ئوغىرى يىگىتنىڭ سەرگۈزەشتىسى(2)
ياتاققا كىرسەم ھەممىسى مېنىڭ يولۇمغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ . كىرىشىم بىلەنلا ھەممىسى مېنى ئورىشىۋالدى ، قارىسام ئارىسىدا تاتلىقجان يوق تۇراتتى . مەن بىر ئىش بولغانلىقىنى پەملەپ تۇرىشىمغا «ئاكىمىز» كىرىپلا :
-ھە نىجات نوچى ، مەخەممەت لوبەن سېنى ئىزدەۋاتقىلى نەۋاق . نەدە لاغايلاپ يۈرىسەن ، تېز مەخەممەت لوبەننىڭ يېنىغا بار -دېدى . مەن ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن مەخەممەت لوبەننىڭ ئالدىغا باردىم . قارىسام تاتلىقجاننى ئېسىپ قويۇپ تازا ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ ، مەخەممەت لوبەن بولسا ئاغزىدىن تۈكۈرىكلىرىنى چاچىرىتىپ ئۇنى تىللاۋېتىپتۇ :
-ھۇھ ھارامزادە ، مەن سېنى بىكارغا بېقىۋاتامدىم ؟ ئەگەر ئۇ ئىككىسى قېچىپ كەتكەن بولسا مەن قانداق قىللاتتىم . بۇ ھارامزادىنى تازا ئۇرۇڭلار -دەپ يانپاشچىلارغا بۇيرۇق بىرىۋاتاتتى . يانپاشچىلار قەتتىي رەھىم قىلماستىن نەرى ئۇدۇل كەلسە شۇ يىرىگە ئۇرغىلى تۇردى .
مەخەممەت لوبەن مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يېنىمغا كەلدى ھەم كاچىتىمغا بىرنى سالدى :
-ھۇھ ھارامتاماق ، سەن بۈگۈن نەلەردە لاغايلاپ يۈردۈڭ . سېنى خېلى پىشىپ قالدى دېسەم ماڭا مۇشۇنداق قىلامسەن ؟ ھەي بولدى ئۇنى چۈشىرىۋېتىپ ماۋۇ ھارامتاماقنى ئېسىڭلار -دېدى . يانپاشچىلار بىردەمدىلا پۇت-قولۇمدىن باغلاپ ئېسىپ بولدى ھەم شۇنداق ئۇردىكى گۆشلىرىم سۆڭەكلىرىمدىن ئاجىراپ كەتكۈدەك ئۇردى . ئاخىرى ئاغرىققا چىدىماي مەخەممەت لوبەنگە يالۋۇردۇم . خۇداغا شۈكرى بۇ باغرى تاش ئىنسانغا نىمىش بولدىكى بۈگۈن ماڭا رەھىم قىلىپ قويغۇزىۋەتتى .
مىنى ھەم تاتلىقجان ئىككىمىزنى بىر قاراڭغۇ ، زەي بىر ئۆيگە سولاپ قويدى . مەن بىر تەرەپتىن ئاغرىق دەردىنى تارتسام ، يەنە بىر تەرەپتىن مېنىڭ ئۇۋالىمغا كەتكەن تاتلىقجانغا قاراپ يىغلاپ كەتتىم . تاتلىقجان كۆزىنى ئاران-ئاران ئېچىپ :
-نىجات بۇ سەنمۇ ؟-دىدى جانسىز ھالدا . مەن :
-شۇنداق بۇ مەن ئاداش ، نىمىش بولغانىدى ، سېنى نىمىشقا بۇنچە ئۇرۋەتتى ؟-دىدىم . ئۇ :
-ئاداش بىز باللىنى بازارغا ئاچىققان ۋاقىتتا ، سەن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتىڭ . مەن باللىنى يوقاپ كەتمىسۇن دەپ قايتۇرۇپ كىتىپ سەن كەلگەندە ئاچىقىلى دەپ قايتۇرۇپ كەلدىم . قارىسام ئىككىسى كەم ، دەرھل ئىزدىدىم . تاپالمىدىم ، باشقا باللىغا خەۋەر قىلسام ئۇلار پويىز ئىستانسى تەرەپكە كەتكەنلىكىنى دىدى . مەن بېرىپ تېپىپ بولغىچە مەخەممەت لوبەن تۇتۇپ ئېلىپ مېڭىپتۇ . مەن ئالدىغا بارسام «نىجات ئىككىڭ بىلەن قايتقاندا ھېسابلىشاي» دېدى ، شۇنىڭ بىلەن ياتاققا كىلىپلا سىنى سۈرۈشتۈرۈپ تاپالماي ئاچچىقى تېخىمۇ كەلدى . مېنى يالاقچىلارغا باغلاتقۇزۇپ راسا ئۇردى ، ھېلىقى ئىككىسى نىم بولۇپ كەتتى بىلمەيمەن ئاداش -دىدى . مەن ئۇنىڭغا :
-ئاداش مىنى كەچۈر ، ساڭا دەپ قويسام بوپتىكەن -دىدىم . قارىسام ئۇنىڭدىن ھىچ بىر سادا كەلمىدى ، ئۇنى ئۆلۈپ قالغان ئۆخشايدۇ دەپ قولۇمنى بۇرنىغا ئەكەلسەم تىنىقى بار . بىردەمدىن كېيىن ئۇ چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن :
-بولدى ئاداش سەنمۇ ئۆزەڭنى ئەيىپلەپ كەتمە ، بۇنچىلىك تاياققا مەن ئۆلۈپ قالمايمەن . بولدى ئۇخلايلى ، مېنىڭ ئۇيقۇم كېلىۋاتىدۇ -دىدى . مەنمۇ ئۇشۇق گەپ قىلمىدىم .
سەھەردىلا مەخەممەت لوبەن ئاللىكىملەرگە بىر مۇنچە كايىپ كەتتى . بۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ئاڭلاپ ئويغىنىپ كەتتىم . مەن دەرھال تاتلىقجانغا قارىدىم ، ئۇ شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى . ئويغۇتۇشقا قولۇم بارمىدى ، قورسىقىم بەكلا ئېچىپ كەتكەنىدى . بىرەر نەرسە تېپىپ كىرەي دەپ ئىشىكنى تارتسام تېشىدىن قۇلۇپلاغلىق ئىكەن . مەن رامدىن سىرتقا قارىشىمغىلا بىرسى «نىجات ئاكا» دېمەسمۇ قورققىنىمدىن كەينىمگە ئۇچۇپ كەتتىم ، ساغرام شۇنداق ئاغرىدىكى جېنىم چىكەتكىلى تاسلام قالدى . ئەسلىدە تۇرسۇن ئىكەن ، ئۇ بىزنى كېچىچە بىر نەرسە يېمىدى دەپ ئوغۇرلۇقچە بولكا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئەكەپتۇ . ئۇ ئۇزۇن تۇرمايلا كېتىپ قالدى ، مەنمۇ بىرسىنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن يېمەكلىكلەرنى بىر يەرگە يۇشۇرۇپ قويدۇم . مەن تاتلىقجاننىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلتۇردۇم ، سەل مۈگدەك باسقاندەك قىلدى ئۇخلاپ قاپتىمەن . مەن ئورنۇمدىن تۇرغان ۋاقتىمدا تاتلىقجانمۇ ئويغۇنۇپ بوپتۇ . مەن ئۇنىڭدىن :
-ئاداش يەنە ئازراق ئۇخلىۋالساڭ بولمامدۇ ؟ -دېدىم . ئۇ قورسىقىنى سىلىغاچ :
-قوسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى ئاداش - دېدى . مەن دېرىزىدىن ئەتىراپقا كۆز يۈگرۈتتۈم ھىچكىم يوق ، دەرھال بېرىپ تۇرسۇن ئەكەلگەن يېمەكلىكنى ئالدىم ، ئىككىمىز ئولتۇرۇپ تازا ئىشتىھا بىلەن يېدۇق . ئىككىمىز قورسىقىمىزنى تويدۇرۇپ بولۇپ ئولتۇرىشىمىزغىلا مەخەممەت لوبەن يالاقچىلارغا :
-ئاۋۇ ئىككى ھارام تاماقنى ئاچىق ، سورايدىغان گەپ بار- دېدى . يالاقچىلار ھايت-ھۇيت دەپ بولغىچە بىزنى باغلاپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى .
بىزنى ئەمدى ئەكىلىپ تۇرىشىغا بىر قانچەيلەن ئىشىكنى قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىدى . بىرسى بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى ، كىرىۋاتقانلارنى كۆرۈپ مەخەممەت لوبەن قارا تەرلەپ كەتتى . مەن كەينىمگە قاراپ كۆزۈمگە ئىشەنمەيلام قالدىم .