ئايرىلماس ھەمرا
ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇن قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدىكەن،ئىنساننىڭ ئۇنى تارتماسلىققا ئىلاجى يوق چۈنكى ئىنساننىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى بۇ قىسمەتلىرى ئاللىقاچان تەقدىرىگە يېزىلىپ بولغان.ئىنسان بەزىدە ئۆز قىسمەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە بەكلا ئاجىزلىق قىلىدىكەن.مانا بۇ ئاجىز ئىنسان، مانا بۇ تەقدىر –قىسمەت،مانا بۇ تۇرمۇش ، مانا بۇ ھايات ...
ھەربىر ئىنسان بولغۇچى ئۆز ھاياتىدا شۇنداق ئايرىلماس بىر قىسمى ھىساپلىنىدىغان بىرسىنىڭ بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ،شەخسەن مەن شۇنداق ئارزۇ قىلىمەن ھەم ھاياتىمدا شۇنداق بىر ئايرىلماس بىر ھەمراھىمنىڭ بولغانلىقىدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھىس قىلىمەن.
ئادەم ئۆز پىشانىسىگە پۈتۈلگەن تەقدىرىنى كۆرمەسلككە ئامالى يوقكەن، تەقدىرىگە پۈتمىگەننى ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۆزىنىڭ قىلۋالغىلى بولمايدىكەن . مەن ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئۇ ماڭا ھەمرا، ئۇ مېنىڭ تەقدىر –پىشانەمگە پۈتۈلگەن ، بەزىدە ئۇنىڭ مېنىڭ تەقدىرىمدە مەن بىلەن سەپەرداش بولۇپ بۇندىن كىيىنكى ھايات يولۇمدا ئىزچىل ماڭا ھەمرا بولىدىغىنىمنى بىلگنىمدە كۆڭلۈم بىر خىل ئاچچىق ئازاپتا تولغىناتتى،ئۇنىڭ ھاياتىمدا پەيدا بولغىنىدىن ئاغرىنساممۇ،كۇڭلۈم ئازاپلانسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىدىم، مەيلى مەن نەگە باراي،نېمە ئىش قىلاي باسقان ھەربىر قەدىمىمگە ئۇ ھەمرا،ھەر قەدەم ئېلىشىم ئۇنىڭسىز ھىچقاچان ئەمەلگە ئاشقان ئەمەس.ئۇ بولغاچقىلا ھاياتىمدا ئازاپنىڭ، خۇشاللىقنىڭ، مىھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلگەن، ئۇ تارتقان دەرت-ئەلەم،ئازاپلىرىمنىڭ،ئېرىشكەن مىھىر-مۇھەببەت ۋە خۇشاللىقلىرىمنىڭ شاھىدى.
گەرچە ئۇنىڭ بىلەن ماڭغىنىمدا ئۆزۈمنى بىرخىل ھىس قىلساممۇ، باشقىلارنىڭ ماڭا قانداقتۇر ئىچ ئاغرىتىش نەزىرىدە قاراشلىرىغا،يەنە بەزىلەرنىڭ سىز بىرەرسنى دوراۋاتامسىز؟دەپ سورىغان غەلىتە سوئاللىرىغا دۇچ كەلگىنىمدە ئۇنىڭغا ئۆچلىكىم كىلەتتى، بىشىمنى كۆتۈرەلمەي قالاتتىم ،ئۇنىڭ مېنىڭ تەقدىرىمگە يار بولغىنىدىن نەپرەتلىنەتتىم، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇ ھاياتىمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى، ھازىر ئۇ بولغاچقىلا قەلبىم بىرخىل ئىللىق تۇيغۇغا تولىدۇ.
يوللاردا ماڭغىنىمدا بىشىمنى كۆتۈرۈپ مەغرۇر ماڭالايمەن. ئۇ يالغۇزلۇقۇمغا ھەمرا،ئۇ بولغاچقىلا مەن يالغۇزلۇق ھىس قىلمايمەن.يىقىلغىنمدا ئۇ ماڭا ھەمرا بولۇپ ،ئورنۇمدىن تۇرىشمغا مەدەت بىرىدۇ. ئۇ قايغۇ-ئازاپلىرىمغا ھەمرا، ماڭا بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ ،چىداملىق بول دەپ ئۈنسىز مەدەت بىرىدۇ.ئۇ ئاققان ھەربىر تامچە كۆز يېشىمغا ھەمرا ، ئۇ تەسەللىگە مۇھتاج قەلبىمگە ھەمرا. ئۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان مېنىڭ بارلىق ئېغىرلىقلىرىمنى كۆتۈرۈپ ،دەرتلىرىمگە دەرمان بولۇپ كەلمەكتە.
مەيلى مەن قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كىلەي ،بارلىق يېقىنلىرىم مىنى تاشلاپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇ مېنى ھەرگىز تاشلاپ كەتمەيدۇ، مەن ئۇنىڭدىن ئارىلالمايمەن،ئۇ مېنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشىم، ئاشىقىم ،ئۇ مېنىڭ ھاياتىم، مەن ئۇنىڭسىز بىر قەدەممۇ ئالالمايمەن.ئۇ مەن ھاياتىمدا ئۇچراتقان ئەڭ سەۋىرچان،ئەڭ چىداملىق،مەندىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدىغان ئايرىلماس ھەمرا...
بۇندىن كىيىنىكى ھاياتىمدا مەيلى قانداق ئۆزگىرىش يۈز بىرىشىدىن قەتئي پەقەت ئۇنىڭلا سۈكۈت ئىچدە ئايرىلماي مەڭگۈ ھەمرابولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
مەنبە : پىنھان قەلىب