مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 631|ئىنكاس: 12

ھەققانىي: ھەسەتخورلوق،پىتنىخورلۇق ھەققىدە ھېكمەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36984
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5739 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 05:55:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
* غەيۋەتخورلارنى ئۆزۈڭگە يېقىن يولاتما، چېقىمچىلاردىن ئۆزۈڭنى يىراق تۇت، ئۇلاردىن ساقلان.
بۇنداق كىشى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىرىدۇر. كىشىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغانلارنى سەن دۈشمەن بىل.
                - يۈسۈپ خاس ھاجىپ

** غەيۋەتخور كىشىگە قېتىلما، يىراق تۇر، غەيۋەتخورنىڭ تىلىدا ئوت كۆيىدۇ، دۇنيانىڭ پىتنە-پاساتلىرى غەيۋەتخوردىن چىقىدۇ، غەيۋەتخورنىڭ بېشىنى كەس، ئەي مەرت سېخىي.
                           -يۈسۈپ خاس ھاجىپ

چېقىمچىلىقنى خالىمايدىغان قانچىلىك ياخشى كىشى بولسىمۇ، غەيۋەتخورلار ئارىسىغا كىرسە، سەۋر قىلالمايدۇ، پىكرى ئۆزگۈرىدۇ.
           _ يۈسۈپ خاس ھاجىپ

ھەسەتخورلۇق بىماردۇر، بەلكى، ئۇ ساقايماس كېسەلگە گىرىپتاردۇر.
               _ ئەلشىر ناۋايى

* ھەسەت بىر كىشىنىڭ راھىتى ئۈچۈن يەنە بىر كىشىنى ئازاپقا سالىدۇ، ھەر سائەتتە مىڭ غەم-غۇسسىنىڭ زەھىرىنى كىشىگە ئوتلاتتۇرىدۇ، بېرەر ئادەم راھەت قەدىمىنى يەرگە قويسا، ھەسەتخور ھەسەت قولى بىلەن بېشىغا كاچاتلايدۇ.
                  _ موللا مۇھەممەت تۆمۈر قەشقەرى

* كىشىنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئاقىۋەت پايدىسى نىمە؟
كىشىنى كۆرەلمۈگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى ئۈزىنى كېسەل قىلىشتۇر.
             _ يۈسۈپ خاس ھاجىپ

ھەسەتخورلۇق بىر كېسەلدۇركى، ئۇنى داۋالاشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇ ئادەمنى يەيدۇ، ۋۇجۇدۇڭنى قۇرۇتۇدۇ.
                _ يۈسۈپ خاس ھاجىپ

* بىرىنىڭ يەنە بىرىگە گەپ تۇشىغانلىقى باشقىلارنىڭ گۇناھىنى ئۆز بوينىغا ئېلىۋالغانلىقى
بولىدۇ، نەمماملىق( گەپ تۇشۇغۇچىلىق) راست سۆزنىڭ توسالغۇسىدۇر، سۆز توشۇغۇچىنىڭ كىچىكى دوزاقنىڭ تۇتىرۇقى بولسا، چوڭى دوزاقنىڭ ئوتىدۇر.
           _ ئەلشىر ناۋايى

* دايىم قەدىر-قىممەتلىك بولاي دىسەڭ،پىتنە-پاساتلارغا قوشۇلما،ئەي خۇشخۇي،پىتنە-پاسات
ھەر ئىشنىڭ نېگىزىنى بۇزىدۇ،پىتنە-پاسات ياخشى ئىشلارنى ئىزدىن چىقىرىدۇ،پىتنە-پاساتنىڭ
ئەتراپىدا يۈرمىگىن،ئۇنىڭغا يېقىنلاشما،پىتنە-پاسات قەيەردە بولسا،شۇ يەردە خارلىق بولىدۇ،
پىتنە-پاسات بار يەردە دۆلەت تۇرمايدۇ،قاچىدۇ،ئەگەر تۇرسا ھەيران بولما،ئۇ بىر كېچىلىك
مىھمان،خالاس.
                             _يۈسۈپ خاس ھاجىپ

*قۇرۇق سۆزنى قىلما،كىشىنى كىشىگە چاقما،ئۇششاق سۆز تاراتما ۋە ئاداۋەت ساقلىما.
                      _ يۈسۈپ خاس ھاجىپ

*   غەيۋەت زىنادىن قاتتىقراق گۇناھتۇر،كىمىكى غەيۋەت قىلسا،غەيۋىتى قىلىنغۇچىنىڭ
گۆشىنى يىگەنگە ئوخشاش بولۇپ،ئادىمىلىك تەبىئىتىنى يوقاتقان بولىدۇ،چۈنكى يىيىشكە
تىگىشلىك بولمىغان نەرسىلەرنى يىيىش ئادەمگە خاس قىلىق ئەمەستۇر.
                     _ موللا مۇھەممەت تۆمۈر قەشقەرى

*  كىشىلەرگە ھەسەت قىلما،ئارتۇقچە يەپ-ئىچمە،بۇ ئىككى ئىشنى قىلغۇچىلار داۋاملىق
دەرتكە قالىدۇ.
                        _ يۈسۈپ خاس ھاجىپ

*  قەيەردە پىتنە-پاسات بولسا،ئۇ يەردىن بەخت تېزىپ كېتىدۇ.
               _ يۈسۈپ خاس ھاجىپ

*   غەيۋەت قىلغۇچى زىيانكاردۇر،بەلكى نىجاسەت يىگۈچىدۇر.ئۇلار ئەفىيۇن ۋە بەڭ
( نەشە)بىلەن ئۆمرىنى زايە قىلغانلاردۇر.
                _ ئەلشىر ناۋايى

*   بېخىلنىڭ مېلىنى ئاسراشتىن مىھنىتى قاتتىق،ھەسەتخورنىڭ خۇي-پەيلىدىن تۇرمۇشى
ئاچچىق،دىمەك ،بىرىنچىسى ئۆز بايلىقىدىن خار،ئىككىنچىسى ئۆز قىلىقىدىن مۇسىبەتدار.
                 _ ئەلشىر ناۋايى

*  خوشال ھاياتقا ئىرىشەي دىسەڭ،كىشىگە ھەسەت قىلماسلىققا غەيرەت قىل.
               _يۈسۈپ خاس ھاجىپ

*   غەيۋەتخور كىشى ئۈزىمۇ ئامانلىق تاپالمايدۇ.
                _مۇھەممەت ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى

*   كىمكى خەلق ئارىسىدا غەيۋەتخورلۇق قىلىدىكەن،ئۇنداقلار دىۋە بىلەن شەيتانغا
سىرداشتۇر،كىمكى خەلق ئارىسىدا گەپ توشۇغۇچى،سۇخەنچى بولسا شۆھبىسىزكى،
ئۇ ئىپلاستۇر.
                   _ مۇھەممەت ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى

*   پىتنىخورلۇق قىلىش ناھەق قان تۆكۈشتىنمۇ يامان.
               _ مۇھەممەت ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى

*  پىتنىخورنىڭ رىزقى كەم بولىدۇ.
               _ مۇھەممەت ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى

*   ئالى ھىممەتلىك كىشىلەر پىتنە-پاساتتىن خالى بولىدۇ.
                _  مۇھەممەت ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى

*  ئىلىمسىز كىشى ھايۋانغا ئوخشايدۇ،ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى پىتنە-پاسات تېرىشتىنلا
ئىبارەتتۇر.
                  _مۇھەممەت ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى

*  ناھەق قان تۆكۈش پىتنىدىن پەيدا بولىدۇ،پىتنىخورلۇقتىن ئالەمدە كۆپ غەۋغا تېرىلىدۇ.
                  _ مۇھەممەت ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى

*  ئالەم پىتنىدىن خاراپ بولىدۇ، پىتنىدىن كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ جېنىغا ئازاپ يېتىدۇ.
               _ مۇھەممەت ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى
مەنبە: ئوقىغان كىتاپلىرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36984
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5739 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 06:30:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
*ئوت ئۇتۇننى كۆيدۈرگەندەك،ھەسەت ساۋاپنى كۆيدۈرىدۇ.
*ھەسەت جاننى قىينايدۇ،
* ھەسەت پەسكەشلەرنىڭ ئادىتى ۋە دۆلەتمەن كىشىلەرنىڭ دۈشمىنىدۇر.
* ھەسەت ياغقان يەرگە دۈشمەنلىك ئۈنىدۇ.
* ھەسەت،يالغانچىلىق ۋە ئۆچمەنلىكتىن يىراق تۇرۇڭلار.چۈنكى بۇ ئۈچى دىنغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان ۋە ئىنساننى ۋەيران قىلىدىغان ناچار قىلمىشلاردۇر.
*دەرتنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى ھەسەتتۇر.
* پەسكەشلىكنىڭ قورالى ھەسەتتۇر.
* تۈمۈر داتلىشىش بىلەن تۈگەشكەندەك،جىسىممۇ ھەسەت بىلەن تۈگىشىدۇ.
* ھەسەت نىمە دىگەن ئادىل،چۈنكى ئۇ ھەسەتخورنىڭ جېنىنى ئالىدۇ.
* ھەسەتخور داۋاملىق كېسەل. بېخىل داۋاملىق خار.
* ھەسەتخورنىڭ ئۈزى ساق بولسىمۇ،روھى كېسەل.
* ھەسەتخور تەقدىرگە نەپرەت بىلەن قارايدۇ.
* ھەسەتخورنىڭ ھەسرىتى كۆپ، گۇناھى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ.
* ھەسەتخورلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلمىگىنىگە ھەيرانمەن.
* ھەسەتخور كىشىنىڭ ھەسىرىتى ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ.
* ھەسەتخور بىلەن قارا نىيەتنىڭ ھاياتىدىنمۇ ھەسرەتلىك ھايات بولمىسا كېرەك.
* ھەسەتخورنىڭ سىنىڭ خۇشال بولغىنىڭغا ئاچچىقلىنىشى سەن ئۈچۈن غەلىبە.
* شۇنچە ھەسەت قىلىپمۇ يەنىلا ھەسەتخورنىڭ جىسىملىرىنىڭ چىرىپ كەتمىگەنلىكى ھەيران قالارلىق ئىش.
* ھەسەتخور ناچار ئىش بولسا خۇشال بولۇپ،خۇشاللىق بولسا قايغۇرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5630
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 11:48:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل ھېكىمەتلەر ئىكەن. كۆپىنچە ھاللاردا ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان ئېسىل ھىكىمەتلەرنى ئۆزىمىزگە تەدبىقلىمايمىز، ئەمما شۇنداق بىر كۈنلەر بىشىمىزغا كەلگەندە ئاشۇ ھېكىمەتنى ئەسكە ئىلىپ ئاندىن ھېس قىلىمىز.  شۇڭا ‹ گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونىمىساڭ نېمە پايدا › دېگەن گېپىمىز بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73721
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3573
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 12:04:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بىر تىما ئىلىپ كەپسىز بەك ياخشى بولۇپتۇ.  ھەسەتخوركىچىسى ئۇخلىيالمايدۇ. ھەسەتخور گۇمانخۇر كىلىدۇ. ھەسەتخور نامەرت كىلىدۇ. ھەسەتخور تاۋى نازۇك كىلىدۇ.

دۇنيانى مېھىر-مۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11225
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 686 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 12:47:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىنىڭ ئالدىڭدا باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان ئادەم ، چۇقۇمكى باشقىلارنىڭ ئالدىدا سىنىڭ غەيۋىتىڭنى قىلىدۇ .

ھەققىمدە نىمىلەرنى ئويلىساڭ ، ساڭا ئىككى ھەسسىلەپ بولسۇن .

دۇنيانى مېھىر-مۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11225
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 686 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 12:47:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىنىڭ ئالدىڭدا باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان ئادەم ، چۇقۇمكى باشقىلارنىڭ ئالدىدا سىنىڭ غەيۋىتىڭنى قىلىدۇ .

ھەققىمدە نىمىلەرنى ئويلىساڭ ، ساڭا ئىككى ھەسسىلەپ بولسۇن .

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1701 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 12:56:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەسەتخورلۇق تولىمۇ يامان كىسەل ،ھەسەتخورلۇق ئويلىمىغان پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،شۇڭا بۇكىسەلنى ئۆزىمىزدىن يىراق تۇتىشىمىز كىرەك.بۇ ئىسىل ھىكمەتلەردىن نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇق رەھمەت سىزگە

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 335 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 01:35:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akkani يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 06:30 PM
*ئوت ئۇتۇننى كۆيدۈرگەندەك،ھەسەت ساۋاپنى كۆيدۈرىدۇ.
*ھە ...

ئەلى قۇربان دىگەندەك ھەۋەس قىپ تۇرۇپ  ھەسەت  قىلساقمۇ   سىز دىگەندەك بولامدۇ ؟
بۇ سىزنىڭ تىمىڭىزغا قۇسۇر چىقاغىنىم ئەمەس سوراپ بىلىۋالاي دىگەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 982
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1717
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 315 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 02:45:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەسەتخورلۇق -ئىنسان روھى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئەڭ زور ئاپەت .

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 982
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1717
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 315 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 02:46:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ئېيتشىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ..

رەھمەت سىزگە ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئۇچراتسىڭىز دەرھال يوللاپ تۇرۇڭ ، بىزمۇ قەلبىمىزگە يېزىۋالايلى ...

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش