مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەيىندىكى «سۆز»ۋە «تۈركلەرنىڭ يارىتىلىشى» غا مۇناسىۋەتلىك بايانلار توغرىسىدا قىسقىچە تەھلىل
تېخى ئوقۇغۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن ماقالەمدىكى (تەسىرات دېسەكمۇ بولىدۇ) بەزى سەۋەنلىكلەردىن مۇستەسنا ئەمەسمەن خاتالىقلارنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە ئۇلۇغ بوۋىمىزئەلىشىر نەۋائىينىڭ «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەيىن» دېگەن كىتابىدىكى سۆزنىڭ تەبىرىتوغرىسىدىكى تەلقىنلىق بايانلىرى ۋە تۈركلەر بىلەن سارتلارنىڭ يارىتىلىشىھەققىدىكى سېلىشتۇرمىلىق بايانلىرى قىسقىچە تەھلىل قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئەلىشىر نەۋائىي؛ سۆز؛ تۈرك
ئەلىشىرنەۋائىي بوۋىمىز سۆز ھەققىدە ئۆزىنىڭ تىلشۇناسلىق ئەسىرى بولغان «مۇھاكەمەتۇللۇغەتەيىن» دە مۇنداق دەپ يازىدۇ: « سۆز ئەھلى ئورمىسىنىڭ باش تەرگۈچىسى، سۆز ئۈنچىلىرى خەزىنىسىنىڭ ئىشەنچىلىكقوغدىغۇچىسى، نەزم گۈلىستانىنىڭ خۇش ناۋا بۇلبۇلى يەنى نەۋائىي تەخەللۇسلۇقئەلىشىر (خۇدا ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسۇن ۋە يېتىشسىزلىكلىرىنى تولۇقلىسۇن)مۇنداق دەيدۇ:
سۆزئۈنچىدۇر، ئۇنىڭ دېڭىزى كۆڭۈلدۇر. كۆڭۈل پۈتۈن مەنىلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەمقىلغۇچىدۇر. گۆھەر دېڭىزدىن غەۋۋاس ۋاستىسى بىلەن چىقىپ ئۆز جىلۋىسىنى نامايىشقىلىدۇ ۋە گۆھەرشۇناسلار ئىچىدە ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش،كۆڭۈلدىكى سۆز ئۈنچىلىرىمۇ نۇتۇق شەرىپىگە شۇ ئىشنىڭ ماھىرلىرى ۋاستىسى بىلەنئېرىشىپ ئۆز كۆركىنى تاپىدۇ ۋە ئۆز قىممىتى ھەم مەرتىۋىسىگە قاراپ يېيىلىدۇ ۋەشۆھرەت قازىنىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە«سۆز» دېگەن كەلىمىگە مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن: «سۆز ــ ئى ⑴ ‹تىل› تىلنى تەشكىلقىلىدىغان، تاۋۇش بىلەن مەنە زىچ بىرىككەن، تىلدا ئەركىن قوللىنىشقا بولىدىغان ئەڭكىچىك لېكسىكىلىق بىرلىك. ⑵ گەپ، گەپ-سۆز، نۇتۇق. ⑶ مىش-مىش گەپ؛ئىغۋا: سۆز تارالماق. ⑷ ۋەدە، لەۋز: سۆزىدە تۇرماق. ⑸ ‹دېگەن› سۈپەتدىشىبىلەن كېسىم رولىدا كېلىپ ‹… بىلەن باراۋەر›، ‹باشقا نەرسە ئەمەس› دېگەن مەنىلەرنىبىلدۈرىدۇ: ھەممە پەندىن ياخشى ئۆتتۈم، ئەمدى ئۇنىۋېرسىتېتقا كەتتۇق دېگەن سۆز».
يۇقارقىئىككى چۈشەندۈرۈشنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىينىڭ سۆز ھەققىدىكىتەبىرىدىن بىرخىل پەلسەپىۋى پۇراقنى ھېس قىلىمىز. ھەم بوۋىمىز نەۋائىينىڭ«ئېلىمىزنىڭ 15-ئەسىردىكى ئۇلۇغ شائىرى، مۇتەپەككۇرى، جەمئىيەت ئەربابى، ئۇيغۇرئىدىئولوگىيىسى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدكى ئەڭ مەشھۇر، ئەڭمۇنەۋەر ۋەكىلى[1]»ئىكەنلىكىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئەقلىي ۋە ھېسسىي تەرەپتىن پۈتۈنلەي قايىل بولىمىز.ئۈنچە زامانىمىزدا ناھايىتى قىممەتلىك بىر ماددا. سۆزمۇ ھەم ئۆز نۆۋىتىدە ئىنساننىئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا چىقىرالايدىغان ھەم ئەڭ پەس ئورۇنغا چۈشۈرەلەيدىغان بىرئامىلدۇر. ھەم تارىختىن بېرى لۇتپۇللاھتەك قەھرىمانلار، گېتلىردەك جاھانگىرلار،چېرچىلدەك ئوغلانلار سۆزنىڭ نەقەدەر زور كۈچكە ئىكەنلىكىنى بىزگە ئەمەلىيىتى بىلەنمەلۇم قلىپ تۇرماقتا. زامانىمىزدىكى ئەڭ قىممەت ئۈنچە-گۆھەرلەرنىڭ بىرى بولغانئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ ھوقۇق ھاسىسىدىكى «ئافرىقا يۇلتۇزى» ناملىق ئالماسنىڭقېزىپ چىقىرىلغاندىكى باھاسى كەسىپ ئەھلىلىرى تەرىپىدىن يەتتە مىليارد 500 مىليونئامېرىكا دوللىرى[2]دەپ باھالانغانلىقى بىزگە سۆزنى ئۈنچىگە ئوخشاتقان ئەلىشىر بوۋىمىزنىڭ نېمە ئۈچۈنسۆزنى ئۈنچىگە ئوخشاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىزگە يېشىپ بېرىدۇ. بىز بۇلاردىن شۇنىھېس قىلىمىزكى بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىي شۇ زامانلاردىلا سۆزنىڭ شۇ دەرىجىدەبىباھالىقىنى چىن مەنىسى بىلەن ھېس قىلىپ يەتكەن.
بوۋىمىزئەلىشىر نەۋائىي يەنە «غەۋۋاس ۋاستىسى» بىلەن دېيىش ئارقىلىق سۆز ماھىرلىرى بولغانناتىقلارنى ئىشارەت قىلغان. چۈنكى سۆزنى جايىدا قىلىپ كىشىلەرنى ئېغىزلىرىغاقارىتالايدىغان كىشىلەر بولغىنىدەك، نۇتۇقى جايىدا ئەمەس كىشىلەرمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ.
ئەسەردەيەنە «سۆز ئۈنچىلىرىمۇ نۇتۇق شەرىپىگە شۇ ئىشنىڭ ماھىرلىرى ۋاستىسى بىلەن ئېرىشىپئۆز كۆركىنى تاپىدۇ ۋە ئۆز قىممىتى ھەم مەرتىۋىسىگە قاراپ يېيىلىدۇ ۋە شۆھرەتقازىنىدۇ.» دەپ يازىدۇ. بىز ھازىرمۇ يەنە بۇ سۆزنىڭ تىرىك ئىسپاتلىرىنىكۆرەلەيمىز. ئەلىشىر نەۋائىي بوۋىمىزنىڭ غەزەللىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا «دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك»، «قۇتادغۇ بىلىگ»، «تارىخى ھەمىدى»، «تارىخى رەشىدى»، «ئات ھەققىدەمۇخەممەس»… قاتارلىق «سۆز ئۈنچىلىرى» دەل بوۋىمىزنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىنىڭ تىرىكئىسپاتىدۇر.
※ ※ ※
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە«تۈرك» ۋە «تۈركىي» سۆزىگە مۇنداق تەبىر بەرگەن: «تۈرك ئى ‹ئىرق› مۇشۇ نام بىلەنئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىلەتكە مەنسۇپ كىشى، تۈركلەر ئاساسەن تۈركىيەگە جايلاشقانبولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ».
«تۈركىي ــ سۈپ ① نەسلى غۇلى تۈركتىن بولغان؛كۆكى ۋە يىلتىزى تۈرك بولغان: تۈركىي خەلق. تۈركىي مىللەت. ② تۈرك خەلقلىرى ۋەئۇلارنىڭ تىلى، يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ بولغان: تۈركىي تىللار». بوۋىمىزئەلىشىر نەۋائىي بولسا بۇ سۆزگە مۇنداق تەبىر بەرگەن: شۇ نەرسە مەلۇمكى، تۈركلەرسارتلارغا قارىغاندا ئۆتكۈر ۋە ئىدراكلىق، يارىتىلىش جەھەتتىن ساپ خەلقتۇر.سارتلار بولسا، چۈشەنچە، ئىلىم ۋە پىكىر قىلىشتا تۈركلەرگە قارىغاندا مۇپەسسەل ۋەچوڭقۇردۇر. بۇ ھال تۈركلەرنىڭ توغرىلىقى ۋە تۈز كۆڭۈللۈكىدىن، سارتلارنىڭ ئىلىم ۋەھۈنەرلىرىدىن ئېنىق كۆرۈنىدۇ.
بوۋىمىز نەۋائىي تۈركلەرنى سارتلار(پارسىيلار) بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يارىتىلىش جەھەتتىكىئالاھىدىلىكىنى بايان قىلغان. بوۋىمىز نەۋائىينىڭ مەزكۇر كىتابنى يېزىشتىكىمەقسىدىمۇ تۈرك تىلىنىڭ پارس تىلىدىن قېلىشمايدىغان ھەتتاكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقئىكەنلىكىنى نامايىش قىلىش ۋە «بېلى بوش تۈرك يىگىتلىرى» نى تۈرك تىلىنى تاشلاپپارس تىلىنى قوللىنىشتىن توسۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار مىللەتپەرۋەر بىر ئىدىيەنىتەشۋىق قىلىشتۇر. بۇ سېلىشتۇرۇشتا بوۋىمىز ئىككى مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر قازغان.چۈنكى تۈركلەر (جۈملىدىن ئۇيغۇرلار) ھەقىقەتەن ئۆتكۈر، ئىجادچان بىر خەلق، لېكىنئىزچىللىق، ئىنچىكىلىكتە پارسلار ياخشىراقتۇر. بۇ يەردىكى مەسىلە بوۋىمىز بىزلەرنىئۆتكۈرلۈكىمىز، ئىدراكىمىز ۋە ساپلىقىمىزنى ساقلاپ قالغان ھالدا «چۈشەنچە، ئىلىمۋە پىكىر قىلىشتا» چوڭقۇر بولۇشىمىزنى يوشۇرۇن ئىشارە قىلىدۇ. ھەم بۇنىڭ دەلىلىسۈپىتىدە پارس شائىلارنىڭ ناھايىتى كۆپ مەشھۇر شېئىرلارنى يازغانلىقىنى، تۈركشائىرلىرنىڭ ئۇلار بىلەن بەسلىشىپ يېزىپ باققان بولسىمۇ سۈپەت ۋە سان جەھەتتەئارقىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپ «تۈركىي تىلنىڭ پارس تىلىغا قارىغاندا شۇنچەئارتۇقلۇقى، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى شۇ قەدەر نازۇك ۋە ئەۋرىشىم تەرەپلىرى نەزمقائىدىلىرى ئاساسىدا نامايەن بولمىغانلىقى» ۋە «مەخپىيەتخانىغا تاشلىنىپئۇنتۇلۇشقا يېقىنلاشقان» لىقىدىن ۋايىم يېگەن. شۇ ۋاجىدىن ئۆزى ھەرىكەتكە كېلىپ تۈركچەئەسەر يازغان.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئەلىشىر بوۋىمىزنىڭ«سۆز» ھەققىدىكى بايانلىرى ئەقلىيلىكنى ئاساس قىلىپ پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ ھامىيسىبىلەن «غەۋۋاسلارچە» بېرىلگەن ئاجايىپ تەبىر بولسا، تۈركلەرنىڭ يارىتلىشىدىكىتەھلىلى قارىماققا تۈرك ۋە سارتلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تۈركلەرنىڭ يارىتىلىشغابېرىلگەن جاۋاب بولسىمۇ ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا «تۈركلەر ھەرگىزمۇ سارتلاردىنقېلىشمايدۇ. تۈرك تىلى سارت تىلىدىن ئەۋزەل» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھەميوشۇرۇن ھالدا «ئىي ‹بېلى بوش ئۇيغۇر يىگىتلىرى› چۈشەنچە، ئىلىم ۋە پىكىر قىلىشتا مۇپەسسەلۋە چوڭقۇر بولۇڭلار، يات تائىپىلەرنىڭ ئارقىدا قالماڭلار. تلىڭلارباشقىلارنىڭكىدىن ئەۋزەل بولغانىكەن ئۆزۈڭلامۇ ھەم شۇنداق بولۇڭلار» دەپ غايىبانەخىتاب قىلماقتا.
پايدىلانمىلار:
1. خەمىت تۆمۈر،ئابدۇرەئوپ پولات: «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەيىن» مىللەتلەر نەشرىياتى 1988-يىلى1-نەشرى.
2. جۇڭگو ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىت تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «نەۋائىيتۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى يىغىنيېتەكچىسى» 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى چىقىرىلغان.
3. شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىقى كومىتېتى تۈزگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 2011-يىلى 11-ئاي 1-نەشرى.
بەيدۇ ئېنىسكىلوپېدىيىسى. (http://baike.baidu.com/)
[1]جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىت تەرىپىدىنتۈزۈلگەن «نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقارالىق ئىلمىيمۇھاكىمە يىغىنى يىغىن يېتەكچىسى» دىن ئېلىندى
[2] بۇسانلىق مەلۇمات بەيدۇ ئېنىسكىلوپېدىيىسى (http://baike.baidu.com/item/%E8%8B%B1%E7%8E%8B%E6%9D%83%E6%9D%96) دىن ئېلىندى