«ساماۋەر شورپاخانىسى »دا
ھىكايە
بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى ئاجايىپلا ئىكەن ، ساماۋەر شورپىسى دىسە چوڭ-كىچىك ،ئەر-ئايال ياقتۇرمايدىغىنى يوق ئىكەن .توۋا دەيمەن !؟ قىزىق ئىكەن بۇ خەق .ئۆزىمىزنىڭ تاماقلىرىدىن پولو، لەغمەن، نارىن ...قاتارلىق ھەرخىل تاماقلىرىمىز تۇرسا ... ئاڭلىسام بۇمۇ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئىكەن. شۇڭا مەنمۇ جەمئىيەتكە ماسلىشاي دەپ ئانچە-مۇنچە ساماۋەر شورپىخانىسىغا بېرىپ قويىدىغان بولدۇم. . ساماۋەر شورپاخانىسىدا ئۇچرىشىپ قالغان دوستلىرىممۇ » : ۋاي-ۋۇي،ئاداش يېڭىلىققۇ بۇ ؟ سەنمۇ دەۋىر تەرەققىياتىغا يىتىشىۋاپسەن - ھە «!دىيىشىدىغان بولدى . گۈلقىز دەپ بىر دوستۇم بۇلىدىغان ،دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىدى دىسە شۇنى دىسە بۇلىدۇ، ئۇ ساماۋەر شورپىخانىسىنىڭ دائىملىق مىھمىنى . گۈلقىز ئۇ يەرگە دائىم بېرىپ تۇرغاچقامىكىن،ئۇيەرنىڭ قانچە خىزمەتچىسى بارلىقىدىن تارتىپ ،قانچە ئايرىمخانە،قانچە ئۈستەل- ئۇرۇندۇق بارلىقىغىچە ھەممىنى ئېيتىپ بېرەلەيتتى »ساماۋەر شورپىسى «دىگەن ئۇقۇمنى گۈلقىز ماڭا تۇنۇشتۇرغان .
ئشتىن چۈشۈپ نىمە تاماق يىيىش ئۈستىدە قىلىۋاتقان خىياللىرىمنى كوچىدىكى ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن سىقىلغان يۈرگۈم ۋاقىتسىز بۆلىۋەتتى . خىيالەن كىتىپ باراتتىم ، توساتتىن ئالدىمدا كىتىپ بارغان گۈلقىزنى كۆرۈپ :
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!دۇستۇم - دىگىنىمچە ئۇنىڭغا يىتىشۋالدىم .
-ھە،ئاداش بار ئىكەنسەن-ھە؟!ئالتىنچى ئاينىڭ پاقىسىدەك يۇقاپلا كەتتىڭغۇ...دەپ ئاغرىنىپلا كەتتى. گۈلقىزنىڭ قولىدا دەستە-دەستە ئەتتىرگۈللەر تۇراتتى.مەن ھەيران بۇلۇپ سورىدىم:
- دوستۇم قاچاندىن بېرى كەسىپ ئۆزگەرتىڭ؟-دىدىم ، بىردە گۈللەرگە بىردە گۈلقىزغا قاراپ،گۈلقىزنىڭ چىرايىدىن ناھايىتى مەغرۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى.
-ئاداش ،ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟بۈگۈن دىگەن قانداق كۇن؟ـ دەپ سورىدى ئۇ مەن ئويلانمايلا جاۋاپ بەردىم.ـ ھەپتىگە ئككى ،ـ گۈلقىز چىرايىنى پۇرۇشتۇرۇپ - ئاداش،ئاۋۇ يولدىن ئۆتكەن قىز – يىگىتلەرنىڭ كۈتۈرىۋالغان گۈللىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ بۇنداقمۇ ھاڭۋاقتى بۇلامدۇ كىشى ،مەن ساڭا دەپ بېرەي ،بۈگۈن دىگەن ‹ چىڭرېنجىې› ، ‹چىڭرېنجىې›دىگىنى ئاشۇق - مەشۇقلار بايرىمى دىگىنى،شۇنىمۇ بىلمىگەن - دىدى ئۇ ماڭا قاراپ ،ئۇ يەنە:
- ئاداش سەنمۇ قالاقلىقىڭنى تاشلاپ جەمىئيەتكە ماسلىشىپ قوي، بولمىسا جەمىئيەت سېنى تاشلىۋېتىدۇ .ـ دەپ ماڭا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى.
ـ ھە بولىدۇ - دەپلا قويدۇم مەنمۇ .
-دۇستۇم ،ئەتتىگەندىن بېرى قانچىلىك گۈل ساتتىڭ؟سوداڭ ياخشىدۇ؟
ـ دەپ سورىدىم كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا . مىنىڭ بۇ سۆزۈم قايناۋاتقان مايغا سۇغۇق سۇ قۇيغاندەك ئىش بولدىمۇ قانداق ،بۇنى بىلمىدىم، گۈلقىزنىڭ چىرايىدىن تاتىرىپ كەتكەنلىكتىن بايىقى مەغرورلۇقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.
-ئاداش ،سىنىڭ كاللاڭ مايمۇننىڭ كاللىسىدەك نىمانداق ئاددى؟ - دىدى دۇستۇم چىچاڭشىپ
ـ ئەجىبا مەن خاتا گەپ قىلدىممۇ؟ - دىدىم مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە.
ـ ئەلۋەتتە ،خاتا گەپ قىلدىڭ ،كۈزى ئۇچۇق قارغۇ ئىكەنسەن .مىنىڭ بۇ ئىسلزادە قىياپىتىمدىن گۈل ساتقۇچى قىزغا ئوخشامدىكەنمەن؟
ـ ياق ،دوستۇم قارا،مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ... - دىدىم مەن دۇدۇقلاپ
ـ ھە،نىمە دىمەكچى سەن؟ـ دىدى ئۇ ،بىردە ماڭا بىردە تېلېفۇننىڭ سائىتىگە قاراپ قۇيغاچ.
ـ قۇلۇڭدا دەستە- دەستە گۈللەرتۇرۇپتىكەن،شۇڭا...
ـ بۇ گۈللەرنىچۇ قارا،ماڭا يىگىتلىرىم سوۋغا قىلغان - دىدى گۈلقىز مەغرۇرلۇق بىلەن سۆزۈمنى بۆلۈپ .
توۋا دەپ ياقامنى چىشلىدىم،ئۇ ئىككى ئاي بۇرۇنلا توي قىلىپ بولغان ئەمەسمۇ؟شۇنچە تىز......؟ يولدىشىم دىمەي ‹يىگىتلىرىم› دەيدىغۇ؟ دەپ خىيالغا پېتىپ تۇرۇپلا قاپتىمەن .
ـ ئاداش - دىدى ئۇ ماڭا قاراپ - سەن بۇنداق جاھىللىق بىلەن 20-ئەسىردە تۇرىۋەرمىگىن.يۈرە،مەن بىلەن كۆزۈڭنى بىر ئېچىپ كەلگىن . - دىدى گۈلقىز بىر تەرەپتىن تاكسى توسىغاچ قولۇمنى تارتىپ :
ـ نەگە؟ ـ دىگەنچە ئەندىكىپ سورىدۇم .
ـ كۆزۈڭنى ئاچقىلى ،سەنمۇ قېرى قىزلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئېلىپ قالدىڭ. ھەرگىز بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئۈتۈپ كەتمەيدىغانسەن . - مىنىڭ ئۈركىگەن توشقاندەك كۆزلىرىگە قاراپ ،ئۇنىڭ مەغرۇرلىقى تېخىمۇ كۈچەيگەنىدى ،مىنى تاكسىغا ئىتتىرگەن پىتى چىقىرىپ :
ـ ساماۋەر شوپىخانىسىغا بارىمىز .ـ دىدى گۈلقىز ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرگەچ.
ـ قايسى ساماۋەر شوپىخانىسىغا بارىسىلەرقىزچاقلار؟ - تاكسى شوپۇرى سۇراپ قالدى.
ـ ئەلۋەتتە ، شەھەرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ،ئەڭ ھەشەمەتلىك ساماۋەر شورپىخانىسىغا بارىمىز - دىدى گۈلقىز شۇپۇرنى مەنسىتمەستىن سۆزىنى داۋام قىلىپ - شۇپۇر ئۇستام سىز بىلمەيدىغان ئوخشايسىز ،شەھرىمىزدە پەقەت شۇ بىرلا ئەڭ ئىسىل ساماۋەر شورپىخانىسى بار ،مىنىڭ نەزىرىمدىمۇ شۇ بىرلا ساماۋەر شورپىخانىسى بار ،نىمىشقا دىسىڭىز ؟چۈنكى باشقا ساماۋار شورپىخانلىرى سۈپەتسىز،ناچار،ئاچچىق ،ئادەمنى كىسەل قىلىدۇ، - دىگىنىچە ھېلىقى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ساماۋەرشورپىخانىسىنى ماختاشقا باشلىدى. ئاخىرىدا ئۇ يەنە ساماۋەر شورپىخانىسىنىڭ ئۈستەل - ئۇرۇندۇقلىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنىمۇ دەپ ئۈلگىردى . شۇپۇر ئۇستام پەقەت كۈلۈپلا قويدى .تاكسىغا چىقىپ تەخمىنەن 25 مىنۇتلاردىن كېيىن ،بىز كۆزلىگەن نىشانغا يىتىپ كەلدۇق . ئالدىراپ تاكسىدىن چۈشۈپ ئاتالمىش ساماۋەر شورپىخانىسىغمۇ كىردۇق.بۈگۈن »بايرام «بولغاچقىمىكىن ئادەملەر ئالاھىدە كۆپ ، جۈپ ـ جۈپتىن بۇلۇشۇپ ئولتۇرغان قىزـ يىگىتلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيتتى.
گۈلقىز تۇيۇقسىزلا بىر ئىش ئىسىگە كەلگەندەك،مىنىڭ بېشىمدىن ئايىقىمغىچە قارىۋىتىپ يەنە گەپ باشلاپ قالدى:
ـ ئاداش سەنمۇ تۈزۈكرەك كىيىنىپ ،تۈزۈكرەك ياسىنىپ يۈرسەڭ بولمامدۇ؟ - دىدى گۈلقىز مەندىن نۇمۇس قىلغاندەك
ـ دۇستۇم قارا ،مىنىڭ ئۈيۈمدە قېرى ئاپام ،مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ئۇكام بار ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قاراشلىق -دىدىم مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ .
ـ بولدى قىلە ئاداش كىمنىڭ ئۆيىدە يوق ئۇ ئشلار،ماڭا دەردىڭنى ئېيتىپ بەرمىگىن،بۈگۈن دىگەن بايرام،قولىقىمغا ياقمايدىغان گەپنى ئاز قىلە...كەينىمدىن ماڭساڭلا بولدى - دىدى ئۇ مىنى كەينىدىن ئەگەشتۈرۈپ .» نازىنىنلار ئايرىمخانىسى «دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئايرىمخانىغا كىردۇق. ئايرىمخانىنىڭ ئىچىنى بىرخىل بەتبوي پۇراق قاپلىغان ئىدى. ئايرىمىخاننىڭ ئىچىدە تۆت ئەر ،ئىككى ئايال ھىجيىشپ ئولتۇراتتى . مەن ئۇلار بىلەن سۇغۇقلا سالاملىشىپ كۆرۈشتۈم .گۈلقىز بىر رومكا ئاق ھاراقنى ئېلىپ سۆز باشلىدى:
ـ خۇش ،ھەممىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق كۈندە بىر يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرمىقىمىز ئاسان ئەمەس ،بۇمۇ تەقدىر .قېنى ‹گەنبېي › ـ دەپلا قولىدىكى رومكىنى كۈتۈرۈۋەتتى.
ـ ھە راس خوشلۇقۇمدا دوستۇمنى تۇنۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،بۇ گۈزەل قىز بولسا مىنىڭ قىيامەتلىك ئاغىنەم ئاسماندىكى ئاي .ـ دىدى گۈلقىز مىنى كۆرسىتىپ،سورۇندىكىلەر ماڭا قايتا كۆز يۈگۈرتۈپ قاراپ قويدى.
ـ ئاداش قالغىنى بىلەن ئۆزۈڭ ئاستا تۇنۇشۋال ،ساڭا پەقەت بىرلا ئادەمنى مۇبارەك ئاغزىم بىلەن تۇنۇشتۇرىۋېتەي ـ دىگىنىچە بېشى ئەينەكتەك پاقىرايدىغان ،قورسىقىنىڭ يوغانلىغىدىن ئەگەر ئەر كىشى بۇلۇپ قالمىغان بولسا ئېيى يېقىنلىشىپ قالغان ھامىلدار ئاياللاردەك كۆرۈنىدىغان 45ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ ، - بۇ مىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم ،قەلبىمدىكى ‹بەيما ۋاڭزام › شاۋۋاڭ - دىدى گۈلقىز .ھېلىقى گۈلقىزنىڭ ‹ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم ،قەلبىمدىكى ‹بەيما ۋاڭزام › › دەۋالغان نىمىسى بەز يىگۈسى كەلگەن مۈشۈكتەك تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ ئولتۇراتتى.
ـ شاۋۋاڭ ،قاراپ ئولتۇرماي سالاملاشمامسىز؟ - دىدى گۈلقىز نايناقشىپ .
ـ ياخشىمۇسىز ئاي - دىدى گۈلقىزنىڭ ‹ئۆمۈرلۈك ھەمراھسى‹
ـ ياخشى - دەپلا قويدۇم مەنمۇ .كاللام قۇپ قۇرۇق ئىدى.گەرچە بىزنىڭ كىرىپ ئولتۇرغىنىمىز ساماۋەرشورپىخانىسى بولسىمۇ ھازىر ئاللا بۇرۇن شاراپ سورۇنىغا ئايلانغان ئىدى .
ـ ئاداش ،بۇتتەك قېتىپ ئولتۇرماي يىگەچ - ئىچكەچ ئولتۇرمامسەن .
ـ يەۋاتىمەن ئاداش،يەۋاتىمەن - دىدىم مەنمۇ بىلىندۈرمەي .
ـ غورا يىگەن تازدەك يەۋاتىمەن دەپ ئولتۇرىۋەرمەي رومكىنى قۇرۇغدىغاچ ئولتۇرغىنە! - دىدى ئۇ ماڭا قاراپ - بىلەمسەن ئاداش بۇ دىگەن زامانىۋىلىق ،بۇ دىگەن تەرەققىيات، - دەپ ماڭا ھاراق زورلاشقا باشلىدى .بۇ چاغدا مىنىڭ سەۋرى تاقىتىم ئاللىقاچان توشقان ئىدى،ئولتۇرغان ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم - دە ،سىرتقا قاراپ ماڭدىم .گۈلقىز كەينىمدىنلا ئەگىشىپ چىقتى . - ئاداش ،تازىلىق ئۆيىگە چىقامسەن؟ - دىدى ئۇ بىلىكىمگە ئېسىلىپ ، - ئۆيگە قايتىمەن ـ دىدىم مەن سەسكىنىش بىلەن .
مۇشۇكنىڭ كۆزىدەك يۇمۇلۇپ قالغان كۆزۈڭنى ئېچىپ قۇياي دىسەم نىمانداق ياخشىلىق ياراشمايدىغان نىمە سەن ! - دىدى ئۇ ماڭا ئۈڭۈپ تاتىرىپ .
ـ رەھمەت ئاداش ،ياخشى كۆڭلۈڭگە ،ئەگەر سەن دىگەن » كۆزى «نى ئېچىش ،بايا مەن كۆرگەندەك بولسا ،ئەڭ ياخشىسى يۇمۇق كۆزۈم ئېچىلمىغىنى ياخشىكەن ،دوستۇم ،سەن دىگەن زامانىۋىلىق ئاشۇ بولسا ،مەن بىر ئۈمۈر 20-ئەسىردىكى قالاق قىياپىتىمدە قېلىشقا رازى ،خوش ئاداش ،مەن كەتتىم!
يولدا چىۋىن يەۋالغاندەك قىلىپ نۇرغۇن خىياللار ئىچىدە كىتىپ باراتتىم .ئەگەر ئۇلار دىگەن 21-ئەسىردىكى تەرەققىيات مۇشۇنداق بۇرمىلانغان تەرەققىيات بولسا ،بىزدىن كېيىنكىلەرنىڭ تەرەققىياتى ،كەلگۈسى قانداق بولار؟ ئۇنى مەن ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم ،ئۆزۈم بىلمىگەن ھالدا ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يىتىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-25 05:52 PM