مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1318|ئىنكاس: 20

يېڭى يىلدا تېپىلغان ماقال-تەمسىللەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78355
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3235
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-4-4
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 04:49:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېڭى يىلدا تېپىلغان ماقال-تەمسىللەر


1.   دەرەخ قۇرىسا ئوتۇن بولىدۇ، قىز چوڭ بولسا خوتۈن بولىدۇ.

2.   پىشقان مېۋە شاختا تۇرمايدۇ، ئىشچان يىگىت قاشتا تۇرمايدۇ.

3.   گۆش يىسەڭ چىشىڭغا كىرىدۇ، يىمىسەڭ چۈشۈڭگە كىرىدۇ.

4.   پەلەي كىيمىسەقولۇڭ توڭىدۇ، چاپان كىيمىسە دولۇڭ توڭىدۇ.

5.   كاككۈكنىڭ ئۇۋىسى يوق، قاغىنىڭ يىيىشى پوق.

6.   نوچى يىگىت پىچاقتا ئۆلەر، سەتەڭ خوتۈن قۇچاقتا ئۆلەر.

7.   تېرىغان يەردە نەم بولىدۇ، قېرىغان ئەردە غەم بولىدۇ.

8.   ئاش بۇزۇلسا ئىت يەيدۇ، ئەر بۇزۇلسا پىت يەيدۇ.

9.   ئېقىن سۇغا تۈكۈرمە، يولغا ئەخلەت سۈپۈرمە.

10.ھورۈن ئېشەككە قامچا كېرەك، يوغان كۆتەككە پالتا كېرەك.

11.مېۋىلىك دەرەخكە تاش ئاتساڭ تۆكىلىدۇ، ئېرى بارغا قاش ئاتساڭ يۆتىلىدۇ.

12.سەت خوتۈن ئۇپىغا ئامراق، ئەقىللىق خوتۈن جۇپىغا ئامراق.

13.ئەرنى ياشنىتاي دىسەڭ كۆڭلىنى ئال، يەرنى ياشنىتاي دىسەڭ دۆشىنى ئال.

14.ئەدەپسىزنى تىل بۇزىدۇ، پاكىز يەرنى قىل بۇزىدۇ.

15.پادىنىڭمۇ باشلامچىسى بار، گاچىنىڭمۇ ئالدامچىسى بار.

16.ئالدىمايدىغان تۈلكە يوق، تۈگىمەيدىغان كۈلكە يوق.

17.ئەسكى يەر تېرىغانچە تۈزىلىدۇ، بەڭۋاش ئەر قېرىغانچە بۇزىلىدۇ.

18.تامنىڭ ئۇلى ئاجىز بولسا ئۆرىلىدۇ، ئەرنىڭ پۇلى پاكىز بولسا كۆپىيىدۇ.

19.تۇگمەنگە يېقىن بولساڭ ئۈن بولىسەن، يامانغا يېقىن بولساڭ خۈن بولىسەن.

20.مۇز ئېرىسە سۇ تامار، ئەر ئېرىسە نۇر ياغار.

21.تۆشۈك چېلەكتە سۇ تۇرماس، شىرنىسى يوق چېچەكتە ھەرە تۇرماس.

22.ھاسىسى بار ئادەم يىقىلماس، ياخشىغا يامان قېتىلماس.

23.تۆگە يىقىلسا ئېشەككە يۈك چىقار، ئەر يېتىلسە مەيدىگە تۈك چىقار.

24.ئۇچرىغاننىڭ ھەممىسى ياخشى ئەمەس، ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسى ناخشا ئەمەس.

25.يۈز ئېيتىشقا لۆڭگە ياخشى، دەرت ئېيتىشقا بەڭگە ياخشى.

26.تارىنى چىڭدىمىغىچە تۈزۈلمەس، رىشتىنى بۇزمىغۈچە ئۈزۈلمەس.

27.تۈتۈنچىقسا مۇھىت بۇلغىنار، پۈتۈن چىقسا تۇغۇت قىينىلار.

28.مايسىنى تارتىۋەرسە قۇرىيدۇ، ئازاپنى تارتىۋەرسە قېرىيدۇ.

29.سۆگەت ئەۋرىشىم بولسا يارىشىدۇ، قىز ئەۋرىشىم بولسا قارىشىدۇ.

30.غازنىڭ باشلامچىسى ئالدىدا ئۇچار، تەڭرىنىڭ ئارغامچىسى دالدىدا تۇرار.

31.قاغىنىڭ قېرىسىنى، يولنىڭ نېرىسىنى بىلگىلى بولماس.

32.قۇرۇق ياغاچنى ئەگسە سۇنىدۇ، خوشنىغا سوغاق تەگسە كۆچىدۇ.

33.پىچاق داتلاشسا ئۆتمەس، تۈققان ياتلاشسا كەلمەس.

34.قىشنىڭ راھىتى ئوت بىلەن، ھېساپنىڭ ماھىيىتى چوت بىلەن.

35.كۆككە تۈكۈرسە يۈزگە چۈشىدۇ، خەققە تۈكۈرسە ئۆزگە چۈشىدۇ.

36.كۆسەي ئۇزۇن بولسا قول كۆيمەس، كارۋان ھورۈن بولسا يول تۈگىمەس.

37.كونا چاپان يامغۈردا ياخشى، شورپا ھامان چامغۈردا ياخشى.

38.ئورغاق تۈز بولماس، ئوسارغاق ئۈز بولماس.

39.يازلىق قوغۈن تولاشمايدۇ، دىتسىز خوتۈن قولاشمايدۇ.

40.يىلان ئەگرىلىگىنى بىلمەس، ئېلان لاۋزىلىقىنى بىلمەس.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-15 10:07 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 02:30:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ماقاللار ئىكەن
تەشەككۈر

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5756
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 10:15:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقارلىق ماقاللار ئىكەن، رەھمەت !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2902
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16664
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2566 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 10:22:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقال-تەمسىللەر بىر مىللەت ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى

                                                  م.گوركى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 717 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 10:31:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش تەجىربىلىرىدىن يەكۈنلىگەن ھېكمەتلەرنى توپلاپ،رەتلەش ئىنتايىن مۇھىم.

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6933
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 10:53:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل ماقال-تەمسىللەركەن..   رەھمەت.  ساقلىۋالايچۇ

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38374
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6613
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1505 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 11:39:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلىرى قاپىيە،بەزىلىرى ئەقلىيە سۆزلەركەن،كۆپ قىسملىرى ماقاللاركەن.

مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ھويلا-بىلوگىدىن ،مىنىڭ بىلوگىمغا ئىشتىراك قىلىپ،تېمىلارنى ئوقۇپ بېقىڭ،يېڭىچە تەپەككۇرغا ئىگە بۇلۇشىڭىز مۆمكىن...

سېرىق ئەپيۇنگۈل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 12:38:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىجادىي ماقال - تەمسىللەرمۇ؟

دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113432
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 244
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2015-1-21
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 02:47:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداقلا بولمىسۇن كۆپ ئەجىر قىلىپسز ئەقلىڭىزگە بارىكاللا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 808 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 03:58:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاپىيداش سۆزلەردىن بىرىكتۈرۈلگەن بۇ يېڭى ماقال-تەمسىللەر خېلى ياخشى چىقىپتۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش