مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 879|ئىنكاس: 12

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ۋە ساغلاملىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 01:18:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئىچىپ تاكى ئۆلۈم يولىغا سەپەر قىلغۇچە بولغان ھايات ۋاقتى ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىقتىيارىدىكى ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ . ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش دەل شۇ  ئىنساننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى پۇرسىتىدە بولىدۇ . ئىنسان ئۆزىنىڭ قاچان ، قەيەردە ، نىمە سەۋەبتىن ئۆلىشىنى بىلمىسىمۇ ، بىراق ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قەدىرلەپ ھوزۇر ۋە ھالاۋەتتە ياشىشى  ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئىستەكلەرنى ئۆز چاڭڭىلىغا ئالالايدۇ . بىز ئۇيغۇرلاردا ، ئىنسان ھاياتى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ، ھايات سەرگۈزەشتىلىرى تەغدىرى ئىلاھە يەنى ئىنسان تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن ، دىگەن قاراشنى قوللايمىز . ئاللاھنىڭ جاندارلارنىڭ جىنىنى تىنىدىن جۇدا قىلىشى بۇ قىل سىغماس ھەقىقەت . ئۇنداقتا تەغدىرچۇ ؟؟؟  ئەجەبا ئاللاھ مەلۇم ئىنسانلارنى ياخشى ئەمەل قىلىپ  ، بەخىت - سائادەتنى تەغدىرىگە پۈتۈپ ،يەنە مەلۇم ئىنسانلارنى يامان ئەمەل قىلىپ ، خار- زەبۇنلۇقتا ئۆتسۇن دەپ تەغدىرنى پۈتىۋەتكەنمىدۇ ؟؟؟   ياق .  ئۇنداق ئەمەس . يەنى ئاللاھ ئۆز بەندىسىنىڭ ھايات مۇساپىسىدە قىلدىغان بارلىق ئىشلىرىنى بىلگەچكە ئالدىن -ئالا يېزىپ بولغان . دىمەك ئاللاھ مەجبۇرىي شۇ ئىشنى قىلىدۇ دەپ ئىنسان تەغدىرىنى يېزىپ قويغان  ئەمەس .
بىر سىنىپتا 50 ئوقۇغۇچى بار دىسەك . شۇ 50 ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى مۇئەللىمگە ئايدىڭ . مۇئەللىم بىر كۈنى شۇ 50 ئوقۇغۇچىدىن ئىمتاھان ئالدى . ئىمتاھان باشلىنىشتىن بۇرۇن ، مۇئەللىم دەپتىرىگە پالانچى ئوقۇغۇچىلار  بۇ ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەيدۇ ، يەنە پالانچى ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ كىتىدۇ دەپ خاتىرلەپ قويدى . ئىمتاھان نەتىجىسى چىقىپ ، مۇئەللىم دەپتىرىگە خاتىرلەپ قويغان بويىچە ئۆتەلمەيدۇ دىگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆتەلمىدى ، ئۆتۈپ كىتىدۇ دىگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈپ كەتتى . ئۆتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار ، بىزنى مۇئەللىم دەپتىرىگە ئۆتەلمەيدۇ دەپ يىزىپ قويغاچقا ، بىز ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىدۇق دىيىشى توغرىمۇ ؟؟؟ ئەكسىچە ئۆتەلمەيدۇ دەپ خاتىرلەنگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈپ كەتسىچۇ....  ئەلۋەتتە بۇ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى . مۇئەللىممۇ سۆيىنىدۇ .  دىمەككى بۇ مىسال ئاللاھنىڭ ئىنسان تەغدىرىنى يىزىشغا ئوخشايدۇ .
خوش...  ئۇنداقتا مەقسەتكە كەلسەم . ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرىنىڭ ئازىيشى ، ھەتتە ئۇيغۇرلاردا ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ بارا - بارا ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى ، 50 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغاندىن كىيىن ، تۈرلۈك كىسەللىكلەرنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى بايقىلىپ تۇرىشى مىنى قاتتىق ئويلاندۇردى . ھەتتا بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ تەھلىل قىلدىم ، شۇنداقلا ئىنسان ساغلاملىقىغا ئائىت ماتىرياللارنى، چەتئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دىيارىمىز ئۆمۈر چولپانلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى توغرىسىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملەرنى كۆرۈپ يەتتىم . ئۇزۇندىن ئويلانغان سوئال ئۈستىدە شۇنداق بىر يەكۈن چىقاردىمكىن ، ئىنسان ھاياتىنىڭ ساغلام ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ئامىللار : بىرىجىسى ئىلمىي ئوزۇقلىنىش . ئىككىنجىسى ھەركەت ، ئۈچۈنجىسى توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتى .
ئىنسان ئۆزىگە قانداق يىمەكلىكنىڭ ماس كىلدىغىنىنى بىلمەسلىك ئەخمەقلىق ھېسابلىنىدۇ . ئەلشىر ناۋائى ئېيتقاندەك : ئىنسان قىرىق يىشىغىچە ئۆز مىزاجىنى بىلمىسە ھايۋاندۇر ھايۋان . يەنى ئىنسان ئۆزىگە پايدىلىق بولغان يىمەكلىككە ئادەتلىنىشى ، ھەرگىزمۇ زىيان قىلدىغان ، تەن - سالامەتلىكنى كاردىن چىقىرىپ ، يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى ئەزالارننىڭ ئۆز رولىنى يوقىتىدىغان  يىمەكلىكلەردىن ئۆزىنى تارتىش زۆرۈر . ئەجدادىمىز ئاللىبۇرۇن ساپ ھاۋا ، مۇنبەت تۇپراقتىن چىققان ، ئۆز قەۋم - قېرىنداشلىرىغا ماس كىلدىغان ، ئوزۇقلۇق ۋە ئىنىرگىيە مول بولغان يىمەكلىكلەرنى يىيىش بىلەن بىللە ھەركەت قىلىش ، ئەمگەك قىلىش ، ئىنسان ساغلاملىقىنىڭ چوڭ بىر ئامىلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئۆتكەن .
ئىنسان ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدۇ . ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئارزۇسىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ . بۇ پەقەت ئىنسان ئۆزىنىڭ ئۆزىنى قانداق كۈتىشىگە باغلىق .  ھاراق -شاراپ ، زەھەرلىك چىكىملىك ،ئەخلەت يىمەكلىكلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ياكى ئادەتلىنىپ يۈرگەن كىشى بەلكىم ئەجەلدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كىتىشى مۇمكىن . ئۆلمىگەن تەغدىردىمۇ ئۆزىگە كىسەل ، ئاغرىق - سىلاقنى ئۆزىگە ھەمرا قىلشى مۇتلەق ئىنىق .
ھازىرقى دەۋىر ئۇيغۇرلىرىدا ھەركەت قىلىش خائىشى سۇس ھالەتتە . ھەركەتمۇ ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە سەۋەبكارنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئامىلى . سەھەر تۇرۇپ يۈگرەش ، چىنىقىش ئۇيغۇرلاردا ئەخمىقانە بىر ئىش . بىراق بۇ باشقا مىللەت باشقا دۆلەتلەردە ئومۇميۈزلۈك داۋاملىشۋاتقان ئىش . ھەركەت قىلىش  قان ئايلىنىش ، يۈرەك رىتىمى ۋە شۇنداقلا مىڭە ساغلاملىقىغا چوڭ پايدىسى بار . دىمەككى بىز بۇ خىل نوقتىلارغا سەل قاراش تۈپەيلى ئۆز ساغلاملىقىمىز ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىشانىغا يىتەلمەي مۇددەتتىن بۇرۇن كىسەل بولۇش ھەتتا ئاخىرەتكە سەپەر قىلىش ھالىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ .  (ياپۇن پاكارلىرى) دەپ نام ئالغان ياپۇنلۇقلار 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە (ياپۇن پاكىرى) دىگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىۋەتتى . ھەتتە دىيارىمىزغا ياپۇنلۇق ئالىملار كۆپ تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن كىلىپ ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش تەتقىقات نەتىجىلىرى يەكۈنى بويىچە ياپۇنلۇق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرى نىسبىتى كۈندىن -كۈنگە كۆپەيدى . ھازىر ياپۇنلۇقلارنىڭ ئوتتۇرچە بوي ئىگىزلىكى جوڭگولۇقلارنىڭكىدىن ئىگىز . ياپۇنلۇقلار تەن ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ھەققىدە تەدبىر قىلىش يولىدە مۇۋاپىقيەتلىك نەتىجە ياراتتى . ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ساپ - تەبىئىي يىمەكلىكنى يىيىش ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى تۇرمۇشتىن يىراق قىلىش ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ بالىلىق دەۋرىدىلام ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۋىتىلگەن .
مەنبە : ئۆزۈم .                    2015 .  2 . 16    ئۈرۈمچى .


ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 12:18:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەن ساقلىق زور بايلىق دەپتىكەن، ئادەم ئۆزىنى قانچە ئاسىرىسا، پەرۋىش قىلسا بۇ مەقسەتكە يىتىشى مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 966
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1693
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 02:30:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزمۇ ساغلاملىق جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىمىزنى ، ئادەتلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلساق بولغۇدەك .....

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109700
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 692
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2014-9-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 02:51:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەڭ قۇرساقلىق،ئەپۇچانلىق،مىھرىبانلىق مەدەنيلىق قاتارلىق ئەخلاق تىرمىنلىرىنىڭمۇ ئادەمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىش ۋە ساغلاملىقىغا ئازتولا پايدىسى بار دەپ قارايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109700
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 692
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2014-9-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 03:04:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچى تار ھەسەتخور كىشىلەرنىڭ ئۆمرى كۆتە
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ۋە سالامەتلىكنى ساقلاشنىڭ زۆرۆر شەرتى-ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن كۆڭۈلنى خۇشال تۇتۇش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1522
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 537 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 05:37:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوقتە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1258
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 06:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىڭىزغو ياخشى  چىقىپتۇ لىكىن تاماكىنى تاشلايلى تىمىسىغا يازغان
تاماكىنى تاشلىغىلى ھەقىقىى بەل باغلىسا تاشلىغلى بولىدۇ . لىكىن  مەن تىخى ئۇ ئىرادىگە  كەلمىدىم
تۇرمۇشۇم كۆڭۇلدىكىدەك ئەمەس  شۇڭا تاماكىنى ئۆزۇمگە كىچە كۇندۇز ھەمرا قىلىۋالدىم
دەپ يازغان ئىنكاسىڭىز بىلەن بۇ تىمىدىكى ئىنسان ئۆز  مىجەزىگە زىيانلىقلىقىنى بىلىپ يەنە داۋاملاشتۇرسا  ئۇ بەئەينى ھايۋان  دىگەن بۇ سۆزنى قانداق چۇشىنىسىز

بۇ سۆز (يۇسۇپخاس ھاجىنىڭ ) سۆزى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   15001506547 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-17 06:36 PM  


ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 09:31:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
15001506547 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-17 06:32 PM
بۇ تىمىڭىزغو ياخشى  چىقىپتۇ لىكىن تاماكىنى تاشلايلى تى ...


دىگىنىڭىز توغرا ...    يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۆزىتى راس ،  ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن ..  



ئىنسان قىرىق يىشىغىچە ئۆز مىزاجىنى بىلمىسە ھايۋاندۇر ھايۋان .  يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۆزى .    سىزنىڭ قىزىل خەتتە ئىزاھلىغىنىڭىز تىمامدا يوق سۆز .  سىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇقىردىكى سۆزىنى دىمەكچىغۇ .......

ئەمما بۇ تىمىنى يىزىشىمدا ،بارلىق دوسلارغا ياردىمى بولار دىگەن مەقسەتتە يازدىم .  تاماكىنى تاشلىيالمىغىنىم راس .  بىراق مەن چەككىنىم بىلەن ، باشقىلارنىڭ ئۇنداق قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   madonna تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-17 09:36 PM  


ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1258
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 10:38:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
madonna يوللىغان ۋاقتى  2015-2-17 09:31 PM
دىگىنىڭىز توغرا ...    يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۆزىتى راس ،  ئ ...

تىمىڭىزدا با لىكىن سىز ئەلشىر نەۋايىنىڭ دەپ ئاپ قويۇپسىز
تىمىزنىڭ باشقىلارغا ياردىمى بولسۇن  دەپ يولىغىنىڭىز راس قوللايمەن
ئەمما ھەر قانداق ئىشنى ئۆزى قىماي تۇرۇپ  باشقىلارنى  بۇيرۇش تاماكا چىكىپ تۇرۇپ  تاماكا چەكسە سالامەتلىكە زىيانلىق   دىگەندەك بىر ئىش

پەرىشتىلەرمۇ يا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 3243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25873
تۆھپە نۇمۇرى: 1223
توردا: 3452 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 11:56:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ بەرىكەتلەر تىلەيمەن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش