  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					
 
 
 
       سۇغۇق قىش كۈنلىرى ئىدى ، يېزىلاردا قارلار خۇددى مەرمەردەك پاقراپ ئادەمگە بىرخىل ھۇزۇر بېغىشلايتتى  ، مانا ئاشۇ گۈزەل يېزىدا ئايشەمگۈل ھەدىنىڭ ئۈيىگە ئۇنى يوقلايدىغانلار ئۈزۈلمەستىن كىلىۋاتتى ، بىچچارە ئايال يۈرەك سانجىق كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بۇلۇپ مانا بۈگۈن بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا ئىدى . يالغۇز ئوغلى ئەلى ئەمدىلا 22ياشقا كىرگەن ئىدى ئانىسىغا بەكمۇ مىھرىبان كۈيۈمچان بالا بولغان ئىدى . 
       مانا ئەلى نىڭ ھىكايىسى دەل شۇكۈنى سەھرادا باشلاندى ،  ئىشىك قېقىلدى ، ئەلى ئىشكنى ئېچىپ كىرگەن مىھماننى يۇقۇرغا ئۆتۈشنى تەكلىپ قىلدى . بۇغداي ئۆڭ ، ئۇچچىسىدا قارا خېروم چاپان كىيىۋالغان ياسىن ئاخۇن ئۈنسىز كىرىپ ، ئايشەمگۈل ھەدىنىڭ گەپمۇ قىلالماس ئەلپازىدىن شۈركۈنۈپ، ئۈنسىز ئەلىگە بۇياققا چىققىن دەپ شەرەت قىلدى .  
      ئوغۇلۇم ئەلى مەن كىتىپ قالاي مانا بۇ 1000 سوم پۇلنى ئايشەمگۈل ھەدىنىڭ كىيىنلىكىگە ئىشلەتكىن ، ئەگەر پۇلدىن قىينىلىپ قالغۇدەك بولساڭ شەھەرگە كىرىپ مىنى ئىزدىگىن ، مانا بۇ مىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرۇم دەپلا ئالدىن تەييارلىۋالغاندەك بىر تىلفۇن نۇمرى يېزىغلىق قەغەزنى ئۇنىڭغا سۇندى . ئەلى ئۈنسىز قاراپ قالدى ، چۈنكى  دوختۇر ئوپرەتسىيەگە لازىم دىگەن 1000 سوم پۇل بۈگۈن قۇلىدا تۇراتتى . ئانا  دەپ يۈگرۈپ كىردى ئۆيگە ،  ئايشەمگۈل ھەدە ئاللابۇرۇن ئەلىنى تاشلاپ كىتىپ بولغان ئىدى .  
       كۈنلەر ئۆتتى ئەلى پۇلدىن قىنىلىشقا باشلىدى ، ھەر دائىم ئېتتىزنىڭ ئىشىنى قىۋاتقاندا ئىسىگە ھېلقى ياسىن ئاخۇن نىڭ سۆزى ئىسىگە كىلدىغان بۇپ قالدى ، ئۇ ئاخىرى ئۆيىنى سۈيۈملۈك يۇرتىنى تاشلاپ سەھرادىن -  شەھەرگە قارارپ ئاتلاندى . ئەلى ئىككى كىچە كۈندۈز يول مېڭىپ ئاخىرى شەھەر ئىچىگە كىرگەن ئىدى ، قوساقلىرى ئاچ ھالسىز لىنىپ شەھەر ئىچىمۇ ئۇنىڭغا ئېتتىزلىقتەك بىلنىۋاتاتتى ، ئاكا بۇنۇمۇرغا تىلغۇن قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز دىدى ئۇ قاۋۇل كەلگەن بۇرۇتلۇق بىر ئادەمگە ، ئۇ ئادەم قۇلدىكى تىلغۇن نۇمرى يېزىغلىق قەغەزنى ئېلىپ بىردەم قارىۋېتىپ تىلفۇنىسىغا باستىدە مانا ئۇلاندى دەپ ئەلىگە بەدى ، ئەلىنىڭ يۈزىگە كۈلكە يۈگۈرگەندەك بۇلۇپ تىلفۇننى ئالدى ۋەي ئاكا مەن ئەلى ، ئايشەمگۈلخاننڭ ئوغلى بۇلىمە ، ھە ئۇكام قانداق ئەھۋالىڭ  ئورنۇڭنىدە مەن ھازىرلا سىنى ئاغىلى باراي ، شۇنداق دىيىشكەنچە يېرىم سائەت بۇلاي دىمەيلا ئۇلار دىدارلاشتى . ئۇلار ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەپ بولغان دىن كىيىن بىر ئىلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇق خانىغا كىردى ، ئەلى ئەزەلدىن كىرىپ باقمىغان ۋە ئاڭلاپ باقمىغان بىريەرگە كىرىپ قالغان ئىدى . ھە ئۇكام نىمە ئوينىساڭ شۇنى ئوينىغىن پۇل مەندىن . ئەلى بۇ نەرسىلەرنىڭ ھېچقايسىنى چۈشەنمەيتتى . شۇ تەرىقىدە ياسىننىڭ  كەينىدە ئون نەچچە كۈن شۇنداق قىماخانىلاردا ئويۇنچۇق خانىلاردە ، ئەگىشىپ يۈردى ، ئۇ شۇ تۈردىكى بىر ئۇيۇنغا قىززىقىپ قالغان ئىدى ، ئۇنىڭ دا قىزىل ،كۆك، سېرىق ، دەپ قەرت ئېچىپ بىرەتتى ئەگەر قىزىل بىلەن كۆككە كەلسە شۇنىڭغا تىكەن پۇلىسى ھەسسىلىنىپ كىلەتتى . ياسىن ئارلىقتا ئۇنىڭغا 500 يۈئەن دەسمى سېلىپ بەردى  ئەلى ياسىن بەرگەن 500 يۈئەننى 2000 يۈئەنگە ئايلاندۇرۇپ ياسىنغا تەڭلىدى . ھە ئۇكا  بۇ دىگەن سىنىڭ ھەقىڭ مەن ئالسام قانداق بۇلىدۇ 1500 نى ئۈزۈڭ ئالغىن ئۈزۈمنىڭ كىنى ئۆزۈم ئالغان بۇلاي  دەپ ئىشنى تۈگەتتى .  
       كۈنلەر شۇتەرىقىدە ئۆتۈپ نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى ئەلى ياسىنغا ئۇنى بۇنى دەپ شۇ يەرلەردە يۈرۈپ 10000 يۈئەن قەرىزگە كىرىپقالغانلىقىنى ئۆزمۇ بىلمەي يۈرەتتى . ياسىن نىڭ بىركۈنى نىيتى ئاشكارلاندى . ھە ئۇكام ئەلى 10000يۈەن  پۇل ئاز پۇل ئەمەس مىنىڭ ئەھۋالىمنىمۇ ئۆزۈڭ بىلىسەن ، ماڭا ھازىر ئىككى كۈن ئىچىگىچە جىددى پۇل لازىم ، ھە بۇپ تۇ  ئۇكام  10000 يۈئەن پۇلۇمنى بىرەلمىسەڭمۇ   5000 نى بەگىن  قاغاننى ئايشەمگۈل ھەدەمنىڭ يۈزنى قىلىپ ساڭا تارتۇق قىلغان بۇلايدىدى ، ئەلىنىڭ 5000 مىڭنى ھەرگىز تاپالمايدىغانلىقىنى بىلگەن ياسىن . ئاكا 5000 يۈئەن پۇلنى مەن نەدىن تاپىمە دەپ ئەلىنىڭ بېشى قېتىشقا باشلىدى . تاپىسە ئۇكا ، سەندە پۇل  بارغۇ دەپ ئەسكەرتتى ، يېزدىكى ئۆيى بىلەن ئېتتىزنى ئۇنىڭ ئېسىگە سالدى . ئۇكام ئەمدى يېزاڭنى يۇغۇشتۇرۇپ شەھەرگە كۆچكىن بۇيەردە ئۆيلەر جېق قەۋەتلەپ قەۋەتلەپ بىنالارنى سېلىۋاتىدۇ . يېزدىكى ئۆي يېرىڭنى ساتساڭ ، شەھەردە ماشىناڭ ئۆيۈڭ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ  كالۋا شۇنىڭغىمۇ كاللاڭ ئىشمەمدۇ دىدى ياسىن . ئەلى شەيتان ۋە ئادىمى شەيتاننىڭ يول باشلىشى بىلەن 200000 مىڭ يۈئەنگە يېزدىكى ئۆي ئېتتىزلىرىنى ساتتى .   
        كۈنلەر ئۆتتى يىللار ئۆتتى ئەلى ئۇيۇنچۇق سورۇنلىرىدا ھەممە پۇلىرىنى يوققىلدى ، ياسىنمۇ ئۇنىڭدىن ئاللابۇرۇن ئالدىغان نەپنى ئېلىپ بولغان ئىدى ، ئەسلى 200000 مىڭغا ساتقان يەر ئېتتىز لىرى 1مىلىيوندىن ئارتۇق پۇلغا يارايدىكەن تۇق ، بىركۈنى ئەلى بۇئىشنىڭ تىگىگە يىتىپ ، ئىچ ئىچىدىن يۈركى ئېچىشىپ ياسىنغا يۈزمىڭ لەنەت ئوقۇپ تىز سۆرەتلىك تاشيولنىڭ سېرىق سىزقىنى بويلاپ يېزىسىغا كىتىۋاتقىنىدا قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى  .  بىمارنىڭ يېنىدا كىملىك ھېچنىمسى يوق ئىكەن بىمار نىڭ چوڭ مىڭسىز قېقلىپ بىرىپ تۇ روھى كىسەل ياكى ساراڭ بۇلۇپ قېلشى يۈزدە يەتمىش دىگەنچە دىئاگىنوز قويدى . دىگەندەك ئەلى روھى كىسەل بۇلۇپ ساقايدى .  يوللار دا ئۇنىڭ ئۈنسىز ئۆز ئۈزىگە بىرنىمىلەرنىدۇ دە ۋاتقانلىقى ھەممە ئادەمنى جەلپقىلىپ ئۆزگە قارتاتتى . 
 
 
                            يازغۇچى :    ئابدۇۋەلى   ئۆزيازمام  
 
 
 
 
 
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xarif تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 04:51 PM   
 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |