مۇھەببەتكىمۇ مۇھەببەت كېرەك
ياشلىق دەرۋرىگە قەدەم قويغان ھەر قانداق بىر يىگىت مۇھەببەت كوچىسىغا قەدەم باسماي قالمايدۇ.چۈنكى، مۇھەببەت دېگەن ـــ ھەر بىر ئىنسان بېشىدىن كەچۈرىدىغان بىر خىل گۈزەل تۇيغۇدۇر.تارىختا مۇھەببەت ئۈچۈن بارلىقىدىن كەچكەن،ئۆزىنى قوربان قىلغان ،ئەقىل-ھۇشىدىن ئايرىلغان ،ئىنسان چىدىغۇسىز جەبىر –جاپالارنى تارتقان تالاي ئاشىقلار ئۆتكەن.ئۇلارنىڭ مۇھەببەت يولدىكى سەرگۈزەشتىللىرى ئېغىزدىن –ئېغىزغا كۆچۈپ قىسسە –داستانلارغا ئايلانغان ،شائىر –يازغۇچىلارنىڭ قەلىمىدە تەكرار – تەكرا پۈتۈلگەن.دېمەك:مۇھەببەت ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق بۈيۈكلۈكى ،سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن ئىنسان ۋۇجۇدىنى ئىللىتىپ، ئۇنىڭغا كۈچ –قوۋۋەت بېغىشلاپ،،بۇ دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللىككە ،رەڭدارلىققا ئىگە قىلغان ۋە ئىنسانىيەت مەنىۋىيتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلانغان .چۈنكى، يىگىت –قىزلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەبەت بىر خىل تەبىئىي قانۇنىيەت،ئۆچۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان يالقۇن،شۇنداقلا ئوغۇل –قىزلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكىنىڭ يارقىن ئىپادىسى .شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى،مۇھەببەت ئىككى ساپ قەلىبنىڭ قوشۇلىشىدۇر.مۇنداق مۇھەببەت مەجبۇرىيەت ،ئەخلاق ئەقىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇ، قۇۋلۇق- شۇملۇق،مەككارلىق،ساختىلىقىنى ھەرگىز كۆتەرمەيدۇ.ۋىسالغا يىتىش ئۈچۈن ،ساپ، سەمىمىي،ئۆزگەرمەس قەلىب كېرەك.بۇ خىسلەتلەر كەم بولدىكەن ،يارنىڭ ۋىسالىغا يەتكلى بولمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن،سىز مۇھەببەتنى ھاۋايى- ھەۋەسنى بېسىشى،يەنى كۆڭۈل خۇمارنى چىقىرىش دەپ چۈشەنمەستىن، ئۇلۇغ مەقسەت يولدا بىر –بىرگە ھەمنەپەس بولۇش ۋە ئۆمۈر بۇيى بىر –بىرىگە سادىق بولۇپ ئۆتۈش دەپ چۈشىنىشىڭىز كېرەك.مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ چىن مەنسىنى چۈشەنگەنلىك بولىدۇ.
مۇھەببەت ھەققىدە ھەركىمنىڭ ھەرخىل قارشى بار.شۇڭا تارىختىن بېرى مۇھەببەتكە بېرىلگەن تەبىرمۇ ناھايىتى كۆپ بولغان .بەزىلەر مۇھەببەتنى ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل دەپ قارسا،يەنە بەزىلەر مۇھەببەت كۆڭۈلنى كور،كۆزنى قارىغۇ قىلىپ قويدىغان دەلتىلىك،دەپ ھېسابلىغان.ھەقىقەتەن،مۇھەببەت ھەركىمنىڭ ۋۇجۇدىدا يېڭىچە ھالەتتە تۇغۇلىدۇ.شۇنداق بولغانكەن،ئۇنىڭ يارىماس ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا دەلتىلىك ھالىتىدە ،ئاقىل ئىساننىڭ يۈرىكىدە بولسا، ئەڭ گۈزەك تۇيغۇ ھالىتىدە بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى تەن ئېلىش كېرەك.مۇھەببەتكە ئېرىشكەندە ئۆزدىكى كىر -داغلاردىن پاكلىنىشى ،تېخىمۇ نۇرلىنىپ ئەتراپقا يۇرۇقلۇق بەخىش ئېتىشىنى بىلگەن قەلبتىكى مۇھەببەت ساپ مۇھەببەتتۇر.مۇھەببەت كىرىپ كەلگەندە ئۇنى ھەر خىل غەيرى ئارلاشمىلار بىلەن بۇلغىغان ،مۇھەببەتنى باھانە قىلىپ، يۇندىغا ئايلىنىپ كەتكەن قەلىب دەلتە قەلىبتۇر.دېمەك، مۇھەببەت مۇھىم.ئەمما، مۇھەببەتنى قانداق چۈشىنىش،ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە تېخىمۇ مۇھىمدۇر.شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى ،بىر يىگىتنىڭ قىزغا بولغان مۇھەببىتى نوقۇل ھالدا يەككە مۇھەببەتنىلا ئاساس قىلماسلىقى كېرەك.بۇ مۇھەببەتكە يەنە ئاتا- ئانىغا ،ئەل – ۋەتەنگە ، شۇنداقلا ئۆزىگە بولغان مۇھەببەتمۇ جەملىنىشى كېرەك.شۇندىلا مۇھەببەت دېگەن بۇ ئاتالغۇ ھەقىقىي مەنسىگە تويۇنغان بولىدۇ.بۈگۈنكى قىسمەن يىگىتلىرىمىز مانا مۇشۇ جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويۋاتىدۇ.ئۇلار بىر قىزغا كۆيۈپ قالىدۇ،ئەمما بۇ كۆيۈككە ھېچقانداق ئىرادە،جاسارەت ۋە بىز باشتا ئالغان مۇھەببەتلەر جەملەنگەن بولغاچقا ،قىزنىڭ ئۆزىنى تارتىشى ياكى بىرەر تەلەپكە كۆنمەسلىكى ، ئايرىلىپ كىتىشى سەۋەبلىك تومۇرنى كېسۋېلىشى ، بىنادىن سەكرىۋېىلىش ، ھاراق-شاراپ ئىچىپ ، تەركى دۇنيابولۇش دېگەندەك كۈلكىلىك پاجىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ.دۇنيادا بۇنىڭدىن ئارتۇق بىچارىلىق يوق ،بۇنىڭدىن ئارتۇق يارىماسلىق يوق.ئەلۋەتتە،ئارىمىزدا مۇشۇنداق بىچارىلىك بىلەن قىزلارنى قولغا كەلتۈرگەنلەرمۇ يوق ئەمەس.ئەمما شۇنى بىلىش كېرەككى ،ئۇ قىز ھەرگىزمۇ يىگىتنى چىن دىلدىن سۆيۈپ مۇھەببەتنى ئاتا قىلمىغان .پەقەت ئۇنىڭغا ئىچ ئاغىرتىپ ،مۇھەببەتنى سەدىقە قىلغان،خالاس.بۇنداق مۇھەببەتنىڭ قانچىلىك داۋام قىلىشغا بىر نېمە دېمەك ھەقىقەتەن تەس.مەن مۇنداق دېيىش ئارقىلىق مۇھەببەتنىڭ قۇدىرتىنى يوققا چىقارماقچى ئەمەسمەن .پەقەت ئاشۇئاتالمىش مۇھەببەت سەۋەبىدىن ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالغان ، تومۇرلىرىنى كېسۋالغان ،ماشىننىڭ ئالدىدا يېتىۋالغانلارنىڭ مۇھەببىتى غەيرەت-جاسارەت،ئىرادە ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا،ئۇلارنىڭ ئېڭىدا نوقۇل بىر قىزلا ئەمەس،يەنە بىر ئۆمۈر بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسى ،ئەل –ۋەتەن ،قوۋم-قېرىنداشلىرىمۇ بولغان بولسا ، ھەرگىز مۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلمايتتى،قىزنىمۇ چىن دىلىدىن قايىل قىلىپ ،ئۆزىگە يار قىلالايتتى.
ئەلۋەتتە،بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز مۇھەببىتىنى ئۆزىنى ھالاك قىلىدىغان ھاڭ ئەمەس،ئەكىسچە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى يېقىلغۇ قىلىپ، مۇھەببەت بىلەن رۇھنى نۇرلاندۇرۇپ،ئىزچىل ئالغا بېسىۋاتقان،ئۆزنىڭ ياشلىق باھارىنى پارلىتىۋاتقان ياشلىرىمىز كەم ئەمەس.ئەمما، يەنە ئۆزلىرىنىڭ نېمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئەبجەش –ھېس تۇيغۇلىرىنى مۇھەببەت سانىۋېلىپ،بۇ ئاتالمىش مۇھەببەتنى كوچا-كويدانامايىش قىلىۋاتقان،ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىدەك،ھەدە سىڭىللىرىدەك ئادەملەر ئالدىدا خىجىل بولماي ناچار قىلىقلارنى قىلىۋاتقان ياشلارنىمۇ خېلى كۆپ ئۇچرىتىمىز.ئۆزىنى نابۇت قىلىدىغانلار مانا مۇشۇنداقلارنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ،دېيىشكە ھەقلىقمىز.
يىگىتىلكتە ئاشىقلىق بولىدۇ ھەم بولۇشى كېرەك.چۈنكى، ئاشىقلىقنىڭ، ئىشقنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن يىگىت بۇ دۇنيانىڭ سىرلىرىدىن بىخەۋەر قالىدۇ،نېمىگە كۆڭۈل بېرىش،نېمىگە كۆڭۈل بەرمەسلىكنى بىلمەلمەيدۇ.ھاياتقا،ئائىلە ۋە ئەل –ۋەتەنگە ئىشىق بىلەن بېرىلىشنى بىلمەيدۇ.شۇڭا ھەر قانداق يىگىتنىڭ يۈرىكىدە يالقۇنلاپ تۇرغان ئىشق بولمىقى كېرەك.ئەلۋەتتە مەن مۇنداق دېيىش ئارقىلىق نوقۇل ھالدا ئاھ-پاھ دەپ ياشاڭ،كۈنبۇيى قىزلارنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ يۈرۈڭ،دېمەكچى ئەمەسمەن.زۆرۇر بولغاندا ،قىزلارنىمۇ سۆيۈڭ،ئۇلارغىمۇ كۆيۈڭ.ئەمما، بۇ سۆيۈشنى كۆيۈشنى، ھەرگىزمۇ تار دائىرىگە قاپسىۋالماڭ.ئاشۇ مەھبۇبىڭىزغا بولغان ئىشقڭىزنى يېقىلغۇ قىلىپ ،تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ئىنتىلىڭ، مۇھەببەتنى قوغلاش ئەمەس ، مۇھەببەتنى قوغلىشىشى ئۈچۈن قىممىتىڭىزنى ئاشۇرۇڭ.
مەنبەسى : قىزلار ۋە سۆيگۈ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nadira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-23 07:25 PM