كوكتاتلاردا، جىگەر، تۇخۇم، گۇرۇچ تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
3. ۋىتامىن B2 باناندا، قوناقتا، پۇرچاقتا، لۇسۇن (芦笋)تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
4. ۋىتامىن B3 گوش، بىلىق، تۇخۇم، كوپۇنچە كوكتاتلار، موگۇ (蘑菇)تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
5. ۋىتامىن B5 گوش، بروكىلى (椰菜)، ئاۋوكادو (鳄梨) تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
6. ۋىتامىن B6 گوش، كوكتات، بانان تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
7. ۋىتامىن B7 خام تۇخۇمدا، جىگەردە، خۇئاسىڭ (花生)، بارلىقيوپۇرماقلىق يىشىل كوكتات تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
8. ۋىتامىن B9 بارلىق يوپۇرماقلىق كوكتات، بۇغداي ئۇنى، جىگەر تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
9. ۋىتامىن B12 گوش ۋە بارلىق ھايۋان مەسۇلاتلىرىدا كوپ بولىدۇ.
10. ۋىتامىن C مۇتلەق كوپ ساندىكىيەلىمىش بولۇپمۇ ئاچكىق چۇچۇك يەلىمىش، كوكتات، جىگەر تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
11. ۋىتامىن D بىلىق، تۇخۇم، جىگەر، موگۇ (蘑菇) تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
12. ۋىتامىن E مۇتلەق كوپ ساندىكى يەلىمىش، كوكتات، ياڭاق، مىغىز،ئۇرۇق تەركىۋىدە كوپبولىدۇ.
13. ۋىتامىن K يوپۇرماقلىق يىشىل كوكتات، تۇخۇمنىڭ سىرىقى، جىگەر تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.
ئەسكەرىش: جىگەر تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىنلارنىڭھەممىسى كوپ بولسىمۇ، بىراق جىگەرنى ۋىتامىن تولۇقلايدىغان ئاساسلىق يىمەكلىكقىلماسلىقىمىز كىرەك. چۇنكى جىگەر تەركىۋىدە يالغۇز ھەرخىل ۋىتامىنلار كوپ بولۇپلا قالماستىن بەلكىم يۇقۇرى مىقداردا كولەستىرول بولۇپ،جىگەرنى كوپ ئىستىمال قىلغاندا، قاندىكى ماي مىقدارى ئىشىپ، يۇقۇرى قان بىسىمى،يۇرەك ۋە مىڭە قان تومۇر كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنىئاشۇرىۋىتىدۇ.
مەنبە:
http://dohturum.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2106&extra=page%3D1
http://dohturum.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2106&extra=page%3D1