مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1837|ئىنكاس: 28

رۇخسەت سوراش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79753
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3461
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 09:55:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابدۇشۈكۈر قاسىم                                          

رۇخسەت سوراش

ھېكايە

   يېقىندىن بېرى، ماخمۇت مۇئەللىمنىڭ سول كۆكرەك تەرىپى تۇرۇپ-تۇرۇپ ئاغرىق سېلىپ بىئارام قىلىپ قويۇۋاتاتتى. بىراق، ماخمۇت مۇئەللىم خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى، شۇنداقلا مەكتەپنىڭ رۇخسەت سوراش بەلگىلىمىسىنىڭ چىڭلىقى، جەريانىنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن تەتىل مەزگىلىدە داۋالىنىش نېيىتىدە خىزمەتنى يەنىلا ئەستايىدىللىق بىلەن باش چۆكۈرۈپ ئشلەۋاتاتتى.

  بۈگۈن قايتىش ۋاقتىدا بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا، ئەتە باشلىنىدىغان مەۋسۇملۇق ئىمتىھان مەزگىلىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. ئوقۇتقۇچىلار سوغۇق زالدا مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زورلاپ ئاڭلاپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

  مەۋسۇملۇق ئىمتىھان باشلانغىلى ھەش-پەش دېگۈچە ئىككى كۈن بولۇپ قالدى. ماخمۇت مۇئەللىم بۈگۈنمۇ دوسكىدىن ئۆزىنىڭ31 -مەيدانغا كومىسسىيەلىك قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىمتىھان سوئالىنى ئېلىپ بەلگىلەنگەن سىنىپقا كىرىپ كەلدى. ساۋاقداشلار ماخمۇت مۇئەللىمنى كۆرۈپ دۈررىدە ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ياڭراق ئاۋازدا ھۆرمەت بىلدۈردى. ماخمۇت مۇئەللىم خۇش تەبەسسۇم بىلەن ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا بۇيرۇپ، ئىمتىھان قائىدە-تۈزۈملىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈرگەندىن كېيىن سوئاللارنى تارقىتىشقا باشلىدى.

  ئىمتىھان باشلىنىپ 15مىنۇتلاردىن كېيىن ماخمۇت مۇئەللىمنىڭ سول تەرەپ كۆكرەك قىسمى چىممىدە قىلىپ قالدى. ماخمۇت مۇئەللىم ئۆزىدىن سەل ئەنسىرەپ تۇرسىمۇ يەنىلا كومىسسىيەلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋەردى. بىراق 100مىنۇتلۇق ئىمتىھان جەريانىدا بۇ خىل ھالەت ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىۋېدى ئۇ ئۆزىدىن خېلى ئەنسىرەپ قالدى. چۈنكى، بۇرۇن بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق سانى بۇنداق كۆپ ئەمەس ھەم ۋاقتىمۇ بۇنداق قىسقا ئەمەس ئىدى.

  ئىمتىھان ئاخىرلاشتى. ماخمۇت مۇئەللىم ئىمتىھان سوئاللىرىنى يىغىپ ئىلمى بۆلۈمگە كىرگەندە، ئىلمى بۆلۈمدە ئىمتىھان قەغىزىنى تىكىش ئىشىنى قىلىۋاتقان قەدىردان ماخمۇت مۇئەللىمنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ :

-ئاداش، نېمە بولدۇڭ؟ چىرايىڭ تاتىرىپ كېتىپتىغۇ؟! ئەتىگەن ناشتا قىلغان بولغىيتىڭ، - دېدى كۆيۈنگەن ھالدا. قەدىردان ماخمۇت مۇئەللىم بىلەن ئۇزۇن يىللىق ئاغىينە ھەم قوشنىلاردىن ئىدى. ماخمۇت مۇئەللىم سەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن قەدىرداننى يانغا تارتىپ:

- ئاداش، ئىككىمىز ئۇزۇن يىللىق ئاغىينە، ئارىمىزدا يوشۇرغۇدەك سىرمۇ يوق. ئەمدى، ساڭا دېسەم ئالدىنقى ئايدا سول كۆكرەك تەرىپىم سەل ئاغرىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتسەم، دوختۇر:

-مۇئەللىم، يۈرەكلىرىدە ئازراق مەسىلە باردەك قىلىدۇ. مۇمكىن بولسا دوختۇرخانىدا يېتىپ بىر مەزگىل داۋالانسىلا دېگەن،  مەن ھازىرچە دورا يەپ تۇرۇپ تەتىلدە بىراقلا داۋالىنارمەن دەپ بۈگۈنگە كەلگەن ئىدىم. بىراق،  بۈگۈن ئەھۋالىم باشقىچە تۇرىدۇ، بايا سىنىپتا بىر قانچە قېتىم قىينىلىپ چىقتىم. ئۆگۈنلۈككىچە تەخىر قىلسامغۇ رۇخسەت سوراشقىمۇ ئاسان ئىدى. ئەمدى قانداق قىلسام بولاركىن؟ - دېدى. قەدىردان ماخمۇت مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ:

-ئاداش، “جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان”  دېگەن گەپ بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە جان دېگەن كۈندە چېچەكلىمەيدۇ ياكى بازارغا كىرمەيدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى سالامەتلىك،  رۇخسەتنى قانداق ئالارمەن دەمسەن؟! قارا، بۇ مەكتەپتە ساڭا ئوخشاش ئىشلىگەنلەر ئىشلەۋىرىدۇ، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدىغانلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق. ئەتىگەن قارىسام ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن رۇخسەت سورىغانلار7-8 دىن ئېشىپ كېتىپتۇ. شۇڭا، سەن ئىكى-مىكى دەپ ۋاقىتىنى كەينىگە سۈرمەي دەرھال رۇخسەت سوراپ داۋالانغىن! - دېدى كۆيۈنگەن ھالدا.

ماخمۇت مۇئەللىم ئىشخانىغا كىرىپ، مەشنىڭ ئۈستىدە قويۇق ھورچىقىرىپ قايناپ تۇرغان چوڭ چەينەكتىن ئىستاكانىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئۈستىلىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، قايناقسۇنى ئىچكەچ:

-“راست، قەدىرداننىڭ سۆزىمۇ توغرا. تەن ساق بولسىلا ھەممە ئىشنى قىلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا مەن بۇ ئىشنى يەنە ئارقىغا سوزماي ھازىرلا رۇخسەت سوراي” دەپ ئويلىدى ۋە غەيرەتكە كېلىپ ئىستاكاننى ئۈستەلگە قويۇپ قويۇپ رۇخسەت سوراش جەدۋېلى ئېلىش ئۈچۈن سىياسي بۆلۈم تەرەپكە ماڭدى.

  ماخمۇت مۇئەللىم سىياسي بۆلۈمگە كىرگەندە بىر نەچچەيلەن كومپىيوتىر ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان بولۇپ، ئەلى قۇرباننىڭ«لېكسىيە» سى توغرىلىق قىزغىن بەس-مۇنازىرە قىلىشىۋاتقان ئىكەن. ماخمۇت مۇئەللىم رۇخسەت سوراش جەدۋېلىنى ئېلىپ ئىشخانىغا قايتىپ كىرىپ، بايا قۇيۇپ قويغان ئىستاكاندىكى چېيىنى ھوزۇرلىنىپ ئىچىۋەتكەندىن كېيىن جەدۋەلنى تولدۇرۇشقا باشلىدى. جەدۋەلنىغۇ بىردەمدە تولدۇردى بىراق جەدۋەلگە قول قويىدىغان پەن ۋەكىلى، گۇرۇپپا مەسئۇلى، ئىلمى مۇدىرلارنى تېپىپ قول قويدۇرغۇچە خېلى ۋاقىت كەتتى. ئەمدى، جەدۋەلگە ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى قول قويۇۋەتسىلا ئىش پۈتەتتى. ماخمۇت مۇئەللىم مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا ناھايىتى تەسلىكتە كىرىپ كەلگەندە مۇدىر ئىشخانىسىدا تاماكا چېكىپ ئولتۇراتتى. ئۇ ماخمۇت مۇئەللىمنىڭ قولىدىكى جەدۋەلنى كۆرۈپ قولىدىكى تۈگەي دەپ قالغان تاماكىسىنى كۈلدانغا بېسىۋەتكەندىن كېيىن:

-ھە، مۇئەللىم رۇخسەت سورىغىلى كىرگەنمىدىلە؟ دېگىنىچە ماخمۇت مۇئەللىمگە قارىدى. ماخمۇت مۇئەللىم خۇددى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان كىچىك بالىدەك دۇدۇقلاپ:

-ئەمدى، مۇدىر... شۇ ...ھازىرقى ۋاقىتتا رۇخسەت سورىمىسام بولاتتى. بىراق... شۇ... ئەھۋالىم تازا بۇنىڭغا يار بەرمەيۋاتىدۇ. شۇڭا... رۇخسەت بېرەرمىكىن دەپ –دېگەچ قولىدىكى جەدۋەلنى تەڭلىدى. مۇئاۋىن مۇدىر جەدۋەلگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن:

-مۇئەللىم، بولسىغۇ مېنىڭ ھازىرلا جەدۋەلگە قول قويۇپ بەرگۈم بار ئىدى، بىراق مەكتەپ مۇدىرىمىز ئالاھىدە ئەھۋال بولمىغان شارائىتتا بىرمۇ ئوقۇتقۇچىغا رۇخسەت بەرمەسلىكنى قاتتىق جېكىلىگەن. ئەستاغپۇرۇللا، ئەمدى قانداق قىلساق بولار؟ بولمىسا سىز مەكتەپ مۇدىرنىڭ ئۆزىدىنلا سوراپ خاتىرجەم داۋالانمامسىز!- دېدى ئۆزىنى ئەتەي كۆيۈنگەندەك كۆرسىتىپ. ماخمۇت مۇئەللىم:-باشقا رۇخسەت سورىغانلارنىڭ قانداق «ئالاھىدە»ئىشى بار ئىكەن، دېمەكچى بولۇپ يەنە ئويىدىن دەررۇ يالتايدى. چۈنكى، ماخمۇت مۇئەللىم ئەزەلدىن بىر ئىشتا باشقىلارغا بەس سېلىپ باقمىغان ئىدى.

ماخمۇت مۇئەللىم، چۈشكىچە مېڭىپمۇ قول قويدۇرالمىغان رۇخسەت سوراش جەدۋىلىنى كۆتۈرۈپ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. بىراق مەكتەپ مۇدىرىنىڭ  ئىشخانا ئىشكىگە يوغان قارا قۇلۇپ سېلىنغان ئىدى. ماخمۇت مۇئەللىم لەسسىدە بوشىشىپ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ قالغىلى تاس قالدى. شۇنداقتىمۇ چاندۇرماي ئىشخانىغا قايتىپ كىرىپ، چۈشتىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەكتەپكە كېلىشىنى ساقلاپ ئولتۇردى.

چۈشتىن كېيىنلىك يوقلىمىغا قول قويۇش باشلاندى. ماخمۇت مۇئەللىم يوقلىمىغا قول قويۇپ بولۇپ ئەتراپقا سىنچىلاپ قارىدى. بىراق، مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى تۈگۈل مەكتەپ ھويلىسىدىمۇ كۆرۈنمەيتتى. چۈشتىن كېيىنلىك ئىمتىھان ۋاقتى توشۇپ،كومىسسىيە بولىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسىملىكى دوسكىغا چاپلاندى. ماخمۇت مۇئەللىم يەنە كومىسسىيەلىككە بەلگىلەنگەن ئىدى. ئىمتىھان سوئاللىرى تارقىتىلدى. ماخمۇت مۇئەللىم مەكتەپ مۇدىرى ئىشىخانىسى تەرەپكە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا بىر قارىۋېتىپ ، يەردە ياتقان ئىمتىھان سوئالىغا ئېڭىشىۋىدى بېشى پىررىدە قايغاندەك بولۇپ، بىردىنلا ئوق يىلتىزىغا پالتا تەگكەن دەرەختەك ئىمتىھان سوئالنىڭ ئۈستىگىلا يىقىلدى.

                                             ئىجادىيىتىم  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.قاسىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 09:59 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85041
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 184
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 11:52:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت ،ھازىرقى  مائارىپ تۈزۈلمىمىز،مەكتەپلىرىمىزنىڭ،مەسئۇلىيەتسىز مۇدىرلىرىمىزنىڭ رىئاللىقىنى ئەينەن ئېچىپ بېرىپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1414
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 345 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 11:58:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەركىزىي ئىددىيىسى نىمە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5696
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 12:04:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچە ئاغرىقىنى بىلىپ تۇرۇپ مۇدىردىن رۇخسەت سوراپ يۈرگىچە، دۇختۇرغا بىرىپ، بالنىتسىدا يىتىپ دۇختۇرخانىنىڭ داۋالىنىىش، دەم ئىلىش قەغىزىنى ئەۋەتىپ بەرسە بولمامدۇ ئاۋۇ كالىنى سىغىپ ئۆلتۈرىدىغان مودىرغا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 768
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1692
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 631 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 12:05:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2427
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4311
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 1199 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 12:27:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رېئال تۇرمۇشتا بولغان ئىش بولسۇن ۋە ياكى توقۇلما بولسۇن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن  كېسىپ ئيېتىمەنكى بۇنداق ئىشلار ئارىمىزدا ھەقىقەتەن مەۋجۇت. ئالدىنقى يىلى ئۆزىنىڭ ئوتتۇز نەچچە يىللىق شەرەپلىك خىزمەت ۋەزىپىسىنى كەسىپداشلىرىنىڭ قەلبىدە قالغۇدەك دەرىجىدە تۈگۈتۈپ پىنسىيەگە ئىلتىماس سۇنغان بىر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىمىز يۈرەك كېسلى سەۋەبىدىن پىنسىيەگە چىقىش شەرەپ گۇۋاھنامىسىنىمۇ كۆرەلمەي تۈگەپ كەتتى. ھەممىمىز بىر مەزگىللەرگىچە ئۆزىمىزدىن ئەنسىرەپ يۈردۇق. چۈنكى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا بىز بىلەن بىرگە يۈرگەن بىر كەسىپدىشىمىزنىڭ تۇيۇقسىز ئارىمىزدىن غايىپ بولۇشى كۆڭلىمىزنى يىرىم قىلدى. ئارىمىزدا ھىكايىڭىزدە تىلغا ئېلىنغاندەك كەسىپكە ئىشتىياق باغلىغان ،ھەممىنى ئۇنتۇش بەدىلىگە شام كەبى كۆيۈۋاتقان ئۇستازلىرىمىز ئاز ئەمەس. لىكىن شۇ نەرسە يەنىلا يادىمىزدا بولسۇن، ئۇزاقراق يورۇقلۇق چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئاسراشقىمۇ ئەھمىيەت بىرەيلى. بەزىدە ئۆلۈك ھالدىكى قائىدە تۈزۈملەرگە بەكلا ئېسىلىۋىلىشمۇ ياخشى ئەمەس. چۈنكى كۆپ ئىتىراب قىلغان يەردە ئۇنداق بىر ئىككى باشلىقنىڭ نېمە دېيىشى ئانچە موھىم ئەمەس.

ھايات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 685
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 12:50:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قارىسام ماخمۇت مۇئەللىم مەسئۇلىيەتچاندەك كۆرىنىدۇ،ئەمما ئۆزىگە بولسا مەسئۇلىيەتسىزكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113558
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 582
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2015-1-25
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 01:06:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بەك ياخشى يېزىپسىز . قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي .دېمىسىمۇ  مۇشۇ كۈنلەردە ئۇقۇتقۇچىلارغا بولغان بىسىم ئېغىر ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر ئىنغان يوق . ھەييييييييييي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1097
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1971
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 09:09:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى   يېزىپسىز

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 644 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 10:25:27 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش