مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3704|ئىنكاس: 48

ئابدۇللا قادىرنىڭ ‹‹ئۆتكەن كۈنلەر ››ناملىق تارىخى رومانى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

life is dream, we are dreaming

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64827
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10132
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 1215 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 01:22:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                     ئابدۇللا قادىرنىڭ ‹‹ئۆتكەن كۈنلەر ››ناملىق تارىخى رومانى ھەققىدە

     ئالدىنقى ھەپتە دادامنىڭ كونا كىتاپلىرى ئارىسىدىن ئۆزبېك يازغۇچى ئابدۇللا قادىرنىڭ ‹‹ئۆتكەن كۈنلەر ››ناملىق رومانىنى تارتىپ ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىغانىدىم، بۈگۈنكى كۈندە تامام قىلىپتىمەن، بەلكىم بىر قىسىم تورداشلارنىڭ بۇ كىتاپتىن خەۋىرى باردۇر، بىراق سۆزلەپ بەرمەكچى بولغىنىم مەزمۇنىدىن خەۋەرسىز بولغان يەنە بىر قىسىم تورداش دوستلار ئۈچۈندۇر... ئاۋال قىسقىچە مەزمۇندىن كىلەي...

       ۋەقە 1264-يىلى ھىجىريەنىڭ قىش كۈنلىرىدىن باشلىنىدۇ... ئاتابىك  تاشكەنىتنىڭ مەشھۇر ئوردا مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان يۈسۈببېگ ھاجىنىڭ يالغۇز ئوغلى ئىدى، ئۇ ئاق يۈزلۈك ، قارا كۆزلۈك، بەستلىك يىگىرمە تۆت ياشلاردىكى ناھايىتى  قاملاشقان يىگىت بۇلۇپ تاشكەنكە داڭلىق مۇنەۋۋەر كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ تاشكەنىتىىن مەرغۇلانغا سودا-سېتىق بىلەن كېلىدۇ ۋە كۈتۈلمىگەندە مەرغۇلاننىڭ كاتتىلىرىنىڭ بىرى مىرزا كەرىم قۇتىدارنىڭ يالغۇز قىزى گۈزەل جامالى تىللاردا داستان بۇلۇپ نۇرغۇنلارنى كۆرمەي تۇرۇپ ئاشىق قىلغان يىگىرمىگە يىقىنلاشقان گۈزەل قىز كۈمۈش بىبى بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىپ ئۇنىڭغا ئاشىق بىدار بۇلۇپ قالىدۇ. بۇنى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئەللىك يىللاردىن بېرى قۇللۇق قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتابېكنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرىدىغان ھەسەن ئەلى تەرىپىدىن سېزىۋېلىنىدۇ ۋە ئوتتۇرغا كىشى قويىدۇ، قۇتىدار ئاتابېكنى بىر كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئىستىداتلىقى ۋە ھۆسنىگە قول قويغانلىقى ئۈچۈن قىزىنى ئۇنىڭغا لايىق كۆرىدۇ، بىراق كۈمۈشنىڭ ئانىسى ئاپتاپ ئايىم يالغۇز قىزىنى تاشكەنتكە ئېلىپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن بۇ تويغا قوشۇلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ھەسەن ئەلى ئاتابېكنى مىرادىغا يەتكۈزىدۇ.

   بۇ ۋاقىتتا تاشكەنتنىڭ ھاكىمى ئەزىز بەگ تولىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن بۇلۇپ پۇقرالار ناھايىتى زۇلۇمدا قالغانىدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان سۇلتان مۇسۇلمانقۇل ئەزىز بەگنى بوي سۇندۇرۇشقا لەشكەر ئەۋەتكەنىدى، بىراق ئەزىز بەگ شېرىن شىكەر گەپلەر بىلەن خەلقىنى قايىل قىلىدۇ، ياخشى سۆزلەرگە ئالدانغان خەلق يۇرتىمىزنى قوغدايمىز دەپ سېپىل ئىشىكىنى چىڭ يېپىپ لەشكەرلەرگە قىلچە بوي بەرمەي شەھەرنى قوغدايدۇ. يۈسۈببېگ ھاجى بۇ توغۇرلۇق مەرغۇلاندىكى ئوغلى ئاتابېككە خەت يېزىپ ئەزىز بەگنىڭ زۇلمى ۋە خەلىقنىڭ ھالى ئەھۋالىنى ئېيتىپ ۋاقتىنچە مەرغۇلاندا قېلىشنى ئەسكەرتكەنىدى.

   مەرغۇلاندىكى ئەھۋاللارغا قايتساق ئۇ جايدا ھامىد ئاتلىق ئىنتايىن نائەھلى بىر ئادەم بۇلۇپ ئۆزى قارانىيەت، زالىم خوتۇنپۇرۇش  ئىدى. ئۇنىڭ قەستىمۇ ئەسلى كۈمۈش بىبىدا ئىدى. ئاتابېكتەك بىر مۇساپىرنىڭ ناھايىتى ئاسانلا كۈمۈشكە ئېرىشكەنلىكىگە چىدىماي بىر سۈيقەست پىلانلىدى، ئۇ قۇر بېشىغا ئاتابېكنىڭ تاشكەنىتتىكى خانغا قارشى چىقىۋاتقان ئەزىز بەگنىڭ يېقىنى يۈسۈپبەگ ھاجىنىڭ ئوغلى بۇلۇپ ئۇ ھەم بۇ جايغا مەرغۇلاننىڭ تىنىچلىقىنى بۇزغىلى كەلگەن دەپ چاقتى، شۇنىڭ بىلەن دەررۇ ئاتابېك بىلەن قېيىن ئاتىسى قۇتىدار تۇتۇلۇپ زىندانغا ئېلىندى ۋە قۇش بېگى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە بۇيرۇلدى، جازا ئىجرا قىلىنماقچى بولغان پەيتتە كۈمۈش بىبى ئاتابېكنىڭ ئاتىسى ھاجىبەگنىڭ ھېلىقى ئەزىز بەگنىڭ زۇلۇمى توغرىسىدا يازغان مەكتۇبىنى ئېلىپ كېلىپ ئىسپات قىلىپ ئۇنىڭ قارىسىنى ئاقلىدى. قۇشبېگى مەكتۇپتىن ئەزىز بەگ بىلەن ھاجىبەگنىڭ ئىككى يولدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئاتابېكنىڭ تىنىچلىقنى بۇزۇشىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ ئۆزىر ئېيتىپ ئۇلارنى دەررۇ قويۇپ بەردى.

     شۇ مەزگىلدە ئاتابېكنىڭ قۇلى ھەسەن ئەلى ئاتابېكنى قۇتقۇزۇش يولىنى تاپالماي تاشكەنتكە قايتىپ بۇ ئەھۋاللارنى يۈسۈپ ھاجىبەگكە ئېيتقانىدى، دەل شۇ پەيتتە يەنە كەسكىن ئۇرۇش بۇلۇپ تاشكەنت خەلقى غەلبە قازاندىيۇ ئەسكەرلەر ۋە خەلىقنىڭ ئوزۇق تۈلۈكى تۈگەپ ھالسىراپ قالدى، شۇ ۋاقىتتا ئوردا خەزىنىسىمۇ قۇرۇقدىلىپ قالغان بۇلۇپ ئەزىز بەگ بىردەمدە خەلىقتىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلارغا ئېغىر سېلىق سالدى، بۇنىڭدىن غەزەبلەنگەن ھاجىبەگ دەل چېكىنىپ قايتىپ  كېتىپ بارغان مۇسۇلمانقۇلنىڭ لەشكەرلىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ قايتا ھۇجۇم قىلىشنى ئېيتىدۇ ۋە خەلىقنىمۇ قارشىلىق قىلماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ، قىلغان ئەجرىگە چۇشلۇق ۋاپا كۆرمىگەن خەلق دەررۇ ئەزىز بەگكە قارشى چىقىدۇ ۋە خان لەشكەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئەزىز بەگنى يەر چىشلىتىدۇ. قۇشۇننىڭ سەركىسى نارمۇھەممەت قۇشبېگى ناھايىتى مىننەتتار بولغان ھالدا يۈسۈببەگ ھاجىنىڭ بۇ چوڭ تۆھپىسىنى سۇلتانغا ئېيتىپ ئۇنىڭغا چوڭ ئەمەللەرنى ئېلىپ بېرىش مەقسىتىنى بىلدۈرىدۇ، شۇ دەمدە يۈسۈببەگ ھاجى ئۇنىڭدىن چوڭ ئەمەللەرنى كۈتمەيدىغانلىقىنى پەقەت بۇ يۇرتقا ياخشى بىر كىشىنىڭ بەگ بولىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى يەنە بىر ئارزۇسى بىگۇناھ قامالغان ئوغلى ئۈچۈن نىجاتلىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، نارمۇھەممەت قۇشبېگى ئەھۋالنى ئاڭلاپ دەررۇ مۇسۇلمانقۇل خانغا مەكتۇپ ئەۋەتىدۇ.

     مەرغۇلاندا ھامىدنىڭ تۇنجى قەستى ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ ئۇ يەنە تىنىم تاپماي يەنە شۇ تۆھمەتنى ئېلىپ  مۇسۇلمانقۇل شاھنىڭ ھوزورىغا بارىدۇ. ئىشنىڭ ئاق- قارىسىنى ئايرىمايلا سۇلتانقۇل ئۇلارنى يەنە بىر نۆۋەت تۇتۇپ كېلىدۇ، ۋە قۇشبېگىنىڭ كۆرسەتكەن مەكتۇبىغا قارىماي ئۇنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئويۇن دەپ قاراپ ئۇلارغا قايتا جازا بەرمەكچى بولىدۇ شۇ پەيتتە نارمۇھەممەت قۇشبېگىنىڭ مەكتۇبى يېتىپ كېلىدۇ-دە ئاتابېكنىڭ ئاتىسى يۈسۈببەگ ھاجىنىڭ تاشكەنتنى ئېلىش تۆھپىسىنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرۈپ ، چاندۇرماستىن يا بىر ھېيىقماستىن تۈسىنى ئۆزگەرتىپ ئۇلارنى قويۇپ بېرىدۇ. ئاتابېك  بىلەن قۇتىدار ھەقىقى  ئەركىنلىككە ئېرىشىپ قايتىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئۇلار خاتىرجەم ھالدا تۇرمۇشىنى داۋام قىلىدۇ.

     ئاتابېك بۇ يىللاردا تاشكەنت بىلەن مەرغۇلان ئارىسىدا بېرىپ كېلىپ يۈرەتتى، ئالاھەزەل ئىككى ھەپتىلەردە بىر ئوتتۇردا قاتنايتتى. ھەممىدىن نارازى بولغىنى ئۇنىڭ ئانىسى ئۆزبېك ئايىم بۇلۇپ،ئۇ ھەممىنى ئاغزىغا قارىتالايدىغان ۋە ھەممە ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغان ، ئوردا ئايىملىرى بىلەنمۇ بېرىش-كېلىش قىلىپ ھەممىنى ھەۋەسلەندۈرىدىغان نەزىرى ئۈستۈن بىر ئايال ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يالغۇز ئوغلىنىڭ يىراق شەھەردىن ئۆيلىنىپ كېلىنىنى ئالدىغا ئېلىپ كەلمەسلىكى ۋە  بەكرەك شۇ تەرەپكە ئۆتكەنلىكى ئۇنىڭغا ئېغىر كېلەتتى.ئوغلىغا قىيدايتتى. باشقىلار ئالدىدا يۈزى چۈشكەندەك ھېس قىلاتتى، ئۇ ئۆز كۆڭلىدە ئوغلىغا مۇشۇ يەردىن يەنە بىر ئۆيلەندۈرگەندە ئاندىن ئۇنى مەرغۇلانلىق كېلىندىن خالاس قىلالايمەن، ئۆز يېنىمغا ئېلىپ كېلەلەيمەن دەپ ئويلىدى، ۋە جاھىللىق بىلەن يۈسۈببېگ ھاجىنىمۇ كۆندۈردى، ئاتا-ئانا ئىككىسى ئوغلىدىنمۇ مەجبۇرى سۆز ئالدى، ئاتابېك كۈمۈش بىبىدىن ماقۇل سۆزى ئالىمەن دىگەن باھانىدا مەرغۇلانغا كەلدىيۇ لېكىن جاندىن ئەزىز بىلىدىغان كۈمۈشكە بۇ سۆزنى دىيىشكە سۆزى بارماي مەڭگۈ تاشكەنىتكە بارماسلىقنى تاللىدى، بىراق ئاتابېكنىڭ ئاتىسى ئوغلىنىڭ مىجەزىدىن خەۋىرى بولغاچقا ئاللىقاچان مەكتۇپ يېزىپ قۇتىدارغا ئېۋەتكەنىدى. قۇتىدار تاشكەنىتتىكى بۇ ئاتا-ئانىنىڭ قەلىب ئازابىنى چۈشەندى،دىمىسىمۇ ئۇلار كۈمۈشكە قىيمىغاندەك ئاتا-ئانىسىمۇ ئاتابېككە قىيمايتتى ئەلۋەتتە، ئۇ بۇنى ئاپتاپ ئايىمغا ئېيتقاندا ئاپتاپ ئايىم قىزىنىڭ ئۈستىگە چىققۇچىنى ئاڭلاپ مىڭ ئۈلۈپ مىڭ تىرىلغاندەك بولدى بىراق كۈيئوغلىنىڭ ساداقىتى ۋە قىزىغا بولغان مۇھەببىتىنى ھېس قىلغاندا شۇنچىلىك تەسىرلىنىپ بۇنىڭغا ماقۇل بولدى، كۈمۈش بىبىمۇ ئاتابېك بىلەن ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى چىن مۇھەببەتكە ئەقىدە قىلىپ ئۇنىڭغا ئىشەنگەچكە كۆڭلىدىكى ئازابنى يېڭىپ  ئاتابېكنى قايتىشقا بۇيرىدى، ئاتابېك ئۆز كۆڭلىگە قارشى ھالدا بۇ ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى يۈرىگىگە قويۇپ مەرغۇلانغا قايتتى ۋە ئانىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە مەجبۇرى بىلەن زەينەپ ئىسىملىك قىزغا ئۆيلەندى، بىراق ئۇنىڭ يۈرىكى مەرغۇلاندىكى كۈمۈشكە باغلاقلىق بولغاچقا زەينەپكە ھېچ مېھىر بېرەلمىدى، بۇ توغۇرلۇق ئانىسى بىلەن ھەر كۈنى توقۇنۇشۇپ قالاتتى. ئانىسى ئۆزبېك ئايىم بۇنى يەنە شۇ مەرغۇلانلىق كېلىننىڭ ئىسىتقۇسى دەپ بىلەتتى. ۋە كۈمۈشكە ئۆچ بولاتتى.

       بۇ ۋەقەلەر تىنماي كۈمۈش بىبىنىڭ قەستىدە يۈرگەن  ھامىدغا ياخشى پۇرسەت بولدى، ئۇ كۈمۈشبىبىگە ئاتابېك نامىدا  ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەنلىكى توغرىسىدا تالاق خېتى يازدى، كۈمۈش خەتنى ئېلىپ كۆرۈپ ئاسمان زىمىن ئېغىر كەلدى. ۋە قايتۇرۇپ ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر تىللار بىلەن ئاتابېككە مەكتۇپ قايتۇردى، ئاتابېك بۇنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىدا شۇنچىلىك ھەيران قالدى ۋە ساراسىمىگە چۈشتى ۋە دەررۇ مەرغۇلانغا قايتتى، بىراق دارۋازا ئالدىدا قېيىن ئاتىسى تەرىپىدىن قوغلاندى ۋە بۇ قاتتىق غورورىغا كېلىپ ئىككى يىلغىچە بۇ ئىشىككە قايتا قەدەم ئالمىدى، بۇ ئارىدا ئۇستا ئالىم دىگەن كىشى بىلەن تونۇشۇپ ئىسمىنى شاكىربېك دەپ تونۇتۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ كېتىپ يۈردى.

   ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتتى، بۇ ئىككى يىلدا كۈمۈش بىبىگە نۇرغۇن ئەلچىلەر كەلدى، ھامىدمۇ ئىككى خوتۇنى ئۈستىگە كۈمۈشكە ئەلچى ئېۋەتتى بىراق ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ گۆشىنى يىگۈدەك بۇلۇپ كېتىۋاتقان مەزگىلدە كۈمۈش بىبىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يىگىتلەرنىڭ سەرخىلى كامىلبەگنىڭ ئەلچىسىنى قۇبۇل قىلىپ قالىدۇ، بىراق دەل نىكاھ ھارپىسىدا كامىلبەگ ھاممامدا ئۆلتۈرۈلىدۇ، بۇ ۋەقەلەر ئۇستا ئالىمنىڭ ئۆيىدە يەنە ئاتابېك ۋە ئۇستا فەرفى بىلەن سۆھبەتتە ئولتۇرغاندا سۆزلىنىدۇ ، بۇ چاغدا ھەممە ئاتابېكنى شاكىربېك دەپ تونىغانلىقى ئۈچۈن ئۇستا فەرفى ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئاقىلانە بولغان گۇمانىنى يەنى كامىلبېكنىڭ قاتىلىنىڭ ھامىد ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى گۇمانىنى سۆزلەيدۇ، ھەممە بۇنىڭدىن ھەيران بۇلۇپ سورىغاندا ئۇ ھامىدنىڭ كۈمۈشبىبىنىڭ قەستىدە ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغانلارغا قەست قىلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بىر قانچە يىل بۇرۇنقى ئاتابېك بىلەن قۇتىدارنىڭ ئىككى قېتىملىق تۇتۇلغان ۋەقەسىنىڭمۇ مۇشۇ قارانىيەت ھامىد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى، ئاتابېكنىڭ كاللىسىدىكى ئەينى ۋاقىتلاردىكى تۈگۈنلەر يىشىلىپ ، ھېلىقى ئەۋەتىلگەن قاراخەتلەرنىڭمۇ دەل ھامىدنىڭ ھىيلىسى ئىكەنلىكىگە ئەقلى يەتكەندە ھامىدقا غەزەپ نەپرىتى تولۇپ تاشتى، ۋە دەررۇ ئورنىدىن قوزغىلىپ تاشكەنتكە قايتقان ھالەتكە كىرىۋېلىپ يېرىم يولدا قايتىپ كەلدى ، چۈنكى ئۇ ھامىدنىڭ ھامان ئۆزىنىڭ پېيىدا يۈرىدىغانلىقىنى بىلگەچكە ئۆزىنى تاشكەنىتكە قايتقاندەك كۆرسەتتى، لېكىن يېرىم كېچىدە قايتىپ كېلىپ ھامىدنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ ئۇنى جېنىدىن جۇدا قىلماقچى بولغاندا يەنە بىر رەزىل پىلاننى ئاڭلاپ قالدى، ئۇلار ئۈچ كۈندىن كېيىن قۇتىدارنىڭ ھويلىسىنى تېشىپ كۈمۈش بىبىنى ئېلىپ قېچىش پىلانى تۈزىۋاتاتتى. بۇنى ئاڭلىغان ئاتابېك دەل شۇ كۈنى ئۇ قارا نىيەتلەر بىلەن ئېلىشىپ كۈمۈشىنىڭ ئايىقى ئاستىدا يا ئۆلۈمىنى يا كۆرۈمىنى كۆرۈشنى تىلەپ ئارقىغا ياندى.

      پەيتى كەلگەن تۈن كېچىدە ئاتابېك قۇتىدارنىڭ ھويلىسىدا ھامىد ۋە ئۇنىڭ ئىككى چوماقچىسىنى ئەقلىنى ئىشلىتىپ ناھايىتى ئەپچىل باتۇرانە قەتلى قىلدى ۋە ئۇستا ئالىمنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ ئۆزىنىپ ئەسلىنى تونۇتتى، ئۇستا ئالىم ئۇنىڭ باتۇرلۇقىغا تولىمۇ ھەيران بولدى ۋە قايىل بولدى، ھەم ھېسداشلىقمۇ قىلدى، ئاتابېك ئۆتكەن ئىشلار تولۇق چۈشەندۈرۈلگەن كۈمۈشكە ۋە قېيىن ئاتىسى قۇتىدارغا يېزىلغان خەتنى ئۇستا ئالىمغا تاپشۇرۇپ تاشكەنىتكە قايتتى، مەقسىتى قېينى ئاتىسىنىڭ ئەينى چاغدا ئىشنىڭ تىگىگە يەتمەي تۇرۇپ ئۆزىنى قوغلىغانلىقىغا غۇم ساقلاش ئىدى، ئۇنى كۈمۈشنى ئېلىپ تاشكەنتكە بېرىش مەقسىتىگە كەلتۈرۈش ئىدى، ئۇنىڭ ئويلىغىنىچە ئۇستا ئالىم ئارقىلىق خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان قۇتىدارئائىلىسى ھەممە ئەھۋالنى چۈشەندى ۋە ئاتابېكنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئىستەپ ئۈچ ئاينى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاخىرى ئۆزلىرى كۈمۈشنى ئېلىپ تاشكەنتكە قاراپ ماڭدى.

        ئۇلارنىڭ كېلىش خەۋىرىنى بىلگەنلەردىن ئاتابېك بىلەن ئاتىسى يۈسۈببەگ ھاجىنىڭ  كۆڭلى ئاسمانغا يەتتى، بىراق ئىككىنجى كېلىن زەينەپ بىلەن ئاپىسى ئۆزبېك ئايىمنىڭ نارازىلىقى يۈزىگە چىقتى، بىراق كۈتكەندە ئۇلار كەلگەندە بولسا ئۆزبېك ئايىم ئەسلى كېلىنىنىڭ ئايدەك ھۆسنى ۋە خۇشپىچىم مىجەزىنى كۆرۈپ  ئۇنى چىن دىلىدىن ياقتۇرۇپ قالدى ۋە كەلگەن مۆتىۋەر ئايىملارنىڭ ئالدىدا بۇ كېلىنى بىلەن ماختىنىپ تازا ھوزۇرلاندى، باشقا ئايىملارمۇ ئۆزبېك ئايىمنىڭ شۇ قەدەر تەلىيىگە ھەسەت قىلىشىپ كەتتى، ئۆزبېك ئايىم ۋە ئاپتاپ ئايىملار ئاچا-سىڭىللاردەك بۇلۇپ بىر بىرىلىرىنى شۇنچىلىك كۈتەتتى، بۇلاردىن زەينەپنىڭ چىرايى سۇلۇپ كەتتى.

      ئەزەلدىن كىشىنىڭ كۆڭلىگە زەررىچە ئازابنى راۋا كۆرمەيدىغان ئاتابېك زەينەپنى ھەرگىزمۇ چەتكە قاقمايتتى، ئۇنىڭ كۆڭلى كۈمۈشبىبىغا تولىمۇ يېقىن بولسىمۇ بىراق زەينەپنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئۇنىڭ ئۆيىگىمۇ تەڭ ئاياق باساتتى، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن كۈمۈشمۇ كۈندەشلىك ئوتىدا ياناتتى، ئىككى كۈندەش ئارىسىدا ئاتابېكمۇ ئەلۋەتتە قىينىلاتتى، بىراق ھېچبىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشنى ئويلىمايتتتى، ئارىدىن يىگىرمە كۈن ئۆتكەندە كۈمۈش ئائىلىسى قايتىش تەييارلىقىنى قىلدى، بىراق كۈمۈش بىبى مىڭ مۈشەققەتتە تېپىشقان ئېرىدىن ئايرىلىشقا قىيمىدى، ھەم قېيىن ئانىسى ئۆزبېك ئايىممۇ بۇ ئېسىل كېلىندىن كېچەلمەي ئۇنى قەتئىي يوسۇندا ئېلىپ قالدى، كۈمۈشنىڭ ئاتا ئانىسى بۇلۇپمۇ ئانىسى كۆز ياشلىرىنى تۆككەن ھالدا ئارزۇلۇق بۇ قىزىنى كۈندەشنىڭ يېنىدا قويۇپ مەرغۇلانغا قايتتى.

       كۈمۈش بىبى بىلەن زەينەپ ئىككىسى ئېيتقاندەك كۈندەش ئوتىدا پۇچۇلىنىپ بەزىدە چاچرىشىپ قالاتتى.بۇ ۋاقىتتا ئاتابېك ھەر ئىككىسىگە قاقشاپ ‹‹بىكار ھەر ئىككىڭلاردىن جۇدا بولىمەن!››دەيتتى، قېيىن ئاتىسى يۈسۈببەگ ھاجى بولسا ئۇلارغا شۇنداق نەسىھەتلەرنى قىلاتتىكى بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن كۈمۈش بىبى ئېسىل نەسىھەتلەرگە ئەسرا بۇلۇپ بەزىدە زەينەپ بىلەن قەستەن ئېيتىشاتتى. زەينەپ شۇ قەدەر ياخشى كۆرىدىغان ئېرىنىڭ كۆڭلىنىڭ كۈمۈشتە ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىدا ئازابتا چەككە يېتەتتى، زەينەپنىڭ بىر يىراق تۇققىنى بۇلۇپ بۇ ئايال ئېرىگە كىچىك خوتۇن بۇلۇپ كىرگەن بولسىمۇ ھەرخىل زۇلۇم ۋە ھىيلە بىلەن چوڭ خوتۇننى ئىككى بالا بىلەن ئېرىدىن ئاجراشقا مەجبۇر قىلغان ئەسەبى ئايال ئىدى. كېيىن ئۆزى تۇغماس چىققىنىدىمۇ ئېرىنى ۋەھى بىلەن ئۆزىگە ئەسىر قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتاتتى، زەينەپ ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ دەردىنى       تۆكتى ۋە ئۇنىڭدىن تەلىم ئالدى.

   ئارىدىن بىر يىل ۋاقىت ئۆتكەندە كۈمۈشنىڭ ئاي كۈنى يېقىنلاشتى، كۈمۈش ئاي-كۈنى ئاز قالغانچە كۆڭلىدىكى بىر قورقۇنۇچمۇ كۈچىيىپ باراتتى، ئاخىرقى ئېيىدا ئۇ ئائىلىسىگە مەكتۇپ ئەۋەتىپ ئەزىز ئانىسىنىڭ يېنىدا بولۇشىنى خالىدى، ئائىلىسىدىكىلەر دەررۇ يولغا چىقتى، كۈمۈشنىڭ تولغىقى شۇ دەمدە تۇتتى، ۋە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا بىر ئوغۇللۇق بولدى. ھەممە شۇنچىلىك خوشاللىق ئىچىدە بۇ ئانا-بالىنى قۇتلۇقلاۋاتقان پەيتتە زەينەپ ئاخىرى كۈمۈشكە زەھەرلىك قولىنى سوزدى، ئۇ كۈمۈشكە زەھەرلىك ئاشنى بەردى، بىچارە كۈمۈش  ئازاب ئىچىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن دىدارلىشىشقا نىسىپ بولماي تۇرۇپ ئاتابېكنىڭ قولىدا كۆز يۇمدى، ئاتابېك زەينەپكە غەزەپ –نەپرىتىنى ياغدۇردى، ئاتابېك ئائىلىسى ئۇنى ئىتنى قوغلىغاندەك قوغلاپ چىقاردى، زەينەپ ئەقلىدىن ئېزىپ كوچىغا چىقىپ يۈرۈپ جازادىن مۇستەسنا بولدى،كۈمۈش بىبىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاپتاپ ئايىم بىلەن مىرزا كەرىم قۇتىدار كۈمۈش ۋاپات بۇلۇپ ئۈچىنجى كۈنى كەلدى ۋە قار-يامغۇر بۇلۇپ ھازا ئاچتى، مۇسىبەت يىگىرمە كۈنگە يەتكەندە كۈمۈشنىڭ ئانىسى ئاپتاپ ئايىم ۋە قۇتىدارلار نەۋرىسى يادىكاربېكنى ئېلىپ مەرغۇلانغا قايتماقچى بولدى، ئەلۋەتتە دۇنياغا يېڭى كۆز ئېچىپ ئانىسىز قالغان بۇ نەۋرىنى ئېلىپ كېتىشكە ھېچكىم قارشىلىق كۆرسىتىشكە چىش يارالمايتتى، ئۇلار نەۋرىنى ئېلىپ ھارۋىغا چۈشكەندە ئاتابېك ھارۋا چۇلۋۇرىنى ئېلىپ ‹‹چوھ !!›› دەپ مېڭىپ كەتتى. ئارقىغىمۇ قارىمايتتى، ئاتا-ئانىلىرى بىر-بىرىلىرىگە يەر تىگىدىن قارىغىنىچە قالدى.

     بىر يىلدىن كېيىن ئاتابېك تاشكەنتكە ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا كەلدى، ۋە كۈمۈشنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ بىر كىچە قۇرئان خەتمىسى قىلدى، ياشلىرى يامغۇر بۇلۇپ ئېقىۋاتقاندا مەجنۇن بۇلۇپ يۈرگەن زەينەپ كۆزگە چىلىقتى، ئۇ كۈمۈشنىڭ قەبرىسى ئەتراپىدا يۈرەتتى، ئاتابېك ئۇنى قوغلىدى، ئۇ كەينىگە قايتىلىپ قارىغىنىچە غايىپ بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتابېك مەرغۇلانغا قايتىپ ئىككىنچى تاشكەنتكە قايتىپ كەلمىدى،

    -1277-يىلى  يۈسۈببېگ ھاجى تونۇشىدىن بىر مەكتۇپ ئالدى، ئوغلى ئاتابېك ئالمۇتادىكى چار ئەسكەرلەر بىلەن بولغان كۆرەشتە شېھىت بولغانىدى. يۈسۈببەگ ھاجى بىلەن ئۆزبېك ئايىم ئۆغلى ئۈچۈن قارىلىق تۇتۇپ، يۇرتقا نەزىر بەردى.

        تامام.....

       روماننىڭ باشتىن ئاخىرى مەزمۇنى ناھايىتى جانلىق ۋە كىشىنى ھوزۇرلاندۇرغىدەك ياخشى داۋالاشقان بولسىمۇ بىراق ئەڭ ئاخىرىدا كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى، بىراق ئاپتۇر بەلكىم مۇشۇ ئاقىۋەت ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى قوش نىكاھلارغا بىر ساۋاق بېرىشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن ۋە بەلكىم زور غەلبە قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىغىنىمدا كۆڭلۈم ئارام تاپتى.

     ماڭا كىتاپنىڭ يەنە بىر زور تەسىر قىلغان يېرى ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن سىرت ئۇنىڭ گۈزەل تىلى، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مېھىر- مۇھەببەت ۋە ئىنتايىن يېقىملىق تىل، بۇنى مىڭ تەكىتلەپ ئولتۇرغاندىن بىر قانچە مىسال ئالغىنىم ئەۋزەل دەپ ئويلايمەن.... بۇلارنى كۆرگەندە گىپىمگە ئىشىنىسىز ۋە قايىل بۇلۇپ قالىسىز....

‹‹- بەزى ئىشلارنى بۇيرۇسام ئاتا؟

-بۇيرۇڭ ئوغلۇم.

-رەھمەت ئاتا، بولمىسا بىزگە چاي قاينىتىپ بېرىڭا،

-خوپ بېگىم!

........

-بۇ كىمىڭىز بولىدۇ بېك ئاكا؟

ئاتابېك رەھمەتنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەي   ئىشىككە قارىدى ، ھەسەن ئەلىنى ھوجرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ئاندىن جاۋاب بەردى:

-قۇلىمىز.

.......››(ئويلىسام بەزىلەرقېرىغان ئاتا-ئانىسىنى قۇل ئورنىدا كۆرىدۇ،ئەمما ئۇلار قېرى قۇللارنى ئاتىسىدەك ھۆرمەت قىلىدىكەن...)

‹‹-ئەمدى بىزنىڭكىگە قاچان بېرىپ مىھمان بولىسىز بېك ئاكا؟

-خۇدا بۇيرىغان چاغدا بولارمىز...

-ياق بېك ئاكا... –ئېنىق بىر كۈننى تەيىن قىلىڭ، بىز بۇ يەرگە سىزنى تەكلىپ قىلغىلى كەلگەن!

-ئاۋارە بولۇشنىڭ نېمە زۆرۆرىيىتى بار؟

-بۇ يەردە ئاۋارە بولۇش دىگەن نېمە يوق، ئىلاجى بولسا سىزنى بۇ سارايدىن ھويلىمىزغا كۆچۈرىمىز،ھازىرچە بىر كۈننى تەيىن قىلىپ بىزگە مىھمان بولۇڭچۇ؟...ئاتام سىز بىلەن بىر كۆرۈشۈپ تاشكەنتنىڭ ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر تېپىشقا تولىمۇ تەشنادۇر....››

(كىشىنى جەننەتكە باشلىغۇدەك مېھماندوستلۇق،.ۋە.بىز.....)

‹‹ئىگىسىنى ھۆرمەتلىگەن ئىتىغا سۆڭەك تاشلار دىگەندەك قىزى تۈپەيلى قۇتىدار ۋە ئاپتاپ ئايىملار ناھايىتى ياخشى ئىززەت كۆرەتتى، قۇتىدار كەلگەندىن بېرى بىر سائەتمۇ بىكار قالماي يۈسۈببېك ھاجىنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ ئۆيىنىڭ بىرىدە مىھمان ۋە ھاجىنىڭ سۆھپىتىدىن مەمنۇن بولدى،ئاپتاپ ئايىمنى بولسا ئۆزبېك ئايىم ئولتۇرغۇزۇشقا جاي تاپالمايتتى، قۇدا سۆزى ئورنىغا سىڭلىم دەپ خىتاپ قىلاتتى، ئاشنىمۇ ئۇنىڭ رايىغا قارىماستىن بۇيرۇمايتتى.››

(قۇدىلار ئارىسىدىكى ئىززەت- ھۆرمەت.... بىر-بىرىنى دۈشمەن چاغلايدىغان بەزى قۇدىلارغا نەقەدەر سىلىشتۇرما؟!)

‹‹كۈمۈش كىرگەندە زەينەپ دوپپا تىكىپ ئولتۇراتتى.

-ئانام ئېيتقاندەك،-دېدى كۈمۈش- سىز بىلەن يۇلۇشقىلى كەلدىم.

-مەنمۇ ئالدىڭىزغا چىقايمىكىن دەپ تۇرغانىدىم،

-دوپپا تىكىپ ئولتۇرۇپسىزغۇ ؟ مېنىڭ ئالدىمغا چىقاتتىڭىزمۇ تېخى ، بارىكاللا سىزگە!-دېدى كۈمۈش ئىستىھزا بىلەن كۈلۈپ. زەينەپ ئوڭايسىز قالدى يەردىن دوپپىنى ئالدى.

...............................

--چىقمىغىنىمنى كۆڭلىڭىزگە ئېلىپسىزدە؟

--نېمىشقا كۆڭلۈمگە ئالماي؟ ياش بالىمەنغۇ؟ كەلگىنىمگە ئون بەش كۈن بولماي ئۆزىڭىنى چەتكە تارتىشقا باشلىدىڭىز... مەن سىز بىلەن ئىگىچە سىڭىل بولارمىز دەپ ئويلىغان...

-تېخى نىم بوپسىز ئەرزىمىگەن گەپنىمۇ كۆڭۈلگە ئېلىۋەرسىڭىز..

-بۇ تېخى ئەرزىمىگەن گەپمۇ ، -دېدى كۈمۈش-ئۆيدە ھېچكىم بولمىسىمۇ ئۆزىڭىزنى چەتكە تارتىسىز... بۇ بولسا يۈزۈڭنى كۆرۈشكە تاقىتىم يوق دېگىنىڭىز بولىدۇ...

- قويۇڭا ئۆزىڭىنى ھەر نېمىنى كۆڭلىڭىزگە ئېلىۋېرىدىكەنسىز.. مەن ئۇنداق ئەمەسمەن...

- مەن كۆڭلۈمگە ئالسام ئەرزىيدىغىنىنى بىلىپ ئالىمەن....

(ئەگەر بىزلەر بولساق ئاۋال تىلدىن ئاندىن چاچتىن چۈشىمىزمىكىن؟)

ئەگەر قەدىمقى دەۋىردىكى يېقىملىق سۆز-ئىبارىلەردىن ھوزۇرلىنىپ ، چىن مۇھەببەت ۋە مىھىرلەرنى ، ساداقەت دوستلۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ باقاي دىسىڭىز بۇ كىتاپقا مەرھەمەت.....


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5586
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 12:12:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى كىتابكەن، مەنمۇ بىر ئوقۇپ چىقىشنى ئىستەيمەن.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 940
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 45592
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6524 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 12:31:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turmux.net يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 12:12 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( b+ K& ^5 c( ~) M
ياخشى كىتابكەن، مەنمۇ بىر ئوقۇپ چىقىشنى ئىستەيمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& L0 l# i+ C( r$ U, Z$ b
ئوقۇڭ، ئېسىل كىتاب!

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5052
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1236 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 12:47:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turmux.net يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 12:12 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! M% N- V5 i/ Y) V
ياخشى كىتابكەن، مەنمۇ بىر ئوقۇپ چىقىشنى ئىستەيمەن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% o3 ?+ b& s' Q7 Bكىنوسىمۇ بەك ئېسىل،كىتاپتىكى بايانلار بىر بىرىدىن ئېسىل.......ئوڭايسىز قالايمىقان تىل تەسۋىرىدىن خالى پاكىزە ئەسەر قېرىندىشىم.........

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101952
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 01:37:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 01:41:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن روماننىڭ بىرىنچى قىسمىنى (كۈمۈش بۇۋى بىلەن ئاتابېكنىڭ تويىغىچە)ئوقۇپ بولغان ئىدىم، كېيىن ئۇنىڭ كىنوسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ، كىنوسىنى كۆرۈپ كىتابىنى ئوقۇمىدىم

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101952
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 01:42:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 01:45:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىنوسىنى كۆرۈپ بەكلا تەسىرلەندىم. ئاڭلىشىمچە بۇ كىنو سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئىشلەنگەنمىش، بەلكىم راست بولسا كېرەك. كىنونىڭ باشلىنىشىدىكى ھېلىقى گەپ ماڭا ئەڭ تەسىر قىلدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 A0 Z' U3 C) P0 e/ @( h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ P9 d2 K# ^4 u' X' ]
ئۆتمۈشكە قايتىپ ئىش كۆرۈش خەيرلىك دېيىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ماۋزۇنى ئۆتمۈشتىن، يېقىن ئۆتكەن كۈنلەردىن، تارىخىمىزنىڭ ئەڭ كىر قارا كۈنلىرى بولغان كېيىنكى خان زامانىدىن باشلىدىم.

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 01:48:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە مۇشۇ توغرىسىدا ئۆزبېك ناخشىچى фазлиддин рахмонов نىڭ отабек нидоси دېگەن ناخشىسىمۇ بار، مەن بەك ياخشى كۆرىمەن بۇ ashulaنى

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8646
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1942 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 02:10:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  كىتاب  ،  ياخشى تىما .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ I# @, H! {& c! ^- r3 |
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mercury تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-18 12:10 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* L: P; Q6 k( _6 F4 W
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ H! H( s- B: A" L' _, k

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش