مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 832|ئىنكاس: 14

21- فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل كۈنى - ئانا تىلغا شەيدامىز! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113871
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2015-2-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 11:51:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


نۇر تورى مەخسۇس خەۋىرى:

    21- فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى كۈنى. بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇر تورىمىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرمىللەت خەلقى ئارىسىدىكى ئېسىل ئوقۇرمەنلىرىگە بايراملىق سالام يوللايمىز!

   دۇنيا خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى دۇنيانىڭ ئىناقلىقى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت كومىتېتى 1999-يىلى 11- ئايدا قارار ماقۇللاپ، 2000- يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنىنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ تەبرىكلەشنى بېكىتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلق ھەرخىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە، كۆپ خىل تىللىق مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاۋاز قوشماقتا. ب د ت نىڭ بۇنداق بىر كۈننى بېكىتىشىدىكى ئاخىرقى نىشانى چۈشىنىش، يول قويۇش ۋە ئۆز-ئارا دىئالوگ ئاساسىدا كىشىلەرنىڭ تىل ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشتۇر.

سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيا بويىچە 5651 خىل تىل بار ئىكەن، ئەمما ب د ت نىڭ سىتاتىستىكىلىشىچە ھازىر پۈتۈن دۇنيادا 5000-7000 غىچە بولغان تىل بار بولۇپ، ئارىسىدىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللارمۇ ھەم سان ئىگەللەپ تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە قوللىنىدىغان كىشى سانى 50 مىليوندىن ئاشىدىغان تىللاردىن 13 ى بار: خەنزۇتىلى، ئېنگىلىز تىلى، ھىندى تىلى، روس تىلى، ئىسپان تىلى، گېرمان تىلى، ياپون تىلى، فىرانسۇز تىلى، ھىندونېزىيە، پورتۇگال، بېنگال، ئىتالىيان ۋە ئەرەب تىلىدىن ئىبارەت؛


     مەملىكىتىمىزدە قانچىلىك تىل بادۇ؟ بۇ مەسىلە تېخى ئېنىق سانى بىلەن ھەل بولغىنى يوق. ھازىرقى ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە 80 خىل تىل بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 61 ى ئاساسلىق تىل ھېسابلىنىدۇ. 61 خىل تىل ئۆز ئىچىدىن بەش چوڭ تىل سېستىمىسى، توققۇز تىل تۈركۈمى، 14 تىل تارمىقىغا بۆلۈنىدۇ.

    بايرام بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق، ئەمدىكى مەسىلە، ئۈشبۇ بايرام كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدىڭىز؟

    تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە ئەتراپىمىزدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنى قىسقىلا زىيارەت قىلىپ ئۆتتۇق. ئۇنداقتا جەمئىيىتىمىزدىكى كىشىلەر بۇ بايرامنى قانداق ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ پىلانىغا ھەم سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ، بەلكىم سىزنىڭ پىلانىڭىز ئۇلارنىڭكىدىنمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. ئەمما، غايەت زور پىلان بولسىمۇ، كىچىككىنە ئىش-ھەرىكەتتىن غالىپ كېلەلمەيدۇ!


      قايناق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك بازىرى سوغۇق ھاۋادىمۇ شۇ قەدەر مېھرى ئىللىق. چۈنكى بۇ يەردە ئانا تىل توغرىسىدا قىزغىن سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. زىيارەتنى مۇشۇ يەردىن باشلىدىم.


    تۇنجى زىيارەت ئوبيېكتى بولسا، ئابلىز سودا سارىيىدىكى مەلۇم دۇكان خوجايىنى بولدى.

   سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەتە يەنى 21- فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى كۈنى، سىز بۇ كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىسىز؟

   جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بىزنىڭ ئەمدى قىلالايدىغىنىمىز شۇ ئائىلىدىكىلىرىمىزنى ئۆيدە ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى تەشەببۇس قىلىش. ئاندىن خېرىدارلارغا ساپ ئانا تىلىمىزدا سۆزلەشنى ئادەت قىلىش.


   ئىككىنچى زىيارەت ئوبيېكتى بولسا، سودا-ساراي ئايلىنىۋاتقان خېرىدار.

   سوئال: سىزنىڭ پىلانىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق بولامدۇ؟

   جاۋاب: مەن ئۈچ يىل بولدى، بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىۋاتقىلى. ھەر يىلى ئانا تىل بايرىمى كۈنى ئانا تىل توغرىسىدا يېزىلغان ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئۆز تىلىدىكى قەسىدىلەرنى توپلايمەن، بۇنى ھەم ئەتراپىمدىكىلەرگە تەشۋىق قىلىمەن.


   چاغانلىق دەم ئېلىشتا دىجورنىلىق قىلىۋاتقان ئاھالە خىزمەتچىسى زىيارىتىمىزگە ھەم داخىل بولدى.

   سوئال: خەلقئارا ئانا تىل بايرىمىدا سىزنىڭ قانداق پىلانلىرىڭىز بار؟

   جاۋاب: مەن بۇ كۈندە ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىمىزنى قۇتلۇقلايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەرمىللەتتىن بولغان خىزمەتداش ۋە دوستلىرىم ھەمدە ساۋاقداشلىرىمنىڭمۇ ئانا تىل بايرىمى كۈنىنى مۇبارەكلەيمەن. ھەممەيلەن يىغىلىشىپ، بىر بىرىمىزنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلەنگەن ئاددىي جۈملىلەرنى ئۆز ئارا ئۆگىنىمىز. بۇ ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىشىمىزگە ياخشى دەپ ئويلايمەن.


    ماشىنىسىنى توختىتىپ قويغان شوپۇر ئاكىدىن بۇ كۈندىكى پىلانىنى سورىدىم.

    سوئال: سىز ئانا تىل بايرىمى توغرىسىدا قانداق پىلانلارنى كۆڭلىڭىزگە پۈكتىڭىز؟

    جاۋاب: راستىمنى دېسەم، مەن بۇرۇن ئانا تىل بايرىمى دەپ بايرام بارلىقىنىمۇ ھەم بىلمەيتتىم. مۇشۇ ئۈندىدار ئىشلەتكەندىن بۇيان، مۇشۇنداق بايرامنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ھەيران قالدىم. ھەم بۇ كۈننى چوقۇم ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى ئويلاشتىم. ئۆيدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىرگە ئۆتكۈزىشىمىز مۇمكىن.


    جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن تىجارەتچى ئايالنىڭ سوئالىمغا بەرگەن جاۋابى ھەممەيلەننىڭ ئويلىنىپ كۆرىشىگە ئەرزىيدۇ.

    جاۋاب: ھەرقايسى يۇرتنىڭ يەرلىك شىۋىلىرى ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. يۇرتلاردىن چىققان چوڭلار ھەرگىزمۇ ئورتاق تىلدا سۆزلىيەلمەيدۇ. گېپىنى چۈشەنمەي، مەسخىرە قىلىشقا قاتتىق قارشى تۇرۇش كېرەك. دۆلەت تىلى ئۇقمىغانلارغا ئۇقىدىغانلار ياردىمىنى ئايىماستىن تەرجىمە قىلىپ بېرىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئەتىدىن باشلاپ مۇشۇ پىلانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن.


    كوچا ئاپتوبۇسى بېكىتىدە ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان ياش يىگىتتىن ئوخشاش سوئالنى سوراپ كۆردۈم.

    سوئال: ياخشىمۇسىز، ئەتە خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى، سىز بۇ كۈننى قانداق ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىسىز؟

    جاۋاب: مەن بۇ توغرىلىق ئويلىشىپ باقماپتىكەنمەن. ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت. ئەمدى ئوبدانراق ئويلىشاي.


    ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم بانكا خادىمى ئەڭ ئاخىرقى زىيارىتىمنى قوبۇل قىلدى. ھەمدە بەكمۇ قايىل قىلارلىق جاۋاب بەردى.

    سوئال: ئەتىكى ئانا تىل بايرىمىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدىڭىز؟

   جاۋاب: ھەئە، بىر پىلانىم بار. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىم كامىل. بۇ يىل «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىپ بېكىتىلىپ ھەممەيلەننى بەك سۆيۈندۈردى. شۇڭا ئەتىكى ئانا تىل بايرىمىدا مەن ئانا تىلىمىزدا نەشر قىلىنغان كىتابلاردىن سېتىۋېلىپ، باشقىلارغا سوۋغا قىلماقچىمەن. ئاندىن بۇندىن كېيىنكى چوڭ پىلانىم بولسا، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان ياكى ئەزەلدىن ئانا تىلىنى ئۆگىنىپ باقمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىل ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىنى قوللاش ھەم ياردەم بېرىش.  


    شۇنداق، بۇ پەقەت بىزنىڭلا بايرىمىمىز ئەمەس. بەلكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ يەنى ئۆز ئانا تىلى بارلىكى مىللەتنىڭ ئورتاق بايرىمى. ئۆز ئانا تىلىمىزنى پىششىق ئۆگىنىش ئاساسىدا، دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇتىلىنى يەنى خەلقئارالىق تىل بولغان ئېنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز ھەم زۆرۈر.


مەزكۇر خەۋەر نۇر تورىنىڭ مەخسۇس زىيارەت خەۋىرى،


مەنبە:نۇر تورى



http://www.ebraar.com/ئەبرار شارپىچىلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 01:49:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىم جان تىلىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4569
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 02:00:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئانا تىلىمىزنى سۆيۈش، ئانا تىلىمىزنى ئىشلىتىش، ئانا تىلىمىزنى قوغداش-ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى.

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 02:01:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق بىر تىل دەۋىرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ بارىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم .

20 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇر تىلى بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشاش دەپ قارىساقمۇ ، ئەمما ئۆزگىرىشكە قاراپ يۈزلىنۋاتقىنىنى بەزىلىرىمىز بىلدۇق ياكى بىلمىدۇق . بىراق مەن ھېس قىلدىم .

ئەسلى ئۇيغۇر تىلىدا يىزىلىش بىلەن ئېيتىلىش پەرقلىندىغان جايلار بار .  بىراق بەزى بىر ئەسەر ياكى ھۆكىمەت يازمىچىلىقىدا بولسۇن ، ئېغىز تىلىنى ئەينەن يېزىپ قويۇش ئادىتى كۈندىن كۈنگە كۈچۈيۋاتىدۇ .

بۇ سەۋەبلەر ئۇيغۇر تىلى گىراماتىكا قىسىملىرىنى تولۇق بىلمەسلىك ياكى مەكتەپ يىشىغا يەتكەندە باشقا تىللارنى ئاۋۋال ئۆگىنىپ ئۇيغۇر تىلىنى كىينچە مۇنداقلا ئۆگىنىپ قويۇش سەۋەبلىك بولىۋاتىدۇ .

ئېغىز تىلىدا : كىتابنى بەگەن ،  يىزىلىشتا : كىتابنى بەرگەن .
ئېغىز تىلىدا : ئۆيدە باتتى .  يىزىلىشتا : ئۆيدە بار ئىدى .

مۇشۇنىڭغا ئۆخشاش ، ئېغىز تىلىدىكى سۆزنى بەئەينى يىزىپ قويىدىغان ئەھۋال بەك ئېغىر .  ھەتتا مۇشۇ مۇنبەردىمۇ بەك كۆپ ئۇچرايدۇ ..    بۇنى يەنىلا شۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىش لازىممۇ ياكى توغرىسىنى تېپىۋىلىش كېرەكمۇ ؟؟؟  
بىز مۇشۇنىڭدەك ئەھۋاللارغىمۇ پەرۋا قىلماي يۈرگەن يەردە يەنە قانداقسىگە ساپ ئانا تىلنى بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلەپ يۈرىيمىز . ئاۋۋال ئۆز ئانا تىلىمىزنى ساپلاشتۇرۇپ ئاندىن تەبرىكلەيلى .

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 693
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1529
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 546 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 02:06:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنى پۇختا ياخشى ئۆگىنىپ،كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ياخشى ئاساس يارىتايلى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87538
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 04:36:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار ما تىمىنى تۈزۈپ قويساڭلار ، ئانا تىل توغۇرلۇق چىققان تىمىغا تۈزۈك قارمامسىلەر ، نەدە سولدىن باشلىندىغان ئۇيغۇر تىلى با ؟

رەخمەت قىرىندىشىم جاپا چەكتىڭىز ، ئانا تىلىم ، جان تىلىم

گەپ ئىغىزدىن چىقماستا ، گەپنى ئادەم باشقۇردۇ ، ئىغىزدىن چىقىپ بولغاندا ، گەپ ئادەمنى باشقۇردۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 05:28:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
madonna يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 02:01 PM
ھەرقانداق بىر تىل دەۋىرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ  ...

پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 05:29:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىمىزنى قوغداشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113871
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2015-2-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 05:55:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتاپ يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 04:36 PM
باشقۇرغۇچىلار ما تىمىنى تۈزۈپ قويساڭلار ، ئانا تىل توغ ...

رەھمەت،مەنمۇ ئۇڭشىيالمىدىم بۇنى توغرا چۈشنەرسىلەر يىڭى  تىزىملىتىپ كىرگەن بولغاندىكى ئانچە كۆنەلمىدىم.

http://www.ebraar.com/ئەبرار شارپىچىلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 08:40:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىل كۈنىنى قانداق ئەھمىيەتلىك ئۆتكىزىشنى ئوبدان ئويلانسام بولغىدەك

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش