 |
 |
 |
 |
ئۈرۈمچى ۋاقتى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى شەنبە كەچ سائەت ئالتىدە باشلانغان مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان «كىم توپ شاھى» ئەلئىچى چېمپىيونلۇق تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى بالىلار تۈرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ قەشقەر ئوغۇل بالا توپ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ يۈشاتەن باشلانغۇچ دېخۇا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.
مۇسابىقە باشلىنىپ قەشقەر ئوغۇل بالا توپ كوماندىسىنىڭ 9-نومۇرلۇق توپچىسى ئەفېردىن چاقماق تېزلىكىدە توپ كىرگۈزدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئاخىرلاشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى رەقىبى گۇاڭدۇڭ كوماندىغا ئالتە توپ ئۇرىۋەتتى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمى مۇسابىقە باشلىنىپلا شۇنداق كۈچلۈك بولدى، ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچىدە ئېنىقلام چوڭ پەرق بار ئىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدىلا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 9-نومۇرلۇق ماھىرى ئەلفېردىن ‹‹قالپاق ئويۇنى›› قويدى، 8-نومۇر مەمەتئىمىن ئىككى توپ كىرگۈزدى، 10 نومۇرلۇق ئېلشاتمۇ بىر توپ كىرگۈزدى. ئالدىنقى مەيداندىلا مۇسابىقىنىڭ يېڭىش-يېڭىلىشى ئايرىلىپ بولغانىدى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىكى سۇ تىيەنشى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ كىرگۈزدى. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى مەمەتئىمىن بىلەن مەۋلاننىڭ توپ كىرگۈزۈشى مۇسابىقىنىڭ رىقابەتلىشىش كۈچىنى يوق قىلدى.
شىنجاڭ كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىدا رەقىبىنى 8-2 چوڭ نومۇر پەرقتە يېڭىپ، «كىم توپ شاھى» ئەلئىچى چېمپىيونلۇق تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى بالىلار تۈرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتلىك چېمپىيونى بولدى. يارايسىلەر ئەزىمەتلەر! خەلقىمىز سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ!
نۇر تورى دىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bulack تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-15 12:43 PM
|
 |
 |
 |
 |
|