مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 932|ئىنكاس: 19

ئاھ، قەدىرلىك كەسپىم! (روماننىڭ داۋامى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1122 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 08:11:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

17

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) a, E) {4 T- @7 D0 E& A2 X: {

    ‹‹ئاڭلا بەز، ئاڭلا! ساڭا سۆزلەۋاتىمەن:

    قىز قەلبى ئۇ بىر نازۇك ئەينەك: سەن ئۇنىڭغا ئۆزۈڭنىڭ بارچە گۈزەل قەلبىنى ئېنىق قىلىپ كۆرسىتەلىسەڭ، ئۇ ئەلۋەتتە سېنى سۆيۈملۈك، قەدىرلىك كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ھىيلىگەرلىك، ساختىلىق قىياپىتىڭ، مۇز كەبى سوغۇق توڭ ھالىتىڭ بىلەن كۆرۈنسەڭ، ئەلۋەتتە ئۇ سېنىڭ تاش يۈرەكلىكىڭنى نامايان قىلىدۇ. ئەينەك قانداق نەرسە؟ ئۇنى ئاسرىمىساڭ، يۈزلىرىنى سۈرتۈپ تۇرمىساڭ داغلىشىدۇ ــــ سېنى كۆرۈمسىز كۆرسىتىدۇ؛ ئېھتىياتسىزلىقتىن قولۇڭدىن چۈشۈرۈپ قويساڭ ياكى نېمىدىندۇر پەيدا بولغان ئاچچىق تۈپەيلى ئۇنى يەرگە ئۇرساڭ ئۇ پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ، كېيىنچە ئۇنى ھەرگىزمۇ ئەسلىدىكىدەك قادالمايسەن. شۇڭا ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ ۋاقتىڭنى ئاجرىتىپ قوي، زېھنىڭنى بېرىپ قوي، دىققىتىڭنى ئوبدانراق قارىتىپ قوي!

    نەمتۇل، ئاڭلاۋاتامسەن؟ بۇ ساڭا ئېيتىلغان ئاچچىق ھەم تاتلىق سۆزلىرىمدۇر! قىشلىق تەتىل كۈنلىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانسىرى سەن نېمە ئۈچۈن رۇقىيە توغرۇلۇق مەن بىلەن پاراڭلاشمايسەن، نېمە ئۈچۈن ئاينۇرنىڭ پۇتبول مەيدانىدىكى بىنورمال ھالىتىگە ئىپادە بىلدۈرمەيسەن، نېمە ئۈچۈن قىزلار توغرۇلۇق پىكىر قىلىشتىن ئۆزۈڭنى قاچۇرىسەن؟!  ئەجىبا قىزلارنىڭ نازۇك قەلبى سېنىڭ تومتاقلىق بىلەن ئېيتىلغان ئۈنلۈك سۆزلىرىڭگە بەرداشلىق بېرەلەرمۇ؟ قاتمال، كېلەڭسىز بەدىنىڭنى، چۇپۇ باسقان يۈزۈڭنى بىر كۆرۈشكە ئىنتىزار بولىۋاتقان شۇ سۈزۈك چىراي، چوڭ كۆزلەر سېنى ئىزدىمەسمۇ؟ سەن ھازىر قاچانلا قارىسا ياتاققا بىكىنىۋېلىپ يالغاندىن كىتاب كۆرگەن بولىۋالىسەن (بەلكى قېتىرقىنىپ ئوقۇۋاتقانسەن)، ئىلگىرىكىدەك پۇتبول مەيدانلىرىدا توپ قوغلىمايسەن ياكى بىز بىلەن كۆپ پاراڭلاشمايسەن. قېنى سېنىڭ ھېلىقى ئاخشامدىكى غايە توغرىسىدا سۆزلىگەنلىرىڭ؟! كارۋىتىڭدىن چۈش، موما تاپىنىدەك مونچاق-مونچاقلىق لاتا خېيىڭنى كەي، كەڭرى توپىلىق مەيداندا ھارغىچە يۈگۈر! بۇ سېنىڭ غايەڭ ئەمەسمىدى؟! ھازىرقىدەك بۇنداق ئەتىۋارلىقچېغىڭدا سېنى سېغىنغان چاك-چاك يۈرەكلەر ئازراق بولسىمۇ تەشنالىققا قانسۇن، كېچىلىرى ئۇخلىماستىن سەن توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ بىر-بىرىگە تەسەللىي بېرىشكەن ناتىۋانلارنىڭ سەن ئۈچۈن قەدىرسىز بولىۋاتقان ئاشۇ ساددا كۆڭۈللىرى ئازراق بولسىمۇ تەسكىن تاپىسۇن، ئۇلار سېنىڭ بۇ غايەڭ ئارقىلىق ئىس-تۈتەكسىز كۆيۈۋاتقان يۈرىكىگە ئازراق بولسىمۇ داۋا قىلسۇن!!!

    يەنە ئوبدان ئاڭلا:

    سەن ھازىر ياتاقتا خۇددى ئىشتىھاسىغا تويۇنغان قېرى كالىدەك بىغەملىك بىلەن مۆرەپيۈرىسەن. مەنچۇ؟ مەن سىرتتا ئۇ ئىككى ساددا قىزلارنىڭ نېمىگىدۇر تەلپۈنۈش چىقىپ تۇرغان قىيىن سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە ئامالسىزمەن. ئۇلار بىر-بىرىگە قىلچىمۇ كۈنداشلىق، ئۆچمەنلىك، ئاچچىق نەزەردە ئەمەس، بەلكى بىر چوڭ ئائىلىنىڭ ئىتتىپاق كېلىنلىرىدەك شۇنچىلىك خۇشخۇي. ئۇلارغا بۇنداق قىلىش ئاسانمۇ؟ ئويلاپ باققىنا، كۆكسىدە دەريا ئاقىدىغان بۇنداق ئېسىل قىزلارنى سەن يەنە قەيەردىن تاپىسەن؟!

    ــــ ئۇ ھەممىنى بىلەتتى. ــــ دەيدۇ رۇقىيە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئاينۇرنى ماڭا ئىشارەت قىلىپ.

    ــــ مەن ساڭا نەمتۇل توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگىنىمدىن ئالەمچە خۇشال بولىۋاتىمەن. ــــ دەيدۇ تېخى ئاينۇرمۇ رۇقىيەنىڭ مۆرىسىنى يېنىك قوچاقلاپ، ــــ سەندەك پەزىلەتلىك، سەمىمىي قىز بىلەن دوست بولۇپ ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. نەمتۇل، سىز نېمانچە خاپانباش؟

    ئۇلار ئۈنچىدەك چىشلىرىنى چىقىرىپ جىرىڭلىشىپ كەتتى، مەنمۇ ئۇلارغا جۆر بولدۇم. ئەمما نەمتۇل، شۇنى بىلگىنكى ئۇلارنىڭ كۈلۈپ تۇرغان سەبىي چىرايىدىن غۇۋا ئاچچىقنى، ئازابنى كۆرۈپ قالدىم، يۈرۈكۈم تۇزغا چىلانغاندەك بولدى. سەن كالۋا، ھاماقەت بەلكى بۇ ھېسسىياتنى ۋاقىتلىق چۈشەنمەسلىكىڭ مۈمكىن. لېكىن بەز، ھەقىقىي ئاچچىق ئەلەم، دورىسىز پۇشايماننى تېتىشقا تەييار تۇرغىن، ئاز ۋاقىتتىن كېيىن سېنىڭ قانداق ھالەتكە كېلىپ قالىدىغانلىقىڭنى ئەسكەرتىپ قوياي: ئېغىر كۈنلەر تېخى ئالدىڭدا!

    ــــ ئەسلىدە رۇقىيە ماڭا خەتنى نەمتۇلغا يەتكۈزۈپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى، ماڭا قەتئىي ئىشەنگەن دوستۇمغا ئاسىيلىق قىلغىنىمنى: خەتنى ئوغرىلىقچە ئوقۇپ، گۆدەكلىكتىن پەيدا بولغان ھەسەت بىلەن يىغلاپ چىققانلىقىمنى؛ كۆيدۈرۋەتمەكچى بولۇپ مەش تۈۋىدىكى قىيىن تاللاشقا جاۋاب تاپقىلى تاسلا قالغانلىقىمنى؛ رۇقىيەدىن يۈز ئۆرۈمەكچى بولغان ئەخمەقلەرچە ئويلىرىمنى... ھازىر ئويلىسام ئازابلىنىمەن، ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن. مېنى كەچۈرگىن، دوستۇم!

    ئاڭلاۋاتامسەن يۈزىدە تۈكى بار ئوغۇل بالا؟! ئاينۇرنىڭ يىغلىغان پېتى مەيداندىن چىقىپ كېتىشى ئۇنىڭ دوستلۇق ساداقىتى، دوستىغا قىلىنغان سەمىمىيىتى! بۇنداق ئالىجانابلىقنى سەن ھازىر رومانلاردىن ئۇچرىتالىشىڭ مۈمكىن.

    ــــ ياق، سېنى چۈشىنىمەن. ئۆز ئاشىقىنىڭ بارلىقىغا ئىنتىلىۋاتقان ئۈچىنچى بىر شەخسكە دوستلارچە مۇئامىلىدە بولۇپ، شۇ ئاشىقىنىڭ بارلىق سىرلىرىنى ئاشكارىلاپ بېرىش... بۇ نېمە دىگەن قىيىن؟!

مېنىڭمۇ گۆدەكلىكىمنى كەچۈر. ھېلىقى خەتنى ساڭا تاپشۇرۇپ بەش كۈن بولغاندىمۇ ئۇنى كىتابىڭنىڭ ئارىسىدىن ئۇچرىتىش... مېنى ئازابلاندۇرماي قالمىدى: سەندىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ پۇتبول مەيدانىنى ئايلانغاچ سەندىن نەپرەتلىنىش مېنىڭ ئەس-ھوشۇمنى يوقۇتۇپ يىقىلىشىمغا سەۋەب بولدى. بۇنى ئەمدى سەندىن كۆرمەيمەن، بۇ ئۆزۈمنىڭ نادانلىقى. دوستۇم، ساڭا قارىمىغان بىر نەچچە كۈنلۈك ئاچچىق چىرايىمنى ئەمدى كۆرمەسلىكىڭ مۈمكىن...

    ئەگەر يۈرىكىڭ بولسا پىنھان جايلارغا بېرىپ ئۈنلۈك ئوقۇپ باق، ئۆزۈڭنىڭ قولىقىغا ئىشەنمەي قالىسەن:

    ــــ دوستۇم، مەن سەۋەبلىك بىھۇش بولۇپ ياتقىنىڭدا قېشىڭغا كىرىپ ھەمراھ بولالمىدىم...

    ــــ ياق، ئۇ چاغدا كىرگەن بولساڭ كۆزۈمنى ئېچىپ سالساملا چاچلىرىڭنى يۇلۇۋېتىش مۈمكىن ئىدى. مانا ھازىر بەكمۇ ياخشى بولدى: بىز تارتىۋاتقان ئازاب ئوخشاش بولغاچقا بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىشكە ۋاقىت يېتەرلىك بولدى. سەنمۇ ئەينى چاغدا مېنى كۆرەر كۆزۈڭ يوق ئىدىغۇ، دەيمەن؟

    ــــ قىزلار قەلبىنى پەقەت قىزلارلا چۈشىنەلەيدۇ. سېنىڭ مۇشۇنداق ئوچۇق مىجەزىڭنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن، ئەمما سەن يەنىلا توڭ مىجەزگە ئامراق.

    ــــ سەنچۇ؟ سەن نەمتۇل بىلەن ئۇزۇن يىللىق تونۇشلاردىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىللىق تەبەسسۈممىگە ئېرىشەلمەپسەن ھەم ئېرىشەلمەيۋاتىسەن. مەن سەن ئۈچۈن ئازابلىنىمەن...

    ــــ مۇھەببەتدېگەن شۇ ئوخشايدۇ، دوستۇم. بىرىمىز قۇربان بېرىشنى خالايمىز، بىرىمىز ئۇنىڭ قۇربان بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز، يەنە بىرىمىز باشقىلارنى قۇربان بەرسىكەندەپ ئۈمىد قىلىمىز.

    ــــ شۇنداق، بۇ شۇنچە تاتلىق ئازاب، مۇچ قۇيۇلغان غىزادەك ئاچچىق، ئەمما ھوزۇرلۇق.

    ...

    بىلەمسەن؟ ئۇلار مەندىن سورايدۇ: ئۇ قايسى مۈشۈكنىڭ چىشلىرى ئارىسىدا ئويناپ يۈرىدۇ؟... ئۇ كۈلەمدۇ؟ ... ئۇ ئاچچىقلانسا قولىقى مىدىرلامدۇ؟... ئۇ كۈلۈشنى بىلسە كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كېتەمدۇ؟ ... ئۇنى قانداق قىلىش ئارقىلىق ئازابلاش مۈمكىن؟... ئۇنىڭ چىشلىرى سېرىقمۇ، ئاقمۇ؟...

    ــــ ھا...ھا...ھا...

    مەن قاقاقلاپ كۈلۈش ئارقىلىق بۇ ئاددىي، ئەمما ئېغىر سوئاللارغا جاۋاب بەرگەنمۇ بولدۇم، ئۇلارنىڭ زىل، ھوزۇرلۇق ئاۋازلىرىدىن قانائەت تاپقانمۇ بولدۇم. ئەمما ئۇلار سېنى مازاق قىلىپ كۈلىشەتتى، ئاخىرىدا بىر-بىرىگە قارىشىپ ئۇھسىنىپ توختاپ قالاتتى.

    نەمتۇل، مەنمۇ سېنى تىللايمەن! ھازىر يېنىمدا بولساڭ ئىدىڭ، سېنىڭ چۇۋۇق، جانسىز چاچلىرىڭ ئارىسىدىكى قاپاق كاللاڭغا نەچچىنى نوقىغان بولاتتىم؛ سېنى قوپال ھەرىكەتلىرىم بىلەن سەگەكلەندۈرگەن بولاتتىم؛ چىپراقۇتتەك تۈرۈلگەن پىشانەڭگە قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقان بەخت قۇشىڭغا بېشىڭدىن قەپەس ياساپ بەرگەن بولاتتىم...

    ئوقۇ نەمتۇل، ئوقۇغىن! دېگىنىمدەك خالىي جايلارغا بېرىپ ئۈنلۈك ئوقۇغىنكى، قولاقلىرىڭ سەن تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان، بۇندىن بۇرۇن تىڭشاپمۇ باقمىغان ھاياجانلىق سۆزلەرنى ئاڭلىسۇن!


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- T) R2 T+ q% }- Z! p. y

                                          ــــ ساڭا ئاچچىقلىنىپ: ئىدرىستىن.››


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! t$ ^$ I+ N1 j5 p1 ^" ~

    رۇقىيە بىلەن ئاينۇرنىڭ دوستلۇق مۇھەببىتىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمىدىم: نەچچە كۈنگىچە ئۇلارنىڭ شۇ قېتىمقى پاراڭلاردىن كېيىنكى چىراي ئىپادىلىرى، ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ قىزلارغا خاس كۈلۈشلىرى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. سىنىپ ئىچىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭلار: پەرھاتنىڭ كىتاب سوراپ قانچە قېتىم يېنىمغا كەلگەنلىكى، ئادىلنىڭ ‹‹يۈر مەيدانغا چىقىپ ئايلىنىپ كېرەيلى›› دەپ پىشىمدىن تارتىشلىرى، رېھىمجاننىڭ ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىۋاتقان كۈلكە ئاۋازلىرى، پەرۇخنىڭ ھازىرقى قىززىق نوقتىلار ھەققىدە ئۈنلۈك سۆزلەشلىرى، قىزلارنىڭ پىچىر-پىچىر پاراڭلىرى ۋە باشقىلارنىڭ يۇقىرى ئاۋازدىكى چاقچاقلىرى... ھېچ قايسىسىغا ئانچە دىققەت قىلمىدىم. پەقەت خىيالىمدا ‹‹نەمتۇل، رۇقىيە، ئاينۇر›› ئۈچ ‹‹غەۋغاچى›› ‹‹قۇيۇن›› پەيدا قىلىپلا تۇراتتى.

    مەن پەقەت چىدىمىدىم: قولۇمغا قەلەم ئالدىم-دە، نەمتۇلغا ئەڭ ئاچچىق، ئەڭ قاتتىق سۆزلىرىم بىلەن بىر پارچە خەت يېزىشنى باشلىدىم... بىر قېتىمدىلا يازدىمكى، ئوقۇماستىنلا ئىتتىك قەدىمىم بىلەن ياتاققا كىردىم. پەرۋاسىز دوستۇم، بىغەم دوستۇم، تاش يۈرەك دوستۇم، توڭ دوستۇم، خاپانباش دوستۇم... ئۇ خۇددى راھىبتەك ئولتۇرۇپ كىتابىنى ‹‹تىلاۋەت›› قىلىۋاتقان ئىكەن. مەن گەپ-سۆزسىزلا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ يازغان خەتلىرىمنى يۈزىگە قارىتىپ ئاتتىم. ۋاراقلار ئۇنىڭ كارۋىتى ئۈستىگە چېچىلدى (تەلىيىمگە يەرگە چۈشۈپ كەتمىدى). ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ خاراكتېرىگە زىت ھالدا باشقىچە ئىپادە بىلدۈرمەستىن، ئېرىنچەكلىك بىلەن قەغەزلەرنى تەردى-دە، ئۈنسىز ئوقۇشقا باشلىدى.

    ــــ ماڭ، سەن ئامراق توپىلىق مەيدانىڭغا چىقىپ ئۈنلۈك ئوقۇ!

    ئۇ خەتنى ئوقۇغاچ كارۋاتتىن چۈشتى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( v) Y& M( r5 t
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 I& y9 L& D: B

    (داۋامى بار...)

    2015-يىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنى يەكشەنبە، قاراقاش.

    مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-15 08:15 AM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 E$ Y" \) G  r; r/ m
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- i, h- q; m' E+ z

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1122 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 08:16:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    داۋامى يوللاندى...

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100262
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 257
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 10:52:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتەپتىكى مۇھەببەت دەرۋازا ئالدىغىچە .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- H# F7 M  A8 Kتوي قىلمىغاندىكى مۇھەببەت تار كۇچىغىچە ! بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 P+ J7 d1 H7 f9 y) \

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) a' s1 d2 V5 c# l* C% X$ A! Y نىكاھسىز مۇھەببەت ياشلىقنى ئوتقا تاشلايدىغان مەلئۇندۇر!

‹‹ئەلداۋادا ››ئەرلەرگە داۋا بار ، توربەت ئادىرسى : www.aldawa.cn  تېببىي مەسلەھەت سوراش تېلفۇنى ۋە ئۈندىدار نۇمۇرى : 15199470737

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1252
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 11:19:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرمۇ يېرىم يولدا توختايدۇ ھەقچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5586
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 01:16:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي يەنە داۋامى بارمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108534
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 506
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 04:02:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى   رۇماننى   ۋورىد   ھۆججىتىدە   ئۇرۇپ   ساقلىۋېلىپ   ،   سەل  كۆپرەك    يوللانسا   بوپتىكەن   ھازىرقى   ھالەتتە  يوللانسا  بۇنداق  باش  ئاخىرى  يوق  ،   يوللانغان   مەزمۇنمۇ   بەك  ئاز   مەزمۇنى   بۈلنۈپ   كىتىپ   ئۇقۇرمەننى   ئانچە   جەلىپ   قىلالمايدۇ  .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 o) _$ P& J0 r; [2 F( K! B* X
بىر  رۇماننى   يېزىپ   پۈتكۈزمەك  ئاسان   ئەمەس   ،ئەجىر   قىپسىز  تەشەككۈر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1122 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 11:16:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنجىرى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 11:19 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 H, s/ g: b- a9 w7 yبۇ ئەسەرمۇ يېرىم يولدا توختايدۇ ھەقچان
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# w0 ]$ O( t& }" B( g" Y: M  k7 M, j
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ئاللاھ خالىسا داۋاملىق يوللىنىدۇ...

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1122 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 11:17:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turmux.net يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 01:16 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 f5 {9 k/ J: a7 N
ۋاي يەنە داۋامى بارمۇ ؟

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' u, |$ O% z  t" O# ?% v- H0 @    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ياقتۇرۇپ ئوقۇغايسىز.

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1122 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 11:52:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىبا. يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 04:02 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ N, |$ c, y& U* I' i! nئەسلى   رۇماننى   ۋورىد   ھۆججىتىدە   ئۇرۇپ   ساقلىۋېلىپ    ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; _4 m) T! B0 j0 k0 |
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، بۇ رومان تېخى يېزىلىۋاتىدۇ، ۋاقىت يار بەرسىلا داۋامى يوللىنىدۇ.

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 961
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1684
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 04:04:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تېزراق يوللىڭە ، بەك ياخشى چىقىپتۇ ............ ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم ......... چۆككەندىكىن تازا بىر چۆكۈپ ئوقۇپ چىقاي ......

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش