ئابدۇشۈكۈر قاسىم
«يېڭى تىلەمچى»
ھېكايە
بىكار كۈنلىرىمىنى كىتابخانىدا ئۆتكۈزۈش كۈندىلىك ئادىتىمگە ئايلانغان ئىدى. بۈگۈنمۇ بىر ئاز بىكار بولۇپ، كىتابخانىغا كىرىپ كىتاب كۆرۈپ، چۈش ۋاقتى بولغىنىنى سەزمەيلا قاپتىمەن. بىر چاغدا قورسىقىمنىڭ ماڭا ئاچچىقى كەلگەندەك غولدۇرلىشى بىلەن ئىلاجىسىز كىتابخانىدىن ئايرىلىپ، تاماق يېيىش ئۈچۈن كۆكتات بازىرى تەرەپتىكى ئاشخانىغا قاراپ ماڭدىم.
ئاشخانىغا بېرىش ئۈچۈن تۆت كوچىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. پىيادىلەر كوچىسىنىڭ يولدىن كېسىپ ئۆتىدىغان بۆلىكىدە ھەر خىل ھالەتتىكى تىلەمچىلەر، ئۆتكەن-كەچكەنلەردىن سەدىقە تىلەپ كەچلىكى قەيەرگىدۇر غايىپ بولاتتى. مەنمۇ ئۇلاردىن بىر قانچىسىگە بىر نەچچە يۈەن بېرىپ يولۇمنى داۋاملاشتۇرۇپ كېتىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئالدى تەرىپىمدىن كەلگەن ئوتتۇرا بوي، ئۇچىسىغا قىزىل چاپان، قارا ئۇزۇن يوپكا كېيگەن، قارا ياغلىقنى چۆكۈرۈپ چىگىپ، يۈزىگە ماسكا تاقىۋالغان بىر چوكان:
-ئاكا، توختىسىلا، سىلىگە بىر گېپىم بار ئىدى، دېدى. مەن ھودۇقۇپ دەرھال ئالدى-كەينىمگە قاراپ بىز ئاز تەمتىرەپ :
-ھە، نېمە گەپ ئىدى؟ دېدىم. چوكان بىز ئاز خېجىل بولغاندەك تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرۇپ:
-قارىسىلا ئاكا، مەن كورلىدىن تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ئەتىگەن بۇ ناھيىگە كەلگەن ئىدىم. بىراق بۇ يەرگە كېلىپلا پۇل قاپچۇقۇمنى يانچۇقچى ئېلىۋاپتۇ. ئەتىگەندىن بېرى تاماقمۇ يېمىدىم، تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە باراي دېسەم يېنىمدا بىر پۇڭمۇ يوق. شۇڭا، خۇدانىڭ ھەققىدە مەندەك بىر مۇساپىر ئاجىزەگە ياردەم قىلىپ قويسىلا، مەندىن يانمىسا خۇدادىن يانار، دېدى تۆۋەن ئاۋازدا. مەن چوكاننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىختيارسىز يانچۇقۇمدىن 20 يۈەننى چىقىرىپ چوكانغا تەڭلىدىم. چوكان پۇلنى ئېلىپ يولىغا داۋام قىلدى.
ئاشخانىغا كىرىپ كاۋاپ بۇيرۇپ ئولتۇردۇم. خىيالىمدا بايىقى چوكاننىڭ بىچارە ھالىتى ئەكس ئېتەتتى. كاۋاپمۇ كەلتۈرۈلدى. مەن كاۋاپنى يەپ بولۇپ، كىتابخانىغا قاراپ ماڭدىم. كىتابخانىغا ئاز قالغاندا، قارىسام بايىقى چوكان يەنە باشقىلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ «ھال»ئېيىتقىلى تۇرۇپتۇ. مەن بۇ قېتىم سەل سەگەكلىشىپ ئۆزۈمنى دالدىغا ئېلىپ چوكاننى كۆزىتىشكە باشلىدىم.
چوكان يولدىن ئۆتكەن يالغۇز ماڭغان ھەر قانداق بىر ئادەمگە «ھال» ئېيتىۋاتاتتى. بىر دەمىنىڭ ئىچىدە تۆت-بەش ئادەمنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئۇلاردىن خېلى كۆپ بىر بەرسە ئۈندۈردى ھەم ئارلىقتا بولۇڭغىراق بېرىپ يانچۇقىدىكى «غەللە» نى رەتلەپ، يەنە ئىشىنى داۋاملاشتۇردى. مەن چوكاننى كۆزىتىشتىن زېرىكىپ ئۇنى بىر چۈچۈتۇپ قويماقچى بولۇپ، ئەتەي ئۇ بىكار بولغان ۋاقىتتا يېنىدىن ئۆتتۈم. چوكان بايا ماڭا دىققەت قىلمىغانمۇ ياكى ئاچكۆزلىكى غالىپ كەلگەنمۇ ئشقىلىپ، يەنە يولۇمنى توسۇپ،«ھال»ئېيىتقىلى باشلىدى. مەن چوكاننىڭ سۆزىنى بۆلۈپ :
-سىڭلىم!، قارىسام بەش ئەزايىڭىز ساق، خېلى بىجىرىم چوكان ئىكەنسىز. مەيلى سىز راست كورلىدىن كەلگەن بولۇڭ ياكى بولماڭ، كىشلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىش، سىز، بىزگە مۇناسىپ كەلمەيغان ناچارئادەت. بايىنىڭياقى سىز خېلى كۆپ ئاقكۆڭۈل، رەھىمدىل ئادەملەردىن پايدىلىنىپ يانچۇقىڭىزنى يامان ئەمەس تولدۇرۋالدىڭىز. بىراق، سىز بەلكىم دىققەت قىلمغان بولسىڭىز كېرەك، سىزنى چارلاش ساقچىللىرى كۆزەتكىلى تۇرغىلى خېلى بولدى. ئەڭ ياخشىسى... چوكان سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلا-ئاڭلىماي ئەتراپقا ئەنسىزقاراپ ئۆزىدىن 15-20 مىتريەردە بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان چارلاش ساقچىللىرىنى كۆرۈپ دەرھال كىشلەر توپىغا قېتىلىپ كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولدى.