مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1309|ئىنكاس: 28

تۇز: قىساسخورلۇقتىن ساقلان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44541
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15770 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 12:05:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                       ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم


ھاياتىمىزدا سادىر بولۋاتقان ھەممە چوڭ - كىچىك ۋەقەلىكلەر تاساددىپىي ئەمەس : ھەتتاكى تۈز يولدا كېتىۋىتىپ پۇتۇڭنىڭ مۈدۈرۈوپ كېتىشى ياكى تېيىپ كېتىشى- يۇ ، بېشىڭغا بىر نەرسە چۈشۈپ كېتىشگىچە . تەبىئەتتىكى جىمىكى ھەركەت سەۋەپ ۋە نەتىجىدىن ئىبارەت .
يامانلىق قىلغۇچى ئادەم نېمە ئۈچۈن سېنى ئەمەس ، ئۇنى ئەمەس ، مېنى تاپىدۇ ؟ دېمەك بۇ ئازارلىنىش پەقەت مېنىڭ قىسمىتىمگە پۈتۈلگەن . بىلىپ - بىلمەي قىلغان قايسىدۇر ناتوغرا خاتايىمنىڭ جازاسى بۇ . ياراتقۇچىنىڭ ھەممە ئىشى ياخشىلىققا يېتەكلەش ! جازانى ئۆتەش دېگەنلىك گۇناھتىن پارىخ بولۇش ھەم يۇيۇش دېگەنلىكتۇر . مۇنداق چاغلاردا سەۋر ۋە ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن ئەپۇنى دوست تۇتۇپ چىرايلىق ئۆتۈپ كەتسەك ، پەقەت گۇناھىمىز يۇيۇلۇپلا قالماستىن ، بەلكى قىلچە يۈرۈشمەيۋاتقان ئىشلىرىمىز يۈرۈشۈپ كېتىشى ئىنىق ھەمدە راۋاجقا قاراپ يولىمىز ئىچىلىدۇ .
ئىتىبار بىلەن ھاياتىڭنى بىر تاسقاپ كۆر : ياراتقۇچى بىر نەرسىنى ئالسا ، ئورنىغا ئەلۋەتتە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقىنى قويۇپ قوياركەن . ئېرشىۋاتقان بۇ ياخشى كۈنلىرىڭ ئاشۇ رەقىبىڭ تۈپەيلى ئىكەنلىكىنى ئەسلا ئىسىڭدىن چىقمىسۇن ! ھەتتا ئاتا- ئاناڭ ئالامىغان گۇناھىڭنى رەقبىڭ يۇيۇپ تاشلىشى مۈمكىن . ياراتقۇچى سېنى پاكلىغىلى ، ئۆتكۈزگەن گۇنايىڭنى يۈكلىگىلى ئاشۇنداق ئادەمنى ئەۋەتسە - يۇ ، سەن ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىشقا ، ئۆچ ېلىشقا كىرىشسەڭ ياكى ئۇنى ھاقارەت قىلىپ قارغاشقا چۈشسەڭ قانداق بولىدۇ ؟! بۇنداق قىلساڭ ئۆز گۇناھلىرىڭنى يۈكلىۋالغان رەقىبىڭنىڭ گۇناھلىرىنى تىلەپ ئالغان بولمامسەن ؟! شۇڭا دەيمەن ئاشۇ يامىنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىل ، سەۋرى قىل ، يامان خىسلەتكە ياخشى پەزىلىتىڭ بىلەن جاۋاپ قايتۇر . يامانلىقلاردىن  ئۆزىنى تارتسا ساڭىمۇ ،ئۆزىگىمۇ پايدىسى زور !
مەن ئۇنىڭدىن قورقامتىم دەپ ئۆچ ئالساڭ ، نامەئى ئەمىلىڭگە گۇناھلار يېزىلمىسۇن ! دۈشمىنىڭ ساڭا دۈشمەن بولغان بىلەن ، ياراتقۇچىغا بولسا سۆيۈملىك بەندە ، شۇ سەۋەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دۇئا قىلغىنىڭدا ھەق رازى بولۇپ ، يولۇڭنى راۋان قىلغۇسىدۇر .
زەررىچە ياخشىلىق ئىنساننى نۇرغۇن - نۇرغۇن ياخشىلىقلارغا يېتەكلەيدۇ ھەم باشلايدۇ . زەررىچە يامانلىق ئىنساننى نۇرغۇن - نۇرغۇن چوڭ يامانلىق گۇناھلارغا باشلايدۇ . دېمەك ، ھەرقانداق ئىشنى سەل چاغلىماسلىق كېرەك !
ئەڭ ئاخىردا دېمەكچى بولغۇنىمىز ، مۇزنى پەقەت ئىللىق ھارارەت ئىرتەلەيدۇ .......

مەنبە : ھايات سىناقلىرى  
مۇنبەرگە يوللىغۇچى : تۇز
2015- يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەزىزانە شەھرى قەشقەر

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 723
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1301
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 12:27:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبرمىزدە ساپلا ياخشى تىمىلار تە ستىقلنۋاتىدۇ بارغانسىرى مۇنبىرىمىزنى ياقتۇرۇپ قىلۋاتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 723
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1301
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 12:27:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبرمىزدە ساپلا ياخشى تىمىلار تە ستىقلنۋاتىدۇ بارغانسىرى مۇنبىرىمىزنى ياقتۇرۇپ قىلۋاتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 01:06:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ئيتتىڭىز تۇز ئەپەندى ، ئاللاھ  ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن .
، يولباشچىمىز قالدۇرغان مۇنۇ ھەدىسلەر يادىمغ كەپ قالدى « كىشىنىڭ قۇلىغا كىرىپ كەتكەن بىرتال تىكەنمۇ سەۋەپسز كىرمەيدۇ كىشى شۇنىڭغا سەۋېر قىلىش بىلەن ئەجىرگە ئېرىشىدۇ »، « ئاللاھ بىر بەندىسگە ياخشىلىقىنى ئىرادە قىلسا ئۇ كىشىنى خاپىلىققا دۇچار قىلىدۇ » (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسىلىم رىۋايەت قىلغان )

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
izlayman520 + 100 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109512
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 177
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2014-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 01:12:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىمىلارنى يوللاۋاتىسىز، رەھمەت .

ئەگەر ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھلىرىمىزنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى  بەدىلىگە ئازراق دىشۋارچىلىقلارغا، ئازارلارغا  يولۇقساق بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس، خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلالايمىز ، ئاللاھقا شۈكرى ،گۇناھلىرىمىزنى شۇ ئارقىلىق پاكلاپ تۇرىدىكەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ay.sadap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 01:13 PM  


ئۆمۈرنى غەنىيمەت بىل ، ساقلىق ۋە ئامانلىققا شۈكۈر قىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1551
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 557 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 01:19:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىشلار تۈپەيلى ئىچىم بەك ئاچچىق ئىدى ،يەنە ياخشى بىر تىمىڭىزنى ئوقۇپ بىر ھەقىقەتنى چۈشەندىم.رەھمەت سىزگە،ياخشى تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5601
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 01:36:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن، مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114312
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2015-2-13
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 01:55:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن  . لىكىن ماۋزۇسىنى تازا توغرا كۆرمىدىم  , ئۇنىڭ ئورنىغا ئاداۋەت ساقلاشتىن ساقلىنىش كىرەك , دىگەن بولسا ياخشىمىكىن  ؟

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7093
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 03:17:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن. رەھمەت

«يېشىل» دېسەم «ياق، بۇ قىزىل» دېدى، «قىزىل» دېسەم «ياق، بۇ كۆك» دېدى. ھەممىسى ئۆزىنىڭكىنىلا راست دېدى. شۇنىڭ بىلەن، خەق نېمىلا دېسە «ھە سېنىڭكى راست» دەپ قويۇپ، ھەق توغرىسىدا ئۆز ئالدىمغا ئىزدىنىدىغان بولدۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8675
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 835 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 03:35:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



   توغرا پىكىر !

ئاداۋەتخورلۇق بىلەن قىساسكارلىق تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . ئادەۋەت كىچىك خاتالىقلارنى مىسال . ئۈچ-تۆت ئىغىز قوپال گەپ-سۆزلەر بىلەن تىللىشپ قىلىش. يىنىك دەرىجىدە ياقا تۇتۇشۇپ قىلىش ، يىقى دوسلار ئارا مەلۇم يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن زىدىيەتلىشىپ قىلىش....دىگەندەك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ .

قىساسكارلىق بولسا قارشى تەرەپنىڭ بىزگە مىقتار جەھەتتە چوڭراق  ئىقتىسادى زىيان سىلىش. سەۋەپسىزلا ئىغىر دەرىجىدە بىر تۇققان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىچىدە بىرىسىنىڭ جىنىغا زامىن بولۇش ، ئادەم ئىغىزغا ئالغۇسىز دەرىجىدە يامان گەپ-سۆزلەر بىلەن قەدىر-قىممىتىمىزنى كەمسىتىش .  مەۋھۇم تور خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ بانكا مۇلازىمەت ئۇچۇرى . تېلېفۇن ئالاقە ئۇچۇرى. سودا-سېتىق .....قاتارلىق ئىشلاردا قارشى تەرەپنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسنىڭ يىتەرسىز ياكى بىخەستەلىگىدىن پايدىلنىپ قاقتى-سوقتى قىلىش.....قاتارلىق دەرىجىسى چوڭ بولغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ .

   ئادەۋەت ساقلاشنىڭ ئىغىر جىنايەت ئىكەنلىگىنى دىنىمىزمۇ تەكىتلەيدۇ ۋە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت ساقلاشنى چەكلەيدۇ . مۇنداق ئىنتايىن ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئاداۋاتنى تۈگۈتۈشتىن ئىبارەت چەكلىمىنىڭ قىسقا بولۇشى . ئاداۋەتنى چوڭ سانىماسلىقنى بىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئۈچ كۈن ۋاقىت بەلگۈلەپ بىرىلىشى بولسا. ئادەمنىڭ بىر ئادەمگە بولغان كىچىكىنە نارازىلىقى پىسخىك تەجىربىدە كۆپ سانلىق ئادەمنىڭ تەخمىەن 75~50  سائەت ئىچىدە سۇسلاپ گەرچە چىرايىدا قارشى تەرەپنى ئۇچۇراتقاندا قەستەن قاپاق تۇرۇش ، تەبەسسۇم قىلماسلىق ..... قاتارلىق چىراينى سوغۇق قىلسىمۇ لىكىن قەلبىدە بولسا ئاداۋەت ئاللىقاچان سۇسلاپ كىتىدىغانلىقىنى . بىراق چىرايىنى سوغۇق قىلىش قىلمىش قەستەنلىك بولۇپ قارشى تەرەپكە سەن كۆرەڭلىمە . مەن سىنىڭ قىلغانلىرىنى تېخى ئنتۇپ قالمىدىم ...دىگەن مەنانى ئىپادىلسىمۇ بىراق كۆڭلدە ئەخلاق تۇيغۇسنىڭ سوتىدا بىئارامسىزلىنىپ بىر خىل ۋىزدان ئازابى تارتىپ بولسا قارشى تەرەپ ياكى ئۆزى بىر ئىشلارنى سەۋەپ قىلىپ يارىشىپ قىلىشنى خىيال قىلىپ قالدىغانلىقىنى . ھەتتا بەزى مىجەزى تەرسا . كاج كىشىلەر بولسا بىرەر ئادەمنىڭ ئوتتۇرغا چۈشۈپ ياراشتۇرۇپ قويۇشنى ئۈمۈت قىلىپ قالدىغانلىقىنى بايقاپ چىققان. ۋاقىتنى بۇنىڭدىن قىسا بەلگۈلەپ قويسا ئىنساننىڭ قارشى تەرەپكە بولغان نارازىلىقى تېخى پەسەيمىگەى بولغاچقا مەيلى ئارىغا ئادەم چۈشسۇن مەيلى قارشى تەرەپ ئاكتىپ بولۇپ كەچۈرۈم سورسۇن كۆپ سانلىق ئادەملەر ئاساسەن كەچۈگۈسى بولسىمۇ كەچۈرمەيدىكەن . كەچۈردى دىگەندىمۇ چىن دىلىدىن چىقىرىپ كەچۈردۈم دىمەي . بوپتۇ كەچۈرسەم كەچۈرۋىتەي. بىراق بۇندىن كىيىن  ماڭا يەنە مۇشۇنداق قىلىپ زىتىمغا تەگمىسۇن ! ناۋادا يەنە شۇنداق قىلسا مەن ئاسانلىقچە بولدى قىلمايمەن ...دىگەندەك سۆزلەر بىلەن قارشى تەرەپكە نوچى بولساڭ كەل سەن بىلەن تۇتۇشۇشتىن قورقۇپ قالمايمەن دىگەن مەنا ئارقلىق قارشى تەرپەپكە جەڭ ئېلان قىلىپ قويدى. قارشى تەرەپ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندا ھەرگىزمۇ ياخشى پوزىستىيە بولدۈرمەستىن . پاھ ! ئۇ تېخى بوپتۇ كەچۈرۋىتەي دەپتىما ؟ مەيلى نىمە قوغلۇق دەپ ئاكتىپ بولۇپ ئالدى بىلەن كەچۈرۈپ سورسام ئەۋەتكەن گىپىنى قارا ئۇ قوڭالتاقنىڭ ياكى ئوسما ئوغرۇسنىڭ  ! ئۇنىڭ گىپى بىر نىمەمگە ھىساپ....دەپ ئەسلىدىن ياخىشلىنقا تېگىشلىك ئىش يامان تەرەپكە ئۆرۈلۈپ كىتىدۇ. شۇڭا دىن ئىنساننىڭ پىسخىك ئالاھىيدىلىگىنى چىقىش قىلىپ  ئۈچ كۈن ۋاقىت بەلگۈلەپ بەردى .

  بىراق قىساسكارلىق مەسىلىدە. ئىلنىشقا تېگىشلىك قىساسنى كەچۈرسەڭلار ئاللاھ سىلەرنىمۇ كەچۈردۇ ...دىگەن ئايەتنى نازىل قىلىپ قىساس ئىلىنىشقا تېگىشلىك كىلشىلەرنى ئەپۇ قىلىشنىڭ ئەڭ كاتتا ئىبادەت جۈملىسىدىن ئىكەنلىنى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈپ . ئىنساننى قىساس ئىلىشتىن كەچۈرۇم قىلىشنىڭ ئارتۇق تۇردىغانلىقىنى بىلدۈردى . بىراق قىساسىڭلارنى قەتئىي ئالماڭلار ! ياكى ئالساڭلار مانچە ۋاقىت ئىچىدە ئىلىپ بولۇڭلار ۋە ياكى قىساسىڭلارنى ئالساڭلار جازالنىسلەر دەپ ئىنسانى تار كىچىككە تاشلاپ قويمىدى .
  
  چۈنكى قىساسنى ئاسانلىقچە كەچۈرۋىتىش تاقىتى چەكلىك بولغان ئىنسانغا تولىمۇ تەس ۋە تولىمۇ ئىغىر كىلىدىغانلىقىنى ئاللاھ بىلىدۇ. بەزىدە پەزىلەتلىك ئېسىل ئىنسانلار بوپتۇ ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن كەچۈرۋىتەي دەپ نىيەت قىلسىمۇ ئەتىراپىدىكى تونۇش-بىلىشلەرنىڭ ، سىنىڭ نەرىڭ ئەركەڭ  ! سىنى شۈنچە ئادەم ئالدا ياكى پۇستانى يىلى مۇنداق-مۇنداق قىلىپ سىنى ھايۋان كەبى خورلىغان ياكى تىللىغان تۇرسا ، ئاتا-ئاناڭ سىنى ئەركەك دەپ تۇققان بولغىيدى ؟ ئاتا-ئاناڭ قازا قىلغاندا شۇ دۈشمىندىن قىساسىنى ئالالماي ئىككى كۆزى ئوچۇق كەتتىغۇ ؟ .....دىگەندەك  تاپا-تەنە مەسخىرلەرنى ئاڭلاۋەرسە تۇرۇپ قىساس ئىلىش تۇيغۇسى يەنە كۈچۈيۈپ قەلبىدە ئۆچەي دىگەن ئاداۋات يالقۇنلاپ دۈشمىنىگە قارىتا چوڭ بىر سۇيقەستنى پىلانلاپ چىقشى مۈمكىن .
   شۇلا ئاللاھ قىساس ئىلىشنى پەرىز تەرىقىسدە قىلىپ ئارقدىن ئەپۇ قىلىشنى تەكىتلىدى.  ئەپۇ قىلىش مەسىلىدە ئەپۇ بارلىق قىساس ئىلىنغۇچىلارنى كۆرسەتمەستىن. زوراۋانلىق . قان تۆكۈش.ئىقتىساد بۇلانچىلىقى ...دىگەندەك ئىغىر جىنايەتلەرنى توختىماي تەكرار-تەكرار سادىر قىلغانلاردىن قىساس ئىلىش. بىراق بىر-ئىككى قىتىم زور جىنايەت سادىر قىلىپ تەربىيە ياكى يىنىك جازا بىرىلگەندىن كىيىن قىساس ئىلىنغۇچى قايتا ئىغىر جىنايەت سادىر قىلمىسا بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىش ئارقىلىق جەمىيئەتكە ۋە ئۆزىگە نىسپتەن دۈشمەن كۆپەيتۋالماسلىقنى بىزلەرگە بىلدۈرۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتمەك تەس ئەمەس.

قىساس ئىلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپ قىساسنى ئالماسلىق پەزىلەتنىڭ جۈملىسىدىن. بىراق قىساس ئىلىشقا قۇربىتي يەتمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا بىر قىتىملىق كەڭچىلىك قىلاي دەپ باشقىلارغا ساختا ئالىجاناپلىق تۇيغۇسى بىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئالداش ئا كىيوچە ۋە دونخىكوتچە قاراشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.  بۇنداق كىشىلەر گەرچە قىساس ئالالمىسمۇ بىراق دۈشمەندىن قورقۇش ھىس قىلىپ ھىچ ئىش قىلماي تۇرماستىن دۇئا ۋە تىلەكلەر ئارلىق دۈشمەننىڭ بىتچىت بولۇشنى ئاللاھتىن تىلەش ۋە ياكى دۈشمىنىڭ قەلبىنى ياخشلىق تەرەپكە ئۆزگەرتىپ بىرىشنى تىلەش مەجبۇرىيەت ھىساپلىنىدۇ . چۈنكى جەمىيئەتتىكى ھەر بىر يامان ئىشنى توسۇش مەجبۇريەت.  توسالمىغاندا نارازىلىقىنى ئىپادىلەش. نارازىلىق قىلسىمۇ پۇتىغا پايتىما يۆگۈلۈپ قالدىغان مۇشۇنداق پىتنە-پاساتقا تولغان دەۋىردە دۇئال-تىلەك ئارقىلىق بولسىمۇ دۈشمىنگە بالا-قازا ياكى قەلبىنىڭ ياخىشىلىنىشغا بولسىمۇ قولىدىن كىلىدىغان مۈشۈنچلىك بىر سەۋەپنى قىلىش مەجبۇريەت بولىدۇ .
   
   دۈشمەندىن قىساس ئىلىنماي قايتا-قايتا ئەپۇ قىلىۋەتسە. دۈشمەنگە نىسپەتەن قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلماسلىق . كۆرگەن يەردە بۇرۇنقدىنىمۇ نەچچە ھەسسە دۈشمەنلىك قىلىش . ئىپى كىلىپ قالسا مەلۇم سۈيقەسىت بىلەن توزاققا دەسستىشىمۇ مۈمكىن . شۇڭا دۈشمەننى ئەپۇ قىلىسام بولارمۇ قىلمسام بولارمۇ دەپ كەچكىچە كاللا قاتۇرۇپ تۇرۇشتىن ئاۋال دۈشمەننىڭ پىسخىكىسنى كۈزۈتۈش ئەڭ مۇھىم بىر ئىش ھىساپلىنىدۇ . ناۋادا دۈشمەن ئوغۇلبالىداچىلىقى بار پەزىلەتلىك ، ئېسىل دۈشمەن بولسا ئەپۇ قىلىش . ناۋادا دۈشمەن خۇمسى . پەسكەش ۋە ئۆتۈپ كەتكەن بىر پەسەندى ئادەم بولۇپ دۈشمەنلىگىنى يەنە سادىر قىلىش ئىپادىسى كۆرۈلسە قىلچىمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرماستىن ئاكتىپ ھەركەتكە ئۆتۈپ كۆرگەن يەردە تىللاش. ئىپى كىلىپ قالسا ئۇرۇپ-دۇمباللاش. ج خ ئورگىنى ئادەم ئۇرۇپسەن دەپ سولاپ قويسا ساقچىغا ماسلىشىپ بانىكدا بارىنى بىرىش يوقىغا دولىمىزنى چىقىرىپ تۇرۇۋىلىپ يۈرۈپ . يەنە پۇرسەت كىلىپ قالسا يەنە ئازار بىرىش ئارقىلىق ئىككىنجى قاپاق كۆتۈرۈپ قارىيالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇنىڭدىن قىساس ئىلىش لازىم.

  لىكىن بۇ ياخشى گەپكەن دەپ بۇنداق قىلىش تولىمۇ خەتەرلىك . مۇشۇنداق بولغاندىغۇ  دۈشمەن تەرەپنىڭ خوررىگى پەسلەيدۇ بولمسا بىراق ھەممە دۈشمەن ئوخشاش ئەمەس بەزىللىرى مۇش-پەشۋا بىلەن تۈزلىنىپ ياخشى ئادەم بولۇپ قالىدۇ يەنە بىر قىسملىرى بار بىزلەر ئۇرساق . توختاپ تۈرە ! مەنمۇ ئۆتكەندە بۇنىڭغا قىلىپ قويغان . شۇڭا ئۆچىنى ئىلىۋاتىدۇ . بوپتۇ ئالماقنىڭ بەرمىگى بار دەپتىكەن. مۇشنىڭ بىلەن ئاچچىغى چىقىپ قالار دەپ ئويلىىسغۇ ئويلىدى بىراق تاياق بىلەن نېرۋىسى سىلكىنىپ نېرىپلىرى قىسقا تۇتۇشۇپ قالسا تېخىمۇ  ئەسەببىيلىشىپ ئۇ قولىغا زاڭدۇ . بىز قولىمىزغا چەيدۇ ئىلىپ بىر-بىرىمىزنى چانايمىزدە  دەرھال گۇندىخانىغا كىرىپ موما يەپ ياتقاندا ئائىلىدە قالغان تىرىك جانلارنىڭ بىر كۆزى قان بىر كۆزى ياش قالدىغان ئالاھىيدە تەرەپلەرنىمۇ ئويلىشىپ قويۇش بەكمۇ زوردۇر .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش